ئىلاجىسىزلىق
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ?( Q/ I) Z6 b. V2 Y& P! X
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 \7 s2 @/ N& \' z3 Xئاپتۇرى: ئابلىكىم مۇھەممەد قۇرداش
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 _6 Z" C" F% u! V1 C: r; hبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) P$ f( G& p* z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 `$ W, D" n2 Z+ e: v2 K ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەمدى باشلانغان كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى، يېزا كادىرلىرى ئارىسىدا ناھىيىدىن يېزىغا بىر تۈركۈم مەبلەغ ئاجىرىتىلىپتۇ دېگەن مىش-مىش پاراڭلار تارقىلىپ، كوچا-كۇيلاردا ئانچە مۇنچە غۇلغۇلا بولۇپمۇ ئۈلگۇردى. ئەتىياز كىرىشى بىلەن، ناھىيىدە چاقىرىلغان ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىقىنى تەقسىملەش يىغىنىدىن قايتىپ كەلگەن، يېزىنىڭ دائىمىي ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جۈن ھاپىلا-شاپىلا يېزا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى.
-ئەكبەر شاڭجاڭ، خۇش خەۋەر، چوڭ خۇش خەۋەر،
-ھە، نېمە خۇش خەۋەر، ئالدىرىماي سۆزلەڭ !
-يېزىمىز دۆلەت تاشيولىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولغاچقا، 100 مىلىيۇن مەبلەغ ئاجىرىتىپ، ئاۋۇ نامرات كەنتىمىز بولغان كۆتەك بۇلاق كەنتىگە تەرەققىيات رايونىدىن بىرنى قۇرىدىكەن، بۇ يەرگە بارلىق كارخانا-شىركەتلەرنى يۆتكەيدىكەن، كۆتەك بۇلاق كەنتىمىزنىڭ نامراتلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىقىدىن يېزىمىزگىمۇ 10 مىلىيۇن بېرىپتۇ، بۇ مەبلەغنى شارائىتىمىزغا قاراپ ئىشلەتسەك بولىدىكەن...
-ئەجەپ ياخشى خەۋەرنى ئېلىپ كەپسىز، كۆتەك بۇلاق دېھقانلىرىنىڭ چېچىكى چاي بولىدىغان بولدى، بىر ئۆمۈر نامىراتلىقتا ياشاپ كەلگەن دېھقانلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىنى يېڭىلىۋالىدىغان بولدۇق، جۈرۈڭ، پارتكوم شۇجىسىنىڭ يېنىغا چىقايلى، بۇ خۇشخەۋەردىن ئۇمۇ خەۋەردار بولسۇن–دېگىنىچە ئەكبەر شاڭجاڭ جاڭ جۈننى باشلاپ، يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىلەينىڭ ئىشخانىسىغا كىردى. شۇجى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خۇددى سۇن مايمۇندەك ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ، بىر نېمىلەرنى پىچىرلاپ چوت سوقۇۋاتقاندەك قىلاتتى.
-مۇنداق قىلايلى ئەكبەر، بۇ پۇلنى دەل ئورنىغا ئىشلەتمىسەك بولمايدۇ، بىز ئاۋۋال بۇ پۇلنى قانداق قىلىش ھەققىدە يېزىلىق مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا قويايلى، مۇزاكىرە قىلايلى، ئاندىن بىر نېمە دېسەك قانداق؟!-دېدى ۋاڭ شۇجى.
-ماقۇل، شۇنداق قىلايلى-دېدى ئەكبەر بۇ ئىشقا زور ئۈمۈت باغلاپ...
بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، يېزىلىق مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى چاقىرىلدى، يىغىنغا ئەكبەر شاڭجاڭ، يېزىلىق مالىيە پونكىتىنىڭ باشلىقى ياسىن، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى خاسىيەت، يېزىلىق پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گاۋ، يېزىلىق سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى جاۋ، يېزىلىق سىمۇنت زاۋۇتىنىڭ باشلىقى خاۋ، يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تاۋ، قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى چەن، يېزىلىق ئاشلىق پونكىتىنىڭ باشلىقى تەن بولۇپ 15 كىشى قاتناشتى. يىغىندا دېمۇكىراتىيە جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى، بەزىلەر يېزا كادىرلىرىمىزغا ئولتۇراق ئۆي سېلىپ بېرەيلى دېسە، يەنە بەزىلىرى يېزىنىڭ خىزمەت بىناسىنى يېڭىلايلى دېيىشتى، يېرىم كۈن غۇلغۇلا قىلىپ كۆتەك بۇلاق كەنتىنىڭ نامراتلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى تىلغىمۇ ئېلىنمىدى. بۇنىڭدىن سەل ئاچچىقلانغان ئەكبەر شاڭجاڭ ئورنىدىن تۇرۇپ:
-يولداشلار، ناھىيىدىن بېرىلگەن بۇ مەغلەغ يېزىمىزدىكى نامرات دېھقانلارنىڭ نامراتلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئولتۇراق شارائىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بېرىلگەنكەن، شۇڭا بىز بۇ مەبلەغنى ئاشۇنداق «خەلق تۇرمۇشى»غا مۇناسىۋەتلىك جايغا ئىشلەتسەك خەلقمۇ خۇش بولىدۇ، يۈزىمىزمۇ يۇرۇق بولىدۇ-دەپ گېپىنىنىڭ كەينىنى چۈشۈرۈپ بولغىچە ۋاڭ شۇجى بىر نېمىلەرنى سەزدى بولغاي، ئەكبەرنىڭ گىپىنى تارتىۋېلىپلا:
-مەن مۇنداق بىر تەكلىپنى ئوتتۇرغا قوياي، ناھىيىنىڭ مەبلەغنى تەقسىم قىلغانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ مەغلەغنى يېزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، يېزىنىڭ تەرەققىياتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئۆزلىرى بىر ياقلىق قىلسا بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن، مېنىڭچە يېزىمىز دۆلەت تاشيولىغا جايلاشقان، جۇغراپىيىلىك ئورنىمىز بەك ئەۋزەل، يولۇچىلارمۇ كۆپ، شۇڭا، بىز تاشيول بويلاپ 5 قەۋەتلىك مېھمانخانا سالايلى، مۇشۇنداق قىلساق نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايمىز، ئۇلارغا مۇئاش بېرىلىدۇ، بۇمۇ نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ بىر ئۇسۇلى. كۆتەك بۇلاق كەنت دېھقانلىرىنىڭ ئەسكى ئۆيلىرىنى يېڭىلاشقا دۆلەتتىن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش مەبلىقى بېرىۋاتىدۇ، شۇنىڭدىن ھەل قىلساق بولىدۇ، پىكرىم بولدىمۇ يولداشلار قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز قوشسا-دەپلا گېپىنى ئۈزدى. يىغىن قاتناشچىلىرى ئىچىدە 12 كىشىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ۋاڭ شۇجىنىڭ تەكلىپى مۇقىم بولدى....ئەكبەر كۆڭلى غەش بولغان ھالدا ئىشخانىسىغا چىقىپ كەتتى......
كۈزمۇ بولۇپ قالدى، 5 قەۋەتلىك بىنامۇ پۇتتى، دېھقانلارنىڭ كونىراپ كەتكەن ئۆيلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بىنا پۈتكەندىن كېيىن ئانچە-مۇنچە چېيىنى قىلمىسا بولمايتتى، ۋاڭ شۈجى يېزىلىق مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى يىغىپ، مېھمانخانىدا كاتتا زىياپەت بەردى. ئۇنىڭ قارىشىدا بۇ قۇرۇلۇش ئۆزىنىڭ نامراتلىقنى تۈگۈتۈشكە قوشقان بىر قوللۇق تۆھپىسى بولۇپ، يېزىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە موھىم رول ئوينارمىش. زىياپەتتە ئەكبەردىن باشقىسى ۋاڭ شۇجى پۇقرالار ئۈچۈن بەك ياخشى ئىش قىلىپ بەردى-دەپ شالۋاقلىرىنى ئېقىتىپ، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىشتى.
-مېھمانساراينىڭ پۈتكىنىمۇ ياخشى بولدى، يوقۇرىدىن مېھمان كەلسە ناھىيە-بازىرىغا ئاپىرىپ مېھمان قىلىمىز دەپ يۈرمەيدىغان بولدۇق-دېدى ئىشخانا مۇدىرى بۇرنىغا چۈشۈپ قالغان كۆز ئەينىكىنى كۆتۈرگىنىچە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ-شۇغۇنىسى سورۇن تۈگىگەندە يەنە ناھىيىگە بېرىپ ئانچە-مۇنچە پۇت-قوللىرىمىزنى تۇتقىلىتىدىغان، تانسا-پانسا ئوينايدىغان، كارائوكى قىلىدىغان يەر يوق بولۇپ قالدى-دە؟!
ياندا ئولتۇرغان يۇمۇق كۆز، چىشلىرى ھىڭگاي كەلگەن، يېزىلىق قۇرۇلۇش تۇرلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چەن تاماكىنى قېڭغىر چىشلىگەن ھالدا:-ماۋۇ مېھمانسارىيىمىزنىڭ بىقىنىدا كۆتەك بۇلاق كەنتىنىڭ خامان قىلغان 4 مو يېرى بىكار تۇرىۋاتىدۇ، مۇشۇ جايغا بىر بەزمىخانا سالمامدۇق؟ بۇنىڭغا قايسىڭلار مەبلەغ سالىدىغان ئادەم تاپىسىلەر-دېدى، يېزىلىق سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى جاۋ بىر قولىدا غاجاۋەتقان ئۇستىخاننى، يانا بىر قولىدا ھاراق رومكىسىنى تۇتقان ھالدا :-بۇ ئاسان گەپ، مەن تەۋەلىكىمدىكى سودىگەرلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەي-دېيىشىگە، سورۇندا دەتالاش بولۇپ كەتتى.
-مەبلەغ ھەل بولىدىغان ئىش بولسا، تانساخانا سالايلى...
-سانناخانا سالايلى....
-ياق، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېھمانسارىيىمىزدا تۇلۇق بار تۇرسا، ئارتۇقچە ئىش قىلمايلى....
-ئۇنداقتا جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن بىرنى سالايلى، ئويلاپ بېقىڭلار، بىز ياكى باشقا مېھمانلار يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قالسا، ھاراقنى جىق ئىچىپ بولالماي قالسا، ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا بارغىچە ئۆلۈپ كەتمەمدۇ؟!-دېدى يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تاۋ تۈلكىدەك ھىجايغان پېتى ۋاڭ شۇجىنىڭ چىرايىغا قاراپ.
-بۇ ئىشلارغا مېنى ئارلاشتۇرماڭلار، سىلەر قۇرۇلۇش تۇرلىرى ئىشخانىسى بىلەن دوختۇرخانىنى ئزدەڭلار-دېدى ۋاڭ شۇجى مەس قىياپەتكە كىرىۋېلىپ.
-كۆپچىلىك خاتىرجەم بولۇڭلار، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى پۈتكەندىن كېيىن. سىلەر ئۈچۈن چوقۇم ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، يېزىمىزنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشىمەن-دېدى دوختۇرخانا باشلىقى تاۋ...
ئەكبەر سورۇندا بولۇنغان بۇ سۆز-ھەرىكەتلەردىن سەسكىنىپ ، ھاراق ئىچىپ غەرق مەس بولۇپ كەتتى....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قۇرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-6 05:17 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: x0 d8 b- [# A' t. B2 S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ P8 T5 t1 i' a1 N