ئېچىنىش
ئەريۈرەر قاۋاقتاقەدەھتىن مەسخۇش،
تاماكا دەستىن يۈتۈلۈپ كۈچەپ.
ئالا-تاغىل ناخشىلارياسايدۇقىينان،
قەھرىتان سوغاقمۇ بىلىنمەس ئەجەپ.
ئۇغلى قاۋاق ئالدىدا ساقلارتۈگۈلۈپ،
سەبى كۆزدىن تۆكىدۇ ئۈنچە يېشىنى.
نىمگىدۇر تىپىرلاپ تۇرالمايدۇ جىم،
دادا بار قاۋاققا تىكىپ كۆزىنى.
كىسەلچان بىرئانا ياتىدۇ ئىڭراپ،
تىڭشايدۇ ئاياغنىڭ تاۋۇشلىرىنى.
بۆشۈكتە ئىڭەلەپ يىغلايدۇ بۇۋاق،
بەلكىم ئۇ سېغىنىغان بۇلماقلىرىنى.
ياپىرىم! دەپ تۇرغاندا تىتىرىدى زىمىن،
كۈتۈرەلمەي ئانىنىڭ ئاجىز تىنىنى.
تەستەچوقۇپ ئانا تەييارلىدى چاي،
قېتىپ قۇرۇپ كەتكەن تۇقاچ نېنىنى.
تۇن يېرىلىپ سۈبھى تاڭنى كۆرسەتتى،
يىغىدىن پەسىيپ توختىدى بۇۋاق.
ئامما ھېچ تاقىلداپ چىكىلمەس ئىشىك،
ئوغلى چىقىپ كەتكىلى بوپقالدى نەۋاق.
دېرىزىدىن ئۇرۇلار مۇدىھىش شامال،
مەشنىڭ ئۇتىمۇ كۆيمىدى ئۆچكەن.
ئەسنەيدۇ ئۇيقۇسىز كۆزلەر قىزارغان،
كىسەلدىن چىراينىڭ خۇنى ھەم كۆچكەن.
ئاپتۇرى :كىرىمجان ياسىن(زەپەر)