مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4832|ئىنكاس: 78

قوشاق يوققۇ مۇنبەردە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90147
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2014-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 04:22:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمغا مىسرانىم ،
سەن مېنىڭكى جان تارىم.
قوشاق يوققۇ سېنىڭدە ،
قويمۇدۇڭغۇ ھىچ ھالىم .

بارستېكىن، قوشاقچى ،
قاياقلارغا يوقالدى .
توۋلاپ قويۇڭ بولمىسا ،
لۈكچۈنلەرگە سۇ كەلدى .

رىزۋانگۈل دەپ ئاڭلىغان ،
ئالمىخاننىڭ يۇرتلىقى.
قايىل قىلغان بىزلەرنى،
رىزۋانگۈلنىڭ ئۇزلۇقى.

قاراپ باقسام ئۇمۇ يوق،
يا بازارلىق شۇنداقمۇ؟.
يا دۇكاندا ئولتۇرۇپ،
گەپ ساتامدۇ-قوشاقمۇ؟.

كاككۇك ئاتلىق بۇرادەر ،
قاياقلارغا كەتكەنسەن؟.
مۇڭلۇق سايراپ ئۆت سەنمۇ،
چۈنكى،بەكرەك دەرتمەن سەن؟.

سەنەمجان دەپ دېڭى بار ،
قاش -كۆزىدە مېڭى بار.
بەلەن قوشۇق ئوقۇيتتى ،
ئەمدى سەنەم كىمگە يار؟.

يۇلتۇز ئاتلىق يۇلتۇزخان ،
چاقنىغانتى بىر چاغدا .
قاراپ باقسام .ۇمۇ يوق،
گۈل تەردىمۇ باغلارغا؟.

سۈمەييەنى بىلىمىز ،
بەكمۇ ماھىر قوشاققا.
ئىشى چىقىپ قالمىسا ،
كۆرۈنەتتى بۇ چاغقا .

باي خېنىم،دەپ ئۆزىنى ،
شىلتىڭ ئېتىپ يۈرگەنلەر.
قوشاق سېتىپ يۈرەرمىش،
دىدى ئۇنى كۆرگەنلەر.

بارس تېكىن بىر چاغدا ،
چاخچاق قىلغان قوشاقتا.
مۇنبەر ئەجەپ قىزىغان،
ئەستىن چىقماس شۇ چاغلار.

قاراپ باقسام مۇنبەردە ،
قوشاق يوقكەن قاياشلار.
قوشاق قاتىپ ئۆتەيلى،
كۈلۈپ، ياشناپ ئاداشلار.

مۇنبەر تولسۇن قوشاققا ،
قاتقانلارنى ئاتايلى.
كېرەك بولسا ئەگەر پۇل،
مىسرانبايغا ساتايلى؟!.

مۇنبەر بولسۇن مۇنبەردەك،
ھەممىمىزنىڭ مۇنبىرى.
قېنى قوشاق قاتىشقا،
چىڭدۇ كىمنىڭ كەمىرى؟.

ئۇزاق بولغاچ مۇنبەرگە،
كىرەلمەستىن يۈرگىلى.
قوشاق قاتتىم دوستلارغا،
يەڭگىلۋاشتىن كۆرگىلى.

قوشاق قاتىپ ئۆتەلى ،
پارقىرىسۇن ئەينەكتەك .
باشنى سەپلا يۈرمەيلى،
ساچى چۈشكەن پاينەكتەك.

مەنبەسى : ئۆزەم ،جىڭجۇدا يېزىلدى.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
rizwangul0995 + 50 ھا ھا ھا قۇشاقلىرىڭىز .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7341
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1780 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 09:55:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ، قوشاقچىمىز قالتىسكىنە

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 10:03:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇشاقلىرڭىز بەك كەپتۇ ، راس ئۇزۇن بۇپتۇ مۇنبەردە قۇشاق قىتىشمىغلى، ئىلھاملىرڭىز مۇنبەردىن ئۇزۇلمىسۇن !

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 981
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 10:05:15 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايتا كىرسەم مۇنبەرگە،                          كۆرۈندى بۇ ئىسىل قوشاق.                  بىزلەرغۇ يىڭى كەلگەن،     قارشى ئالامدۇ بۇ ئوچاق.            



ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 10:37:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-6 10:03 AM
قۇشاقلىرڭىز بەك كەپتۇ ، راس ئۇزۇن بۇپتۇ مۇنبەردە قۇشاق ...

كەلتۈرۈپسىز ياڭخىجان،
قوشاقلاردا بىزلەرنى .
رىزۋانگۈللەر ‹‹ چىللاپتۇ››،
تاڭ قالدۇرۇپ بىزلەرنى.

قوشاق قاتساق قاتقۇلۇق،
ئەجدات ئىزى بويىچە.
بارىستېكىن قوشاققا،
قاتسا بارمۇ سۆيۈنچە؟!.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 10:55:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئۆگزەڭدە قوناق با،
بىر ئۆگزەڭدە پاتاق بار.
سىز كەلگەچكە مۇنبەرگە،
قىزىقارلىق قوشاق با.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۈمەييە + 20 قىززىق ھى ھى ھى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104515
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 503
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2014-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 11:12:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشاق قاتتۇق بىزلەرمۇ،
مىسرانىمدا جەم بۇلۇپ.
قوشاق قاتسا كۆپچىلىك،
كۆڭۈل ئاۋۇر خۇش بۇلۇپ.

كەتتى مانا بىر قوشاق،
قاملاشمىغان بولسىمۇ.
يەنە كىم قاتا قوشاق،
بىرەر كوبلىت بولسىمۇ.

مىللىتىم ئــۇيــغــۇر مــاكــانىم شىنجاڭ.  دىنىمدۇر ئــســلام

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 11:16:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ ماۋۇ قوشاقچىلارنىڭ ئىلھامى ئەجەب كەپتۇ دىسە.ھەي.....مۇشۇنداق ئىلھام كەلمىكى تەس.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7593
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1780 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 11:45:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشاق يازاي دىگەنتىم
ئىلھام قىچىپ تۇرىدۇ
قىنى قىزلار يازسۇنچۇ
قۇياش ماراپ تۇرىدۇ.

قاملاشتۇرۇپ يازالماي
بىشىم قاتتى ئەجەپ بىر
بولدى قوشاق يازغۇچە
ئۇمىچىمنى ئىچەي بىر

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7593
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1780 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 11:46:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى بىزلەرنى تەكلىپ قىلماپتىكەن تىخى....ئەدەمنى خىجىل قىلىپ،ئاستا كەشىمنى توغۇرلاپ چىقىپ كەتسەم بولغۇدەك...

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش