ئارمانلار بازارى كاشغەر
ئاشىقلارنىڭ قىبلىگاھى مازارى كاشغەر،
ئۇلۇغ ئارمانلار ئارزۇنىڭ بازارى كاشغەر .
ئۇيغۇر قەدىم مەدەنىيتى كۆرىكى كاشغەر،
ئانا تىل پاساھىتىنىڭ يۈرىكى كاشغەر .
سۆزلىرى شۇڭا بەكمۇ راۋان تاتلىق كاشغەر،
داڭقى كەتكەن جاھانغا مەشھۇر ئاتلىق كاشغەر.
ئۇيغۇر ساماسى تۇغۇلغان ھېيىتگاھىڭدا،
ھەققە تەشنا ئارزۇ -ئارمان ئاھ پىغانىڭدا.
(تۈركى تىلدىكى ئەڭ گۈزەل پاساھەتلىك تىل،
قەشقەرتىلى)دەپ ماختىغان مەھمۇد بوۋام بىل
مىڭ يىل بۇرۇنلا نۇرچاچقان تەرىپىڭ كاشغەر،
پاكىتىدۇر ئىككى ئۇلۇغ ئەسىرىڭ كاشغەر .
گۇۋاھ يەنە مەھمۇد،يۈسۈپ ئالىمىڭ كاشغەر،
ئەرتۇڭا ھەم سۇلتان سۇتۇق شاھىتىڭ كاشغەر.
شۇنداق ئۇلۇغ خاقانلارنىڭ مەركىزى كاشغەر ،
قەلبىم شەھەرلىرىنىڭ سەركىسى كاشغەر.
نۇزۇكۇمدەك پاك ۋىجدانلىق قىزلىرىڭ كاشغەر،
ئىپارخاندەك ئىتىقادلىق ئىزلىرىڭ كاشغەر.
پەخىرلىنىمەن ھەرزامان سىنىڭدىن كاشغەر،
لىكىن ساڭا تۆھپىلەر ئاز مىنىڭدىن كاشغەر.
2014—يىلى 4—ئاي تۆمۈرتۇران
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-6 03:35 AM