گۈل بول
(مەنبە:قەلىمىم)
گۈل بول-پۇراق چېچىپ ئېچىلىشتىن بۇرۇن،يەردىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈپ دۇنيادىكى ھەر قانداق گۈلدىن چىرايلىق، ئۇز ئېچىلىشقا ئاساس ھازىرلىغان گۈل بول.بۇنىڭغا تامامەن ھوقۇقلۇقسەن.
گۈل بول-لېكىن ۋاقتى قەرەلى كەلمەستىن بۇرۇن ئېچىلىدىغان گۈل بولما.چۈنكى بالدۇر ئېچىلغان گۈل بالدۇر توزۇيدۇ ھەمدە ئۆمرى ناھايىتىمۇ قىسقا بولىدۇ.بۇنى پۈتۈنلەي بىر تەبىئەت بىلىدۇ، خالاس!
گۈل بول- تاڭ سەھەر-سۈبھىدە سۈپسۈزۈك شېرىن شەبنەم سۈيىدىن ئىچىپ،بۇلبۇلنىڭ زۇقىغا زوق ئاتا قىلالايدىغان،قىپقىزىل بەرگىڭ بىلەن تەبىئەتكە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىپ،ھەربىر ھاياتلىقنى ئۆزۇڭگە جەلىپ قىلالىغۇدەك گۈل بول.بۇ سېنىڭ ئەسلىڭ خالاس!
گۈل بول-تەبىئەتتىن ئوزۇق ئېلىپ تەبىئەتكە پۇراق چاچالايدىغان ،ھەربىر جاي،مەيلى قاقاس چۆل،مەيلى بوستانلىقلاردا ئۆزۇڭنىڭ گۈللۈك قەدىر-قىممىتىڭنى ساقلىيالايدىغان گۈل بول.بۇ سېنىڭ غولۇڭغا باغلىق خالاس!
گۈل بول-ھەم پۇراق چاچالايدىغان ،ھەم تىكىنىڭنى سانچىيالايدىغان گۈل بول.پۇراق چاچقاندا سۇس خۇش پۇراق چاچ،ھەرگىزمۇ قېنىق پۇراق چېچىۋەتمە.چۈنكى قېنىق پۇراق زەبەردەس قەلىپلەرنى ناخۇش قىلىپ ئۆزگىلەرنى ئىپتىدائىي ھالەتكە قايتىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ،ۋەھالەنكى بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى ئىش ئەمەس،يەنە پۇراق چاچمايمۇ قالما ،چۇنكى بۇنداق گۈلنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،تىكەنلىك بول ،ئۆزگىلەر سېنى ئۈزۈشكە قول سوزغاندا تىكىنىڭنى سانچىپ ئۆزۇڭنى قوغدا.بۇ ھەقىقى گۈلنىڭ ئەسلى خالاس!
گۈل بول-ھەربىر قىززىق ئاپتاپقا يولۇققاندا ئۆزۇڭنىڭ گۈزەللىكىنى يوشۇرالايدىغان،ئۆزۈڭنى قاچۇرالايدىغان،تىكىنىڭنى ئىنتايىن سەزگۈر ھالەتكە كەلتۈرۈپ،ئۆزۈڭنى قوغدىيالايدىغان بول.چۈنكى بۇنداق گۈل ئەڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان گۈللەردۇر.
گۈل بول-باغۋەننىڭ مېھنىتىگە،تەبىئەتنىڭ ھىممىتىگە جاۋاپ قايتۇرالىغۇدەك،ئۆز ئەۋلاتلىرىڭ ئاساسىنى تىكلاپ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ئۈلگە بولالىغۇدەك گۈل بول.چۇنكى بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر گۈلنىڭ ئۆمۈرلۈك نىشانى خالاس!
گۈل بول-كەچتىكى قىپقىزىل شەپەققە قىيالمايدىغان،شەپەق يوقالغۇچە ئۇنىڭدىن كۆز ئۈزمەي ئۇنىڭغا ساداقىتىڭنى بىلدۈرەلەيدىغان گۈل بول.
گۈل بول-شەپەق بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن يەنە تەبىئەتكە قايتالايدىغان،شەپەقنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەنمۇ خۇش پۇرىقىڭ مەڭگۈ يوقالمايدىغان گۈل بول.چۈنكى بۇ بىر ھەقىقەت .يەنى ئالماقنىڭ بەرمىكى بار تۆت كۈنلۈك جاھان.