مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2228|ئىنكاس: 51

نىمە بولدى شەرمى-ھايالىق قىزلارغا - تۆت شىئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105405
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نىمە بولدى بۇكۈندە شەرمى-ھايالىق قىزلارغا

ئەتلەس كوينەك خوپ ياراشقا ھۆسن قۇشۇپ ھۆسىنىگە،
چىمەن دوپپا ھەم ياراشقان گۈل قىسقاندەك چىكسىگە،
ساچى ئۇزۇن،يۈزى تۆۋەن،نازاكەت بارچىھرىدە،
نىمە بولدى بۇكۈندە شەرمى-ھايالىق قىزلارغا.

بۈگۈن قاراڭ كىسىلگەندۇر، ئۇزۇن ئەمەس چاچلىرى،
كىيگەنلىرى قىسقا، نىپىز،كۈرۈنىدۇ ئەتلىرى،
ئېچىلغاندۇر ئۇلارغا قايسى مۇقامنىڭ بەتلىرى،
نىمە بولدى بۇكۈندە شەرمى-ھايالىق قىزلارغا.

چاچلىرىنى كەستۈرگەن ھەرخىل ياڭزا پۇسۇندا،
يۈزلىرىنى بۇيىغان ھەم غەيرى ئەڭلىك سۇپۇندا،
بۇنداق ئادەت يوق ئىدى بىزئۇيغۇنىڭ يۇسۇندا،
نىمە بولدى بۇكۈندە شەرمى-ھايالىق قىزلارغا.

كۈنى ئۆتەر كەچلىرى دىسكوخانىدا، دىبادا،
قەدەھ سۆزىنى باشلايدۇ ئەرلەرقېلىپ بىرياندا،
غەيرى ئۇسۇل ئوينايدۇ،چاچلىرى چۇۋۇق ھەرياندا،
نىمە بولدى بۇكۈندە شەرمى-ھايالىق قىزلارغا.

يۈرەرھەتتا نەچچىسى،مەيخانىدا،قاۋاقتا،
يامان يولداماڭغاچقا نەچچىسى بارقاماقتا،
بىتاپ بۇلۇپ نەچچىسى دوختۇرلارداياتاقتا،
نىمە بولدى بۇكۈندە شەرمى-ھايالىق قىزلارغا.

ھېرىس بولدى مال-دۇنياغا دەسمىي سېلىپ ئىپپەتنى،
يەرگە ئۇرۇپ«ئۇيغۇر قىزى»دىگەن ئالى قىممەتنى،
تۈگەتكىلى بولمىغايمۇ بۇنداق ناچارئىللەتنى،
نىمە بولدى بۇكۈندە شەرمى-ھايالىق قىزلارغا.

كۈرۈنۈشكە ئۆزىنى  ئۇزۇن تونلاردا ئورىغان،
قايسى ياخشى،كىم يامان ئايرىغىلى بولمىغان،
ياخشىلارنىڭ شەنىنى شۇنداق قىلىپ بۇلغىغان،.
نىمە بولدى بۇكۈندە شەرمى-ھايالىق قىزلارغا.

يامان خۇيدىن قالمىدى ئۆزىنى سېلىپ بازارغا،
كۈنلەر ئۆتتى شۇپېتى كەلمەي دۇرۇس قارارغا،
قانداق بارار شۇنداقلار ئاخىرەتكە مازارغا،
نىمە بولدى بۇكۈندە شەرمى-ھايالىق قىزلارغا.

ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن


قىمارۋاز


كىچە-كۈندۈز ھۇشى يوق،شۇقىماردا قىمارۋاز،
ئويلايدۇ ئۇقىمارنى سەھەر-تاڭدا قىمارۋاز،
قىمار ئۈچۈن چىرايى،نەچچە ياڭزا قىمارۋاز،
ئانىنىمۇ ئويلانماي  تىكتى دوغاقىمارۋاز.

چۈشۈرمەستىن قۇلىدىن قارتابىلەن ئۇشۇقنى،
تىپىرلايدۇ توختىماي نېرى قۇيۇپ ئۇيقۇنى،
شىرىك ئىزلەپ چىڭدايدۇ،شەھەر-مەھەلە،كوچىنى،
قىمارئۈچۈن ئاداشقان ساھىل،سەۋدا قىمارۋاز.

كىرىشسەگەرقىمارغا ئايرىمايدۇ كىچە-تۈن،
بىلىنمەيدۇ ئاچلىقى ۋازكىچىدۇ قۇرساقتىن،
ئۇيقۇسىراپ قىپقىزىل قان تامچىيدۇ چاناقتىن،
قىمارئۈچۈن ھالسىراپ بولدى موردا قىمارۋاز.

ئوينايدۇ ھەم قىمارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردىلا،
سورۇن تاللاپ يۈرمەيدۇ ھېچقاچاندا زادىلا،
ئۇتسام دەيدۇ كىشىنىڭ پۇلىنى تىزلا-گاچچىدا،
قىمار ئۈچۈن جېنىنى قىلدى پىدا قىمارۋاز.

ئوينىدى ھەم قىمارنى چۆل -جەزىرە،دەشتىدە،
ئوينىدى ھەم ئەسكى ئۆي-ئۆرەكلەرنىڭ تەكتىدە،
گاھ تەرلىدى گاھ تۇڭۇپ،قىش- باھارنىڭ  پەسلىدە،
قىمار ئۈچۈن قاقاسلىق باياۋاندا قىمارۋاز.

چىقماق بولسا سەپەرگە كۆرسە قىماريالتايدى،
قىلماق بولغان ئىشىدىن شۇھامانلا توختالدى،
بارماق بولغان جايىغا بارالماستىن ۋاق قالدى،
قىمار ئۈچۈن ئاۋارە،يېرىم يولدا قىمارۋاز.

ئۇتۇۋالسا قىماردا كۈلدى راساقاقاقلاپ،
ئۇتتۇرۋەتسە كايىدى ئېغىزبۇزۇپ ۋالاقلاپ،
بىرەلمەستىن قەرىزنى يىدى تاياق ۋاراسلاپ،
قىمار ئۈچۈن يۈزلىرى كۈندە يارا قىمارۋاز.

سۈيلەپ كەلسە قەرىزنى مۇكۇۋالدى ئۇقاچتى،
بولسا ئەگەر ئېلىشى ئارام بەرمەي چاپلاشتى،
ھەتتايېقىن دوسقىمۇ رەھىم قىلماي ياتلاشتى،
قىمار ئۈچۈن مۇتىھەم جاھىل تەرسا قىمارۋاز.

ئوينىمىغان كۈنلىرى تولغاندى ئۇ،زارلىنىپ،
ئۇنىمىسا زورلىدى باشقىلارنى قاقشىتىپ،
كىچىلىرى تام ئۇردى،ئۆگزىلەرگە تاش ئېتىپ،
قىمار ئۈچۈن ھەرقاچان قىلدى غەۋغا قىمارۋاز.

بىلمىگەنگە ئۇز زورلاپ قىزىقتۇرۇپ ئۈگەتتى،
باي بۇلۇشنڭ يۇلى دەپ،ھۈنەر قىلىپ كۆرسەتتى،
كىرىپ قالغان كەينىگە پايدا ئالماي تۈگەشتى،
قىمار ئۈچۈن يول-يولغا قازدى ئۇرا قىمارۋاز.

ئارام تاپماي كىچىسى ياتالمىدى تولغىنىپ،
ھىيلە ئويلاپ ئىزدىنىپ،يېڭى ھۈنەر قوغلىشىپ،
كەسپى ئۈچۈن ئىزدىنىپ،كىشىگە ھۆل قىش قۇيۇپ،
قىمار ئۈچۈن نەيرەڭگە تولدى كاللا قىمارۋاز.

قاراملىشىپ تىكتى ئۇ قول ئىلكىدە بارىنى،
تىكتى ھەتتا ئات-ئىشەك،توخۇ-قوينى،كالىنى،
تىكتى ھەتتا زىمىنى،ئۆلتۇراق ئۆي -جايىنى،
قىمار ئۈچۈن ھەممىدىن بولدى جۇدا قىمارۋاز.

تەن ئالمىدى زادىلا  قالمىدى ھەم قاتاردىن،
بولدى ھەتتا قاراقچى،كچىسى يول تۇساردىن،
قۇلۇپ چېقىپ،تام تىشىپ ھەم ئۇغۇرلاپ قاچاردىن،
قىمار ئۈچۈن توقماقنى ئالدى قولغا قىمارۋاز.

ئاڭلىمىدى كىشىلەر قىلسا ئەگەر نەسىھەت،
مەنكى قىمار شاھى دەپ داۋراڭ سالدى ھەسسىلەپ،
باپلىسام دەپ كىم  ئۈچۈن ئىكەڭ سىلاپ،دىدى -خەپ،
قىمار ئۈچۈن نىيتى بولدى قارا قىمارۋاز.

قىلچە يۈزى قالمىدى،پەقەتلا ئەل-ئاۋامدا،
دىدى تېخى يۈرەك بارئۆمىدمۇ ھەم ئاكاڭدا،
ئۈگەنگەن خۇي تۈزەلگەن يىلىتىزىدىن قاچاندا،
قىمار ئۈچۈن شىجائەت،ئاقار قاندا قىمارۋاز.

قىمار بەرگەن ئاپەتتىن  قاقشىدى ئاتا-ئانا،
قىيامەتكە بارىڭنى قىلمىغىن دەپ سەن قارا،
ساۋاق ئالماي قىماردىن،توۋا قىلىش ئورنىغا،
قىمار ئۈچۈن دىدى مىڭ ئۇلۇغ خۇدا قىمارۋاز

ئاپتۇرى :كىرىمجان ياسىن


ھەرىپ بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن شىېئىر
«م»
مەيلىلا مۇھەببەت مۇڭلاتسا مىنى،
مەيلىلامۇھەببەت مۇزلاتسامىنى،
مۇھەببەت مەنزىلىم ماڭىمەن مەيلى،
مەشۇقتىن مەھرۇملاپ مۇجۇسا مىنى.

«س»
سۆيگۈگە ساھىلمەن،سۆيگۈگە سايە،
سۆيگۈدىن ساقسىزمەن سەزمەسمەن سىزىم.
سۆيگۈسورىسام سىنىڭدىن سۇنمىدىڭ سۆيگۈ،
ساراڭدەك سىياقمەن سەىز سۆيگۈنىم.

«م»
مۇھەببەتلا مەۋجۇتكى مەندە،
مەمنۇنىيەت ماڭا مۇشەققەت.
مۇھەببەتكە مەڭگۈمەلەكمەن،
مەۋجۇتلىغىم مىنىڭ مۇھەببەت.

«ئا»
ئاشقلىق ئاجايىپ،ئالامەت ئاداش،
ئاقىلغائاساندۇر ئادالەت ئاداش.
ئاسرىماي ئاداشساڭ ئاشۇ ئاشىقلىق،
ئاخىرى ئاھانەت،ئاداۋەت ئاداش.

«س»
ساختىپەزنىڭ سۆزى سىلىق سىپايە،
سىلاپ-سىپاپ،سىنى سالار ساختىغا.
سۇيقەسىت ساڭا سۇنغان سۈتى،سۈيىدە،
سالامىدا ساڭا سادىق سىياقتا.

«ئە»
ئەجەلنىڭ ئەلىمى ئەزدىغۇ ئەجەپ،
ئەزدىغۇ ئەزىمەت ئەرنىمۇ ئەجەپ.
ئەمدىلىكتە ئەرزىمەس،ئەقىدەم،ئەركىم،
ئەلۋىدا ئەزرائىل ئەزدىغۇ ئەجەت.

ئەسكىگە ئەگەشمە ئەبەدىل-ئەبەت،
ئەلگە ئەسكىلەرئەينەنكى ئەخلەت.
ئەزەلدىن ئەينىكىڭ،ئەكسىڭنى ئەسلە،
ئەمگىن،ئەرمىكىڭ، ئەخلاقى -ئەدەپ .

كۆرەلىسەم سىنى بىرنۆۋەت

كۆرەلىسەم سىنى بىرنۆۋەت،
ئايرىلغاندىن كىين بىرقېتىم.
قەيەرلەردە يۈرىدىغانسەن؟
مىنى بۇنچە قىيناپ ئاپپىقىم.

كۆرەلىسەم سىنى بىرنۆۋەت،
بېسىقارمۇ مىنىڭ ھىجرانىم.
ئەپۇ سۇرار ئىدىم قايتىلاپ،
تاشلاپ كەتكەن مىنىڭ گۇنايىم.

كۆرەلىسەم سىنى بىرنۆۋەت،
سۆزلەپ بەرسەم كەچمىشلىرىمنى.
پۇشايماندا ئىزىلگەن يۈرەك،
شۇئازاپلىق تىنىشلىرىمنى.

كۆرەلىسەم سىنى بىرنۆۋەت،
قېنىپ باقسام رۇخسارىڭغامەن.
سىنى تاشلاپ كەتكىنىم بىلەن،
كىچە-كۈندۈز خىيالىمداسەن.

كۆرەلىسەم سىنى بىرنۆۋەت،
تۇرغانسەنمۇ نىگارىم ئامان.
بىرچاغلارداكۈيۈشكەن شۈنچە،
ئەمدى كىمگە بولغانسەن جانان.

كۆرەلىسەم سىنى بىرنۆۋەت،
زەپ قىينىدى مىنى پىراقىڭ.
ئەينى چاغدابىلمىگەنكەنمەن،
ئايرىلغاندا ئۆتۈلدى قەدرىڭ.

كۆرەلىسەم سىنى بىرنۆۋەت،
ئەمدى قۇيۇپ بەرمەسمەن قولۇڭ.
كۆرەلىسەم سىنى بىرنۆۋەت،
رازى ئىدىم بولۇشقا قۇلۇڭ.

ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 07:22 PM  


جىمغۇرلىقنى ياقتۇرۇپ قالدىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6994
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6714 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئۇيغۇر قىزلىرىغا ھىچنىمە بولمىدى، شۇنداق ئىسىل، مېھرىبان، شەرمى ھايالىق.شېئىرنىڭ ئاپتۇرىغا شۇنداق ئازساندىكىلەر بەكرەك چېلىققان ئۇخشايدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۈرخان1 + 50 ئېسىل!!!!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilbar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 06:07 PM
ۋاي ئۇيغۇر قىزلىرىغا ھىچنىمە بولمىدى، شۇنداق ئىسىل، م ...

سىز  بەزىلىرىنى  دەپسىز  ھە   لىكىن  يەنە  بەزىلىرى   تىما  ئىگىسى دىگەندەك   ھەرخىل   سورۇنلاردا   ،   ئۆزىنى  قۇربان قىلىۋاتىدۇ     بۇنى  بىز  دەپ بەرمىسەكمۇ  بىلىسىز   چۇقۇم         ئۆزىمىزدە  يوق  ئىللەتنى ئۆزىمىزگە  ئېلىۋالمايلى   ،   بىزدە   قورسۇغۇڭنىڭ  ئاغىرىغى  بولمىسا   تاۋۇز  يىيىشيتىن  قوقما  دىگەن  تەمسىل بار      تىمە ئىگىسى   جاپا  چىكىپسىز   ، تەشەككۈر  قەلىمىڭىزگە  .

ئىشلەپ يىيىشنى بىلمىسەڭ   ،يېتىپ يىيىشنى ئۆگىنىسەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89650
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2014-4-5
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەدە بۇلاۋاتقان ئشلار بۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104439
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2014-3-5
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ شۇ قىزلارنىڭ دىلىغا ئىمان ئاتا قىلغاي!

يالپۇز تىۋىشلىرى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11351
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 898 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-4-7
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىككىنە پوققا قونغان چىۋىننى كۇرۇپ ، پىنھان باغدىكى قىزىل ئالمنى كۆرمەي قالغان ئوخشايسىز. بۇ پەقەت ئىنتايىن ئاز بىرقىسىملار .... كۆزنى يوغان ئىچىپ قارىساق ئىزدىنىۋاتقان ، تىرشىۋاتقان ، ھايالىق ،ئىمانلىق قىزلىرىمىز توننىلاپ ،مىڭلاپ بار ...
پوققا چۇشكەن چىۋىن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس .

ياز كىلىۋىدى مەھەلىمىزدە دوپپىلىق قىزلار مانا ئاۋۇپ كەتتۇق ، نۇرۇز كەلگەندىن بىرى كىيىۋاتىمىز مانا . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YALPUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 06:48 PM  


قىز قەلبى پىنھان چىغىر يول ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1095
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر قىزلىرى،دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ قىزلىرىدىن شەرمى-ھايالىق!.
قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان لامزەللىلەر،قىز-ئاياللارنىڭ كۆزىگە ھەممىدىن بەك كىرىشىۋالامدىكىن دەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 268
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھەردىكى قىسمەن قىزلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى يورۇتۇپ بىرىپسىز. يىزىلاردىمۇ بار لىكىن ئاز تىللاپ كەتمەڭلار يەنە. تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

مىسكىن ئاشىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104917
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 481
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇ سىز تىمىڭىزنى http://misken.cn  گە يوللاپ  قويدۇم مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ناۋادا المىسىڭىز يۇيۋەتسەم بولدۇ،،  تىىڭز ياخشى چىقىپتۇ

ئەسسالام تورداش توربىكىتىمىزگە بۇگۇن يىڭى مەزمۇن يوللاندى قىنى مەرھەممەت www.misken.cn

يالپۇز تىۋىشلىرى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11351
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 898 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-4-7
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىڭرىماقتا نى نى ئىپپەتلەر،
قان بۇپ ئاققان دەريا لېۋىدە.
سۇنۇلماقتا نىمجان قوللىرى،
نىكاھىسىزلىق... بولغان ئۆتەڭدە.

ئەركەك بولساڭ تارتىۋال ئۇنى ،
لەختە قاندا ياتمىسۇن تېنى.
ئۇ ئاناڭنىڭ، سىڭلىڭنىڭ روھى،
بۇلغىمىغىن جاننى، ۋىجداننى.

ئەركەك بولساڭ سۆكمە قىزلارنى ،
نامىزىڭدا تىلە ئىنساپنى .
ئۇ مىللەتنىڭ ئانىسى، جېنى.
ئۇنىڭ ئۇچۇن ئايىما جاننى ..

ئاچچىق تىنىپ يۈرمىسۇن «يالپۇز».
كۆرسەم دەيدۇ تۆكۈلگەن تەرنى.
چىن سۆيگۈدە ۋاپادار بولۇپ،
ۋەتەن ئۈچۈن ياشىغان ئەرنى.



خاسىيەت ساملاق يالپۇز شئېرلار توپلىمىدىن ئېلىندى .





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YALPUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 07:02 PM  


قىز قەلبى پىنھان چىغىر يول ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش