مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4079|ئىنكاس: 39

خەيرى-خوش ئۈرۈمچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 759
توردا: 700 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 08:03:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەيرى خوش ئۈرۈمچى

(ھېكايە)

1

-قارا سائەت نەچچە بولدى، ھازىرغىچە ئورنىڭدىن تۇرمىدىڭمۇ؟

جەمىلەنىڭ ئىشىكنى ئىچىپلا كوتۇلداشلىرى ئەنىۋەرنى ئويغاتتى.

- ۋاي ۋاي، بۇ ئۆينىڭ ئىچى نىمانچىلا پۇراپ كەتكەن، دېرىزىنى ئىچىۋەتسەڭ بولمامدۇ، يەنە ھاراق ئىچتىڭمۇ؟ قاچانمۇ ھاراقنى تاشلاپ ئۆزۈڭگە قايتارسەن ھە؟

بۇ بىر كىشلىك ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇلغان ئۈستەلدە بىر نەچچە قۇتا پىۋە بوتۇلكىسى قۇرۇق تۇراتتى، تاماكا كۈلدىنىمۇ تاماكا قالدۇقى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. ئۆينىڭ ئىچى تاماكا پۇرىقى ھەم ھاراق پۇرىقى بىلەن بۇر خىل بەدپۇي پۇرايتتى.

- مەن ساڭا ناشتىلىق ئىلىپ كىردىم سەن ئورنىڭدىن تۇرۇپ ناشتا قىلۋېلىپ ئاندىن سىرىتقا چىقىپ ئىش ئىزدەپ باق، بۇنداق بىكار يۈرۈپ كۈنلىرىڭنى بىكار ئۆتكۈزمە،ھازىر بىزنىڭ تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ۋاقتىمىز.

جەمىلە كايىغاچ ئۆي ئىچىنى يۇغۇشتۇرۇپ، ئەخلەتلەرنى تۆكىۋەتكىلى سىرىتقاچىقىپ كەتتى، ئارلىقتا ئەنىۋەرمۇ كىيىملىرىنى كىيىپ تەييار بولدى.

جەمىلە يەنە ئىشىكتىن كىرىپلا ئەنىۋەرگە كوتۇلداشقا باشلىدى.

بىر يەردە ئىشلىسەڭ يا تۈزۈك ئىشلىمەيسەن، يا مائاشنى تولۇق ئالالمايسەن،بۇنداق قىلىۋەرسەڭ كىيىن جىنىڭنى قانداق باقىسەن.

- يۇرتقا كېتەيلى جەمىلە.

ئەنىۋەرنىڭ تۇيۇقسىز ئېيىتقان بۇ بىر ئىغىز سۆزى جەمىلە چۈچىتتى.

- نېمە، نېمە، يۇرتقا كېتەيلى، قايسىز يۈزىمىز بىلەن كېتىمىز. ئۆيدىكىلەرگەنېمە دەپ جاۋاب قىلىمىز، بىز ئۆيدىكىلىرىمىزنى شۇنداق ئالداپ، قايسى يۈزىمىز بىلەنئۇلارنىڭ ئالدىغا بارىمىز. ئۇلار بىزنى كەچۈرۋېتەرمۇ؟

- بىز ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولغاندىكىن چوقۇم كەچۈرۋېتىدۇ يۇرتقا قايتايلى.

- بۇ مومكىن ئەمەس، مەن ئۆيگە قايتمايمەن، ھەم قايىتقۇدەكمۇ جۈرئەت يوق.بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمىز ھەرگىزمۇ باشقىلار مۇنداقلا كەچۈرۋېتىدىغان خاتالىقئەمەس، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى، ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن تارتقانجاپا-ئەجىرلىرىنى بىز چەيلىدۇق، ئۇلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى يوققاچىقىرۋەتتۇق، ئۇلار يەنە بىزنى كەچۈرەرمۇ؟

جەمىلەنىڭ خىيال ئىكرانىدا بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن باشلانغان  ئىشلار كىنو لىنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى.

2

جەمىلەنىڭ ئۆيدىكىلىرىنى قىزىنى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ ئائىلە مەكتەپتەئوقۇتقانلىقىدىن خۇشال بولسا، جەمىلەمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئوقۇۋاتقان تولۇقئوتتۇردىكى ساۋاقداشلىرىغا مەنمۇ پالانى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپتىمەندېيەلىگەنلىكىدىن خۇشال ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپكە كىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئەنىۋەر بىلەن تونۇشتى، ئەنىۋەر ئۇنى قوغدايتى، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلاتتى. ئۇ ئەنىۋەرگە ئىشىنەتتى، ئۇنى سىردىشى، يىقىن دوستى ھەم ئوغۇل دوستى،تۇرمۇشىدا يوق بولسا بولمايدىغان موھىم ئورۇنغا قوياتتى. ئوقۇشنىڭ ئىككىنچىيىلىنىڭ بىرىنچى مەۋسۇمى باشلىنىدىغان ۋاقىت ئىدى.

- ئەتە سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ شۇڭا ياخشىراق ئۆتكۈزۈپ دوست-دۈشمەنلىرىمىزگەئۆزىمىزنىڭ قانچىلىق يىقىن ھەم بەخىتلىك ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ قويايلى بولامدۇجەمىلە؟ مەن ئەتىدىكى تۇغۇلغان كۈنۈڭنى چوقۇم ياخشى ئۆتكۈزۈپ بىرىمەن.

جەمىلە ئەنىۋەرنىڭ سۆزلىرىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدى ھەمدە ئەنۋەردەك بىر يىگىتنى خاتا تاللىمىغانلىقىدىن خۇشال بولدى.

- ئەنۋەر بىز ئوقوغۇچى شۇڭا بەك كاتتا ئۆتكۈزۋەتمەيلى بولسا بىرەر تورتخانىغا بىرىپ تورت يەپ تەبرىكلىسەكمۇ، ياكى بىزنىڭ ياتاقتا تەبرىكلىسەكمۇ بولىدۇ.

-ياق بىز گىراف، ۋېكتورىيە، 360 دېگەندەك يەرگە بىرىپ تەبرىكلەيلى. پۇلدىن ئەنسىرمە بولامدۇ.

- ھە ئۇنداقتا مەيلى.

ئەنىۋەر جەمىلەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئۆتكۈزۈپ بەردى ھەم خىلى كۆپ چىقىممۇ تارتتى. لېكىن تۇغۇلغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ دەرسكىمۇ كىرمەس بولدى، جەمىلە ئەنۋەرنى ياتىقىدىن ئىزدەپ تىپىپ، نېمىشقا دەرسكە كىرمىگەنلىكىنى سورىغان ئىدى، ئەنۋەر جاۋاپ بەرگىلى ئۇنمىدى، جەمىلەنىڭ قايتا-قايتا سوراۋېرىشى بىلەن ئەنۋەر راست گېپىنى قىلدى.

- مەن سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى ئۆتكۈزۈپ بىرىمەن دەپ بۇ يىللىق ئوقۇش پۇلۇمنى خەجلىۋەتتىم.

- نېمە؟ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلۇڭنى خەجلىۋەتتىڭ؟

-شۇنداق.

- نېمىشقا بۇنداق ئەخمەقلىق قىلىسەن؟

- ھەممىسى سەن ئۈچۈن جەمىلە، سىنىڭ خۇشال بولغان ھالىتىڭنى كۆرەي دەپ.

- بولدى، بۇ گەپلەرنى قىلىشمايلى، ئەمدى بۇ پۇلنى قانداق تولۇقلاشنىڭ غىمىنى قىلىشايلى.

- سىرتتىن ئىش تىپىپ ئىشلەيمىكىن دەيمەن.

- لېكىن ئۇ پۇلنى قاچانمۇ ئىشلەپ تىپىپ بولىسەن؟ يا ئاز پۇل بولمىسا 10 نەچچمىڭ يۈەننىڭ ئىشى تۇرسا،

- ھازىر يىنىمدا 4-5 مىڭ يۈەن بار،  ئىككى ئۈچ ئاي بىريەردە ئىشلىسەم ئۇنىڭمۇ بىر ئامالى بوپ قالار، يۈك توشۇش ئورنىغا بىرىپ ئىشلىسەم ئايلىقىغا 5-6 مىڭنى بىرىدىكەن، ئازراق ۋاقىت جاپاغا چىدىسام نېمە بوپتۇ.

- ئۇ يەرنىڭ ئىشى بەك جاپالىق، چىدىيالارسەنمۇ؟ ئۆيۈڭدىكىلەرگە دېسەڭ، ‹‹پۇلنى يۈتۈرۈپ قويدۇم›› دېسەڭ قايتا پۇل بەرمەسمۇ؟

- دادام يوق، ئانام مىنى ئاران تەستە ئوقۇتۋاتسا، قانداقمۇ ئانامغا ئۇ گەپنى قىلالايمەن.

- ھە بوپتۇ ئويلىغىنىڭنى قىلىپ باق، مەن سىنى قوللايمەن، لېكىن مىنى ئۇنتۇپ قالما، مىنى ئىزدەپ تۇر بولامدۇ، بۈگۈن مەن سىنى مېھمان قىلاي، ئەتىدىن باشلاپئويلىغانلىرىڭ بويىچە ئىش ئىزدەپ ئىشلەپ باق.

ئىشلار مانا مۇشۇنداق باشلاندى. ئەنۋەر ئىش تىپىپ ئىشلىمەستە يوق، ئانىسى ھەر ئايدا ئەۋەتىپ بەرگەن تۇرمۇش پۇلىنى، كېيىنكى يىللاردىكى ئوقۇش پۇلىنى خەجلەپ يۈرېۋەردى، كېيىن ئەنۋەرگە جەمىلەمۇ قوشۇلدى، ئۇلار ئاتا-ئانىسى بەرگەن ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلى بىلەن تۇرمۇشتىن قىينالماي خاتىرجەم ياشاۋەردى.  ھەر قېتىم تەتىل ۋاقتىدا ئۇلار نۇرمال ئۆيلىرىگەقايتىپ، تەتىل توشقاندا قايتىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ ساۋاقداشلىرى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئائىلىرىگە قايتىشقاندا بولسا، ئۇلار ئۆيدىكىلىرىگە يالغان سۆزلەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ياخشى بىر خىزمەت تاپقانلىقىنى، ھازىرچە يۇرتقا قايىتمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ، — بالىلىرىمىز چوڭ بوپ قالدى، بىلىملىك. شۇڭا چوڭراق شەھەرلەردە ئىشلىگىسى، ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرغۇسى بار ئوخشايدۇ دەپئ ۇلارغا ئىشىنىپ يۈرېۋەردى.

3

جەمىلە ئىشقا كەتكەندىن كېيىن ئەنۋەر كېيىملىرىنى كېيىپ سىرىتقا چىقىپ ئىش ئىزدەپ باقماقچى بولدى-يۇ، لېكىن مائاشى يۇقىرى يەرلەردە چوقۇم خەنزۇتىلى بىلەن كومپىيۇتېرنى بىلىشى كېرەك، مائاشى تۆۋەن يەرلەردە ئۆزىنىڭ كۈچىنى سەرپ قىلىپ ئىشلىگىسى كەلمىدى. ئۇ يولدا كىېتىپ باراتتى، يىنىدىن ئۆتكەن ھەربىر كىشىلەرگەدېققەت بىلەن قارايتى. كۈلۈشۈپ كېتىپ بارغان، سالاپەتلىك، پوزۇر كېيىنگەنلەرنى،ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلاردا مىڭۋاتقانلارنى كۆرگەندە بولسا،

— مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بوپ قالسامچۇ؟ دېگەنلەرنىمۇ خىيال قىلىپقوياتتى. ئەنۋەر يەنە يولىنى داۋاملاشتۇردى، ئەتراپتىكى ھەممە ئەنۋەرنىكۆرمىگەندەك، ئەنۋەر بۇ جايدا يوقتەك شۇنچىلىك پەرۋاسىز، ئۇ بۇ ھالدا ئۆزىنىڭمەۋجۇتلۇقىنى ئۆزىمۇ سەزمىگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى.

ئۇ ئاستا ئۆزىگە پېچىرلىدى — مەن ھاياتمۇ، ھاياتىمنىڭ ئۆلۈك بىلەن نېمەپەرقى، مەندىكى نە غايە، نە ئارزۇ، ھېچقايسى يوق، ئادەمدە ئارزۇ-غايە بولمىسا،ئۈمىدتتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن. بۇنىمۇ ياشاش دېگىلى بولامدۇ؟ ھازىريولدا ماڭساممۇ ھېچكىم ماڭا پەرۋا قىلمايدۇ، ئۇلارغا تاسادىپىي سوقۇلۇپ كەتكەندىلائاندىن ئۇلار مىنىڭ بارلىقىمنى ھېس قىلىدۇ.

ئۇ ئويلىغانسىرى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىپ باراتتى، ئۆزىنىڭ بۇرۇن نېمىشقائوقۇمىغانلىقىغا، نېمىشقا مۇھەببەت قوينىغا ساراڭلارچە كېرىپ، تەييار تاپ بولۇپياشىغانلىقىغا تولىمۇ پۇشايمان قىلدى. لېكىن ئۇ پۇشايمان، ھازىرقى ئەمەلىيەت. ئۇئاۋازىنى ئۈنلۈك قويۋېتىپ ۋاقىرغۇسى، كۆڭلىدىكى بارلىق غەشلىكلىرىنى سۆزلەپ ئىچىنىبوشاتقۇزغىسى كېلەتتى. ئۇ بۇرۇن كېتىشنىمۇ ئويلىغان، لېكىن جەمىلەگە قىيالمىغان.توغرا، بۇنىڭ ھەممىسى جەمىلە ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟ جەمىلەمۇ ئەنىۋەر ئۈچۈن ئۇنىڭبارلىق يالغانچىلىق، ئالداشلىرىغا كۈچ قوشقان ئەمەسمىدى، گۇناھنى يەنە جەمىلەگەئىتىرىپ قويغىلى بولسۇنمۇ، بىچارە قىزمۇ ئەنىۋەر ئۈچۈن نېمە كۈنلەرنى،ئاتا-ئانىسىنى ئالداش ئۈچۈن نېمىلەرنى دېمىدى.

ئەنىۋەرگەتېلفۇن كېپ قالدى، ئەنىۋەر تېلفۇننى ئالدىيۇ- قوللىرى تېترەپ كەتتى، بۇ تېلېفۇنئانىسىدىن كەلگەن ئىدى. ئەنۋەر كۆڭلىدە، يەنە يالغان سۆزلەيدىغان بولدۇمدە؟ ياق،تېلفۇننى ئالمىسامچۇ؟ ئەنۋەرنىڭ بارماقلىرى ئىختىيارسىز تېلفۇن كۇنۇپكىسىنىبېسىۋەتتى، تېلفۇندا، بوش بىر ئاۋاز ئەنۋەردىن ئەھۋال سوراۋاتتى.

—    قانداق ئوغلۇم ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ ئىشلىرىڭ ياخشى كېتىپبارامدۇ؟

—    ھە ئە ئانا، ئىشلىرىم بەك ياخشى، ئۆزۈڭنىڭ چۇ؟ ئىشلىرىڭياخشىمۇ؟ سىنى سىغىنىپ، تېلفۇن قىلاي دەپ تۇرسام، مانا ئۆزۈڭلا تېلفۇن قىپسەن.

—    نېمىلا دېگەن بىلەن يۈرەك بىر ئەمەسمۇ ئوغلۇم. ئۆزۈڭنى كۆرەلمىسەممۇ، ئاۋازىڭنى بولسىمۇ ئاڭلاي دەپ تېلېفۇن قىلىشىم ئوغلۇم. تېنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭ ياخشى كېتىپ بېرىپتۇ. خۇش بولدۇم ئوغلۇم. تامىقىڭنى ۋاقتىدا يە.خىزمەت دەپ ئۆزۈڭنى ئۇنتۇپ قالساڭ بولمايدۇ ئوغلۇم. يېنىمدا بولغان بولساڭ،ئوخشۇتۇپ لەغمەن ئېتىپ بەرگەن بولاتتىم ساڭا.

—    شۇ تاپتا سىنىڭ لەغمىنىڭنىڭ پۇرىقى بۇرنىمغا ئۇرۇلۋاتىدۇ ئانا. يېگەندەكلا بولدۇم. ئانا، مەن ئالدىراش ئىدىم، بىكار بوپ تېلفۇن قىلاي ساڭابولامدۇ؟

—    ماقۇل ئوغلۇم، ئىشلىرىڭنى ياخشى قىل، ئۆزۈڭگە پۇقتا بول،ئاللاغا تاپشۇردۇم سىنى.

ئەنىۋەرتېلېفۇننى قويۋەتكەندىن كېيىن ئىغىر بىر تېنىۋەتتى.

—مەن ئۆيگە قايتىشىم، ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم، بۇ يەردىكى ئۈمىدسىزتۇرمۇشتىن ئەمدى ۋاز كېچىشىم كېرەك، ئۆزۈمنىڭ يېڭى ھاياتىنى باشلايمەن، ئانامغاھەممە گەپلەرنى دەيمەن، ھېچ نىمىنى يوشۇرمايمەن، ئانام مىنى چوقۇم كەچۈرۋېتىدۇ.

                                                                 4      

—    جەمىلە مەن كېتىدىغان بولدۇم.

—    راست كېتەمسەن؟

—    بىللە كېتىمىز؟

—    ئۆيدىكىلەرگە راست گەپ قىلىمەن جەمىلە، سەنمۇ راست گەپ قىل،ئۇلار بىزنى كەچۈرۋېتىدۇ، بەلكىم بىر نەچچە كۈن بىزدىن خاپا بوپ يۈرىشى مومكىن،بىز چىداپ بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۋەتسەك ھەممە ئىشلار جايىغا چۈشىدۇ. بىز ھەممەئىشىمىزنى قايتىدىن باشلايمىز. مەن يۇرتقا قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆيۈڭگە ئەلچى ئەۋەتىمەن، بىز توي قىلىمىز، كەڭرى كەتكەن سەھرالاردا بىز مۇھەببەت ناخشىمىزنىياڭرىتىپ، ئۆزىمىز تېرىغان بۇغداينىڭ ئىشىنى، نېنىنى يەيمىز. جاپادىمۇ،ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىمىز.

جەمىلەبىر ھازا قاتتىق ئويلىنىپ كەتتى.

—    ئەمسە گېپىڭدە تۇر بولامدۇ؟

—    ئەلۋەتتە.

                                                           5

بۈگۈن ئۈرۈمچى ئاخشىمى شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى، ئاسماندا ئاندا-ساندا كۆرگىلى بولىدىغان يۇلتۇزلارمۇ بۈگۈن تولۇق چىققان ئىدى. ئىگىز بىنالار، رەڭدار كوچا چىراقلىرى بۇشەھەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ كۆرسېتەتتى. لېكىن بۇ شەھەرگە كېلىپ-كېتىۋاتقان،يۇرت-ماكانلىرىنى، ئۆيلىرىدىكى ئىسسىق تاماقنى يېگىلى خوش ياقماي بۇ شەھەرگە قارا ئىشلەمچى ياكى ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر كۈنلۈك، ياتاق پۇلى، تاماق پۇلىنى ئارانلا قامداپ، ئۆيلىرىدكى ھەقسىز تاماق، ھەقسىز ياتاقلاردىن ۋاز كېچىپ،بىردەملىك ھەۋەس، قىزىقىش بىلەن ياكى ئۆزىنىڭ يېڭى نىشانىنى ئىزدەپ ئۆيىدىن يىنىپ چىققان جەنۇبلۇق ياشلاردىن نەچچىسىنى ئۇزىتىپ نەچچىسىنى قارشى ئالغان مېھرى ئىسسىق بۇ شەھەردىن مانا بۈگۈن ئىككى ياش ئۆزلىرىنىڭ غايىلىرىنى، ئارزۇلىرىنى بەربات قىلىپ، پويىزنىڭ بۈدۈك چالغان ئاۋازى بىلەنخەيرى-خوش ئۈرۈمچى دېگەن ئىچىدىكى كۆڭۈل سۆزلىرى بىلەن يۇرتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

خەيرى-خوش ئۈرۈمچى دېگەن بۇ سۆز ئەنۋەر بىلەن جەمىلەنىڭ يۈرىكىدىن چىققان ئورتاق بىر نىداسى ئېدى.

خەيرى-خوش ئۈرۈمچى...


مەنبە:ئۆز قەلىمىم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-4 08:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 08:24:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەيرى-خوش ئۈرۈمچى

تېمىنى ياخشى تاللاپسىز. لېكىن بەك ئالدىراپ ئاددىيلا ئاخىرلاشتۇرۇپ قويۇپسىز. ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە بۇ ھېكايىنى كېڭەيتىپ تەپسىلىيراق بىر ئىشلەپ چىققان بولسىڭىز؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82816
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3149
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 08:37:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەيرى-خوش ئۈرۈمچى

ھازىر ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلار دەپ باقساڭلار ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى
ئەھۋالى،تەرەققىياتى،ئۇيغۇرلارنىڭ ھال-كۈنى،مەدەنىيەت ئاتمۇسفراسى
پۇل تاپقىلى بۇلامدۇ؟شەخسىي شىركەتلەردە ئىشلەپ قالساق قانداق ئالاقىلىشىمىز
شۇ شىركەتلەر بىلەن؟ئەخلاق،ياقا-يۇرتلاردىن كەلگەنلەرگە قانداق مۇئامىلىدە
بۇلىدىكەن سىلەرنىڭ ھىس قىلغىنىڭلارچە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105352
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 354
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2014-3-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 08:44:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەيرى-خوش ئۈرۈمچى

شۇنداق ياخشى يىزىپسىز ،مۇمكىن بولسا ئۇلارنىڭ يۇرتقا قايتىپ ئاتا- ئانسى بىللەن كورەشكەن مەنزېرلىىرنىمۇ  تەسۋېرلەپ ياسسڭز ،ھىكايىڭز تىخىمۇ رەڭدار ،تىخىمۇ مەزمۇنلۇق چىقاتتى ،. رەخمت سىزگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105297
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2014-3-25
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 09:10:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەيرى-خوش ئۈرۈمچى

yollar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 08:24 PM
تېمىنى ياخشى تاللاپسىز. لېكىن بەك ئالدىراپ ئاددىيلا ئا ...

بەك ياخشىكەن ، بەك  ياقتۇردۇم،     داۋامى    بارمۇ  ياكى تۈگىدىمۇ؟

ئابباس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 759
توردا: 700 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 10:29:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەيرى-خوش ئۈرۈمچى

مىنىڭ مەخسىتىممۇ دەل مۇشۇنداق ئاددىي يېزىش ئىدى، چۈنكى بىر نەرسە قانچە ئاددىي بولسا باشقىلارغا بىرىدىغان زوقىمۇ شۇنچە بولىدۇ. مۇرەككەپ بولغانسىرى چۈشۈنۈكسىز، لەزەتسىز بوپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103659
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 11:17:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەيرى-خوش ئۈرۈمچى

ARIX يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 10:29 PM
مىنىڭ مەخسىتىممۇ دەل مۇشۇنداق ئاددىي يېزىش ئىدى، چۈنك ...

تېما ئاددى بولسا خوش بولغۇلۇق ، لىكىن ئىنكاس ئاددى بولسا نىمە دىگۈلۈك ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103659
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 11:34:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەيرى-خوش ئۈرۈمچى

Yatmix يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 08:37 PM
ھازىر ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلار دەپ باقساڭلار  ...

ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بەك ياخشى ، تەرەققىياتىمۇ بەك تىز ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھال كۈنىمۇ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ، ئەمدى مەدەنىيەت ئاتمۇسفراسىغا كەلسەك تۈركىيە مەدەنىيىتىگە چوقۇنۇش قىزغىنلىقى ھەددىدىن بەك زىيادە بولغاچ ئۈرۈمچىنىڭ ئاتمۇسفراسى ئىستانبۇلدىن قېلىشمايدۇ .

پۇل تاپقىلى بۇلامدۇ دىگەن مۇنۇ مۇجىمەل سۇئالىڭىزغا كەلسەك ، مىنىڭچە بولىدۇ . ئەڭ ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئۇسۇل ، يۈزىڭىزنى قارا رەڭدە بۇياپ پۇت قولىڭىزنى كىيىمىڭىزنىڭ ئىچىگە يۆگەپ ئادەملەر ئەڭ كۆپ ئۆتىدىغان  يولنىڭ ئوتتۇرغا ئۇزۇن داستىرخاندىن بىرنى سېلىپ سەدىقە بالانى يە ، گۇنا تۆۋبىنى دىگەندەك ھاپداللار شۇئارىنى ئۈنلۈك توۋلاپ ئولتۇرسىڭىز مىنىڭچە پۇل دىگەن ئۆزى كىلىۋىردۇ . شەخسى شىركەتلەردە ئىشلەپ قالسىڭىز مىنىڭچە چوڭ ئىشمۇ يوق ، شۇ ئات ئىشەكنى ئىشقا سالغاندەك ئىشلىتىدۇ شۇ ... بولۇپمۇ سىزدەك ياقا يۇرتلاردىن كەنگەنلەرگە ئاشتا مۇئامىلە قىلىدۇ .

مىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ھىس قىلغىنىم مۇشۇنچىلىك ئەمدى . قالغىنىغا ئۈرۈمچىدە تەلىيى ئوڭدىن كەپ قېلىپ پادىشالاردەك كۈن كەچۈرۋاتقانلارنىڭ تەسىراتى قانداقراقكىن ئەمدى ؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104752
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2014-3-12
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 11:36:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەيرى-خوش ئۈرۈمچى

مەزمۇنى ئاددى، يېقىشلىق ھىكايە ئىكەن

چىتلاق مۇستەھكەم بولسا ، لالما ئىت، تالا مۈشۈكلىرى كىرەلمەيدۇ

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4135
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 11:59:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەيرى-خوش ئۈرۈمچى

ئۈستىدىككى تورداشلارنىڭ دېگىنىدەك ئاخىرنىمۇ يېزىپ باقسىڭىز بولاركەنتۇق.ئاخىرنىمۇ ئاددى قىلىپ يېزىپ باققان بولسىڭىزدىمەكچى،  يىگىت قىزغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇردىممۇ ،ئۇلارنىڭ كىيىنكى كۈنلىرچۇ، دىگەندەك ئۇلار توي قىلدىممۇ،دىمىسىمۇ ئۈرۈمچى ھەم مىھرى ئىسسىق ھەم مىھرى سوغوق يەر .مەنمۇ بۇرۇن ئۆيدىككى تەييار تاماق تەييار ياتاقنى تاشلاپ نەچچە يىلنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن. بەزى ئۈرۈمچىدە ئۆتكەن خوشال كۈنلىرىممۇ بولغان،بىراق قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن كۈنلىرىممۇ ئاز ئەمەس،ئۈرۈمچىدە بىرئاي ئىشلەپ ئىككى كۈن ئارام ئالسا .بىرئايدا تاپقان پۇل تۈگىدى.دىگەن گەپ.بۈگۈن تىرشىپ ئىشلىمىسەڭ ئەتە تىرشىپ خىزمەت ئىزدەيسەن. بۇ بىرجۈملە سۆز ئۈرۈمچىگە بەكلا ماس كىلىدۇ. ئاللا خالىسا بىرنەچچە كۈندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ كونا ئەسلىمىلىرىمنى .ئەسلەپ كىلەيمىكىن دەيمەن. تېما ئىگىسى كەچۈرسىز.ئازىراق گازىر چېقىپ تېمىڭىزغا شۈپەك ئارلاشتۇرۇپ قويدۇم.

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش