مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1041|ئىنكاس: 14

قەرز پۇل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105405
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەرز پۇل


كۆزىمىزدىن ئۇيقۇنى ئېلىپ قاچتى قەرز پۇل،

قەلبىمىزگە ئاداۋەت ئۇرىقى چاچتى قەرز پۇل،

ئۇچىمىزغايوقسۇللۇق تۇننى ياپتى قەرز پۇل،

دىلىمىزدىن ئىماننى ئېلپ قاچتى قەرز پۇل،

بىزنى مازاق قىلغاندەك كۈلۈپ باقتى قەرز پۇل.


سوراپ كەلسە بىرى پۇل،قىلىپ قويغىن شەپقەت دەپ،

بىرىپ تۇردۇق كىرەك،يېزىپ يۈرمە ھۆججەت دەپ،

ئاغزىمىزداكىلىشىپ،مانچە كۈنلۈك مۆھلەت دەپ،

كىتىپ قالدى قەرىزدار سىزگە كۆپتىن رەھمەت دەپ،

يۇلىمىزغا ئايغى يوق ھاڭنى قازدى قەرز پۇل.


ئۈتۈپ  كەتتى مۆھلەتمۇ قەرىزداردىن خەۋەريوق،

سۈيلەپ بارساق ئۆيىگە دىگەن قىزىل قەغەزيوق،

ئەتە-ئۆگۈن كەل دىگەن،ئېنىقراق بىر غەرەزيوق،

دەتنى تۆكسەك بىرىگە،ھالىمىزغا يىتەريوق،

ئەتىمىزگە يۇرۇماس شامنى ياقتى قەرز پۇل.


ئېنىق ئەمەس قەرىزنى بىردىغاننىڭ ئاي-كۈنى،

ئېشىپ كەتتى سوممىدىن پارچە-پۇرات چىقىمى،

يامان بولدى پۇل سۈيلەپ،ئەسلى پۇلنىڭ ئىگىسى،

ئالغان پۇلنى قايتۇرۇش،بۇخۇدانىڭ ھۆكىمى،

دوست-بۇرادەر ،يېقىننى چەتكە قاقتى قەرز پۇل.


پۇل يوقمىكىن دىسەڭ گەر،يامان ئەمەس ھال -كۈنى،

بىزبىرپۇلنى خەجلىسەك،ئۇخەجلەيدۇ ئىككىنى،

بولغايمىكىن بىراۋدىن ئەھلى-ۋاپا كۈتكىنى،

كەتتى داۋاھەققىگە يىغىپ تاپقان-تۈپكىنى،

گۈل چىرايغا نادامەت يىغاقاتتى قەرز پۇل.


قەرىز سۈيلەپ نەچچە رەت پۇتىمىزمۇ تالمىدى،

قەرىزدارغا يالۋۇرۇپ دىمىگەن گەپ قالمىدى،

كۆزلىرىگە مۇش چىنەپ قىلغان ھەيۋە ئاقمىدى،

ئۇنىڭسىزمۇ ئاپارغان سوۋغا-سالام ئازمىدى،

باش ئەگدۈرۈپ ئۆزگىگە بوزەك تاپتى قەرز پۇل.


ئىشىك ئالدىدا نەچچەرەت ئۇزۇن تاڭنى تۈنىگەن،

نەچچەكۈنلەپ قۇرساق ئاچ،تۈزۈك تاماق يىمىگەن،

ساقال-بۇرۇت ئۆسكىلەڭ،تۈزۈك كىيىم كىيمىگەن،

مەسخىرىدىن،تەنىدىن،يۈزقىزارغان جۈنىگەن،

غەم-قايغۇغا گادايلىق قۇشاق قاتتى قەرز پۇل.


كىچەلىرى  جۆيلىتىپ،ئارامىداقويمىدى،

نىمە ئىلاج ئۇ پۇلنى زادى ئالماي بولمىدى،

بەرگەنگە مىڭ پۇشايمان،خەپلەپ ئىڭەك تولغىدى،

داغداقۇيۇپ قىيامەت، ئاخىرەتكە يوللىدى،

ئاخىرەتتە ئالماققا قارارتاپتى قەرز پۇل.



ئاپتۇرى :كىرىمجان ياسىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-4 06:11 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103383
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 677
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102069
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلەن يىزىپسىز ياخشى تىمىلىرڭىز ‏ئۈزۇلمىسۇن

ھايات ھەممىدىن قىممەت
ھاياتتىنمۇقىممەت مۇھەببەت
كىچىمەن ھەر ‏ئىككىسىدىن
‏ئازادلىق ‏ئەركىنلىك ‏ئۇچۇنلا پەقەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4533
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 338 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەرىز پۇل دېسە  تېخى  قەرىز  پۇل بېرىدىغان چېغى  دەپتىمەن

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11570
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 2986 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaliptax يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 06:56 PM
قەرىز پۇل دېسە  تېخى  قەرىز  پۇل بېرىدىغان چېغى  دەپتىمە ...

مۇنبەر پۇلىدىن قەرز بىرىپ تۇرايمۇ يە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 448
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلى چۈچۈك، ئاڭدارلىقى كۈچلۈك،ياخشى چېقىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105352
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2014-3-26
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزېپسىز . قەرزدارلارنى راسا بىر كامچىلاپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105168
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 160
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2014-3-22
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەششەت ياخشى چىقىپتۇ  تىما ئىگسىگە تەشەككۇر.

سەن رىياللىقنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرى ئاتا قىلغان راھەتلەرگە،ئۆتكۇنچى ھەۋەسلەرگە ئالدانسڭ ھەقىقى ئۆزۇڭدىن ئايرىلىپ قالسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99903
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا بىرسىگە قەرىز بىرىپ قۇيۇلۇپ كەتكەن ئوخشىمامسىز،……ھى…ھى…ھى،

چاقچاق ھە ،تىرىكىپ كەتمەڭ يەنە،
ئىنتايىن ياخشى يىزىپسىز،تىخىمۇ تىرىشىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1587 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تورلاردىمۇ ھەر خىل ئىسىملاردا كىرىپ ئاجايىپ تىلفون كارتىلېرىنى ساتىدىغان نامدا قويمىچىلىق قىپ يۈرسە ھازىر...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش