مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10634|ئىنكاس: 48

ھېيتگاھ جامىئە دەرۋازىسىدىكى يېڭى بايقاشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 05:26:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەشقەر ھېيتگاھ جامىئەسىنىڭ دەرۋازىسىغا مۇناسىۋەتلىك

يېڭى بايقاشلار


ئۇيغۇر گراف

630ff0a6jw1eejyq3wwacj20c9064wf0.jpg



دۆلەت ئىچى  ۋە سىرتىغا مەشھۇر بولغان قەشقەر ھېيتگاھ جامىئەسى ئۇيغۇر-ئىسلام مىمارچىلىق سەنئېتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ھەممەيلەننى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ھازىر بۇ جامىئە مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىي يادىكارلىققا، ھېيتگاھ مەيدانى A4دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، لېكىن دەرۋازا بۆلىكىنى تەپسىلىي كۈزەتكەن كىشى دەرۋازىنىڭ نېمە ئۈچۈن جامىئە ھويلىسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى قورو تامنىڭ ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلماي شەرقى-جەنۇبتىكى بۇرجەككە سېلىنغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن مۇنارنىڭ سىممېتىرىك ئەمەسلىكىنى،  نېمە ئۈچۈن گۈمبەزنىڭ ھازىرغىچە مەزمۇت تۇرۇۋاتقانلىقىنى سورىماي تۇرالمايدۇ.
مۇشۇ مۇنبەرگە arman81دىگەن تورداش يوللىغان ئىبراھىم نىياز ئەپەندىنىڭ <<ھېيتگاھ جامىئەسىنىڭ تارىخى>> (https://uyghur-archive.com/misranim/forum.php?mod=viewthread&tid=58542&highlight=%DA%BE%DB%90%D9%8A%D8%AA%DA%AF%D8%A7%DA%BE) دىگەن ماقالىسىدە بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغاچقا، مەن ھېيتگاھ مەيدانىدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرغاچ نامازنى ساقلاۋاتقان 10 نەچچە مويسىپىتنى زىيارەت قىلىپ، ئۈن خاتىرسىگە ئاساسەن بەزى ئۇچۇرلارنى رەتلەپ چىقتىم.

1-دەرۋازا نېمە ئۈچۈن جامىئە ھويلىسىنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى قورو تامنىڭ ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان؟

(1) پاكىز بولۇش. جامىئە دەرۋازىسىنىڭ شەرىقى-شىمال بۇرجىكىدە 100 نەچچە كىشىلىك  مۇستەھەپخانا(مۇنچا ۋە تاھارەت ئالىدىغان جاي) ئورۇنلاشقان، ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدىكى نور بېشى يولى بويىددكى ئەنجان رەستە ۋە ئەنجان كوچا ئارىلىقىدا تاختاي ئوچاقتىن ياسالغان 100 نەچچە كىشىلىك ئۈستى ئوچۇق ئاممىۋى ھاجەتخانا بار ئىدى. ھاجەتخانىدىن چىققان جامائەت مۇستەھەپخانىدا تاھارەت ئېلىپ قورو تام ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان <<كاشغەر شەرىئەت مەھكىمىسى>>(قازىخانا)نى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئاندىن مەسچىدكە كىرەتتى. 19-ئەسىردە ئەۋرەز يولى مەۋجۇت بولمىغاچقا، ياز كۈنلىرى ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ سېسىق پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالاتتى، جۈمە كۈنلىرى ئادەم كۆپ بولغاچقا ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتەتتى. ھاجەتخانىدىن چىقىپ مۇستەھەپخانىغا كىرگۈچىلەر بىلەن چىققۇچىلارنى ئۇچراشتۇرماسلىق ئۈچۈن مۇستەھەپخانىنىڭ كىرىش ئىشىكى بىلەن چىقىش ئىشىكى ئايرىۋېتىلگەن ئىدى. ئەمما بىر قىسىم شەھەر سىرتىدىن جۈمە ئۇقۇشقا كەلگەنلەر ۋە بالىلار چىقىش ئىشىكىدىنمۇ مۇستەھەپخانىغا كىرىۋالاتتى، مۇسۇلمانلاردىكى <<سۇ يوق شارائىتتا يۇمشاق توپىدا تاھارەت>> ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە، تاھارەت ئېلىپ چىققان جامائەت شۇبھىدىن خلى بولۇش ئۈچۈن  ھېيتگاھ مەيدىنىدىكى يۇمشاق توپىنى دەسسەپ، قازىخانىنى ئايلانغاچ <<پۇت تەرىتى>> ئېلىپ ئاندىن مەسچىدكە كىرەتتى. ئەگەر دەرۋازا قوروتامنىڭ ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشسا، تاھارەت دۇرۇس، پاكىز بولمىغاچقا،  ناماز راۋا بولمايتتى.(1-رەسىم)
(2) مۇكەممەل بولۇش. ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك مىكرافون ۋە رادىئو كانىيى بولمىغاچقا، ھېيتگاھ جامىئەسىنىڭ 19 مېتىرلىق مۇنارىدىكى مىھراپتا  مەزۇنلار كۈندە بەش قېتىم ئەزان توۋلاپ، جامائەتنى نامازغا چاقىراتتى، ئەگەر دەرۋازا-مۇنار قورو تامنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشسا، ئەزان ئاۋازى شىمال تەرەپكە ئاڭلىنىپ، جەنۇب تەرەپكە ئېنىق ئاڭلانمايتتى-دە جەنۇب تەرەپتىكىلەر نامازغا كېچىكەتتى، شۇڭا دەرۋازىنى تامنىڭ ئوتتۇرىغا ئەمەس، بەلكى مەيداننىڭ ئوتتۇرىغا ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىدى، چۈنكى جامىئە ھويلىسىنىڭ  شەرىقى-جەنۇبى بۇرجىكى دەل مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلەتتى، دىمەك دەرۋازىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا مەسچىدنى ئاساس قىلماي، ئادەمنى ئاساس قىلغان ئىدى.(1-رەسىم)
(3) قولايلىق بولۇش. جامىئە ھويلىسىدا چوڭ دەرۋازىدىن باشقا يەنە جەنۇب ۋە شىمال تەرەپكە ئېچىلغان كىچىكرەك ئىككى دەرۋازا بار، بۇ  دەرۋازا يارباغ دەرۋازىسى(شەھەرنىڭ شىمالى دىرۋازىسى)دىن شەھەرگە كىرىدىغانلار، نور بېشى يولى ۋە ئەنجان رەستىدىكى باي تىجارەتچىلەر ۋە سەمەن رايونىدىكى دىھقانلار ئۈچۈن ئېچىلغان ئىدى، ئەگەر بۇ دەرۋازا ئورنىتىلمىسا ئۇلار چوڭ دەرۋازىدىن كىرىش ئۇچۇن يەنە ھېلىقى سېسىق ھاجەتخانىدىن ئۆتۈپ مەسچىدكە كىرىشكە مەجبۇر بولاتتى، ياكى ئىگىز ئېرىق كوچىسىنى ئايلىنىپ جەنۇبىي دەرۋازىدىن ۋە چوڭ دەرۋازىدىن كىرەتتى-دە قولايسىز بولۇپ قالاتتى.
جەنۇبىي دەرۋازا قۇم دەرۋازا (شەھەرنىڭ غەربىي دەرۋازىسى) تەرەپكە ئېچىلغان بولۇپ، توققۇزاق (توققۇز ساك)، ئوغۇزساق(ئوغۇزساك) قاتارلىق جايلاردىكى دىھقانلارغا، ئوستەڭبويى يولىدىكى ھۈنەرۋەن-كاسىپلارغا قولايلىق ياراتقان ئىدى.
چوڭ دەرۋازا بولسا تۆشۈك دەرۋازا(شەھەرنىڭ شەرىقى دەرۋازىسى، ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ شەھەرگە كىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن سېپىلنى تېشىپ ئېچىلغان) تەرەپكە قارىتىپ ئېچىلغان بولۇپ، قورغان(قوغان)، بەشكېرەم قاتارلىق جايلاردىكى دىقانلارغا ئېچىلغاندىن باشقا، قاراقىر دەرۋازىسى(شەھەرنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى)دىن كىرىدىغان يېڭىشەھەر تەرەپتىكى دىھقانلارغا ۋە ئەلچىخانا رايونى مەيدانىدىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەر ۋە شەھەرنىڭ شەرىقى-جەنۇبىدىكى جامائەتكە ئېچىپ بېرىلگەن ئىدى. ئەگەر جامىئە دەرۋازىسى ئۈچ قىلىنماي بىرلا چوڭ دەرۋازىدىن تەڭلا چىقسا، جۈمەدىن يانغان 10 نەچچە مىڭ ئادەم ئارىسىدا ئاسانلا  دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرەتتى.
(4) يەردىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنىش. ھېيتگاھ جامىئەسى مەسچىد بىلەن مەدرىس بىرلەشتۈرۈلگەن جامىئە بولغاچقا، 25.22 مو كۆلەمدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن دەرۋازا قورو تامنىڭ بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. گۈمبەز بىلەن مۇنارنى ئۆز ئىچىگە  ئالغان بۇ دەرۋازا قورو تامنىڭ ئوتتۇرىغا ئۇرۇنلاتۇلسا، تالىپلارنىڭ ياتاقلىرى ۋە دەرسخانىلار چېقىلىپ كېتىپ يەر ئىسراپ بولاتتى. چۈنكى قەشقەردە ئۆي-ئىمارەت سالغۇچىلار تاپانچا شەكلىدە قۇرۇلۇش قىلىپ چەلىك يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئادەتلەنگەن.

2- نېمە ئۈچۈن ئىككى مۇنار سىممېتىرىك ئەمەس؟

مۇنارغا قارىغانلا كىشى ئىككى مۇنارنىڭ بىر-بىرىگە ئۈستىمۇ-ئۈست چۈشمەيدىغانلىقىنى بايقايدۇ، بۇنى بەزىلەر دەرۋازا بىر نامرات تۇل ئايالنىڭ ئۆيىگە توغرا كېلىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ ئۆيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئوڭ تەرەپتىكى مۇنارنى قىسقا، سول تەرەپتىكى مۇنارنى ئۇزۇن قىلىپ لاھىيىلىگەن، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ بىر خاتا ئۇقۇم، خاتا بولىشىدىكى سەۋەپ:
(1)ھەرقانداق بىر تەقۋادار مۇسۇلمان  مەيلى تۇل خوتۇن ياكى يېتىم ئوغۇل بولسۇن، شۇنچە كاتتا مەسچىدنىڭ دەرۋازىسىغا ئۆيى پۇتلىشىپ قالسا ئىككىلەنمەيلا بېرىۋېتىدۇ.
(2) قەشقەردە جۇمە ئۇقۇلمايدىغان كىچىك مەسچىدلەرنىڭمۇ 10 نەچچىدىن ۋەخپە ئۆيلىرى بولىدۇ، بۇ ئۆيلەر ئادەتتە مەسچىد ئەتراپىدىكى ئىگە-چاقىسىز، مىراسخورى يوق كىشىلەرنىڭ سەكرات مەزگىلىدە مەسچىدكە ئاتىۋەتكەن ئۆيلىرى بولۇپ، ئىجارە بېرىش ياكى سېتىش ئارقىلىق مەسچىدنىڭ خىراجىتىگە ئىشلىتىلىدۇ، ھېيتگاھ جامىئەسىدەك كاتتا مەسچىدنىڭ بۇنداق ۋەخپە ئۆيلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ئەلۋەتتە. ئەگەر تۇل ئايال ئۆيىنى چاققىلى ئۇنىمىسا، شارائىتى ياخشى، كۆلىمى چوڭ ئۆيلەردىن بىر يۈرۈش بېرىپلا ئىشنى ھەل قىلسا بولىدۇ.
(3) يۇلۇۋېتىش تەس بولغان ئاشۇ <<مىخ ئۆي>>گە پۇل بېرىدۇ ياكى جامائەت ئېيپلەپ ئۇنى چوقۇم كۆچۈرىۋېتىدۇ.
(4) ئەگەر ئۆي ئىگىسى زادى ئۇنىمىسا، ئىمام-خاتىبلار، يۇرت كاتتىلىرى ئۇنىڭغا چوقۇم خىزمەت ئىشلەپ، كۆچۈشكە مۇقۇل كەلتۈرىدۇ.

U7398P704DT20140120140040.jpg


ھازىرقى دەرۋازا


ئۇنداقتا بۇ قوشماق مۇنار نىمىشقا سىممېتىرىك لاھىيىلەنمەيدۇ؟
ھېيتگاھ جەمەسىدە بىر چوڭ، بىر كىچىك ئىككى كۆل بار، چوڭ كۆلگە تۈمەن دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىن ئېرىق ئېلىپ چىنىباغ مەھەللىسىگە ئەكەلگەن سۇنى شەھەرنىڭ غەربىي-شىمالىي قىسمىدىكى سېپىلدىن ياغاچ نور ئاقىلىق  ئۆتكۈزۈپ، جامىئە ئىچىدىكى چوڭ كۆلگە باشلىغان، ئاندىن چوڭ كۆلدىكى سۇ سوغا(ياغاچ چېلەك) بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى مۇستەھەپخانىغا توشۇلۇپ، يۇيۇنۇشقا ياكى تاھارەت ئېلىشقا ئىشلىتىلگەن، يۇغۇنغانلاردىن ھەق ئېلىنغان. كىچىك كۆلگە يۇيۇنغان ياكى تاھارەت ئېلىنغان سۇ چىقىرىلىپ، جامىئە ھويلىسىدىكى دەل- دەرەخلەرنى سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن. بۇ ئىككى كۆلدە بىر يىلنىڭ ھەرقانداق كۈنىدە لىق سۇ بولىدۇ، سۇ بولمىسا جامائەت تاھارەت ئالالمايدۇ، ئەگەر مۇنارنىڭ ئوڭ تەرىپى سول تەرەپتىكىدەك ئۇزۇن لاھىيىلەنسە، مۇنار كۆلگە يېقىن بولغاچقا زەيلەپ پۈتكۇل دەرۋازا-مۇنارلارنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5779244221823788243_副本.jpg


دەرۋازا يېنىدىكى قازىخانا


3- ئىككى مۇنارنىڭ توم-ئىنچىكىلىكى نىمىشقا ئوخشىمايدۇ؟

نەقمەيداندا مۇنارغا تازا سىنچىلاپ قارىمىغان ئادەم ئوڭ تەرەپتىكى مۇنارنىڭ سېمىز، سول تەرەپتىكى مۇنارنىڭ ئورۇق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ.
1903-يىلدىكى يەر تەۋرەشتە  سول تەرەپتىكى مۇنارنىڭ يېرىمى غۇلاپ چۈشكەن، (شۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە قەشقەردىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ئۆي-ئىمارەت بۇزۇلغان دىيىلگەن، لېكىن ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە زىيان ئەھۋالى ئېنىق ئىستاتىستىكا قىلىنمىغان)، شۇ چاغدا بۇرۇنقى لاھىيە چىرتىيوژى تېپىلمىغاچقا، يەنە بىر مۇنارنىڭ ئاستى-ئۈستىنىڭ دىئامېتىرى، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى ۋە ئىگىزلىكىنى ئۆلچەپلا رېمۇنت قۇرۇلۇشنى باشلىغان، رېمۇنت قىلىشتا تېخنىكىلىق مەسىلە كۆرۈلگەچكە، مۇنارنىڭ ئۇچىنىڭ دىئامېتىرىدا كىچىككىنە خاتالىق پەرقى كېلىپ چىققان.


ئەينى يىللاردىكى ھېيتگاھ مەيدانى


4-پولات، سېمونت قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى بولمىغان شارائىتتا گۈمبەز نېمىشقا شۇنچە پۇختا ياسالغان؟

قەشقەردە دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكىدەك كان بايلىقى مول ئەمەس، ئەمما  ھاك تاش ئىنتايىن مول، پىششىق خىشتا سېلىنغان ئىمارەتلەرنى سېلىشتا ئادەتتە ھاك تاشنى كۆيدۈرۈپ گەجگە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تۇغۇمنىڭ ئېقى بىلەن توزغاق توزۇندىسىنى ئارلاشتۇرسا، ھازىرقى سىمۇنت لايدىن قېلىشمىغۇدەك ماتىرىيال بولىدۇ. شۇڭا ئاۋال گۈمبەزنى ياغاچ بىلەن توقۇپ  چىقىپ، توقۇغان ياغاچنىڭ بىر ئۇچىنى ئۆگزىگە، يەنە بىر ئۇچىنى پەشتاققا مۇقىملاشتۇرىۋەتكەن،  جازىغا بىر-بىرلەپ خىش تىزىپ بىرىكمە لاي بىلەن قاتۇرۇپ، قۇرىغاندىن كېيىن يەنە قاتۇرۇپ، ئاندىن گۈمبەزنىڭ ئىچى-تېشىنى گەج بىلەن سۇۋاپ چىققان، شۇڭا مۇنار ئىنتايىن پۇختا ياسالغان.

5-كوناشەھەر رايونىدىكى باشقا قۇرۇلۇشلار توپا رەڭدە، نىمە ئۈچۈن دەرۋازا ساپ-سېرىق رەڭدە بولىدۇ؟

بۇ  خىش، بىرىكمە لاي، ياغاچ قۇرۇلمىلىق دەرۋازا قۇرۇلۇشى ئەسلى توپا رەڭ(خىش رەڭڭى)دە ئىدى، دەرۋازىنىڭ پىششىق خىشلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.  1983-يىلدىكى ئاتالمىش <<چوڭ رېمۇنت>> قىلىشتا،  خىشنىڭ ئۈستىگە گەجنى سۇۋاپلا رېمۇنتنى تاماملىغان، ھەمدا <<كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدىكەن>> دەپ دەرۋازا تېمىنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرغان  0.5 مېتىر كېلىدىغان گۈمبەز ياغىچىنى ھەرىدەپ، ئۈستىگە گەجنى چاپلاپ قويغان، كېيىن سۇۋاقرلىرى تۆكۈلۈپ، تامنىڭ ئېقى كۆرۈنۈپ قالغان، ئەسلىدە تامنىڭ ئېقى كۆرۈنمەي خىش كۆرۈنسە بولاتتى. 2007-يىلىدىكى ئولىمپىك مەشئېلىنى يەتكۈزۈش مۇناسېۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان رېمۇنت ئىشلىرىدىمۇ ئوخشاشلا گەج سۇۋاق ئىشلىتىلگەن ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم ئىشلەتكەن گەجنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، سۇۋاقلار ھازىرغىچە سويۇلۇپ كەتمىدى.

3366_2551285_236000.jpg

سۇۋاقلىرى سويۇلۇپ كەتكەن دەرۋازا (2006-يىلى)


6-ئوڭ تەرەپ مۇنار يېنىدىكى كىچىك ئۆي دەرۋازىغا تەۋەمۇ؟


ياق، بۇ كىچىك ئۆي 1986-يىلى قەشقەرگە <<تارىخىي مەدەنىيىتى داڭلىق شەھەر>> دەپ نام بېرىلىپ،  جامىئە <<ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىي يادىركالىق ئورنى>> قىلىپ بېكىتىلگەندە ساياھەتچىلەرگە بېلەت سېتىش ئۈچۈن سېلىنغان.


دىمەك، پۈتكۇل دەرۋازا بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىدا سىممېتىرىك شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىلمەي، ئۇنىڭ سترولۇق بولۇشىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلگەن، مەسچىتكە ئەھمىيەت بېرىلمەي، جامائەتكە ئەھمىيەت بېرىلگەن.


مەنبەئە: ھېيتگاھ مەيدانىدىكى مويسىپىتلەرنىڭ بايانى.
(رەڭسىز سۈرەتلەرنىڭ كېلىش مەنبىئى ۋە تارتىلغان ۋاقتى ئېنىق بولمىغاچقا، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە ئامال بولمىدى)

كۈچلۈك ئەسكەرتىش: ئۈندىدار سالونىغا ياكى باشقا تور بەتكە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، مەنبەئەنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ.  








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-4 07:17 PM  


5779244221823788244_副本.jpg
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
matimatika + 59 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
uyghur-猎人 + 68 ماختاشقا تېگىشلىك
alafasy + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 137   باھا خاتىرىسى

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7105
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 06:17:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يازمىكەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەد.

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82816
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3149
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 08:32:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇيغۇرگرف
يازمىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
سوراپ باقسام مۇشۇ گرف دېگەن نېمە مەنىدە؟يەنە بىرسۆزبارغۇ كىنەر دەپ
مەنىسى نىمىكىن.
مەن قەشقەرگە بېرىپ باقمىغان ،بەزى كوچا ناملىرىنى بىلىمەن،بولسا يېزىلىرىنڭ
ناملىرىنى يېزىپ قويسىڭىز.مەن جىڭ ماتىياللارنى ئوقۇدۇم ،بىر ئېغىز قىلىپ ئېيتقاندا قەشقەر نامىنىڭ ئەسلى مەنىسى،ھازىرقى نۇپۇس ئەھۋالى،ئۇيغۇرلارىنڭ
نۇپۇس نىسپىتى،يولداشلار قاچاندىن باشلاپ تۈركۈملەپ كىلىشكە باشلىدى؟
مۇبادا قەشقەر ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە ۋە ساياھەت نوقتىلىرنى كۆزدە تۇتساق
ئەڭ ئاقىلانە بولغان ساياھەت لىنىيىسى قانداق بۇلىدۇ؟
__________________
مۇشۇ قاغىلىق،پوسكام،نىفىتلىك رايۇنلىرى ناملىرىنڭ مەنىسى،نۇپۇسى،تەرەققىياتى جەھەتلەردە بىلسىڭىز سۆزلەپ باقسىڭىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105547
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2014-4-1
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 08:36:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت قېرىندىشىم ،گەرچە ھېتكاغا بېرىپ ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرمەگەن بولساممۇ ،شۇنداق جىق نەرسىلائەرنى بىلىۋالدىم*

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 08:41:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرلىك بولۇش  سۇپتىم بىلەن بۇ تىمىڭىزغا مىڭ تەشەككۇر. بۇ تىمىڭىز يۇرتۇمنى سىغىندۇرۇپ قويدى . ھازىر ئۇرۇمچىدە پىغان ئىچىدە قەشقەرنى ئەسلىمەكتىمەن.

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 09:12:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلىلا بەك ئىزدىنىپسىز قىرىندىشىم. ياراتقان ئىگەم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ھىيتىگاھ جاماسىگە يوشرۇنغان خىلى كۆپ سىرلارنى ئەتراپلىق، چۈشنىشلىك ئىزاھلاپ بىرىپسىز.شۇ بانادا توققۇزاق بىلەن ئوغۇساقنىڭ ئەسلى ئىسمىنىمۇ بىلۋالدىم. سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 09:28:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!ھېيتگاھ جامەسى ھەققىدە خېلى ئىزدىنىپسىز!خېلى كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق!…

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72641
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4073
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-1-5
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 09:56:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلقئارادا ئۇيغۇر نامىنىڭ ئىنگىلىزچە قىسقارتىلمىسى UG ئىدى. UYنېمە مەنا بېرىدۇ بىلەلمىدىم.
گراف سۆزى دەل ۋاسسال بەگ دېگەن مەنىدە، يەنى بىلگىيە كېنەزى دېگەندەك ئاتالغۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 10:00:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى   ياخشى  بىلىملەردىن  خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا     كۆپ  تەشەككۈر  ،   گەرچە  قەشقەرگە   بېرىپ  ھېيتگاھ جەمەسىنى   كۆرۈپ  باقمىغان  بولساممۇ   كۆپ  نەرسىلەرنى    بىلىۋالدىم

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3339
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 976 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 10:07:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسچىتنىمۇ ساياھەت نۇقتىسى قىلغان بامۇ توۋا...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش