|
|
|
|
مېنى" يىغلىما!"دىمىگىن.......
مېنىڭ يىگانە ئاشىقىم،مېنى"يىغلىما!"دىمىگىن.... مەڭزىمنى سۆيۈپ تاراملاپ چۈشىۋاتقان كۆز ياشلىرىم ،مىنىڭ يۈرەك سىرلىرىم...مەن كۆكسۈڭگە باش قويغاندا ياشلىرىم يۈرىكىڭگە سىڭىپ كىرىپ،مىنىڭ پىنھان سىرلىرىمنى ساڭا سۆزلەپ بىرىدۇ.شۇ دەقىقە مەنمۇ كۆز ياشلارغا ئايلىنىپ كەتسەم دەيمەن جېنىم،كۆز ياشلىرىم باغرىڭغا سىڭىپ كەتسە كەتسۇنكى ھەرگىز مەڭزىمدە قېتىپ قالمىسۇن.بىلسەڭ مەڭزىمدىكى ياش ئۇ ھىجراننىڭ دېغى.........
مېنى "يىغلىما!"دىمىگىن.... ياش تۆككىنىمنى كۆرۈشنى خالىمايسەن.بىلىمەن،مىنىڭ كۆزلىرىم ياش تۆكسە سىنىڭ يۈرىكىڭ ياش تۆكىدۇ.ئۇنۇتمىغىنكى ئىچكى ھېسسىياتىم كۆز ياشلىرىم ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
كۆز ياشلىرىم-ئۇ مۇھەببەت ئېقىنى....كۆز ياشلىرىم- ئۇ يۈرىكىمنىڭ پىچىرلاشلىرى...كۆز ياشلىرىم-ئۇ قەلبىمنىڭ ئۈنسىز غەلىيانى...
مېنى "يىغلىما!"دىمىگىن....
يىغلىشىمنى خالىمايسەن جېنىم،لىكىن ئاشۇ كۆز ياشلىرىمنىڭ ئىچىمگە چۈشۈپ كىتىپ يۈرىكىمنى مۇز بۇلۇپ توڭلىتىشدىن ئەنسىرىمەسسەنمۇ؟
مېنى "يىغلىما!"دىمىگىن....
بىلىسەن...ساڭا ئېيتىپ تۈگىتەلمەيدىغان سۆزلىرىم بار.ئەمما شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى ھەر قېتىم سەن بىلەن ئۇچىراشقاندا مەن گاچىغا ئايلىنىمەن.دىمەكچى بولغنالىرىمنى تىلىم بىلەن ئەمەس كۆزۈم بىلەن ساڭا بىلدۈرمەكچى بولىمەن.لىكن كۆزلىرىم سىنىڭ تىكىلپ قاراشلىرىڭغا بەرداشلىق بىرەلمەي يەنىلا باش ئېگىدۇ.مەن يەنىلا ئۈنسىز ھالدا ياش تۆكىمەن.
مېنى "يىغلىما!"دىمىگىن....
بۇ جاھاندا مىنىڭ ساڭا بولغان سۆيگۈمدىنمۇ يېقىملىق كۈينىڭ بولۇشىغا ئىشىنىشكە ئامالسىزمەن جېنىم.....مېنى "يىغلىما!"دىگەن شۇ دەقىقىدە كۆزلىرىمگە قاراپ باقساڭ قارىچقۇمدا مۇقەددەس كۈينىڭ بالقىپ تۇرغىنىنى كۆرىسەن.
مېنى "يىغلىما!"دىمىگىن....
سىنىڭ مەيدانىڭدا تۇرۇپ ئويلاپ،سىنىڭ تۇيغۇڭدا تۇرۇپ ھېس قىلىپ باقمىغىنىم ئۈچۈن شۇنچىلىك پۇشايمانغا قالدىمكىن......قەلبىمدىكى ھەسرەتنى كۆزياشلىرىم بىلەن تازىلىماقچى بولىمەن.
مېنى "يىغلىما!"دىمىگىن....
بىلەمسەن؟سېنى سېغىنغان نازۇك تۇيغۇلىرىم ھامان يىتىمسىرايدۇ.مەن پەقەت سىنىڭ ئىسمىڭنى زىكرى قىلىشتىن،ساڭا يىراقتىن ئىنتىزارلىق بىلەن تەلپۈنۈشتىن باشقىنى قىلالمايمەن.دەل بۇچاغدا مېنىڭ كۆزياشلىرىم ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.ئۇ ماڭا ئەڭ سادىق ،مىنىڭ پىنھان سىرلىرىمنى ھېچكىمگە ئېيتىپ قويمايدۇ،ئۈستۈمدىن كۈلمەيدۇ،ماڭا ئارتۇقچە ئىچ ئاغرىتىپمۇ يۈرمەيدۇ.ئۈنسىز ماڭا ھەمراھ بولىدۇ خالاس.........
مېنى "يىغلىما!"دىمىگىن....
قەلىب بېغىمنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭىلا تاپشۇرغىنىم بىلەن بەخىتلىكمەن.بېغىمدىكى نازۇك چىمەنلەر سۇلاشقاندا مەن ئۇنى كۆز ياشلىرىم بىلەن سۇغىرىمەن جېنىم.
تاڭ سەھەردە باھار چېچەكلىرىنىڭ بەرگىدىكى شەبنەم مىنىڭ كۆز ياشلىرىمدۇر.........
چېچەكلەرنىڭ تۆكۈلگىنىنى كۆرگەندە مىنى ئەسلىگىنىڭ بىلەن بەخىتلىكمەن.......
گۈلمىسال يازمىسى 2014.4.2
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvlmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-4 09:09 AM
|
|
|
|
|
|