|
|
|
|
سېغىندۇق مۇھەممەد,سېغىندۇق سېنى ,
تەۋھىدكە چاقىرغان نىدالىرىڭنى .
دەۋەتنىڭ يولىدا يەتكەن مالامەت ,
مەككىدىن ئايرىلغان ھىجرانلىرىڭنى .
سېغىندۇق مۇھەممەد, سېغندۇق سېنى !
ئەرزىيەت بىرىپتۇ ئەھلى مۇشرىكلار ,
مەسخىرە قىلىپتۇ بەنى ھاشىملار .
قارشىڭدا تىغ تۇتسا جىمى تاغۇتلار ,
تىنىڭگە ئۇرۇپتۇ نىجىس قېلىچلار ,
سېغىندۇق مۇھەممەد, سېغىندۇق سېنى !
ھىدايەت سامادىن چۈشتى ھىراغا ,
مەككىدە ئون يىلىڭ جەبرى - جاپادا ,
يەسرىب ھىجرىتى ئۆتتى ھىجراندا .
ئوھودمۇ مۇپتىلا ئېغىر قازاغا ,
سېغىندۇق مۇھەممەد,سېغىندۇق سېنى !
كەبىدە بېشىڭغا قېرىن ئارتىلغان ,
مەجنۇن دەپ قارشىڭدا سەپلەر تارتىلغان .
ھەتتاكى يۇرتىڭدىن قوغلاپ چىقارغان ,
ھەق يولدا يۈزۈڭگە تىغمۇ سانجىلغان .
سېغىندۇق مۇھەممەد,سېغىندۇق سېنى !
قول بەرمەك شەرەپتۇر بەيئەتلىرىڭگە ,
چۈنكى سەن كۈيۈمچان ئۈممەتلىرىڭگە.
دۈشمەنمۇ قايىلدۇر ھىممەتلىرىڭگە ,
تاڭ قالدى مۇنافىق زىرەكلىكىڭگە .
سېغىندۇق مۇھەممەد,سېغىندۇق سېنى !
تارىخنىڭ بەتلىرى ئەخلاقىڭ بىلەن ,
بىزەلدى قۇرلىرى تەقۋايىڭ بىلەن .
قەدەمدە توسسىمۇ, ساباتىڭ بىلەن ,
تەۋھىدنى تاراتتىڭ ھاياتىڭ بىلەن .
سېغندۇق مۇھەممەد,سېغىندۇق سېنى !
جىمىكى ئۈممەتتىن بۈگۈنكى ئۈممەت ,
بەكرەك سېغىندى بۇ تۈركى مىللەت .
پەيمان قىلىنغاچ سەن يايغان سۈننەت ,
باغرىمىز قان بولدى قاپلىغاچ ئىللەت.
سېغىندۇق مۇھەممەد,سېغىندۇق سېنى !
زەئىفلىكتە باشلىغان ھەق يولنى دەسلەپ,
تۇرسىمۇ قەدەمدە دۈشمەنلەر قەسىتلەپ.
سانىمىز ئاشسىمۇ بۈگۈن ھەسسىلەپ ,
زەئىفلەر ئاتالدۇق زۇلۇمنى ئەسلەپ .
سېغىندۇق مۇھەممەد,سېغىندۇق سېنى !
يېرىم ئارال ئەتراپى بولدى ئوت دېڭىز ,
ھەق يول ئۇ تىكەندۇر ! مسالى - ئېڭىز .
بۇ ئۈممەت نىمە دەربۈگۈن كەلسىڭىز ؟
ئىسلاھمۇ بۇلارمۇ كىلىپ - كەتسىڭىز ؟
سېغىندۇق مۇھەممەد,سېغىندۇق سىزنى!
ئاپتورى:ئاچىل
تەستىقلىغۇچى:ئەبۇغازى
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم.
سىزنى بەك سېغىندۇق يا رەسۇلۇللاھ.
سېغىنىشتىن يۈرىكىمىز
سېغىنىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى.
سىزنى سۆيىمىز. سىزنى سېغىندۇق يا رەسۇلۇللاھ!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-5 03:09 PM
|
|
|
|
|
|