موللام يۇرتتا تۇرامدۇ؟
تالاي قېتىم سۆزلىسە ئۆزگەرمىسە قىياپەت.
ئارامىدا قويمىسا توۋلاپ ھەردەم زىياپەت.
دېيەلمىسە ھەقنىمۇ ئارلاشقاچقا سىياسەت.
ھەقنى ئۇچۇق سۆزلىسە قىلسا«دوستى»خىيانەت.
ئىزدەپ كەڭرى ماكاننى موللام يۇرتتا تۇرامدۇ.
ۋەز نەسىھەت كار قىلماي تۇرسا يەنە بۇزۇقتا
ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ ئۈزۈپ يۈرسە قۇسۇقتا.
قېرىنداشقا مېھىر يوق.يۈرسە چازا توسۇقتا.
كەيىپ ساپا ئىشرەتنى قىلىپ يۈرسە ئۇچۇقتا.
پاسىقلارغا يار بولۇپ موللام يۇرتتا تۇرامدۇ.
بىر چىرايلىق سۆز قىلسا باش كۆتۈرۈپ ئاڭلىماس.
بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇپ ئۆزدىنىنى ياقلىماس.
ئىخلاس بىلەن ئۆزىنى كېسەللەردىن پاكلىماس.
ئەيىپلەنسە پاك دىنى بىر سۆز قېتىپ ئاقلىماس.
ئەل-جامائەت مۇشۇنداق موللام يۇرتتا تۇرامدۇ.
ھەقىقەتنى سۆزلسە ئۇنى قوبۇل ئەتمىسە
پاھىشە ھەم قاۋاقتىن يىراقلىشىپ كەتمىسە
ئىسلامنىڭ چىن سۆزلىرى قەلىبلەرگە يەتمىسە
غەيۋەت بولسا ھەر جايدا سوغۇق سۇنى سەپمىسە.
پاسىقلارغا يار بولۇپ موللام يۇرتتا تۇرامدۇ.
تەكىتلىسە زىكىرنى يامان كۆرسە زىيالى.
غەمكىن يۈرسە ئېچىنىپ دېيىشسە ھەم خىيالى.
تەرغىپ قىلسا ساقالغا نامى بولسا خۇراپى.
دەئۋەت قىلسا ھىجاپقا تىللىسا دەپ ۋاھھابى.
مۇشۇ بولسا ئىززىتى موللام يۇرتتا تۇرامدۇ.
قىلدىن قىيىق ئايرىلسا كۆڭلى ئۇنماس چاقمىسا.
قىلدىن تارتىپ قىرغىچە قىلغان سۆزىن يازمىسا.
كۆڭلى غەشتۇر ئۇلارنىڭ بىرەر قېتىم ئازمىسا.
تىنجىمايدۇ يۈرىكى سۆكۈپ قوشاق قاتمىسا.
مۇناپىقلار دەستىدىن موللام يۇرتتا تۇرامدۇ.
نەشتەر سانجىپ يۈرەككە كۆزىدىن ياش ئېقىتسا
قاپقان قۇرۇپ يولىغا ھەر ماڭغاندا يېقىتسا
غەيۋەت قىلىپ ئارقىدىن ئەل ئارسىدا سېسىتسا
ھەر كېچىسى ئۇخلىماى ئۇنى ئوبدان بېقىشسا
نامەردلەرنى دوست تۇتۇپ موللام يۇرتتا تۇرامدۇ .
ئىمام قىلىپ تىكلىشىپ ئىتائەتنى قىلمىسا
ياخشى ئىشقا چاقىرسا باشنى تارتسا ئۇنمىسا.
توختاڭ دېگەن جايلاردا توختىمىسا تۇرمىسا.
بۇ ھالەتتىن ئېچىنىپ موللام يېشى قۇرمىسا.
تەسەللىنى تاپالماي موللام يۇرتتا تۇرامدۇ .
ئاپتۇرى : تەسەللى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-4 12:25 AM