سان فىرانسىسكوغا كەلدۇق--ئامېرىكا سەپىرى 24- كۈنى ---
ئەتتىگەن فىنىكىستىكى ياتاقتىن چىقىپ ئايرۇپىلان ئىستانسىدا سان فىرانسىسكوغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقتۇق، بۇ كېتىم ھېچقانداق ئاپتاپتىن ساقلاش ياكى تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماي سۈركىمىگەچكە تەكشۈرۈشتىن تېز ئۆتتىم،-ئايروپىلاندا دەل 2 سائەت ئۇچقاندىن كېيىن سان فىراسكوغا كەلدۇق، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى فىنىكىستىنمۇ ياخشى بولۇپ سالقىن ،شاماللىق ئىكەن. چامدانلارنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى بىلەن يەنە مەن ئايرىم بىر ماشىندا پاۋۇل بىلەن مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم، بىزنى كۈتىۋالغىلى چىققان شوپۇر ئايروپىلان ئىستانسى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدا مەخسۇس بىزگە بىر تاكسىي چاقىرىپ بەردى، راس گەپ قىلسام مىيىپلارغا بولغان ئاپتوبۇس ۋە ھەممە مۇلازىمەتلەر نەقەدەر قولايلىق ھەم ياخشى ئىكەنلىكىنى نەچچە كۈن يازساممۇ تولۇق چۈشەندۈرەلمەيمەن...ماۋۇ يەردە تاكسىيغىمۇ مەخسۇس مىيىپلار تاكسىيسى باركەن، بۇ يەنە مېنى ھەيران قالغۇزدى، يۇرتتىكى ۋاقىتلىرىمدا ماشىنام يوق چاغدا تاكسىي توسۇش ئۈچۈن يوللاردا خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ كېتەتتىم، نەچچە قۇرۇق تاكسىي يېنىمغا كېلىپ بولۇپ ھاسىنى كۆرەمدۇ ،ئىشقىلىپ قايسى شەيتان ئازدۇرىدۇ توختىمايلا كېتەتتى...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 A% p9 ]2 X+ r4 M d0 M0 x( d% I! }
نەچچە يامغۇرلاردا قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان، دۇككان سودا سارايلارغا مىيىپلارنىڭ ھارۋا بىلەن كىرەلىشىدىن سۆز ئاچالمايسىز،مەدەنىيەت سەۋىيسى ئۆسكەنسىرى مىيىپلارنى ھەقىقىي ئىنسان ئورنىدا كۆرۈش تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىكەن، دۆلىتىمىزدە بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا 100 تازلىق ئۆيىنىڭ يا بىرى يا ئىككى ، بولمىسا ئۇمۇ يوق، ئىشقىلىپ مىيىپلارنى ئويلاشمايلا سالغان،بۇ يەردە ئاشخانىدىن تارتىپ ياتاققىچە ، كىنوخانىدىن تارتىپ تەنتەربىيە مەيدانلىرىغىچە چوقۇم مىيىپلار مەخسۇس مېڭىش يولى ،مىيىپلار مەخسۇس تازىلىق ئۆيلىرى بار ئىكەن، ھازىرغىچە بىرەر يەردە ئوبۇرنىغا كىرىشتە ئىككىلىنىپ كىرەلەمدىم يوق دەپ ئويلىنىپ باقمىدىم، يۇرتلاردا شارائىتنىڭ ناچارلىقى، كۆپلىگەن ئوبۇرنىلارنىڭ ھۆل پېتى سۇلار شاقىراپ چۈشۈپ تۇرىدىغانلىقى سەۋەبلىك ئاساسەن تازىلىق ئۆيلىرىگە ئالدىراپ قەدەم باسماي ، چوقۇم ئۆيلىرىمىزگە قايتىمىز... ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچقان ۋاقتىمدا تۆت يېرىم سائىتىمنى قانداق ئۆتكۈزۈش بىلەن قىلچە كارى يوق ھاسامنى ئېلىۋىلىپ ئايروپىلاندا ئۆسۈملۈك ئادەمدەك قىلىپ قويغانلىرىنى ئويلىسام ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ، يەنە قانچىلىغان مىيىپلار شۇنداق تەڭسىز مۇئامىللەرگە ئۇچرىغاندۇ؟ خەلىقئارالىق ئايروپىلانلارغا پۇتلاشمىغان ھاسا شىنجاڭ ئايروپىلانىغا پۇتلىشىدۇ... مەيلى خوتەن ، مەيلى قەشقەر ،ئىشقىلىپ ئايروپىلاندا بۇخىل مېھىرسىز مۇئامىلىگە داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىمىز.... مىيىپلار ھەق ھوقۇقلىرى قوغداش جەھەتتە دىڭ شىياۋپىڭ ئەپەندىنىڭ ئوغلى دېڭپۇفاڭ خېلى كۈچەۋاتاتتى، ئەپسۇس شىنجاڭدىكى يىرگىنىشلىك بۇ قائىدىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ۋاقىت چىقىرىپ ئۆمرۈمدە بىرە قېتىم بولسىمۇ چوقۇم مۇشۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ مىيىپلارنىڭ ھەق ھوقوقلىرى توغرىسىدا ئازراق تەكلىبلەرنى بېرىمەن، مەن دۇنيادىن قانداق ئۆتۈپ كەتسەم ، قانچىلىغان جاپالارنى چەكسەم كارايىتى چاغلىق ، ئەپسۇس مەندىن باشقا پۈتۈن ئۆمرى ئۆي ئىچىدىلا ئۆتىدىغان بۇنىڭدىن كېيىنكى تېرىشچان مىيىپلىرىمىز ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مىيىپلىرىنىڭ مەن كۆرگەن كۈننى قايتا كۆرۈۋىرىشىنى خالىمايمەن... بەلكىم باشلىقلارنىڭ مىيىپ باللىرى يوق ، يېنىكلىك بىلەن ئالدىراپلا مەزكۇر قائىدىنى چىقىرىپ قويدى،كۈنلەر بىرىدە ئۇلارمۇ قېرىيدۇ، ھاسىغا چۈشىدۇ، بۇ چاغدا ئۆزىگە ئۆزى جاپا سېلىپ قويىدۇ،،،. بۇ ئىشقا مېنىڭچە يۇقرى تارماقلار چوقۇم كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك... قانۇن بىرقانچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن،تولۇقلانغان بولسىمۇ مىيىپلار توغرىسىدا بۇنداق ناچار قائىدىنى دۆلىتىمىز ئەزەلدىن قانۇنغا كىرگۈزۈپ باقمىغان، ---بۇ يەردىكى تاكسىينىڭمۇ مىيىپلارنىڭ مەخسۇس چىققىلى بولدىغىنى بارلىقىنى كۆرۈپ جىق سۆزلەپ قالدىم...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 \ K: p% F$ i" Q* v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& F( j7 H: ?2 {* U: R
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 ~: A+ v, v$ Q" F' `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) ~8 h4 N3 [# X1 Uبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 t+ H9 U# Q$ O; ~. y- [
سان فىرانسىسكو ھەقىقەتەن گۈزەل جاي ئىكەن، ئەمما يەنىلا قېرىنداشلىق ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان ۋەتەنگە، دىيارىمىزغا نە يېتىدۇ دەيسىلەر، جۈرئەتسىزلىك كىشى تېنىنى زەئىپلەشتۈرىدىغان زەھەرلىك ۋابا ، دادىللىق بۇ كېسەلنى داۋالايدىغان شىپالىق دورا...چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىساڭ ئاددىي ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىل دىگىنىدەك ،مەنمۇ ئەڭ ئاۋال كەسىپ بويىچە تەرەققىي قىلىپ مىيىپلار ئۈچۈن بىرە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرەلىسەم قىلغان ئىشىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولىمەن ،....يولدا كېتىۋاتقاچ پاۋۇلدىن تاكسىي شوپۇرىغىمۇ مۇلازىمەت ھەققى بېرەمدۇ دەپ قايتا سوراپ بۇ ھەقتە يەنە قايتىدىن ئويلىنىپ قالدىم، ئەگەر تاكسىيغا ئۈچ ئادەم چىققان بولسا مۇلازىمەت ھەققىنى سەل كۆپرەك بېرىشى كېرەك ئىكەن، مەسىلەن 40 يۈەنلىك يول دىسەك يەنە بىكاردىنلا مۇلازىمەت ھەققى قوشۇپ 45 يۈەن ئەتراپىدا قىلىپ بېرىدىكەنمىز، مەن پاۋۇلدىن ئەگەر بەرمىسەك بولامدۇ دەپ سوراپ باقتىم، پاۋۇل كۈلۈپ كېتىپ بۇ ئادەتكە ئايلىنىپ بولغان ، بەرمىسەڭ بولىۋىردۇ، ئەمما كۈنلەر بىرىدە سېنىڭ بالاڭمۇ بۇ يەردە ئوقۇيدۇ ئۇ چاغدا ئۇلار قىينىلىپ قالدۇ، بۇلارغا بۇ مەبلەغنى سالغىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزۈڭگە مەبلەغ سالغىنىڭ بولىدۇ دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتى....ھىم دىدىم ئىچىمدە ...ئەجىبا بىز كىيىنكىلەرنى ئويلىمامدىغاندىمىز؟ ئۈرۈمچىدىكى مۇساپىرچىلىقتىكى شۇ كىشىلەرگە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ياردەم قىلالىساق نەقەدەر ياخشى بولار؟ كۈنلەر بىرىدە سىز ياكى مەنمۇ مۇساپىر بولۇپ قالساقچۇ؟بۇ ئىش داۋاملىشىپ ئاخىرىدا شۇ بىر مۇساپىرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئازدۇر كۆپتۇر مەبلەغ بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەسقۇ...بىر يۈەن بىز ئۈچۈن ھېچقانچە كۆپ پۇل ئەمەسقۇ،بىر ئاشخانىدىكى كۈتكۈچى كۈندە 100 كىشىنى بىمالال كۈتەلەيدۇ،ئۇمۇ ئايدا ياخشىراق تەمىناتقا ئېرىشسە ، ئۆز نۆۋىتىدە شۇ بىر يۈەن ئىككى يۈەنلىك قەرزىنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇپ ماڭىدۇ،مۇلازىمەتلەر تېخىمۇ ياخشىلانسا ، شۇ مۇساپىر ھاجەتمەنلەر ئىقتىسادىي ياردەم ئارقىلىق قەلىبلىرى مېھىردىن ئىللىسا.....ۋاھ ،ئۇ چاغدىكى مېھىرلەر...ئىشىنىمەن ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشكىدەك مېھىرلىك خەلق بىز، يەر تەۋرىگەندە قىلغان ئىئانىلەرنى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈپ يىغلاپ تاشلىغان،كېلىۋاتقىنى ئىشتان پايپاق،ئۇن گۈرۈچ ئەمەس، ساپ مېھىر ئىكەنلىكىدىن يىغلىغانمەن... دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى سىياسەتلىرىدە ياشاپ باي كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ يەنە شۇ پېتى تۇرىشى بىزگە باغلىق ئىكەن، جۇڭگودەك نوپوسى كۆپ دۆلەتتە بىر ھۆكۈمەت ھەممە كىشىنى يۇقرى سەۋىيدىكى بايۋەتچى قىلىۋىتەلەمدۇ؟ ئەمما بىز باي كەمبەغەللىك پەرقىنى تۈگىتىشتە دۆلىتىمىز قانۇنى يول قويغان دائىردە قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىلغار مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىىنى نۇسقىلاپ ئىشلەتسەك بەلكىم ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ..---ياتاققا كەلدۇق،ياخشى يېرى يېنىمىزدىلا پاكىستاننىڭ ئاشخانىسى بار ئىكەن، ياتىقىم 33-قەۋەتتە ئىكەن،بۇ يەردىن شەھەر مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولدىكەن...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ o4 F. T0 e# O) d4 a& f9 f- s" l
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( |+ ^% ?8 U9 U) x( F' ~% _6 _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& m# S3 a4 s% }& W; _' {6 hبۇ يەردىمۇ يەنە تەپەككۇرلىرىم پەرۋاز قىلماقتا ..ئېسىڭىزدە بولسۇن كومپىيۇتىرنىڭ قېتىۋىلىشى ئۇنچە قورقۇنۇچلىق ئەمەس،ھەممىدىن قورقۇنۇچلىكى ھۆججەتنى ساقلاپ قويمىغىنىڭىز،بۇ خۇددى تۇرمۇشقا ئوخشايدۇ،مەغلۇبىيەت قورقىنىچلىق ئەمەس،قورقۇنىچلىقى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق تەجرىبە ساۋاقنىڭ يەكۈنلەنمەسلىكىدە... ئىنشائاللاھ، سان فىرانسىسكونىڭ ماڭا ئۆگىتىدىغانلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىشىنى ،سىلەرگە يەتكۈزۈشۈمنىڭ تېخىمۇ مول بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن-- ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم --- سان فىرانسىسكو
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& B" i5 r( g6 y; C6 N9 o' m$ _6 F |