|
|
|
|
يوقالماي كۆپىيىپ بارامدۇ مەزھەپ؟
قاراخان
‹‹مۇسۇلمانلار بىرلىشىڭلار!›› دەپ،
قىلغان ئىدى رەسۇل چاقىرىق.
بىرلىشىش نە كۆپىيىپ مەزھەپ،
باش كۆتەردى ئىسلامدا تەپرىق.
ۋىدالىشىپ ئەمىن بىز بىلەن،
ۋارىس بولدى ئەلگە خەلىپە.
چىقتى دانىش،كۈشەندە دۈشمەن،
خەلىپىلىك بولدى سۇلالە.
مەدىنىلىك دىيىلدى بىرى،
ھەم دىيىلدى بىرى مەككىلىك.
ئۈستۈن كەلدى شەيتان كىبىرى،
يوق مۇھاجىر، ئەنساردا بىرلىك.
دىن بايرىقى ئابباس قولىدا،
لەپىلدىدى بەش ئەسىر مەغرۇر.
لېكىن ‹‹بەگلىك ››ئۇنىڭ ھۇلىغا،
بۇلۇت بولۇپ قۇيدىغۇ يامغۇر.
موغۇل ،تېمۇر،ۋە ئوسمان تۈرك،
ئۆز ئالدىغا تۈزدى ئىمپېرىيە.
دىلدا ھاكىم ھەسەت ۋە خۇدۈك،
دىندا ھاكىم غەپلەت مىلودىيە.
بۆلۈنمىسە ئەگەر خاۋارىج،
شىئە،سۇنئى بولسا تەن پىلەك.
ئۆتمەسمىدۇق دۈنيادىن تېنچ،
كۈلۈپ باقار ئىدى كېلەچەك.
يەھۇدى ۋە ناسارا كەبئى،
دىندا نىزا قىلغان ياخشىمۇ؟
يەتمىش ئىككى مەزھەپتە بەنى،
ئىسرائىللار بولدى پاخشىغۇ؟
يەتمىش ئۈچتىن ئاشىدۇ دىگەن،
ئۈممىتىنى رەسۇل مەزھەپتە.
غېمىمىزنى زادى كىم يىگەن،
تۇرالامسەن بىرلا تەرەپتە؟
سۈنئى مەزھەپ ئىدى كۇپايە،
نەدىن چىقتى شىئە،خاۋارىچ.
ئىگەم بىلەن رەسۇل نىشانە،
كۆرسەتكەنگە يېپىشايلى زىچ!
بىر زاماندا ئاق ،قارا تاغلىق،
قىلدى يورۇق كۆڭۈلنى زاۋال.
بىزگە ئورۇن ،كۆڭۈل تارچىلىق،
قىلسا مۆمىن تاپارمۇ ۋىسال؟
2014-يىلى 3-ئاپېرىل بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-3 02:16 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-7 04:11 PM):
قوشنا تۇرۇپ ئىران ئىراقتىن،
بېسىلمىدى ئون يىل ئىس-تۈتەك.
مىسىر ،ئالجىر ،لىۋان، پەلەستىن،
ئەرەپتە بار قانداقچە ئىستەك؟
|
|
|
|
|
|