مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4539|ئىنكاس: 22

شىخودىكى قارىدۆڭ مەھەللىسى ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7944
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 12:57:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                      شىخودىكى قارىدۆڭ مەھەللىسى ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 Z6 a  A2 s: r& ?# t. c   يۇرتۇم شىخو قەدىمىي دىيارلارنىڭ بىرى . يۇرتۇمدا ئادەمگە تولىمۇ يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدىغان ، يۇرتۇم كىشىلىرى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان مەھەللە ، ۋە كوچا ناملىرى بار . لەڭگەر مەھەللىسى ، سايباغ مەھەللىسى، دۆڭ مەھەللە ، كونا مەھەللە ، چىغلىق كەنتى ، تالىپئاخۇن خەلپىتىم كوچىسى دېگەندەك . ئۇ كوچىلارنىڭ ھەر بىرى ناھايىتى كۆپ تەقدىر - قىسمەتلەرنى ، تالايلىغان يۇرتىمىز ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئوغۇل - قىزلىرىمىزنى ئاپېرىدە قىلىپ بۇ مەھەللە كوچىلارنى بىزگە ئۇلاشتۇرغان . ئۇ كوچىلار تولىمۇ ئاددىيلىقىغا باقمىغان ھالدا بىزنىڭ شەھەرلىشىش ، ئۇچۇرلىشىش ، بىنالىشىش ، روھى قۇرغاقلىشىش خەۋپىدە تېڭىرقاۋاتقان ، شۇنچە ئالدىراشلىق ئىچىدىكى قەلبىمىزگە روھى تەسەللي بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق ، ئەلۋەتتە .     ھەر قېتىم شەھىرىمىزگە يېڭىدىن - يېڭى قويۇلغان مەھەللە ، ئائىلىلىكلەر قورۇسى ناملىرىنى پەرقلەندۈرەلمەي قالغاندا ئەشۇ قەدىمىي مەھەللە ، كوچا ئىسىملىرىمىزدا نەقەدەر پاساھەت ، تېرەن مەزمۇن بارلىقىدىن قەلبىم بىر ئاز تەسەللىي تېپىپ چىرايىمغا تەبەسسۇم يۈگۈرەيتتى . (مەن بۇ يەردە ھەممە مەھەللىلەرنى يازماقچى ئەمەس ، پەقەت لەڭگەر ۋە قارىدۆڭ مەھەللىسى ھەققىدە ئازراق توختالماقچى خالاس . )لەڭگەر مەھەللىسى دېسىلا بارلىق يۇرتىمىز خەلقىنىڭ ئېسىگە دەرھاللا مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ئۆزىدىكى تۇغما سودىگەرچىلىك  ، تەۋەككۈلچىلىك ئېڭى بىلەن تونۇلغان ئاتۇشلۇقلارنىڭ ئۆز ماكانلىرىنىڭ نامىنى يىتتۈرمەي قويغان ، شىخودىكى ئەڭ سەرخىل زىيالىيلار، سودىگەرلەر ،مائارىپچىلار ،دېقانلار ،ھۈنەرۋەنلەر توپلانغان «لەڭگەر مەھەللىسى» نى شەكىللەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىشىدۇ . (بۇ ھەرگىزمۇ باشقا يۇرتلۇقلار يوق، بۇ مەھەللىنى ئاتۇش لەڭگەر ، ئىشتاچى يېزىلىرىدىن كەلگەنلەرلا قۇرغان دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ ، ئەمما ئېتىراپ قىلىش كېرەككى بۇلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ، بۇ يەردە قەدىمدىنلا ئولتۇراقلاشقانلار بار ، زور كۆلەم ، تەسىر نام بەرپا قىلغۇچىلار ئىچىدە ئۇلار كۆپ ، دېمەكچى .)  شىخودا قەشقەردىكى «جانان» كوچىسىنى ئەسلىتىدىغان ( جانان كوچىسىنىڭ دائىرىسى خېلىلا كىچىك ) يەنە بىر چىرايلىق ، جەلپ قىلارلىق «چىنىباغ» مەھەللىسى دەپ ئاتىلىدىغان مەھەللە بار . ( قەشقەردىكى ئۇ كوچا جانان چىنىدەك پاكىز بولغاچقا شۇنداق نام قويۇلغانىكەن .) چوڭلارنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئىلگىرى بۇ مەھەللىنىڭ ئېرىقلىرىدا سۇلار ئېقىپ تۇراتتىكەن ، يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئېگىز ئاقتېرەكلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ سەھەردىلا سۇ سېپىلىپ سۈپۈرۈلۈپ «چىنى» دەك پاكىز تۇتۇلغاچقا شۇنداق چىرايلىق «چىنىباغ» دېگەن ئىسىم قويۇلغانىكەن . ئەمما ھازىر بۇ ناممۇ ئاز تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ . (ئالىم ئىمىن تۇرسۇننىڭ دېيىشىچە چوقۇم يەر ناملىرىنى ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزى بويىچە تەرجىمە قىلىش كېرەك ئىدى. بۇ جەھەتتە «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ ژورنال نامىنى خەنزۇچە «تىيەنشەن » دەپ ئاتىماي «تىئەنئېرتاگې» دەپ قويۇشى ئەينى يىللاردىلا خەلقىمىزنى سۆيۈندۈرگەنىدى .)  ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك شەھىرىمىزدە پۈتكۈل رايونىمىزنىڭ ئىنقىلاب تارىخى ، قان - ياشلىق قايتىلانماس پۇرسەت ، قىسمەتلىرىمىزگە تۇتۇشۇپ كېتىدىغان ، ئۇيغۇرىيە زېمىنىنىڭ تەقدىرىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان ، ئۈچ ۋېلايەت ئىنقىلابىدا ( بۇ ئىنقىلاب  نامدا «ئۈچ ۋېلايەت ئىنقىلابى » دەپ ئاتالسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۈچ ۋېلايەت دائىرىسىدىن ھالقىپ يەكەن ، قەشقەر ، ئاقسۇ، قاراشەھەر ، ئۈرۈمچى ، تۇرپان، قۇمۇل ۋېلايەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ناھىيىلىرىگىچە كېڭىيىپ ، توققۇز ۋېلايەتنىڭ 43 ناھىيىسىدە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئىنقىلاب ئوتلىرى يامرىغان پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىنقىلابى ھەرىكىتى ئىدى .           -سەيدۇللا سەيپۇللايۇف .) شىخو قولدىن كەتسە شىنجاڭ قولدىن كېتىدۇ ، دەپ دۈشمەنلەر بىلەن جان - جەھلى بىلەن ئۇرۇشوپ ، ئۈچ ۋېلايەت ئىنقىلابىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشنىڭ ، قاننىڭ تۆكۈلۈشىگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرىدىغان ، تالاي ئىنقىلاب تارىخ رومانلىرىدا ئىسمى قەيت قىلىنىپ ، 800 يۈزگە يېقىن قېرىندىشىمىز شېھىت بولغان جەڭگە شاھىت بولىدىغان «قارىدۆڭ » مەھەللىسىمۇ بار . ( ئۇرۇش بولغان چېگىشور، چەيپەيزە ، كونا شىخودىكى جەريانلانى يازمىدىم.)    « - ئاخشام قارىدۆڭگە ئىلگىرلەپ كېتىپ بارغاندا ، ئۇنىڭ دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتىۋېلىپ ، ئاپتوماتنى سىزگە تەڭلاۋاتقىنىنى كۆردۈم .  جەڭچىلەرنىڭ بىر قىسمى قارىدۆڭ مەھەللىسى بىلەن شىخو ئارىلىقىدىكى كۆۋرۈككە ئۆمىلەپ ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يۈگۈرۈشتى . كۆۋرۈك ئاستى ھەمشىرە قىزلارنىڭ يارىدارلارنى ئەملەيدىغان تېببىي پونكىتىغا ئايلىنىپ قالدى .  مانا كۆرۈڭ ، ئۈچ كۈندۈز ، تۆت كېچە ئۇرۇش قىلىپ ، جەڭچىلەرنىڭ ئىسسىق قېنى تۆكۈلگەن قاراسۇ - قان دەرياسىغا ئايلانغان . شىخودىكى 3 سوتكىلىق جەڭ غەلبىسى -بىر ئەسىرگە تەڭ غەلبە ، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ، قۇراللىرى خىل ، مۇداپىئەدە تۇرغان دۈشمەننى يېڭىش -تارىختا ئاز كۆرۈلگەن ، ئۇلار شىنجاڭدا پۇت تىرەپ تۇرۇش تەقدىرىنى شىخوغا باغلىغانىدى ، ئەمدى ئومۇرتقىسى ئۇشتۇلدى .        ئىلى دولقۇنلىرى رومانىدىن. »  مېنىڭ قارىدۆڭ كۆۋرۈكىدە ئەتراپقا نەزەر سېلىپ ئويلىغانلىرىم تۈگەيدىغاندەك قىلمايتتى . سۈيى ئاللىقاچان تارتىلىپ كەتكەن ، قويۇق  ئوت -چۆپ ۋە سازلىقتىن ئەسەرمۇ قالماي توپا ئۆرلەپ تۇغان بۇ مەھەللىگە قاراپ ئىلگىرىكى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، شەھىرىمىزدىكى ئەڭ سالقىن ، گۈزەل سەيلىگاھ ، ئارامگاھ بولغانلىقىغا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى . ئەمما بۇ يەر ئەشۇنداق زور ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جاي ئىدى . 2000 - يىللارنىڭ بېشىدا رەھمەتلىك باھادىر جەڭچىمىز ، سۆيۈملۈك ئوغلانىمىز سوپاخۇن سوپۇرۇف چىغلىق كەنتىمىزدىكى  باغدا « قارىدۆڭ مەھەللىسى » شىخودىكى ئەڭ ئۇلۇغ مەھەللە بۇنى ئۇنتۇماڭلار !دەپ سۆزلىگەندە بۇ سۆزلەرنىڭ ۋەزنىنى پەقەتلا دەڭسەپ باقماپتىكەنمەن . مېنىڭمۇ ياشلىقىمنىڭ ئېسىل چاغلىرى شۇ ئۇلۇغ مەھەللىدىكى دوستلىرىم بىلەن ئۆتكەنىدى . ھەر قېتىم چىقسام بىر ئوخشىمىغان مۇرەككەپ تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈپ كېلەتتىم . نېمىشقىدۇر ئۇ مەھەللىگە ئۈمتىلىپلا تۇراتتىم . قارىدۆڭ مەھەللىسى سەندە يېزىشقا ، قېزىشقا تېگىشلىك قىسسە -ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ ، ئۇ يېزىلىدۇ ، ھەم يېزىلىۋاتىدۇ ، ھەم يېزىلغۇسى ، سەن ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ باققانلىقىمدىن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن . مەن يەنە سەن تەرەپكە ماڭدىم ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( S- z# N! k% _6 |; v* [; }8 w    مەنبە : ئۆزۈم .    ئەبەي تارىم .   شەھىرى شىخو .  2014 -يىل 4 -2 -كۈنى .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ]. p" |% a/ i: B+ p1 g0 T+ P

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 10:13:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىخودىكى  مەھەلىلەرنىڭ  نامى  غولجىدىكى  مەھەلىلەرنىڭكىگە نامىغا ئوخشايدىكەن  دىسە .

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 11:29:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قايسى يۇرتلاردىكى ، مەلۇم تارىخى ئارقا كۆرۈنۇشى بار ، ئەركىنلىك جەڭلىرىگە ، شېھىت بولغان ئوغلانلىرىمىزغا شاھىت بولغان، بۇرۇندىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان مەھەلە، كوچا ئىسىملىرىمىزنىڭ ئاتىلىشىدا چوڭ سەكرىگەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ، يەنىلا بۇرۇنقى ئىسملىرى يېقىملىق ئاڭلىنىدىكەن ھەم قايمۇقۇپ قالمايدىكەنمىز. شىخۇدىكى ‹قارىدۆڭ› مەھەلىسىگە ئائىت يېزىلغان ھەم يېزىلماقچى بولغان يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەقەزامىز.

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 641 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 01:02:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىخو دىگەن قەيەردىكى شەھەر ئۇ ؟ بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94841
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 747
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 03:00:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sadakat7224 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-3 01:02 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. n; p: P$ e4 e$ @
شىخو دىگەن قەيەردىكى شەھەر ئۇ ؟ بىلىدىغانلار دەپ بەرسە ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ]4 q. ^. \: q% R2 _شىخو ( قاراسۇ ) تارباغىتاي ۋىلايىتىنىڭ بىر شەھرىغۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aqturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-3 04:56 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ n7 O' R! K- t' q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. v5 u( t; i$ S  k& V' u& n4 f; x

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94841
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 747
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 03:01:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزدىكى بەزى قۇرلار مىنى خىيال قوينىغا غەرىق قىلىۋەتتى ، كۆزۈمگە ياش كەلدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99236
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 523
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 03:40:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بۇ يازما ئەگەر چۈشەنگەن ئادەملەر ئۈچۈن ياخشى يېزىلىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3901
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 447 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 03:49:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخنى ئەسلەتكۈدەك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22945
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6345
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 05:56:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قانچچە  رھسمىنى  قىستۇرۋەتكەن بولسىڭز  بەك ياخشى  بوللا تتىكەن.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 641 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 07:46:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aqturk يوللىغان ۋاقتى  2014-4-3 03:00 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ ]6 H/ a7 q& g' ]- ]$ Gشىخو ( قاراسۇ ) تارباغىتاي ۋىلايىتىنىڭ بىر شەھرىغۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" q1 y7 C' ^  t& F& Z
شىخۇ كۆلى دىگەنمۇ شىخۇ شەھىرىدىكەن ھە.ھېلىقى بىر يۈەنلىك پۇلدىكى رەسىمى بار كۆل ..بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ a6 m9 ?4 M2 I; t6 a: O" n
.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش