|
|
|
|
فىنىكىستا ئۆتكەن ئاخىرقى بىر كۈن -ئامېرىكا سەپىرى -- 23- كۈن --- شۇنداق قىلىپ فىنىكىستىكى يەنە بىر گۈزەل كۈننى كۈتىۋالدۇق... ئەتتىگەندە ھېلىقى ئېلۋالغان تامىقىمنى تاماق ئىسىتىدىغان ئەسۋاب بىلەن ئىسسىتىپ يېۋالدىم.. نېمىشقىكىن بۇ يەردە مىنۇت سىكىنۇتقا ئەھمىيەت بېرىدىكەن،شۇڭلاشقا مەنمۇ ئادەتتە دىيىشكەن ۋاقىتتىن 2-3 مىنۇت بالدۇر چىقىشقا ئادەتلىنىپ كەتتىم، يۇرتىمىزدا ۋاقىت كۆزقارىشى ھەقىقەتەن تۆۋەن، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ مىسرانىم 7 يىللىق پائالىيتىدىمۇ پائالىيەتنى نەق 11:30 دا باشلايمەن دەپ 12 دە مېھماننىڭ ئاخىرى كەپ بولۇپ ،باشلاش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى..يەنە بىر قېتىملىق پائالىيەتتە 4:ش50 دەپ 6 بىلەن باشلىغىنى يادىمدا ... بىز بۇ ھەقتە چوقۇم ئويلىنىپ ۋاقىتنى توغرا ۋە ئېنىق ئورۇنلاشتۇرىشىمىز لازىم.. ھەممە كىشىنىڭ ئۆز يولى بار،ھەممە ئادەمنىڭ يولى ئۆزىگە توغرا،ھازىر دۇنيادا 5 مىليارت نوپۇس بار دىسەك ، 5 مىليارت يول بار دىگەن گەپ،كىشىلەرنىڭ بەخىتسىزلىكى شۇكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭغۇسى كەلمەي، دائىم باشقىلارنىڭ يولىدا مېڭىشنى ئويلايدۇ.. شۇڭا ھەممە ئىشنى ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز زۆرۈر ،。...مەخسۇس ئاجرىتىلغان ماشىنا ئىككى بولۇپ ، بىرى مەخسۇس مېنىڭ چىقىپ چۈشۈشىمنى ئويلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان ماشىنا...ھەممە يەردە ماڭا ئازراقلا ياردەم قىلغانلارغا مەنمۇ ئۆز كۆڭلۈمنى ماددى بويۇم ياكى پۇل بىلەن ئىپادىلەپ كېلىۋاتىمەن، بۈگۈنمۇ شوپۇرغا دوپپىدىن بىرنى سوۋغا قىلدىم، شوپۇر ياقتۇرغىننى ئېيتىپ دوپپىنى ئېلىپ قالغان .ماشىنىغا چىقىپ بولغان شوپۇر ئۆزلىكىدىن ماشىندىن چۈشۈپ دوپپىنى ئېلىپ كەتتى، نېمىش قىلدىغاندۇ دەپ ماشىنا كەينى دېرىزىسىدىن قاراپ تۇرسام يەنە ماشىنا شوپۇرىغا خېوشال ھالدا ماختىنىپ تۇرۇپ دوپپىنى كۆز كۆز قىلغىلى تۇردى،،،
دوپپىدىن ئىبارەت بۇ سوۋغات ئامېرىكىلىقنى ئاساسان رازى قىلىپ ، خۇش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ... بىرە سائەتلەرچە ماڭغاندىن كېيىن سۇمرۇغ تېلۋىزىيسى 11- قانىلىنى زىيارەت قىلدۇق، بۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى پەقەت مۇخبىرلا ئەمەس،ئوپىراتور،سىنارىستلار ئىكەن،..،تېلۋىزىيە ئىستانسا باشلىقى پىروگرامما ئىشلەيدىكەن...
ئۇلارنىڭ تەكىتلەۋاتقىنى، ھازىر كىشىلەرنىڭ كىنو -فىلىم كۆرگىدەك ۋاقتى يوق،قۇرۇق نەزىرىيە تۈسى ئالغان پروگراممىلارنى تېخىمۇ كۆرمەيدۇ،شۇڭا بىز ئىزچىل تېرىشىپ بىر پارچە رەسىم ، بىر نەچچە مىنۇتلۇق سۈرەتلىك فىلىم بىلەن مەقسەتنى ئىپادىلەشكە تېرىشتۇق...شۇڭىلاشقا بۇ يەردىكىلەر بىزنىڭ قانالنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىدۇ ...ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق نىشانىمىز ، تېلۋىزوردىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ياشلىرىمىزنىڭ قىزىقىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىش ،يەنى ياشلار كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان فىيىسبوك، تىۋىتتىر،ئىنىستگىرام،قاتارلىق جايلاردا مەخسۇس تەشۋىق قىلىش ، تەۋسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز... بۇ ئارقىلىق كومپىيۇتىردىلا فىلىملىرىمىزنى ياقتۇرۇپ كۆرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق..ئويلاپ قالدىم، بىزنىڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىدىكى خادىملارمۇ ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە ، بىلوگلارغا چىقىپ خەلق بىلەن ھەقىقىي سىرداشسا بىرەر بېلەت تاشلاشلار ياكى بىرە پروگراممىنى ئىشلەشتە خەلىققە يېقىن بولغانلىكى ئۈچۈن چوقۇم ئۇتۇپ چىقاتتى...ئەپسۇس بىزنىڭ زىيالىي يازغۇچىلىرىمىز، پىسخكا مۇئەللىملىرىمىز شۇ ۋەكلىك رايوندىكى چەكلىك كىشىلەرگىلا مۇلازىمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلاردا قانداقتۇر ئومومىي خەلق ئىدددىيسىنى چۈشنىش ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي دەردىگە دەرمان بولۇشلار كەمچىل، بىز بۇ ھەقتە چوقۇم بۇخىل ئوتتۇردىكى توساقنى ئېلىپ تاشلىشىمىز كېرەك، .... ئۇلارغىمۇ يەنە ئاخىرقى بىر نەچچىتال دوپپىنى سوۋغا قىلدىم، چەتئەللىكتە سوۋغاتنى ۋاقتىدا ئېچىپ ، شۇ يەردىلا سىناپ كۆرۈش ئادىتى بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن...
ئەمما بىزنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى قائىدىلىرىمىز ئىنتايىن بىرخىل ئەدەبنىڭ قائىدىسىدە...بۇخىل قائىدىنى مەن شەخسەن ئۆزگەرتىشنى خالىمايمەن، ئۇيغۇرلاردا بۇخىل ئالدىدىلا سوۋغاتلارنى ئېچىشنى ئەدەپسىزلىك دەپ بىلىدىغان قائىدە ئاخىرىدا سوۋغات بەرگۈچىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلىق بولۇپ ئىپادىلنىدۇ...ئۇنىڭدىن كېيىن يانە بىر ئالاھىدىرەك گ ۇرۇپپىغا باردۇق،رەسىمدىكىسى ئۇ يەرنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ،بۇلارنى ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشلىرى ، سايلامغا قاتنشقان ئىككى كىشىنىڭ ياخشى پائالىيەتلىرىنى ، ئىش ھەرىكەت ، سۆزلىرىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ شۇلارنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىغا ئاساسىي رول ئويناش ئىكەن..نەق بۇلار ھازىر فىنىكىس شىتاتىنىڭ باشلىقى بولۇشقا نامزات بولۇپ قاتناشقان كىشى ئۈچۈن بىر قاتار ئەمەلىي ئىشلارنى قىلغىلى تۇرۇپتۇ ..ئۇلار ئاۋال شۇ كىشىنىڭ بارلىق شەخسىي بىلوگ،مىكرو بىلوگلىرىنى قولىغا ئېلىپ مەخسۇس ئۇ كىشىگە كۈندىلىك قىلىدىغان ئشلارنى ﻻئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىكەن..نامزات بولۇپ قاتناشقانلار كۈندە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ نۇرغۇن كىشىنىك قوللىشىغا ئېرىشىدىكەن،ئادەتتە بۇخىل كەسىپ ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا بىر مىليون دوللار چىقىم قىلىدىكەن، بۇلارنىڭ بىرقانچە قېتىملىق سايلىنىشتىكى ئۆزلىرى كۈچىگەن نامزاتلار ئىزچىل كۆزلىگەن نىشان ۋە مەقسىتىگە يېتىپتۇ..بۇ خىل ئۇسۇل قانداقتۇر كۆز بويامچىلق بولماستىن ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قانداق ئاشقارىلاشنى بىلمىگەنلەر ئۈچۈن مەخسۇس يول كۆرسىتىپ شۇ كىشىنىڭ خەلق ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغان تەرپىنى تولۇق يورۇتۇپ بېرىش بولىدىكەن...
نۇرغۇن جايلاردا پارا بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىش بىجىرسە ئەمما بۇلار بۇخىل ئۇسۇل بىلەن ئەمەلىي ئىشلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىكەن..ئاخىردا ئۇلارنىڭ مەسئۇلى ئۆزىچىلا مەن بىلەن رەسىمگە چۈشۋالسام بولامدۇ دەپ رەسىمگە چۈشتۇق...ئۇنىڭ تەرجىمانغا دىيشىچە مېنىڭ مۇشۇ ھالىتىمدە مۇشۇ يەرگە كېلىپ كەسىپ ئۈچۈن تېرىشىۋاتقىنىمغا ،مۇشۇ ھەقتىكى تېرىشچانلىقىمغا قايىل بوپتۇ....ئۇ يەردىن قايتىپ ياتاققا بېرىپ ئازراق بار ۋاقتىمىزدا سودىلىق قىلىش ئۈچۈن مەن ئىككى يولداش بىلەن بىرگە سودا سارايغا ماڭدىم، قايتىدىغان چېغىمىزدا تاكسىي شوپۇرىنىڭ گەپلىرىنى ھەركىتىدىن بىلدەمدە ، پاسپورتىڭنى ئالدىڭمۇ؟ئەگەر يۈتۈپ كەتسە ئامېرىكىدىن كېتەلمەيسەن ، دىققەت قىل دىگەنلەرنى ھەركەت ۋە سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىدى، گېپىنى چۈشىنەلىگىنىمدىن خوشاللىقىمدا ماشىنا كەينىدىكى ئىككىسىگە ئۇيغۇرچە سۆزلەپ كېتىپتىمەن. قاراڭلار ، شوپۇر. مۇنداق دەيدۇ دەپ توختىماي ئىككى مىنۇت گەپنى ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپ دېۋىتىپتىمەن..ئاڭلاپ بولۇپ ئەڭ ئاخىردا سەن نېمە دىدىڭ؟ قايسى تىلدا سۆزلىدىڭ دېگىنىدىلا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزﻻلەۋاتقىنىم ئېسىمگە كەلدى..قىززىق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇدە--ئۇيغۇر بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلىشىپ باقمىغىلى نەچچە ئون كۈن بوپ كەتكەنلىكتىن سېغىنغان بولسام كېرەك...تولا گەپلەرنى تۇرۇپلا ئۇيغۇرچە قىلىپ سالدىغان بولۇپ قالدىم....ئاخىرىدا كەچلىك تاماققا يەنە بىر ئامېرىكىلىق مۇشۇ شەھەرلىكنىڭ ئۆيىدە تاماق يىگەچ (ئەۋەتتە مۇسۇلمانچە)پاراڭلىشىپ بۈگۈننى تۈگەتتۇق...ئۇنى دىدۇق ، بۇنى دىدۇق، ئۇيغۇرنىڭ غىزالىنىش ئادىتىگە ھېچ يەرنىڭ يەتمەيدىكەن جۇمۇ...دۇئالار بىلەن تاماقنى باشلاپ ،دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ......ئامېرىكىلىقنىڭ مەدەنىيەتلىرى ۋە جۇڭگو مەدەنىيتى، شىنجاڭنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلىرى ئۈستىدە قانغۇدەكن پاراڭلاشتۇق...بىر ئاتوم ئىنىرگىيسى ئالىمى ئاتوم فىزىكىسىنى تەتقىق قىلۋاتقاندا زىيالىي ئەمەس پەقەت يادرو قوراللىرىغا قارشى تۇرۇش خېتىگە ئىمزا قويغاندىلا ھەقىقىي زىيالى بولغىنىدەك مەنمۇ مۇسۇلمان دەپ مۇسۇلمانلىق ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلمىسام بولماس،شۇڭىلاشقا يەنە شۇ بېلىق ۋە سەي كۆكتاتتىن باشقا نەرسىگە ئېغىز تەگمىدىم... شۇنداق قىلىپ مول مەزمۇنلۇق بۈگۈنكى زىيارەتلەرمۇ ئاخىرلىشىپ ياتاققا قايتتۇق...ھاياتلىق ھەرگىزمۇ بىر قېتىملىقلا مەۋسۇملۈك ئىمتاھان ئەمەس، ھەركۈنى داۋام قىلىدىغان تۇيۇقسىز سىناق...يەنە قانداق ئىمتاھانلار مېنى كۈتۈن تۇرىدۇ،ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ...ئاللاھقا ئامانەت --- كىيىنكى كۈنلۈك يازمامدا كۆرشىلى---!
|
|
|
|
|
|