مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3569|ئىنكاس: 18

رادارغا چۈشمەس ئايرۇپىلانلار ۋە كەمەك ھەييارنىڭ يېڭى ھىلىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەپەككۇرسىز ھاي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5567
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 11:07:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رادارغا چۈشمەس ئايرۇپىلانلار ۋە كەمەك ھەييارنىڭ يېڭى ھىلىسى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 H- M. s. }4 ~; Z/ Y0 B(ئەدەبىي خاتىرىلەر)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( C. B3 e: I4 K3 C- j
‹‹-نىمە بولساڭ بولغىنكى، يا ئەسلى قىياپىتىڭ بىلەن كۆرۈن، يا كۆرۈگىنىڭدەك بولغىن!!!››    ( مۇقەددەس يۈز يىل ›› فىلىمىدىنبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 ?9 T' v5 O$ l7 d5 f- P6 P
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 X6 p" B: }% V1 d
ئەيساجان تۇردى ئاچچىقبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 O9 l5 {( }1 S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 z7 X6 u7 N* |6 a0 h1 t: P: ~
مۇقەددىمە: كۈزەتكۈچى ھەم كۈزىتىلگۈچى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: l) b/ R) u; Z9 J9 jبىر چاغلاردا بىز مەكتەپ ھويلىسىدىكى سايىلەردە، مەش چۆرىسىدە بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ قىلىشىدىغان گەپلەر تۈگەپ كەتكۈچە پاراڭلىشاتتۇق.  مەھەللىدىكى كىشىلەر بىرەر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى تام ئۆرىسە قىلىۋاتقان ئىشىنى توختۇتۇپ قويۇپ  كەچكىچە ئاشۇ ماشىنىنىڭ ھەركىتىنى تاماشا قىلاتتى. نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشى، غەيرىي رىقابەتلەرنىڭ كۈچىيىشى، كومپىيوتېرنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ بايلىق ھەم ئەيش- ئىشرەتكە سەۋدا بولىشى قاتارلىق سەۋەپلەردىنمۇ قانداق بىز ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق سۈرئىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى تېزلىشىپ كەتتى. بەزىدە سىز ئۆزىڭىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالىسىز ھەتتا مۇشۇ تاپتا نىمە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ،نېمە ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىڭىزنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيسىز. بىر تۇرۇپ قارىسىڭىز ھەممە ئادەم دوستىڭىزدەك، بىر تۇرۇپ قارىسىڭىز بۇ دۇنيادا بىرەرمۇ تونۇشىڭىز يوقتەك غېرىبلىققا چۆمۈلىسىز. ئۆزىڭىزچە ئەڭ بۇرۇن ئاڭلىدىم دىگەن خەۋەرلىرىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاڭلىغۇچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى قۇبۇل قىلماسلىققا ئامال تاپالمايسىز. مەخسۇس پىلانلاپ ئەڭ خۇپىيانە قىلغان ئىشلىرىڭىزنىمۇ باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ ئەندىكىپ كېتىسىز. ھەر قانداق رەزىللىك، مېھرىبانلىقنى ئۆزىگە مۇقەددىمە قىلغانلىقىنى تولىمۇ كېچىكىپ ھېس قىلىسىز. بىر شەيئىنىڭ تەرەققىياتى يەنە بىر شەيئىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆزىگە شوتا قىلغان بولىدۇ. سىز بۈگۈن تاشلىۋەتكەن كونا چاپان ئەتە موزىيخانىلارغا قويۇلۇشى ياكى كىم ئارتۇق بازىرىدا سېتىلىشى مۈمكىن. بەزىدە ئېرىشكەن نەرسىلىرىڭىز سىز ئەسلىدە ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنىڭ دەل ئەكسى بولۇپ چىقىدۇ. سىزدىكى ئۈمىدسىزلىك دەل شۇ يەردىن باشلىنىدۇ. بارا- بارا سىزدە ‹‹باشقىلارنى ئۇلۇغ، ئۆزىڭىزنى پەس چاغلايدىغان پىسخىكا ››  شەكىللىنىپ قالىدۇ. باشقلارنىڭ سىزگە بىرەر قېتىم كۈلۈمسىرەپ قويۇشى ۋە بىرەر جۈملە ھېكمەت سوۋغا قىلىشى ئالاھىدا تۇيۇلۇپ قالىدۇ. دوستلىرىڭىزنىڭ سىزنىڭ قىسمىتىڭىز ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرىغىمۇ ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدۇ. ياتلىشىش ۋە يىمىرلىشنىڭ چېچەكلىشى شۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ جاھان ئاجايىپ لاھىيەلەنگەن. كۈزىتىش ئىقتىدارىڭىز يېتەرلىك بولسا دەرىزىدىن چۈشۈۋاتقان ھەر بىر تال نۇردىن مىڭ ھېكمەت ئەۋەتىلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيسىز . ھەر قانچە ئىگىز چوققىلارغىمۇ بۈركۈتلەر قونالايدۇ. ھەر قانداق بۈركۈتنىڭ قانىتى ھامان قايرىلىدۇ، پەيلىرى ھامان توزۇيدۇ. ئۆلۈم بولغاچقىلا بىز ياشاشقا شۇ قەدەر قىزىقىمىز. ھاياتلىق سەھنىسىدە ھىچكىمنىڭ قوشۇمچە رول ئالغۇسى يوق.ھەر قانداق يالغان گەپلەرمۇ مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىزمۇ بار ئامال بىلەن ئۆزىڭىزنى ئىپادىلەشكە تىرىشىسىز، ئۆزىڭىز ھەققىدە ئېلان ئىشلەيسىز، يۈز- كۆزىڭىز گىرىمسىز قالسا گىرىمچىلارنىڭ بازىرى كاساتلىشىدۇ. سىز تۈرلۈك فورمىلارنى ياراشسىمۇ كېيىسىز، ياراشمىسىمۇ كىيىسىز. بەزى سۆزلەرنى خالىسىڭىزمۇ دەيسىز، خالىمىسىڭىزمۇ دەيسىز. بەزى تاماقلارنىچۇ تېخى،  چوكىنى قولىڭىزدا بومبا تۇتقاندەك ئەندىشە ئىچىدە يەيسىز، سىز ئاڭلىغان بەزى گەپلەرنى ئەڭ يېقىن دوسلىرىڭىزغىمۇ ئېيتىپ بېرىشتىن ئەنسىرەيسىز... بارا- بارا چېھرىڭىزگە دۇنياۋى يېزىقتا خەتلەر يېزىلىشقا باشلايدۇ، كۆزىڭىز سۆز قىلىشقا كىرىشىدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىڭىزنى سېغىنىشقا باشلايسىز... ھاياتلىق شۇنداق داۋام قىلىدۇ. بەزىدە ھاجەتخانىلارنىمۇ تاپالماي ئامالسىز قالىسىز. ئاشۇ ئامالسىزلىق سىزگە جاسارەت بېغىشلايدۇ. ئاخىرى سىز مېڭىۋاتقان بۇ يول بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە بارغىلى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ پەقەت ئۆزىڭىزگىلا ئوخشايدىغانلىقىڭىزنى بايقاپ قالىسىز. باشقىلارنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن رادارنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى قارار قىلىسىز شۇنداقلا باشقىلارنىڭ رادار سېسىتمىسىنى بۇزۇۋېتىش خىيالىغا كېلىسىز. ھازىر ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە باشقىلارنى گۈزۈتىۋاتقان رادار سېستىمىسى بار. ماھىيەتتە سىز ھەم كۈزەتكۈچى ھەم كۈزىتىلگۈچى. بەزى ئادەملەر سىزنىڭ رادارىڭىزغا چۈشمەيدۇ. ئۇ بەلكىم سىزگە نىسبەتەن پاراسەتلىك بولسا كېرەك. بۇ ھايات ئەڭ ھېيلىگەر تۈلكىگە ئوخشىسا، ئەجەل بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا ئوۋچىدۇر. چۆچەكلىرىمىزدىكى تەڭداشسىز ھىيلىگەر ئىرانلىق قارا كۆڭۈل  كەمەك ھەييار، ئاخىرقى ھىساپتا تەكلىماكانلىق ئاق كۆڭۈل مۇختەر ھەييار  تەرىپىدىن شەرمەندە بولدى ؟! ئۇلارنىڭ قولىدىكى ‹‹كىتابى جادو ›› لار دەل بۈگۈنكى كۈندىكى رادارنىڭ ئىختىرا قىلىنىشىغا ئىلھام بەرگەن بولىشى مۈمكىن. بىز ئۆزىمىزنى ئىزدەش سەپىرىمىزدە  يەنە ساناقسىز ھەييارلارنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرايمىز...  كىمدۇ- كىم مائارىپتىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەرگە تۇلۇق ئېرىشىدىكەن، چوقۇمكى بارلىق ھىيلە- نەيرەڭلەرنىڭ ۋە سىرلىق تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى تاپالايدۇ ھەم ئالدانمايدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 P, }) A* y2 @/ P7 g) o& Pمائارىپنىڭ قۇدرىتى ۋە نۇسرىتى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ J5 n/ I% h. y0 F5 c8 |# a ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىغا زېرىكمەي نەزەر تاشلايدىغان بولساق، مائارىپنىڭ ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىمىز، دېمىسىمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ ! مائارىپ ئادەمنى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرۈپ، ھەقىقىي ئادەم بولۇشقا مۇيەسسەر قىلدى. ھەۋۋا ئانىنىڭ جىددىي پەيتتە ھېلىقى يېرىنى ئەنجۈر يۇپۇرماقلىرى بىلەن توسۇۋىلىشى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ باشلىنىش سىزىقى. ئىنسانلار مائارىپ ئارقىلىق مەدەنىيەتكە ئېرىشكەنسىرى شۇنچە قۇدرەتلىك بولۇپ، تەبىئەت ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە يۈزلەندى ھەم ئۆزىدىكى ماددىي ئېچىرقاش ۋە مەنىۋى چاڭقاشلارنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئۆزىنىڭ مائارىپىنى ئۆزىنىڭ قولىدا مەھكەم تۇتۇپ، مەردلەرچە مەبلەغ سالغانلار ئارىسىدىن يىتىشىپ چىققان ‹‹بىلىم زومىگەرلىرى ›› يىمىرىلمەس مەۋجۇتلۇق ئېنىرگىيەسى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆز قەۋمىنى دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلاندۇردى. ئۇلارنىڭ ئايرۇپىلانلىرى ئەڭ ئېگىز ئۇچۇشقا مۇۋەپپەق بولۇپ، باشقىلارنىڭ رادار سېسىتمىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. بۇ كۆزىمىزنى يۇمۇۋالساقمۇ بىزنى نۇقۇيدىغان رىئاللىق. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# G" R& S3 I1 u1 j
بايلىق ئەنە شۇنداق كۈچلۈكلەر تەرەپكە قاراپ شاقىراپ ئاقماقتا، ھەقىقەت كۈچلۈكلەرنىڭ قولىدا، ئاجىزلارنىڭ دىلىدا ناز- كەرەشمە قىلماقتا. كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە ئۆزى خالىغانچە تارىخ يازماقتا. ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە. يەھۇدىيلار نېمە ئۈچۈن سانىنىڭ         شۈنچە ئازلىقىغا قارىماي، دۇنيادىكى ئەڭ گىگانت، ئەڭ باي مىللەت بولۇپ قالدى؟ ! 370 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىرلىق تېررىتورىيەگە ئىگە ئارال دۆلىتى ياپونىيە، 1 مىليون 600 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىنغا ئىگە شىنجاڭدىن كۆپ كىچىك، ئەمما ياپونىيەنىڭ بېقىشىغا تېگىشلىك 120 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسىنى، شىنجاڭنىڭ ئاران 25 مىليون نۇپۇسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاسمان– زېمىن پەرق بار. يەنە كېلىپ شىنجاڭنىڭ تەبىئى بايلىقى ياپونىيەنىڭ تەبىئى بايلىقىغا سېلىشتۇغاندا نەچچە يۈز ھەسسە كېلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ياپونلۇقلار شىنجاڭلىقلاردىن نەچچە ھەسسە باي؟ ! چۈنكى شىنجاڭلىقلار بىلەن ياپونلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ قۇۋۋەت دورىسى بولغان مائارىپقا بولغان كۆز قارىشىنىڭ، ئىنتىلىشنىڭ ۋە سالغان سېلىنمىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن ئەمەسمۇ؟! ئەگەر كەتمەن چاپقانغىلا باي بولۇشقا توغرا كەلسە بىزنىڭ دېھقانلار دۇنيادىكى ئەڭ بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتى. بۈگۈنكى بازاردا قولىدا كەتمەن كۆتۈرۋالغانلارغا ۋە تىنىمىسىز ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ يۈرگەنلەرنىڭ نىسىۋىسنى يوق دىگىلى بولمىسىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس. بىزدە ئېتىزلىقلاردا ئىشلەيدىغانلاردىن تەجرىبەخانىلاردا ئىشلەيدىغانلارنىڭ؛ قولىدا كەتمەن كۆتۈرۋالغانلاردىن، قولىدا كىتاپ كۆتۈرۋالغانلارنىڭ؛ تىنىمسىز ناخشا توۋلايدىغانلاردىن، ئىلىم سورۇنلىرىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلارنىڭ؛ تىنىمسىز ئۇسسۇل ئوينايدىغانلاردىن، تەنتەربىيە كۇلۇپلىرىدا مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى ئاشىدىكەن... مائارىپتىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەرگە ئېرىشەلەيمىز، خىيالى ئىنتىلىشلىرىمىزنىڭ مەنزىلگاھى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئارلىقى قىسقىرايدۇ، سىرلىق نۇسرەت قەلئەسى بىز بىلەن دىدارلىشىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 [( C* I% I( [" g
مائارىپىمىزدىكى تەنقىد ئېڭى ۋە قۇۋۋەت دورىسىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% r1 f5 Q" ?8 p, V7 u& _
بىزدە مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى بار، بىراق مەخسۇس مائارىپ تەنقىدچىلىرى يوق دىيەرلىك. دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ مائارىپىدا مائارىپ تەنقىدچىلىرى ئەڭ ئەتىۋارلانماقتا. تەنقىت بولمايدىكەن مائارىپىمىزدىكى ‹‹كېسەللىك ›› ئېنىقلانمايدۇ. ھەممە ئىش بىر بۆلۈك باشقۇرغۇچىلارنىڭ ‹‹بولىدۇ، بولمايدۇ، توغرا، خاتا ›› دىگەندەك ئاددى ھەم كەسكىن سۆزلىرىنىڭ قۇماندانلىقىدا پارتىزانچىسىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. خاتالىقنى سۈرۈشتە قىلىش ‹‹ئېغىر گۇناھ ›› ھىساپلانغاچقا ھىچكىم ھىچنىمە دىمەسلىك ھەققىدە قەسەم ئىچىشىدۇ. بھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ قۇرۇق ماختاش، قۇرۇق مەدھىيە ئوقۇش ئادەتكە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خېلى سەۋىيەلىك، سەگەك رەھبەرلەرمۇ بىلىپ- بىلمەي ‹‹ماختىنىش كېسەللىگى ›› گە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى سەزمەي قېلىشىدۇ. مەكتەپلىرىمىزدە تەكشۈرۈش ۋە باھالاش كۆپ بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بەزى چاغلاردا يۇقىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ‹‹تازىلىقىڭلار ياخشى بولۇپتۇ، ئارخىپىڭلاردا مەسىلە يوق، بالىلارنىڭ كىيىنىشى رەتلىك ئىكەن...›› دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ قويسا، بولدى، مەكتەپتىكى بارلىق جانلىقلار بۇ سۆزنى يىل ئاخىرغىچە ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەي كۆشەيمىز. بىرەر ۋاراق ئارخىپتىن ياكى بىرەر بۇلۇڭ- پۇشقاقنىڭ تازىلىقىدىن مەسىلە بايقىلىپ قالدىمۇ ھەممە خىزمەتنى قايتىدىن ئىشلەيدىغان گەپ. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئېغىر روھى كېسەل چىرمايدۇ. ‹‹تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ›› ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ئەڭ كۆپ تەكرارلايدىغان سۆز بولۇپ قالدى. ئەسلىدە تەنقىتنى قانداق قوبۇل قىلىشمۇ مۇھىم مەسىلە. فىنلاندىيە مائارىپىدىكى باھالاشلاردا ئەڭ كۆپ تەكرارلىنىدىغان سۆز ‹‹ سىلەرنىڭ مەكتىپىڭلارنىڭ قانداق ئۆزگىچىلىگى (خاسلىق ) بار. بىزدىكى ئاجىزلىقلارنى تېخىمۇ تەپسىلى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار خوشال بولغان بولاتتۇق ›› دىگەن ئىككى جۈملە ئىكەن. مەكتەپ مۇدىرلىرى مەكتىپىدىكى ئاجىزلىقلارنى بايقىۋالسا شۇ قەدەر خوشال بولۇپ كېتىدىكەن. شۇڭا ب د ت نىڭ 2010-يىللىق باھالىشىدا فىنلاندىيە مائارىپى دۇنيا بويىچە ئەڭ سۈپەتلىك مائارىپ بولۇپ 1- رەتكە تىزىلغان. مۈمكىن بولسا بىزمۇ مائارىپىزدىكى ئىلغار تەرەپلەرنى بولۇشىغا ماختاش بىلەن بىرگە كەم تەرەپلەرنى، ئاجىز تەرەپلەرنى ئېلمىي ئۇسۇلدا تەنقىدلىشىمىز لازىم. مەن مائارىپ ئوبزورچىلىقى ھەققىدە تاتلىق- تاتلىق خىياللارنى سۈرىمەن. بەزى مۇھىم تېمىلار ھەققىدە تەنقىد ماقالىسى يېزىلسىكەن، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىمىز ئوقۇپ، خىزمەتلەرگە تەدبىقلىسىكەن...شۇ ئارقىلىق مەركەزنىڭ مائارىپ سىياسىتى تۆۋەندە ۋاقتىدا، توغرا يۈرگۈزۈلسىكەن، مائارىپىمىز تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ، ۋۇجۇدىمىز كۈچ- قۇدرەتكە ۋە مېھىر- مۇھەببەتكە تولۇپ، تېخىمۇ ئىناق- ئىجىل، بەختىيار ياشىساقكەن...دەيمەن. كەڭ كەسىپداشلىرىمغا تۆۋەندىكى تېمىلارنى تەۋسىيە قىلىمەن:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 H3 C  i7 C6 H! _. B
1.        ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆڭىكى ئاقمۇ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ q6 N( N8 f1 o* e' h0 ^( ^. w& ]
2.        كەسپى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار قەيەرگە پىراكتىكىغا كەتتى؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 P2 \6 M3 q- e: D, q9 W3.        ئەي! 57 نەپەر ساۋاقداش سىلەر تۇنۇشامسىلەر؟!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# h% H  t. G+ J: h
4.        مائارىپىمىزىدىكى غەيرى خاتالىشىپ قېلىش ئېڭى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 j9 C+ H5 O3 m' K; m- {& u* c- j5.        قورقۇتۇش مائارىپىمۇ ياكى يوقۇتۇش مائارىپىمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# h! ?: @, r" g9 }/ C) w# D- U6.        ساۋات چىقىرىشمۇ ياكى ساۋاتتىن چىقىرىشمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: _( J- e1 r4 {( }- l7.        مەكتەپلەرنىڭ تىمى رەسساملارنىڭ مەشىق دەپتىرىمۇ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) g' e5 z: b7 B8 B
8.        مائارىپىمىزدىكى بۇرۇت ماجراسى ۋە كىيىم- كېچەكنىڭ دەردى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, Q0 B7 ]2 N2 H' S9.        كۆپ خىل دەرىسلىك ۋە مايمۇننىڭ قوناق ئۈزۈش ماھارىتى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! a4 r; G% s2 ^  c, J; D) {10.        باشلىق! ‹‹ساپا مائارىپىنى ئۈچ كۈندە ئاخىرلاشتۇرغىلى ››  بولمايدۇ!؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ?7 ~+ B% C0 q: ]
11.        مۇدىر كۆندۈرگۈچى- ‹‹جورجى ›› نىڭ يېڭى كارامىتىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 ]; }' Z2 t0 T, A
12.        يوقىتىلغان كىملىك ۋە مەۋھۇم كېلەچەكبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# u$ C$ h( F( W3 q
يۇقارقىلار يۈزەكى ئويلىغانلىرىم بولۇشى مومكىن. بىراق ھىچقايسى تېما ئاساسسىز بىردەملىك ھاياجان بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى يوق. بەلكىم سىزدىمۇ ئاجايىپ مۇھىم تېما ھەم ۋەقەلىك بولىشى ئېنىق. سىز مائارىپنى سۆيەمسىز، تېخىمۇ قەدىر- قىممەتلىك بولۇشنى خالامسىز؟! نىمىگە قاراپ تۇرىسىز؟! قولىڭىزغا قەلەم ئېلىڭ! بىز بىرلىكتە مائارىپ ئوبزورچىلىقىنى بەرپا قىلىشقا ئاتلىنايلى!!! چۈنكى مائارىپىمىز تەنقىدكە مۇھتاچ. تەنقىت ھەممىمىز ئۈچۈن يېشىل قۇۋۋەت دورىسىدۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 L4 Y- f/ T8 x- dقاملاشمىغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قاملاشمىغان نۇتۇقىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 Z* v, c) U$ K. C' N  F
مەملىكىتىمىزنىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسىرى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە » دە مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار. شۇ پادىشاھلىقىنىڭ خانى ليۇ بېي دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئىقتىساسلىقلارنى ئەتراپىغا توپلاپ ئۇلارنى قەدىرلەپ ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ليۇبېي بىر دۆلەتنىڭ خانى بولۇشىغا قارىماي، تەركىدۇنيا بولۇپ خىلۋەت ئورمانلىقتا ياشاۋاتقان ھەربىي سەركەردە، تەدبىرلىك ئۆلىما جۇگې لياڭنىڭ تۇرالغۇسىغا ئالايىتەن ئۈچ قېتىم بېرىپ، ئۇنى قايتا– قايتا تەكلىپ قىلىپ ئاخىرى ئوردىغا ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن جۇگې لياڭ ئۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلىش، شۇ دۆلىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆلۈكى ( جەسىتى ) مۇ جەڭگە قاتنىشىپ دۈشمەنلەرنى ساراسىمىگە سالىدۇ. ئەگەر جۇگې لياڭ بولمىغان بولسا ليۇبېي مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەيران بولغان بولاتتى، ئامرىكا 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئۇرۇش غەلبىسىنى بۆلۈشۈشتە قانداقتۇ ئالتۇن- كۈمۈش ياكى يەر- زېمىننى ئىگەللىۋىلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمەستىن يېڭىلگەن دۆلەتلەردىكى ئالىملارنى، تەتقىقاتچىلارنى ‹‹بۇلاپ ›› ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. 1934-يىلى شاڭخەيدىكى بىر قىسىم كارخانىلار ‹‹پاكار بولسىمۇ ئىقتىدارلىق ئىشچىلارنى قۇبۇل قىلىمىز ›› دىگەندەك ئېلان ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقان. بۇنىڭدىن 80 يىل بۇرۇنلا شاڭخەيلىكلەرنىڭ كاللىسىدا ئاشۇنداق ئىلغار ئىدىيە پەيدا بولغاچقا بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانىيەت جەمىيىتىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.                                   
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% I2 B3 F3 U9 a" ^: dنۆۋەتتە ھەر قانداق بىر دۇنياۋىي كۈچلۈك كوماندىلارغا قارايدىغان بولساق، يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن توختاملىق تەكلىپ قىلىنغان چولپانلارنىڭ كۆپلىكىنى بايقايمىز. مەيلى قانداقلا بولسۇن ھەر قانداق بىر ئورۇن ئۈچۈن ئىقتىدارلىقلارنىڭ بولماسلىقى ياكى بار بولغان ئىقتىدارلىقلارنىڭ ئەتىۋارلانماسلىقى ئاخىرقى ھىساپتا شۇ ئورۇننىڭ ھالاكىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەلۈم بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى مەكتەپتىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن شۇ قەدەر گۇمانلىنىدىكەن. ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسىلا غەزىپى ئۆرلەيدىكەن. پۇرسەت تاپسىلا يۇقۇرى دەرىجىلىك باشلىقلارغا بىر نەچچە نەپەر ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى باشقا مەكتەپكە يۆتكىۋىتىش توغرىسىدا دوكلات سۇنىدىكەن، ئۇ ئىنتايىن گۇمانخور بولۇپ بۇ ‹‹ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى- مېنىڭ مۇدىرلىق ئورنۇمنى تارتىۋىلىش ئۈچۈندۇر ›› دەپلا چۈشىنىدىكەن. ئۇ بىر قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار يىغىنىدا مۇنداق بايانات ئېلان قىلغان:                          بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) j/ ^+ ]% ~/ w/ P* S1 z
‹‹ مەن مۇشۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى، مۇدىر دېمەك سەن نەرسىلەرنىڭ باشلىقى دىگەن گەپ. باشلىق دېگەن نېمە ئىش قىلىدۇ؟ سەن نەرسىلەرنى باشقۇرىدۇ، تەنقىدلەيدۇ، گەپ ئاڭلىمىساڭ پۇلۇڭنى تۇتىدۇ، مەسىلە سادىر قىلساڭ خىزمەتتىن ھەيدەيدۇ. يېقىندىن بۇيان بەزىلىرىڭ مېنىڭ بۇ مەكتەپنىڭ خاقانى ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قېلىشتىڭ، ھە دىسىلا دەرىس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، ئاشۇ قاپاقباش ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىش بىلەن بولۇشۇپ كەتتىڭ. مەن خالىسام بىرەرسىڭنى مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىرالايمەن، خالىسام كۆزۈمگە سىغمىغانلىرىڭنى بىرەر جىنايەت چاپلاپ تۈرمىگە سولاتقۇزۋىتەلەيمەن. ۋاقتى كەلگەندە مېنىڭ دېگىنىم ‹‹قانۇن›› دۇر. تۈنۈگۈن ئىدارىدە ئېچىلغان يىغىندا ‹ مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم › دېيىلدى. سەن نەرسىلەر ‹مۇقىملىق› دىگەن ئوقۇمنى چۈشۈنەمسەن!؟ ‹ مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم › دېگەنلىك بولسا ‹ ئوقۇتۇش، تاپشۇرۇق ئانچە مۇھىم ئەمەس دېگەنلىك بولماي نېمە؟› ماڭا تېنىمسىز دەرىس ئۆتىدىغان، تېنىمسىز تاپشۇرۇق تەكشۈرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئەمەس، تېنىمسىز تازلىق قىلىدىغان، تېنىمسىز مۇقۇملۇق ئارخىپى ئىشلەيدىغان، تېنىمسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش-ھەركىتىنى تەكشۈرۈپ مەسىلە تېپىپ چىقالايدىغان، ېنىمسىز سىياسى دوكلات يازىدىغان ئوقۇتقۇچى كېرەك!  يەنە بەزىلىرىڭ بۇ كىچىك تازلارغا رەسىم سىزىشنى، ماقالا يېزىشنى، موللاق ئېتىشنى ئۈگىتىۋىتىپسەن. ئەگەر ئۇلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە قالايمىقان ھەركەتلەرگە قاتناشسا، ئەكسىيەتچىل رەسىم سىزىپ قويسا، ئىناقسىزلىق تېرىيدىغان ماقالا يېزىپ قويسا ...كىم جاۋاپكار بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە مەن جاۋاپكار بولىمەن. بۇ خىلۋەت يېزىدىن ئالى مەكتەپكە بارىدىغانلار چىقمىسا نېمە بوپتۇ؟! مەنمۇ مۇشۇ يېزىدا تۇغۇلغان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماي تۇرۇپ سەنلەرگە باشلىق بولالىدىمغۇ؟ ئادەم قانچە كۆپ نەرسىنى بىلگەنسېرى ‹پىكىرچى› بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ بالىلارغا ئارتۇقچە بىرنەرسىلەرنى ئۆگېتىمىز دەپ ئاۋارە بولۇشما؟!  ئەگەر بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچىسى ياخشى، ئوقۇپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ ئۇ يەردە  ‹ دورا ياساشنى ئۈگىنىۋالسا...› كەلگۈسىدە يېزىمىزنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئاپەت ئەمەسمۇ؟؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بېرىلىپ دەرس ئۆتكەنلىرىڭ ‹ تارىخنىڭ جىنايەتكارلىرى بولىشىسەن، تارىخنىڭ لەنىتى تۈۋرىكىگە دەل سەنلەر باغلىنىسەن› بۇ سۆزۈمنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتۇش. سەنلەر 100 ئوقۇغۇچىنى نۇقتىلۇق ئالىي مەكتەپلەرگە ماڭدۇرساڭمۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر، بىراق بىرەر ئوقۇغۇچۇڭ ‹مەسىلە سادىر قىلىدىكەن› قاتتىق جازالىنىسەن. سەنلەر قانداق دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن ؟؟........›› دەپ سۆزلىگەن. مەزكۇر مۇدىر ئەپەندى سۆزلەۋاتقاندا گۈرەن تومۇرلىرى قاتتىق كۆپۈپ كەتكەچكە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار: ‹‹ئويلىمىغان يەردىن تومۇرى يېرىلىپ كېتىپ ئۆلۈپ قالسا  قايسىمىز جاۋاپكار بولۇپ قالارمىز›› دەپ ئەنسىرەشكەن.                        
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 a  d* c+ Z9 @0 A          قىسقىچە باھا: مەزكۇر مەكتەپ مۇدىرى ئۆزىنىڭ قانداق دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلۇغ پارتىيىمىزنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئىش ۋە قانداق ۋەزىپە تاپشۇرغانلىقىنى ئېنىق بىلەلمەپتۇ، خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەشنى ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىشنى بىلمەيدىكەن. مۇقىملىق ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەس، ھەممىمىز  ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. بىراق مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم دەپ قاراپ گۇناھسىز بالىلارنى نادان قالدۇرۇش، ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى چەتكە قېقىش ئادالەتسىزلىك-دە!؟ ئەي بىچارە مەكتەپ مۇدىرى، سەن ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋزېدۇڭنىڭ ‹‹بىيۇكراتلىققا قارشى تۇرايلى!››، دىڭ شىياۋ پىڭنىڭ ‹‹ ئىددىيەدە ئازات بولايلى››، خۇ جىنتاۋنىڭ ‹‹ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەيلى››، باش شۈجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ يېغىننى ئاز ئاچايلى، دېمەسلىككە تېگىشلىك سۆزلەرنى دېمەيلى، ئېلمىي بولايلى›› دىگەن دانا سۆزلىرىنى قاچان ھەزىم قىلارسەن؟؟  شۇنىڭغا قارىغاندا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولماي تۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرى بولۇش- خەتنىسىنى قىلماي تۇرۇپلا خوتۇن ئالغانغا ئوخشىسا كېرەك.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 K1 n8 P! V% [6 Z7 V: t
ئەگەر تېرىقچىلىك ۋىجدانىڭلار بولسا...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ j% N; y, c! _
ئېلىمىزنىڭ داڭلىق مائارىپ تەتقىقاتچىسى، تۇنۇلغان پىداگوك تاۋ شىڭجى ئەپەندى مەكتەپ مۇدىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ : ‹‹مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئورنىنى ئۇرۇش مەيدانىدىكى قومانداننىڭ ئورنىغا ئوخشىتىش كېرەك، مەكتەپ مۇدىرى تەدبىرلىك، دەرسخانىدا تاۋلانغان بولسا بىر يىلدا ئون يىللىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، مەكتەپ مۇدىرى تەدبىرسىز، پاراسەتسىز، بۇيرۇقۋاز، لايغەزەل بولسا ئون يىللىق نەتىجىنى بىر يىلدا يوق قىلىۋىتەلەيدۇ. ياخشى بىر مەكتەپ مۇدىرى- بىر ياخشى مەكتەپتىن ئىبارەت. مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق ئورنى قانداقتۇر ھوقۇق ئەمەس، بەلكى ئەڭ شەرەپلىك مەسئۇلىيەتتۇر. مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆزىنىڭ ئورنىغا مۇتلەق ھوقۇق نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيەت ۋە سەنئەت نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك›› دىگەن ئېدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; l7 \- H" S  S6 [3 F4 V1 A
سىز بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشسىڭىز، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەكشۈرسىڭىز ‹‹ ھەي ئۇ ھەقىقەتەن خاسىيەتلىك ئىش قىلىۋېتىپتۇ، ئۇ مەكتەپ مۇدىرى بولۇش ئۈچۈنلا توغۇلغان ئىكەن...›› دەپ قايىل بولىسىز، ئۇنىڭدىن سەۋەنلىك ئىزدەپ تاپالمايسىز. يەنە بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى ھەققىدە ئازاپلىق خىياللارنى سۈرۈپ ‹‹ دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ناچار ، قابىليەتسىز، شەرمەندە ... مەكتەپ مۇدىرى بارمىدۇ؟؟›› دەپ ياقىڭىزنى يىرتىۋىتىسىز.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# T# [, l' ?5 N0 O3 X" P
2003- يىلى مەلۇم بىر يېزىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر يېزا باشلىقى يېزا ئاشخانىسىنىڭ مەينەت، مەسئۇلىيەتسىز ئاشپىزى ئەتكەن ئوخشىمىغان لەغمەننى يىگۈسى كەلمەي، ئاشپەزنى چاقىرىپ ‹‹ ئۇستام سىز موشۇ ھاياتىڭىزدا بۇنىڭدىنمۇ ناچار لەغمەن ئېتەلەرسىزمۇ؟›› دەپ چاقچاق قىلغان ئىكەن. بۇ چاقچاقنى ھەر ساھەدىكى نۇرغۇن قابىليەتسىز كىشىلەرگە تەدبىقلاپ قوللىنىشقا بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ u3 q% y  B' i5 x5 }/ e; ?9 T  مەن 2010- يىلى مەلۇم بىر ناھىيەگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى دوسلىرىم بىلەن مائارىپ ھەققىدە پىكىرلىشىپ، ئۇ ناھىيەدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرىنىڭ ‹‹ بىمەنە تەلىۋىگە ماقۇل بولمىغان چىرايلىق خانىمغا تۆت خىل تەييارلىقتا دەرىس ، 3 خىل ئارخىپ خىزمىتىنى ئارتىپ قويۇپ ئۆچ ئالغانلىقى، مەلۇم بىر قىز ئوقۇغۇچىنى ‹نىمشقا ياغلىق چېگىسەن› دەپ ئۇ بىچارە قىزنىڭ قولىغا زىخ تىقىۋەتكەنلىگى، قىزنىڭ ئاكىسى سىڭلىسىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئۈچۈن مەكتەپكە كەلسە، ئاكىسىنىڭ قۇلىقىغا قاتتىق ئۇرۇپ، قۇلىقىنى ئۆمۈرلۈك ئاڭلىماس قىلىپ قويغانلىقى، سوتقا ئەرز قىلىمەن دىسە، ئۇ نامرات دېھقان ئاتىنى ئالداپ 30 مىڭ يۇەن پۇل بىرىپ ‹ مەڭگۈ داۋايىم يوق › دەپ ھۆججەت ئېلىۋالغانلىقى...›› ھەققىدىكى بايانلارنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. (ھېلىمۇ ياخشى ھېلقى مەكتەپ مۇدىرى يېقىندا ئېغىر ئىقدىسادى چىرىكلىك ھادىسىسى سادىر قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، يىگەنلىرىنى قۇسۇپ، يىراق بىر كەنىت مەكتىپىگە ھەيدەلگەن)  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' V5 ^% C/ k. z/ X5 Q6 d
تارىخ بۇ قىسمەتلەرنى ئۆز بەتلىرىدىن مەڭگۈ ئۆچۈرىۋەتمەيدۇ. كىمنى كىمنىڭ قانداق سۆيگىنى، كىمنىڭ نېمە ئۈچۈن قانداق ئۆلگىنى مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 y, R+ T9 T7 ~0 h
مېنىڭچە مەكتەپتىن ئىبارەت خاسىيەتلىك ئۇۋىغا تەدبىرسىز، ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭ‹‹خاقان ›› بولىشى بەك خەتەرلىك .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& N) h4 ^4 ?  F' ]) Z2013- يىلى 9- ئايدا مەركەز مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 100 نەپەر مەكتەپ مۇدىرىنى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ تەربىيىلىگەن ، تەربىيىلەش ناھايىتى ياخشى بولغان. يۇقۇرى ساپالىق مۇتەخەسىسلەر ۋە ئەرباپلار دەرس سۆزلەپ يېڭى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەن. بىر قېتىملىق دەرستە مائارىپ مىنىستىرلىكىدىن بىر ئەرباپ ‹‹ ھاياتىڭلاردا دەرس ئۆتۈپ باقمىغان (ئىلگىرى مائارىپ سېسىتمىسىدا ئىشلىمىگەن) مەكتەپ مۇدىرلىرى قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار ›› دېگەن. شىنجاڭدىن كىرگەنلەردىن 4 نەپەر مەكتەپ مۇدىرى سەمىمىيلىك بىلەن قولىنى كۆتۈرگەن. ئۇ ئەرباپ ئىنتايىن ئازابلانغان ھالدا ‹‹ سىلەر ھەرگىزمۇ مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرى بولالمايسىلەر، ئەگەر سىلەردە تېرىقچىلىك ۋىجدان بولسا شىنجاڭغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار تۇرۇشلۇق پارتىيە –ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ‹ مەن باشقا خىزمەت قىلاي...› دەپ ئىستىپانامە يېزىپ، مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىنى قىلالايدىغان، دەرسخانىنىڭ قانداق ئورۇن ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، مائارىپ ئىددىيىسى رۇشەن كىشىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بىرىڭلار. شۇنداق قىلالىساڭلار سىلەر مەكتىپىڭلار ئۈچۈن، يۇرتۇڭلار ئۈچۈن، دۆلىتىمىز ئۈچۈن شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت-زور تۆھپە قوشقان بولىسىلەر. مەن سىلەردىن خوش بولۇپ قالاي، سىلەر چوقۇم شۇنداق قىلالايسىلەر، چوقۇم شۇنداق قىلىڭلار...›› دەپ ئاچچىق كۈلۈپ قويغان. بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە مۇدىرلىق ئورنىنى تاۋار ئورنىندا كۆرۈپ پۇلغا سېتىۋالغانلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. مەركەزدىكى ئۇ سۆيۈملۈك ئەربابنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى ئەنە شۇنداق نۇرغۇن مەكتەپ مۇدىرلىرى ئاڭلاپ قويسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 n: Y# l+ j" ]8 D  q/ F# w! @2 I
بىر مۆتىۋەردىكى چەمبەر قورقۇنچلىقى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ l/ f" J; Z: K* B, z/ L3 iبىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا چەمبەر شەكىللىك جىسىملاردىن ئايرىلالمايمىز. بىز يۇمىلاق يەر شارىدا ئولتۇرۇپ، ئاسمان بوشلۇقىغا قارىغىنىمىزدا ئاسمانمۇ كۆزىمىزگە چەمبەرسىمان ھالەتتە كۆرىنىدۇ. بارلىق جانلىقلارغا ھاياتلىق نۇرى ئاتا قىلىۋاتقان قۇياشمۇ يۇمىلاق، تۇلۇن ئايمۇ يۇمىلاق. دۇنيادىن قايتار چېغىمىزدىمۇ يەنە يۇمىلاق تۈشۈككە يەككە- يىگانە ھالدا كىرىپ كېتىمىز. بىزگە ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز چەمبەر ھەققىدە دەرس ئۆتكەندە چەمبەرگە : ‹‹ بىر مۇقىم نۇقتىغىچە ئارلىقى تەڭ يىراقلىقتا ياتقان نۇقتىلارنىڭ توپلىمى چەمبەر دەپ ئاتىلىدۇ، چەمبەر ھەم مەركەزگە نىسبەتەن سېمىتىرىك شەكىل ھەم ئوققا نىسبەتەن سېمىتىرىك شەكىل، شۇڭا چەمبەر شەكىلىدە ياسالغان گىيومىتىرىك جىسىملار كىشىگە ئالاھىدە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ›› دىگەن ھەم مىسال كەلتۈرۈپ: ‹‹ئانىمىز بىزگە يۇمىلاق چەمبەر ھالەتتىكى تاتلىق نانلارنى يېقىپ بېرىدىغان تۇنۇرنىڭ ئېغىزىمۇ يومىلاق، قازان، چىنە، لىگەنلەرنىڭ تاشقى يۈزىمۇ يۇمىلاق. ماشىنا، تىراكتۇر، ھارۋىلارنىڭ چاقىمۇ يۇمىلاق، كۆل ۋە بۇلاقلارمۇ يۇمىلاق››....دەپ نۇرغۇن يۇمىلاق نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن چەمبەر دىگەن ئوقۇمنى بىر قەدەر چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدۇق. يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چەمبەر ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم. بىر قىسىم مۈنەۋۋەر شائىرلارنىڭ گۈزەل قىزلارنىڭ يۈزىنى ھەم كۆزىنى ‹‹يۇمىلاق يۈزلۈك، بۇلاق كۆزلۈك ›› دەپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى ئوقۇدۇم. يۇمىلاق شەكىللىك تۈرلۈك توپلارنى ئوينىدىم. يۇمىلاق مۇنارلارغا چىقتىم، يۇمىلاق تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىغا كىردىم، يۇمىلاق شەكىلدىكى مىۋىلەرنى يىدىم...دىمەك نۇرغۇنلىغان يۇمىلاق نەرسىلەرنىڭ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغاچقىمۇ يۇمىلاق نەسىلەرنى چەمبەر، چەمبەرنى يۇمىلاق نەرسىلەر بىلەن باغلاپ مۇھاكىمە قىلىشقا ئادەتلەندىم. ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ مەدەنيەت تارىخىدا نۇرغۇنلىغان چەمبەرسىمان يۇمىلاق جىسىملاردىن پايدىلانغان ھەم ئاز بولمىغان يۇمىلاق شەكىللىك مۆجىزىلەرنى ئىختىرا قىلغان. 876-يلى ھىندىستاندا يۇمىلاق شەكىللىك‹‹0 ›› رەقىمى ئىجات قىلىنغان. ئېلىمىزنىڭ ماتېماتىكا ئالىمى جۇ چىڭجىژ (429-500)، ئەنگىلىيە ئوكسىفورد ئونۋېرستېتىنىڭ پىروفېسورى ۋاللىس(1616-1703)ئەنگىلىيەلىك ماتېماتىكا ئالىمى ئاتۇدرېد(1574-1660)، ئەنگىليەلىك جونىس(1675-1749) ، شىۋېتسىارىيەلىك ئەيلېر(1703-1783) قاتارلىق ئالىملار چەمبەر تۇراقلىقى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئەجداتلىرىمىز تارىختا يۇمىلاق شەكىللىك شەھەرلەرنى، باغلارنى بەرپا قىلغان. تۈرلۈك يىغىلىشلاردا يۇمىلاق شەكىللىك سەپ تۈزۈپ ئولتۇرۇشقان. نۆۋەتتە ب د ت مۇ  يۇمىلاق شەكىللىك ئولتۇرۇشنىڭ دىمۇگىراتىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى تۇلۇق تۇنۇپ يېتىپ ‹يۇمىلاق شىرە يىغىنى ››نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. بۇ ھەقىقەتەن قايىل بولۇشقا تېگىشلىك ئىش ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى يۇمىلاق شەكىللىك شىرەلەردە ئولتۇرغان ئەمەلدارلارنىڭ ئولتۇرغان ئورنى جەھەتتىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالىدىغانلىرى بايقالمايدۇ. بۇ چەمبەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەنىسى بولسا كېرەك. 3يىل ئىلگىرى مەلۇم بىر شەھەرنىڭ مۇئەككىلىنىڭمۇ چەمبەر ھەققىدە تەتقىقات ۋە بايقاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇيغۇرلاردىنمۇ ماتېماتىكا ئالىمى چىقىدىغان بولدى، دەپ ھەممىمىز خوشال بولغان ئىدۇق. ئاخىرى ئۇ جاناپ ‹‹ چەمبەر ۋە چەمبەرسىمان جىسىملار كىشىلەرگە قورقۇنۇش ۋە ۋەھىمە ئېلىپ كېلىدۇ. ھەرقانداق چەمبەرسىمان نەرسىلەر غەرەزلىك ياساپ چىقىلغان. يۇمىلاق شەكىللىك نەرسىلەر ئىنسانىيەتكە بۆلگۈنچىلىك ۋە ئىناقسىزلىق ئۇرۇقى چاچىدۇ. مەن يۇمىلاق شەكىللىك مۇنارلارنى كۆرسەم شۇقەدەر قورقۇپ كېتىۋاتىمەن. بىر قىسىم يۇمىلاق نەرسىلەر ماڭا تولىمۇ سۈرلۈك كۆرۈنىۋاتىدۇ. شەھرىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئامان- ئېسەنلىگى ئۈچۈن بىز شەھىرىمىزدىكى يۇمىلاق شەكىللىك جىسىملارنى، قۇرۇلۇشلارنى چوقۇم چېقىپ تاشلىۋېتىشىمىز زۆرۈر...›› دەپ بايانات ئېلان قىلدى. بىر قىسىم كىشىلەر سۈكۈتكە پاتتى، بىر قىسىم كىشىلەر بولسا مۇئەككەل دىگەن خاتا سۆز قىلمايدۇ دەپ قاراپ ئاپپاق قوللىرى تاكى قاپىرىپ كەتكۈچە چاۋاك چالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە گۈمبەز رەھىمسىزلارچە چېقىپ تاشلاندى. ئۇ جاناپنىڭ قىلغانلىرى نەتىجىسىز قالمىدى، ‹‹ چەمبەر، گۈمبەز›› دىگەن ئىسىملار ئۇنىڭغا  ئۆمۈرلۈك لەقەم بولۇپ تەقدىم قىلنىدى. مۇئەككەل مۇئەككىلىك ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، كېيىنكى قارارلىق مۇئەككەللەر جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە شەھىرىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇ چېقىۋەتكەن مۇنارلارنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەپەندى 18- قۇرۇلتايدا ‹‹كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى بەرپا قىلىش›› چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسا ئۇ جاناپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە يەنە قانداق بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلاتتىكىن؟! مېنىڭچە  ئۇ جاناپنىڭ چەمبەردىن قورقۇپ كېتىشى تولىمۇ غەلىتىلىك بولسا كېرەك، ئۇ خىزمەتلەر جەريانىدا چارچاپ قالغان چېغى، ئاشكارە ئېلان قىلىنغان ‹‹ غەمگۇزار ›› ناملىق بىر ھېكايىدە شۇ جاناپقا ئۆز ئەينى ئوخشاپ كېتىدىغان بىر پىرسۇناژ ‹‹ قوناقلىقنى بۇزىۋەتكەن قارا توڭگۇز، قىزىل گۈللۈكتە ھاڭرىغان مادا ئېشەك›› دەپ تەسۋىرلەنگەن. مەن ئۇنچە سېسىق گەپ قىلىشنى بىلمەيدىكەنمەن. ئۇ كىشى ھامان بىر كۈنى ئۆزى يەككە- يىگانە ھالدا بىر يۇمىلاق تۈشۈككە كىرىپ كېتىدۇ. بۇ مۇقەرەر قانۇنىيەت. ئۇ بىچارە بايقۇشنى يۇمىلاق جايدا قانداق ياتار دەپ ئەنسىرەيمەن شۇ.....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ?# o6 n$ ~4 U6 Q# y
قوشۇمچە ماتىريال ۋە قىسقىچە ئانالىز: بۇنىڭدىن 2000 يىللار ئىلگىرى رىم قوشۇنلىرى گىرىتسىيىنىڭ بىر شەھىرىنى ھۇجۇم قىلىپ بېسىۋالغاندا ئۇلار بىر بوۋاينىڭ يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىچە بىر چەمبەرنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ قەدىمكى داڭلىق فىزىك ئارخېمىد ئىدى. رىم لەشكىرى ئۇنى قىلىچ بىلەن چاپماقچى بولغاندا ئۇ: ‹‹ مېنىڭ چەمبىرىمنى دەسسىۋەتمەڭلار!›› دېگەن بىر جۈملە گەپنىلا دېيىشكە ئۈلگۈرەلىگەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن يەرگە سىزىپ قويۇلغان چەمبەر ئۆزىنىڭ ھاياتىدىنمۇ بەكرەك قىممەتلىك بىلىنگەن. دىمەك ئىنسان ئۆزىنىڭ قوغداشقا تىگىشلىك نەرسىنى چوقۇم ھاياتىدىنمۇ قىممەتلىك بىلىشى كېرەك. ئۇ جاناپ بىلەن ئارخېمىدنى سېلىشتۇرۇش تولىمۇ بىمەنلىك بولسا كېرەك. بەزى كىشىلەرنىڭ بەزى مۇھىم ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشى، ئىشەككە لەغمەن ئېتىپ بەرگەندەك، چوشقىنىڭ بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويغاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدىكەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) Z3 P4 n* U1 O0 m; @% e
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! J# n8 u% [# ^9 T/ [( qگۇناھ دېڭىزى ۋە گۇناھكار ئېشەك
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 d" m! h' C1 z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ P9 k" l  B6 `% K- o+ Bبىز بۇ دۇنيادىكى قانۇن- تۈزۈم، سىياسەت، نىزام، قائىدە- پىرىنسىپ، ئۆلچەم، ئادەتلەرنىڭ كۆپلىكىدىن بەزىدە گاڭگىراپ قالىمىز. بۇ دۇنيا خۇددى ‹‹گۇناھ دېڭىزى ›› دەك، بىز ئىنسانلار بولساق ئاشۇ دېڭىزدا ئۈزىۋاتقان ‹‹لەھەڭ ›› لەردەك تۇيغۇغا چۆمۈلىمىز. ‹‹بەندە ›› ئەرەپچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ‹‹خاتالىق سادىر قىلغۇچى، گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى ›› دىگەن مەنىسى بار. ئىنسانلارنىڭ گۇناھ تۇيغۇسى يۈكسەلگەنسېرى، پاكلىنىش مۇساپىسى قىسقىرايدۇ. بىراق كىمنىڭ گۇناھكارلىقىنى ئايرىش تولىمۇ مۈشكىل جەريان بولىۋاتىدۇ. بەزىلەر قانۇنىي سوتقا تارتىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ۋىجدانى سوتقا تارتىلىدۇ. بەزىلەر بولسا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى شەرىپىگە مۇكاپاتلىنىدۇ. 2013-يىلى ‹‹دۇنيادىكى ئىشلار ›› پروگراممىسىدا ھېندىستاندىكى دىلولارنىڭ كۆپلىكىدىن ھېندىستانلىق سوتچىلارنىڭ قەتئى يېتىشمىگەنلىكى، ھېندىستاندا بۇنىڭدىن كېيىن قەتئى دىلو يۈز بەرمىسە، ھېندىستانلىق بارلىق سوتچىلار 400 يىل تېنىمسىز سوت ئاچسا ،ھازىر ساقلىنىۋاتقان دىلولار مۇۋاپىق ھۆكۈمگە ئىگە بولىدىغانلىقى سۆزلەندى. بۇنىڭدىن بىز ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتەن گۇناھ دېڭىزىغا  غەرىق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىمىز ئىسپاتلىنىدۇ. بىراق سوتچىلارنىڭ قانۇننىڭ قايسى ۋارىقىدىن پايدىلىنىشى، قانداق مەيداندا تۇرۇپ، قانداق ھۆكۈم قىلىشى، كىملەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى بۇ ئىنتايىن نازۇك مەسىلە.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( Z3 Q/ G& Z! m1 g
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ‹‹ گۇناھكار ئېشەك ›› ناملىق بىر مەسەل بار. مەسەلدە: ‹‹ بىر ئورمانلىقتا نۇرغۇنلىغان ھايۋانلارنىڭ ياشايدىغانلىقى، گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئاجىز ھايۋانلارنى يەپ تۈگىتىپ قويغانلىقى، ئورمانلىقتىكى جانلىقلار تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ ئوسال ئەھۋالدا قالغانلىقى، شىر، يولۋاس،  بۆرە، ئېشەك قاتارلىقلارنىڭ گۇناھنىڭ كىمدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ھەققىدە سوت ئاچقانلىقى...ئاخىرى ئېشەك يول بويىدىكى ئازراق ئوت-چۆپلەرنى يەپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ چوڭ  گۇناھكار دەپ قارىلىپ شىر، يولۋاس، بۆرە تەرىپىدىن يەۋىتىلگەنلىكى...›› بايان قىلىنىدۇ. ‹‹ئىككى ئاساسەن خىزمىتى ›› ئارخىپۋازلىق باسقۇچىغا قەدەم قويغان ۋاقىتلاردا، بىر قىسىم  خاتا بۇيرۇق بەرگەن، مەكتەپنىڭ پۇللىرىنى تۇتاملاپ خەجلىگەنلەر ساقلىنىپ قېلىپ، جىددىچىلىكتە بىرەر كاتىكىدىكى سان – سانىقى تولدۇرۇلمىغان، بىرەر شۇئارنى يادقا ئېلىپ بېرەلمىگەن، بىرەر غېرىچ تەۋەلىگى پاكىزە سۈرتۈلمەي قالغان ئوقۇتقۇچىلار بارلىق ‹‹گۇناھ ›› نىڭ ئىگىسى بولۇپ ‹‹قالپاق ›› كەيدۈرۈلدى. نەچچىلىگەن مەكتەپ مۇدىرى ‹‹موللاق ئاتتى ››. ھازىرمۇ بەزى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن شۇنچىكى مەسىلە چىقسا سىنىپ مۇدىرى، ئىدىيە- سىياسى دەرىس ئوقۇتقۇچىسى، يىللىقلار مۇدىرى، ياردەمچى سىنىپ مۇدىرى، شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچى قاتارلىقلار گۇناھنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ كىچىك ئىشلار. بەزى چاغلاردا (بىر يىلدا 6- 7كۈن ئەتراپىدا) سىياسى مۇدىرنىڭ ھوقۇقى ھەممىدىن يۇقۇرى بولۇپ قالىدۇ. بۇچاغدا ئوقۇتقۇچىلار خاتالىشىپ قېلىشتىن شۇ قەدەر ئەنسىرەيدۇ. بىر ئېغىز گەپ- سۆز ئۇنداق- مۇنداق چىقىپ قالسا ياكى يوللۇق پىكىرنى كۆپرەك قىلسا ‹‹قارا چىكىت ›› قويىلىدۇ. بەزى چاغدا ‹‹ماقۇل ››دىسەڭمۇ، ‹‹ياق ›› دىسەڭمۇ ئوخشاشلا خاتالىشىسەن؛ بەزىدە بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان يارىشىملىق كىيىم- كېچەكلىرىڭمۇ ساڭا ئۆمۈرلۈك ئاۋارىچىلىقنى تەقدىم قىلىدۇ؛ بىلىپ بىلمەي بەزى كىشىلەر بىلەن كىتىۋېتىپ پاراڭلىشىپ قويغىنىڭ،  بىر ۋاق تاماقنى بىرگە يەپ قويغىنىڭ سېنى ھاياتىڭدا ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىشكە قىستايدۇ. ئاشۇنداق چاغلاردا شېكىسپىرنىڭ ‹‹كارل لىر ›› ناملىق داڭلىق ئەسىرىدىكى پىرسۇناژ گومۇشنىڭ ‹‹ ئۇلار مېنى راست گەپ قىلساممۇ گويا يالغان سۆزلىگەندەك قامچىلايدۇ؛ گاھىدا ھەتتا زۇۋان سۈرمەي جىم تۇرىۋالساممۇ ئوخشاشلا قامچا يەيمەن ›› دىگەن سۆزىنى تەھلىل قىلىشقا مەجبۇر بولىسەن. جاھان مۇئەككەللىرى چىكىتى يوق تارازىنى كۆتۈرىۋىلىپ بازار ئارىلاۋاتقان ۋاقىتلاردا نەگە بارساڭ ئاسان ئىش يوق، ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈڭ خۇش قىلمىساڭ، كۆڭلۈڭنى خۇش قىلىدىغانلاردىن خاپا قىلىدىغانلار كۆپ. بەزى چاغدا ھەممىدىن ۋاز كېچىپ يىراق بىر يەرلەرگە كەتكۈڭ، خىلۋەت بىر جايدا يىگانە ياشىغۇڭ كېلىپ قالىدۇ. ئوقۇغان بولساڭ بىلىسەن. چېخ يازغۇچىسى مىلان كوندىرانىڭ دۇنياسىدىكى مونۇ قۇرلار ئادەمنى ئويغا سالىدۇ:                                                         بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; b- p; x4 {$ u7 K& A$ y
بىر چېخ كىشى كۆچۈپ كىتىش ئۈچۈن، كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىپ، ئىلتىماس سۇنۇپتۇ. باشقۇرغۇچى خادىم ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ O2 l! K, n' T: o3 V0 H-سەن قەيەرگە بارماقچى؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) B6 ~9 E! j$ l: g$ |$ T# }3 o-موشۇ يەردىن باشقا قەيەر بولسا بولىۋېرىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* }8 X# ]- C$ K+ _3 _9 E- Cباشقۇرغۇچى خادىم ئۇنىڭغا يەر شارى خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 U. s# R+ ]- t. j-ئۆزۈڭ تاللا-دەپتۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  c+ L. c4 |' j. ]8 Lئۇ قاراپتۇ، قاراپتۇ... ئاخىرى مۇنداق دەپتۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- [$ k6 k! D3 F! A3 N) w1 {/ D
-سىزدە باشقا بىر يەر شارىنىڭ خەرىتىسى يوقمۇ؟! بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  v+ p. [3 N: f' ^
بۇ قۇرلارنى ئوقۇغان سەگەك كىتابخان: ‹‹ ئۆز مەھەللىسىدە كۆڭلى سۇ ئىچەلمىگەن ئۇ بىچارە نەگە كۆچۈپ كەتكەندۇ؟ ھازىرمۇ ھاياتمىدۇ؟ نەلەردە تېنەپ يۈرۈيدىغاندۇ؟ مەھەللىسى ئۆزگەرگەنمىدۇ-يە...›› دىگەنگە ئوخشاش خىياللارنى سۈرمەي قالمايدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, F1 t; H+ M# q# m/ u# P% y4 yكىچىككىنە تەۋسىيە: ھازىر ئېشەكلەرمۇ ئازلاپ كەتتى، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېشەك ئەمەسلىكىڭىزگە چوقۇم ئىشىنىڭ! بىزنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنچىلىق دۆلىتى، ھەممە يەردە باراۋەرلىك، ئىناقلىق شۇئارلىرى چىرايلىق يېزىقلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلۇغ پارتىيەمىز ھىچكىمنىڭ گۇناھكار بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ، باشقىلار بىلەن باراۋەر بولۇڭ! شۇندىلا ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىلەن ئۇيۇلتاشتەك، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز ياكى ئەخلاق ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلمىسىڭىز مۇقەرەر ‹‹گۇناھ دېڭىزى›› دا ‹‹لەھەك›› كەبى ئۈزۈپ ‹‹پاكلىنىش كۆلى›› نىڭ ئادرىسىنى مەڭگۈ تاپالمايسىز. ئىشىنىڭكى ، باشقا بىر يەر شارىغا ئاياغ بېسىش ئۈچۈنمۇ سەۋىيە كېرەك.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 K- q. S, G* b6 S0 O
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) @  z$ n$ Y1 b5 x) B
ئاق ھاراق ئېلانى ۋە چولپانلىق مەسئۇلىيەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# _# c/ N& t6 H( B- F
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. n0 D- [- v" l/ ^4 v- M0 oئالدىنىقى ئەسىرنىڭ 70- يىللارنىڭ ئاخىرى 80- يىللارنىڭ باشلىرى مېنىڭ غەمسىز بالىلىق چاغلىرىم. مەن ئاشۇ يىراقتا قالغان بالىلىق چاغلىرىمنى تولىمۇ ئىزتىراپ ئىچىدە ئەسلەيمەن ھەم سېغىنىمەن. ئاشۇ چاغلاردىكى توڭ تېزەكلەرمۇ كۆزۇمگە گۈل بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئۇ چاغلاردا بىز ئەدەپسىزلەرنى ئەدەپلەيدىغان، ئاجىزلارنى ئورۇنسىز بوزەك قىلمايدىغان، ئادالەتنى ئۆزىگە ئىزچىل ھەمرا قىلغان مەھەللىۋىي لۈكچەكلەرنى؛ بىز بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان، بىزنى رىشاتكىسىز قورولىرىغا چاقىرىپ بىرلىكتە ئويۇن ئوينايدىغان، چېھرىدىن خۇش تەبەسسۇم كەتمەيدىغان ھەربىيلەرنى؛ يۈك ماشىنىلىرىنى ھەيدەيدىغان مەردانە شوپۇرلارنى، ئاشلىق ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان خادىملارنى؛ ئەپسانە- رىۋايەتلەرنى، چۆچەك– قىسسەلەرنى، داستانلارنى ئېيتىدىغان مەدداھلارنى... ئاجايىپ چوڭ بىلەتتۇق، ئويلاپ باقسام ئۇلار شۇ دەۋرنىڭ ‹‹چولپانلىرى ›› ئىكەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) _/ @* O" f7 ]. T& M1 C
ھازىر ئەھۋال باشقىچە، تەبىي پەن ئالىملىرى، ئۇسۇلچىلارغا؛ داڭلىق يازغۇچىلار ناخشىچىلارغا ۋە پەيلاسوپلار ئىتوتچىلارغا تەڭ كېلەلمىدى. بىز بۇ دۇنياغا ناخشا- ئۇسسۇل ۋە ئىتوت ئۈچۈنلا ئەۋەتىلگەندەك قىلىمىز. 90- يىللاردىن بېرى بىز بەس- بەستە سەنئەتچىلەرگە ئاجايىپ چوقۇندۇق، ئۇلارنى كۆرگىنىمىزدە ياراتقۇچىنى، ئاتا- ئانىمىزنى يەنە نۇرغۇن ‹‹تاپشۇرۇق›› لىرىمىزنى تامامەن ئۇنتۇپ قالدۇق. قوسىقىمىز ئاچ قالسىمۇ بۇ ‹‹چولپانلار›› غا گۈل سوۋغا قىلىشقا، ئاپئاق قوللىرىمىز قاپىرىپ كەتسىمۇ چاۋاك چېلىشقا ئۈلگۈرەلىدۇق. مېنىڭچە بولغاندا ‹‹چولپان›› ئۇنچە ئاددى ئوقۇم ئەمەس. بىزگە بۇ دۇنيادا پەقەت ناخشا- ئۇسسسۇل، ئىتوت... تاپشۇرۇقىلا بىرىلمىگەن. ئەسلىدە ‹‹ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر كىم؟›› ھەققىدە تۈزۈكرەك ئويلانساق بولاتتى. بىر قەۋىمنى يورۇق ئىستىقبالغا يىتەكلەيدىغان ھەم مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇق ئېنىرگىيەسى تۇلۇقلايدىغان كىشىلەر ‹‹چولپان ›› ئاتالسا، بىز ئەنە شۇلارغا قايىل بولساق، ئەگەشسەك، ئىشەنسەك، گۈل تەقدىم قىلساق تولىمۇ مۇۋاپىق بولاتتى. بىزدە ئاشۇ ئۆلچەمگە توشىدىغان بىر نەچچىلا سەنئەتچى بار. تېلىۋېزوردا كىم كوپ كۆرۈنسە، كىم كۆپ ۋالاقشىسا، كىم كۆپ غىتاڭشىسا... شۇ ‹‹چولپان›› بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ پىسخىكىمىزدىكى مەسىلە بولسا كېرەك. بىر چولپان ئۆز قىزىنىڭ ياتلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكىدىن پەخىرلىنىپ بايانات ئېلان قىلسا، بىر چولپان ئۆزى ئالدىغان نارسىدە بالىلارنىڭ كۆپلىكىدىن پەخىرلەنسە، يەنە بىر چولپان ساختا مەھسۇلاتلارنى بولۇشىغا ماختاپ پۇللۇق بولىۋالغانلىقىدىن پەخىرلەنسە، يەنە بىر چولپان ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىدىن گېدەيسە، ئۇلارنىڭ دېگىنى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولمىسا ئۇلار ھامان شاللىنىدۇ. بىز ئاز سانلىق بىر تۈركۈم سەنئەتكارلاردىن مەڭگۈلۈك پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز. چۈنكى ئۇلار خەلقنىڭ كۆز يېشىدا يۇيۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىش- ھەركىتى خەلقنىڭ نېنىنى يەپ، غېمىنى يىمەيدىغان بىر بۆلۈك پۇچەك چولپانلارغا ئوخشىمايدۇ. 90- يىللارنىڭ ئاخىرقى چارەكلىرى بولسا كېرەك، بىزنىڭ ئەڭ داڭلىق چولپانلىرىمىزدىن بىرسى مەلۇم بىر ئاق ھاراقنى كۈنىگە 8 قېتىمدىن ئۇدا ئۈچ يىل ماختىدى. مەن شۇ چاغدا مەلۇم گېزىتتە ‹‹سىزمۇ ئېلاندىن زىرىكتىڭىزمۇ؟ ›› ناملىق ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدۇردۇم. كېيىن يەنە ‹‹ئەگەر سىزگە پۇل كېرەك بولسا...›› ناملىق ئوچۇق خەت يېزىپ مەلۇم ژورنالغا بەرسەم، تەھرىر بۆلۈمدىكىلەر نېمىنى ئويلىدى بىلمىدىم، مەزكۇر ‹‹خەت››نى بىۋاستە ئاشۇ ‹‹چولپان››نىڭ قولىغا يەتكۈزۈپتۇ. ئۇ چولپان ‹‹خەت ›› تىكى ئوقۇغۇچىلار تىلىدىن بىرىلگەن: ‹‹ سىز ھەقىقەتەن تالانتلىق ئارتىس، بىز سىزنىڭ ئىتوتلىرىڭىزدىن شۇقەدەر زوق ئالىمىز، چۈنكى سىز ئىتوتلىرىڭىزدا رەزىللىكنى قامچىلاپ، بىزنى گۈزەللىككە يىتەكلەيسىز...بىراق يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى بىز سەككىز مىليون قېرىندىشىڭىزنى ئاق ھاراق ئىچىشكە كۈچەپ دەۋەت قىلىۋاتىسىز. چىن سۆزىڭىزنى ئېيتىڭا! بىز سىزنىڭ ئىتوتلىرىڭىزدىكى ‹گۈزەللىك يولى› غا قاراپ ماڭامدىمىز ياكى ھەممىىمىز ئاق ھاراق ئىچىپ ‹زابوي› بولۇپ يىتىشىپ چىقامدىمىز؟! ھە راست! ئاڭلىساق ئۇ ھاراق زاۋۇتى سىزگە نۇرغۇن پۇل بېرىدىكەن. ئەگەر سىزگە پۇل كېرەك بولسا جەنۇپ يېزىلىرىدىكى نامرات دېھقانلار، ئاشۇ ساناقسىز سەبىي ئۆسمۈرلەر 0.5 يۇەندىن پۇل يىغىپ سىزگە ئەۋەتىپ بېرەيلى! شۇنداق قىلساق ھىچ بولمىغاندا 2 مىليون پۇل بولار، بۇ پۇل چوقۇم سىزگە يېتىدۇ. بىز سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالايلى، سىز ئەمدى ئاق ھاراق ئېلانىغا چىقماڭ بولامدۇ...›› دىگەندەك چىن سۆزلەرنى ئوقۇپ ۋە 80 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمزاسىنى كۆرۈپ قاتتىق ئويلاندى بولغاي، ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئېلاندىن ۋاز كەچتى. بىز ئويلىدۇق، ئۇ چوقۇم جەرىمانە تۆلەش شەكلى ئارقىلىق توختامنى بۇزۇپ، قايتا ئۇ ئېلانغا چىقمىدى. بىز ئۇنىڭ بۇنداق ئۆزىنى بىلىدىغان، توغرا سۆزگە قايىل بولىدىغان پەزىلىتىدىن سۆيۈنۈپ، يېرىم يىلدىن كېيىن ‹‹ ئاكا بىز سىزدىن يەنىلا پەخىرلىنىمىز ›› دىگەن تىمىدا ‹‹خەت›› يېزىپ يەنە شۇ تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتتۇق. بىراق بۇ ‹‹خەت ›› نىڭ خەۋىرى شۇ بولدىكى ئۇ چولپان ئەمدى ئاق ھاراق ئېلانىغا چىقماس بولۇپتۇ.....مەن بۇ ئىشلارنى ئويلىسام خېلى سۆيۈنۈپ قالىمەن. ئۇ چولپانغىمۇ ئىچ- ئىچىمدىن قايىل بولىمەن. ئۇنىڭغا چىن دىلىمدىن سالامەتلىك ۋە نۇسرەت تىلەيمەن. ھازىرقى بىر تۈركۈم ‹‹نەدىن يېڭى ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىلسا، شۇ ئىچىملىكنىڭ ئېلانىغىمۇ مەن چىقسام بولاتتى...›› دەپ قاتراپ يۈرۈيدىغان‹‹چولپانلار ›› نىڭمۇ ‹‹مەسئۇلىيەت ›› دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىشىغا ئازراق ۋاقىت چىقارسىكەن، دەپ تاتلىق خىيال سۈرىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 E+ i+ j" P; T
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. M5 q2 Y) |# @- l7 h8 cشىۋىتسىيەلىك قىزنىڭ ئېيتقانلىرىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( V* j7 V8 X7 |; R" d+ @

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- \# @4 c0 ~) e; E( uسۆھبەت ئورنى: قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! T, ~3 U0 \3 J3 m" I: L$ |سۆھبەت ۋاقتى: 1991- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 p2 @7 y9 a9 }+ Oئسىم فامىلىسى: ئالېنا گېرم (ئۇيغۇرچە ئىسىم فامىلىسى: ئاينۇر كېرىم )
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' p% t' Z5 J! [4 O) D دۆلەت تەۋەلىكى: شىۋىتسىيە (قەشقەر پېداگوكىكا ئىنستىتوتىغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; c/ `* ]7 b2 ^5 T& r3 q2 G* u$ T
دۇنيا خەرىتسىگە قارايدىغان بولساق، مۇسۇلمانلار ئەڭ باي، مۇنبەت تۇپراققا ئورۇنلاشقان. تەرەققىيات نوقتىسىدىن قارىغاندا دىننىڭ ئەسلى مەنىسىنى تۇلۇق چۈشەنمەستىن، خۇراپاتلىق پاتقىقىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كەتكەنلەر، ئانچە تەرەققىي قىلالمىغان. «پەنسىز دىن توكۇر ئادەمگە، دىنسىز پەن ئەما ئادەمگە ئوخشايدۇ » (نىيوتون) دېگەن قاراشقا ئىلمىي يوسۇندا ھۆرمەت قىلغانلار زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر بالىلىرى ۋاپادار، سۆزمەن، ئەپۇچان، كەڭ قورساق، خۇش چاقچاق، مېھماندوست... كېلىدىكەنسىلەر،  ئەمما ئائىلەڭلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشماي، ئوغۇللار ھاراق- تاماكا ئۈچۈن پۇلنى ساماندەك خەجلەيدىكەنسىلەر؛ قىزلارنىڭ كىيىم كىيىشى مېنى ھەيران قالدۇردى. مەن ئۇيغۇرچە كىيىم كىيىشنى خېلى ياقتۇرىمەن، بىراق ھازىرقى ئۇيغۇر قىزلىرىدەك كىيىم كىيىشنى خالىمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر قىزلىرى يېڭى پاسوندىكى كىيملەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىقىدىكەن. مەن بەزى قىزلارنىڭ بىر كۈندە ئۈچ- تۆت قېتىم كىيىم- كېچەك ئالماشتۇرغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. بىر تەرەپتىن پۇل ئىسراپچىلىقى، ئەڭ مۇھىمى يەنە بىر تەرەپتىن كىيىم- كېچەك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ بىر مۇنچە ۋاقىت كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟! سىلەردە ۋاقىت ئېڭى ھەقىقەتەن يوق دېيەرلىك ئىكەن. مەن سىلەرنىڭ تاماق  يېيىش، يول يۈرۈش، يۇيۇنۇش... جەھەتلەردىكى ۋاقىتقا تۇتقان مۇئامىلەڭلەردىن تولىمۇ ئېچىندىم. سىلەردە جىددىيلىك تۇيغۇسى يوق دېيەرلىك ئىكەن. تۇرمۇشتىكى ئاددى ئشلار ئۈچۈنمۇ ئاز بولمىغان ۋاقىتنى زايە قىلدىكەنسىلەر، ئېشىپ قالغان تاماقنى تاشلىۋېتىدىكەنسىلەر، خاتىرەڭلارنى تېخى تولۇق ئىشلىتىپ بولالماي تۇرۇپلا يەنە يېڭى خاتىرە سېتىۋالىدىكەنسىلەر... غەرب ئەللىرىدە بۇخىل ئشلار ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدۇ. مەن بىر بايۋەتچىنىڭ قىزى. دادامنىڭ ئىگىلىكىدە ئۈچ زاۋۇت بار. قول ئاستىدا 417 نەپەر ئادەم ئىشلەيدۇ. بىراق، مەن نورمىدىن سىرت بىر تىيىنمۇ ئارتۇق خەجلىمەيمەن. چۈنكى، مەن دادامغا تايىنىپلا ياشىسام بولمايدۇ، ئۆزۈممۇ ئىگىلىك تىكلىشىم كېرەك. بىز مۇستەقىل ياشىيالمىغان ئادەمنى ھايۋان قاتارىدا كۆرىمىز. سىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىڭلارنى تەكشۈرۈپ تولىمۇ ھەيران قېلىۋاتىمەن. سىلەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈنلا ئوقۇيدىكەنسىلەر، رىقابەتلەشمەيدىكەنسىلەر.بەك تىرىشچان بالىلارنى ‹‹كىتاپ خالتىسى›› دەپ ئاتاپ، باشقىچە مەنىدە زاڭلىق قىلىدىكەنسىلەر، كەلگۈسىدە ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە سەل قارايدىكەنسىلەر، ھورۇنلۇق قەلبىڭلارنى چىرمىۋالغاندەك قىلىدۇ. چەتئەل تىلى ئۆگىنىدىغانلار تولىمۇ ئاز ئىكەن، ھەتتا ئۆزۈڭلارنىڭ دۆلەت تىلىدىمۇ راۋان سۆزلەشمەيدىكەنسىلەر، كۇتۇپخانا سىلەر ئۈچۈن ئۆگىنىش  سورۇنى ئەمەس، ئەكىسىچە بىر خىل ‹‹ئۇچرىشىش ›› سورۇنى ئىكەن...سىلەرگە دېمىسەم بولمايدىغان يەنە پىكىرىم شۇكى، سىلەر باشقىلارنىڭ ھەر قانداق مەدەنىيىتى بولسا ئويلانماستىنلا تەلتۆكۈس قۇبۇل قىلىدىكەنسىلەر، ئۆزۈڭلارنىڭ قىممەتلىك ئەنئەنىسىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا ئامراق ئىكەنسىلەر، تىلىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشقا سەل قارايدىكەنسىلەر...بۇ ئەھۋاللار سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلىقىڭلارغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئەمەسمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 Y3 ^# g7 ]' u/ u' X( L( Uكىچىككىنە ئىزاھات: بىز يەنە نۇرغۇن تېمىلار ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ئىدۇق. ئۇ شۇ يىلى يازلىق تەتىلدە تۇغۇلغان يېزام ئاچال يېزىسىغا كىلىپ جەمىيەت تەكشۈرۈشتە بولغان. ئۇ ئۇيغۇرچىنى شۇ قەدەر راۋان سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرەم 20 نەچچە يىلدىن بېرى پاكىز ساقلانماقتا .يېقىندا مەلۇم بىر دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەدە زور سالماقتىكى كادىر ئاياللارنىڭ كىيىم- كېچەك دۇكانلىرىغا كىشى چۆچۈگىدەك قەرز بولۇپ كەتكەنلىگىنى ئاڭلاپ ...بۇ قېتىم ئۇ قىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرەمدىكى مەزمۇنلارنىڭ تولىمۇ ئاز بىر قىسمىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 [( s- |6 H9 F+ R, Wبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: [7 r! D0 E- [( i
ھايات ۋە بەخىت تۇيغۇسى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. e& O, A- m7 W. \, [- O(بالىلارغا دەيدىغانلىرىم)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 {( [2 h% K) E$ b' |3 V
كىچىك دوست، دۇنيا دېگەن نىمە؟ سىز ھاياتنى چۈشىنەمسىز؟ سىز نېمىنى بەخت دەپ قارايسىز؟ بۇ دۇنيا بىر كۆكسىدىن بەخىت، خوشاللىق، شەربەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، يەنە بىر كۆكسىدىن ئازاپ، ھەسرەت، ۋەھىمە بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغان ئانىغا ئوخشايدۇ. ھايات گويا بىر ناخشا. ئۇنىڭ تاكت ۋە مىلودىيەلىرىنىڭ بەزىلىرى خوشاللىق بىلەن، بەزىلىرى بولسا غەم- قايغۇ، دەرت- ئەلەم بىلەن تولغان. ھايات گويا چاقماقتەك تىز ئۆتىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتنى قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ. بىز كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق. ھامان بىر كۈنى كۆككە ئۇچۇپ كېتىمىز، يەرگە چۆكۈپ كېتىمىز. بىز بۇ دۇنياغا يارىتىش ۋە پىكىر قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. دۇنيا ھېكمەتلىرىدىن بىخەۋەر يۈرسەك غەپلەت باسىدۇ. غەپلەت ئۇيقۇسى ئۆلۈمنىڭ يەنە بىر شەكلىدۇر. كىشى ھاياتىغا ھامان بىر كۈنى ‹‹ چىكىت ›› قويۇلىدۇ. ئۆلۈم بولغاچقىلا ھايات قىزىقارلىققا ئىگە قىلىنغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى تىۋىپلارنىڭ دورا خالتىسىدىن ئىزدەشتى. بۇ تولىمۇ كۈلكىلىكتۇر. ھەممە ئاخىرلىشىدۇ. پەقەت ھەقىقى مەنىدىكى ئاشىقلىق، ئىلىم-ھېكمەت، ياخشىلىقلا ئۆلۈم بىلەن لەۋ يېقىشمايدۇ. ئۆزىنىڭ بارلىقىنى يۇقارقىلارغا بېغىشلىغان كىشىلەر ھەقىقى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. قەلبىدە بەخت تۇيغۇسى يوق كىشىلەر، بەخت دىگەن ئۇقۇمغا مەڭگۈ خاتا جاۋاب بېرىدۇ. بەخت دىگەن نىمە؟ ئۇ ھەرگىز يوق نەرسە ئەمەس، ئۇ يېنىڭىزدا، قولىڭىزدا، ئاياغ ئىزىڭىزدا، روھىڭىزدا... بار. ئۇ سىزنى ئىشىك ئالدىڭىزدا ساقلاۋاتىدۇ. ئۆزىڭىزنى ئۇلۇغۋار ئىشلارغا بېغىشلىيالىسىڭىز، گۈزەل ئارزۇلار يولىدا ئىزدەنسىڭىز چوقۇم « بەخت قەلئەسى›› نىڭ ئاچقۇچىنى تاپالايسز... بەخت- ئىنتىلىش دېمەكتۇر، بەخت- ئىزدىنىش دېمەكتۇر، بەخت –ئۆزىمىز ئىنتىلگەن ئارزۇلارغا يېقىنلىشىش دېمەكتۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 O5 g, [, l( k- gمەن سىلەرگە ھەرگىز خوش دىيەلمەيمەن. بەزىدە ئوماق چېھرىڭلارغا، كۆزۈڭلاردىن تۆكۈلۈۋاتقان تال- تال نۇرلارغا قاراپ يۇشۇرۇن ياش تۆكىمەن. يەنە بەزىدە ، سىلەرنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا قادىر بولالماي قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن. موشۇ بالىلىق پەسلى مەڭگۈ ئاخىرلاشمىسىكەن، دەپ خىيال سۈرۈپ رىۋايەت توقۇغۇم كېلىدۇ. ھەممىڭلارنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ گۈزەل دۇنيا كەشتىلەنمەكتە. ئەمما دۇنيا سىلەرنى ئۆز رايى بويىچە تۇقۇماقتا. سىلەر تۇقۇلما بۇيۇم بولۇپ قالمىساڭلار بولاتتى. سىلەر مەڭگۈلۈك روھقا، مەڭگۈلۈك ھەقىقەتكە، مەڭگۈلۈك ئېنىرگىيەگە ئايلىنىپ كەتسەڭلار...بۇ دەرىسخانىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ ئۆزۈمنىڭ چۆچەكلەر دۇنياسىغا خاتىرجەم كىرىپ كېتەتتىم. قەلبىڭلاردىكى نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئارزۇلار سىلەرنى ئۈندىمەكتە.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 e- |& }1 x$ O+ ~
جاپا- مۇشەققەت ئوچاقلىرىدا تاۋلىنىڭ، مەيلى سىز نەگە بېرىڭ كىندىڭ قېنىڭىز تېمىپ چۈشكەن ئاشۇ نۇرانە تۇپراقنى، سىز مۆكۈشمەك ئوينىغان ئەشۇ كونا مەھەللىڭىزنى، سىزگە پات- پات چاقچاق قىلىپ پەپىلەتكەن سەرگەردان قۇملارنى، سىزگە چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ھېلىقى قېرى دەرەخنى، سىز مال باققان سازلىقلارنى، سىز ئۆچۈك ئوينىغان خارابىلىكلەرنى ۋە ئەجداتلىرىڭىز مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئاشۇ ئىشىك- دەرىزىسىز، سىرلىق ھەم جىمجىت قەبرىستانلىقنى ئۇنۇتماڭ...شۇندىلا ھاياتنى چۈشىنەلەيسىز، شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزگە ئوخشايسىز، شۇندىلا سىز ھەقىقىي بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلەلەيسىز... سىز بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم بولۇپ قېلىشىڭىز مۈمكىن...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ B6 ~9 k! K% i
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 o5 \- t$ U6 c0 {+ `" B1 I- Dخاتىمە: مەن- ئورۇق، ئۇ- سېمىز!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 z' m. K& c+ ?5 y$ t

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 P: B: y: V, _3 G3 Sبىر دانىشمەن:- ‹‹ھايۋاننى چۈشۈشۈنۈش ئۈچۈن ئانچە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ، ئادەمنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ ›› دەپتىكەن. بىزنىڭ نۇرغۇن ھالاكىتىمىز ئەتراپىمىزدىكىلەرنى ۋە ئۆزىمىزنى چۈشەنمەسلىكىمىزدىن كىلىپ چىققان. بىز ھامان گۈزەللىككە ئىنتىلىمىز. بىز بەخىتتىن مەڭگۈ ۋاز كېچەلمەيمىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& c% I' H) C6 h, Eدۇنياۋىي مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايىتماتوۋنىڭ ‹‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن ›› ناملىق رومانىدا مۇنداق بىر پاجىئە بار: ‹‹سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئالەم سىرىنى ئېچىش مەقسىتىدە بىردىن تەڭ ھوقۇقلۇق ئىككى نەپەر ئۇچقۇچىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدۇ. بۇ ئىككى نەپەر ئۇچقۇچى چەكسىز ئالەمدىكى ئىستانسىدا ئۇشتۇمتۇت يات پىلانىتتىن بېرىلگەن سىگنالنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئۇلار ‹ئورمانتۆش› دىگەن بىر پىلانىتتا دىموكىراتىك ، مەدەنىي ، باياشات، ئەخلاق، مەدەنيەت ، تەپەككۇر جەھەتلەردە بىز ئىنسانلاردىن نەچچە ھەسسە تەرەققى قىلىپ كەتكەن؛ ھوقۇققا چوقۇنۇش، خورلاش- خورلىنىش، ئىنسانلارنى تەبىقىگە ئايرىش...دېگەندەك ئىشلار ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان ئىنسانلاردىن كەلگەن ئۇچۇر بولۇپ، ئۇلار بىز ئىنسانلارنى ئىزدەۋاتقان، بىز بىلەن ئالاقىلىشنى، بىزگە ياردەم قىلىشنى ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار ياشاش ئۇسۇللىرىنى بىزگە ئۈگىتىشنى قىزغىن خالايدىكەن. ئىككى نەپەر ئۇچقۇچى بۇنداق بىر ئىلغار ئىنسانلار توپىنىڭ مەۋجۇتلۇق خەۋىرىنى ئۆز دۆلەتلىرىگە يەتكۈزگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى دۆلەت مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئالەمدە شۇنداق ئىلغار ئىنسانلارنىڭ بارلىقىنى يەر شارىدىكى ئىنسانلارغا بىلدۈرمەسلىك قارارىغا كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ يەر شارىغا كېلىپ، بىز ئىنسانلارغا يېڭى ئىددىيەلەرنى تارقىتىشىدىن ئەنسىرەپ، يەر شارىغا مۇداپىئە ئۈچۈن ھالقا شەكىللىك راكىتا ئورۇنلاشتۇرۋېتىدۇ ھەمدە ھېلقى ئىككى نەپەر ئۇچقۇچىنىڭ يەر شارىغا قايتىپ كىلىش يولىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ.››
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& d& u! q. B% E$ y- Hدۇنيادا ئۆلۈسەن دەپ بىر زېرەك ھايۋان بارمىش، ئۇنىڭ گۆشىنى يىگەنلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەرمىش، شۇڭا ئوۋچىلار ئۆلۈسەننى تۇتۇش ئۈچۈن ئىنتايىن پەم بىلەن، ھىچقانداق ئىز قالدۇرماي قاپقان قۇرارمىش. ئۇ ئىنتايىن زېرەك ھەم ھۇشيار ھايۋان بولۇپ، ھەرقانداق ئۇستا ئوۋچىنىڭ قۇرۇپ قويغان قاپقىنىنى پۇراش سىزىمى ئارقىلىق بىلىپ قالارمىش. ئۇ كېتىۋىتىپ قاپقان بار جايغا كىلىپ توختاپ نۇرغۇن خىيال سۈرەرمىش : ‹‹بۇ توپا ئاستىدا قاپقان بار ئىكەن، دەسسىسەملا قاپقانغا چۈشىمەن، پۇتۇم سۇنىدۇ، بۇ يەردىن كېتەلمەيمەن، ئاخىرى ئوۋچىغا يەم  بولىمەن.ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەي دىسەم، ئوۋچى نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ، مېنى دەسسىسۇن دەپ، بۇ قاپقاننى قورۇپتۇ، قاپقانغا چۈشمەي ئۆتۈپ كەتسەم، ئوۋچىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئوۋچىنىڭ كۆڭلى بولسىمۇ خوش بولسۇن...›› دەپلا قاپقاننىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا دەسسەرمىش.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- A7 q& Q" y, r5 ^# s$ Y  l
بىز بالىلىق چاغلىرىمىزدا: ‹‹ مەن- ئورۇق، ئۇ- سېمىز ›› دىگەن چۆچەكنى كۆپ ئاڭلىغان. چۆچەكتە: ‹‹دىۋىلەر پادىشاھى بىر يۇرتتىكى ئادەملەرنى چوڭ بىر ئۆيگە سولىۋېلىپ ھەر كۈنىگە بىردىن ئادەمنى يەيدۇ. ھەر ئەتىگىنى دىۋىلەر پادىشاھىنىڭ ئادەم گۆشى تەييارلاپ بېرىشكە مەسئۇل دىۋىسى ئادەملەرنى تاللاش ئۈچۈن ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىگە، بارلىق كىشىلەر بىر-بىرىنى ئالدىغا ئىشتىرىشىپ ‹‹مەن- ئورۇق، ئۇ- سېمىز ›› دەپ ۋاقىرشىدۇ. دىۋە سەل سېمىزرەك بىرسىنى تاللاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئادەملەر دىۋىلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قانداق قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىتتىپاق تۈزمەستىن، بەلكى بىر- بىرى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ ھالىدىن كېتىشىدۇ، ئەھۋال ئەنە شۇنداق داۋاملىشىدۇ، ئاخىرى ئۇ يۇرتتىكى ئادەملەرنىڭ سېمىزلىرىمۇ ھەم ئورۇقلىرىمۇ بىردىن-بىردىن دىۋىلەرگە يەم بولۇپ تۈگەيدۇ››.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 p# w* @8 k/ n
يۇقارقىلار مەيلى فانتازىيە بولسۇن، مەيلى رىۋايەت ياكى چۆچەك بولسۇن... بىزنىڭ تەھلىل قىلىشىمىزغا، تەدبىق قىلىشىمىزغا تاپشۇرۇلغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' V) o( n# D5 v& F5 Jبەزىلەر خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ھەققىدە توختىلىپ: ‹‹ ھەي خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر ›› دېگەن سۆزنى قىستۇرۇپ قويىشىدۇ. مەن ئانىمىزنىڭ سۈتىنىڭ خام بولىشىغا ئىشەنمەيمەن، چۈنكى ئانىمىزنىڭ سۈتى 70 گىرادۇسلۇق ئۆلچەملىك قوش ئوچاقتا 9 ئاي 9 كۈن  ‹‹قاينىتىلغان ›› بولۇپ ‹‹خام ›› بولۇشى ناتايىن. بىز گۇناھ ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، گۇناھىمىزنى يەنە شۇ ئانىمىزنىڭ ئىسسىق، ھالال ھەم ئاپئاق سۈتىگە دۆڭگەپ قويۇشقا ئادەتلەندۇق. سەن بەزىدە پىشقان، ساپسېرىق بېشەكچىنى قىممەت سېتىۋېلىپ، ئالاھىدە ھەۋەس بىلەن يارساڭ ئىچى سېسىق چىقىدۇ. مەكتەپلەردىكى ئەڭ سېمىز ئوقۇتقۇچى مەكتەپ مۇدىرى بولىشى ناتايىن، ساقال قويىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى تەقۋادار بولىشى ناتايىن، ساڭا يېقىنچىلىق قىلغانلار ئەڭ ئاخىرقى ھىسابتا سېنى ھالاك قىلشى مۈمكىن. يەر شارى كىچىكلىمەكتە، خوشناڭ كۆپەيمەكتە. مەھەللەڭنىڭ ماسسىسى كۈنسايىن ئاشماقتا؛ ساڭا بەتلەنگەن تىلكامىرالار ئەقلى ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا؛ بىر كالپۇكى شىمالغا، بىر كالپۇكى جەنۇپقا تۇتىشىدىغان، بىر كۆزلۈك، پىتنىخور، ھەييار ‹‹دەججال ›› نى كەلمەيدۇ دەپ خام خىيال قىلما! ئۆزۈڭنى مۇستەھكەملە! نېمىگە قاراپ تۇرىسەن، سەنمۇ رادار قالقان سېسىتمىسى ئورنات، مائارىپتىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەر سېنى چوقۇم ‹‹ دەججالنىڭ پىتنىسى ›› دىن ساقلاپ قالالايدۇ. ۋاقتىڭ بولسا چۆچەكلەرنى ۋاراقلاپ قويغىن! بوۋىلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا بۈگۈنىمىز ئۈچۈنمۇ نۇرغۇنلىغان چۆچەكلەرنى توقۇپ قويغان ئىكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 v4 s! G3 x, D) i& E5 q2 Gمەنبە: ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››ژورنىلىنىڭ2014-يىللىق 1-2 قوشما سانىدىن ئېلىندى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 I* {; T9 g3 }- H& Q

ئۇيغۇر ئوغلى

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 3859
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18546
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1374 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 12:17:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ بۇ ماقالىسىنى شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىدىن بىر قانچە قېتىم ئۇقۇپ بولدۇم. ئۇيغۇر بۈگۈنكى مائارىپى ھەققىدە يېزىلغان مۇكەممەل بىر ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. قانچە ئۇقىغانسېرى شۇنچە ئۇقىغىسى كېلىدۇ. تېما ئىگىسى تورغا يوللاپ بولغۇچە جاپا تارتىپسىز! رەھمەت سىزگە!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 E" R; f; U) K, l$ F9 e6 [

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 547
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2014-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 02:01:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە  دىگەن  ئوزۇن  ماقالە .جاپا  تارتىپ  سىز  .

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 02:15:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالىنى  تۈمۈر يولدا ماڭغاچ يېزىپسىزھە  كومپىيۇتېر ئۈستىلىگە  چاق  ئورنىتىپ     رىلىستەك ئۇزۇن يازاي دەپ  .           جاپا تارتىپسىز      

ئىشلەپ يىيىشنى بىلمىسەڭ   ،يېتىپ يىيىشنى ئۆگىنىسەن .

قاراخان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12727
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2273 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 02:31:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەق سۆزلەر دورىدەك  ئاچچىق بولىدۇ يۇتماق تەس .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: H3 I) I. F4 h0 @5 F/ R' F1 H' q
ھەق سۆزلىگەن ،ھەقنى يۈتكۈزگەن ،ھەقىنى قوبۇل قىلىدغانلارنىڭ ھەققىنى  پەرۋەردىگارىمىز ئۆزى بەرسۇن .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97297
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-8-27
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 08:40:34 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇماقالە  بەك  ياخشى  يىزىلىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 08:42:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىشلەپ يىيىشنى بىلمىسەڭ   ،يېتىپ يىيىشنى ئۆگىنىسەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 4098
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8166
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1764 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 09:58:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭنىڭ  تەبئىي  بايلىقى  ،  ياپۇنىيەنىڭ   تەبىئىي  بايلىقىغا  قارىغاندا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 o  M0 B3 H( a# G: oنەچچە   يۈز   ھەسسە  كۆپ  كېلىدۇ  .  شۇنداق  تۇرۇقلۇق  ياپۇنلار  شىنجاڭلىقلاردىنبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 T! w  U9 Z/ v# Z4 B; S% X
نەچچە  يۈز  ھەسسە   باي   كىلىدۇ .   بۇنىڭ   سەۋەبىنى   نۇقۇل  ھالدا  ئۇيغۇرلارنىڭ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* L0 L. \" y# ?1 oمائارىپقا  ئەھمىيەت   بەرمىگەنلىكىگە   ئارتىپ  قويۇش   مىنى  تازا  قايىل قىلالمايدۇ .

ئۈمىدنىڭ   تۇمۇرى   ئۈزۈلسە ، ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6608
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 10:05:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قۇيۇپ كىيىن ئۇقاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6608
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 10:05:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش