|
|
|
|
تارىخ خاتىرىلەشتىكى خاتالىقلار ھەممىمىزگە مەلۇمكى تارىخ دېگەن ئۆتكەن ۋەقە، ئۇنىڭ چىنلىقىدا ھېچقانداق شەك يوق. لېكىن ئۇنى خاتىرىلىگۈچى ياكى يېزىپ تارقاتقۇچى ئادەم، تارىخ ئۆلۈك بولغىنى بىلەن ئادەم تىرىك. شۇڭا تارىخنى خاتىرىلىگەندە ئۇنىڭغا خاتىرىلىگۈچىنىڭ ئىدىيىسى،ھېسسىياتى تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بەزى تارىخ كىتابلاردا،بولۇپمۇ تارىخ دەرسلىك كىتابلىرىدا بەزى خاتالىقلارنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. مەسىلەن ئېلىپ ئېيتساق، بىز ئۆگەنگەن تارىخ كىتابلىرىدا 1876-يىلى بېلنىڭ تېلىفۇننى ئىجادقىلغانلىقى بىر قىزىقارلىق جەريانلار بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە تېلىفۇننى ئىجاد قىلغۇچى بېل ئەمەس. 1860 يىلى ئىتالىيىلىك كەشپىياتچى ئەنتونىئو مۇچى تۇنجى قېتىم كۆپچىلىككە ئۆزى ئىجاد قىلغان تېلىفۇننى نامايان قىلغان ۋە نىيۇيوركتىكى ئىتالىيە تىلىدىكى گېزىتتا بۇ توغرۇلۇق خەۋەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ كەشپىياتىنى تونۇشتۇرغان. ئەپسۇس بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئىتالىيەدىن باشقا بارلىق دۆلەتلەردە كىشىلەر تېلىفۇننى بېل ئىجاد قىلغان دەپ بىلگەن. لېكىن2002-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ 269-نومۇرلۇق تەكلىپ لاھىيىسىدە رەسمىي ھالدا ئەنتونىئونى تېلىفۇننىڭ كەشىپ قىلغۇچىسى دەپ بېكىتكەن.ئەسلىدە بېل ئەنتىنىئو بىلەن بىر تەجرىبىخانىنى تەڭ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئەنتونىئو نامرات بولغانلىقتىن ئۆزىنىڭ كەشپىياتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پاتنېت ھوقۇقىنى ساقلاشقاكېتىدىغان 250 دوللارنى تاپشۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى، شۇڭا ئۇ پەقەت ئۈچ يىللىق پاتنېت ھوقۇقىنى ساقلاش پۇلىنى تاپشۇرۇپ كېيىن بەخىتسىزلىك بىلەن قازا قىلغان.كېيىن بېل بۇ پاتنېنتنى ئىلتىماس قىلىپ، شىركەت قۇرۇپ تېلىفۇن ئىشلەپ چىقارغان.شۇڭا كىشىلەر ھەممىسى تەبىئىي ھالدا بېلنى تېلىفۇننىڭ ئىجاد قىلغۇچىسى دەپ بىلگەن.لېكىن تارىخچىلار بۇنى خاتىرلىگەندە خېلى كۆپ ماتېرىياللار بار بولسىمۇ، بۇلارغا ئېتىبارسىز قارىغان. ئەلۋەتتە ئادەملەرنىڭ خاتالىقىدىن سىرت تارىخنى خاتىرىلەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ مۇھىم بىرى بولسا سىياسىي ئىشلار. ئەنگىلىيىلىك داڭلىق تارىخچى فرىمەن « تارىخ بولسا ئۆتۈپ كەتكەن سىياسىي ئىشلار،سىياسىي بولسا ھازىرقى تارىخ» دېگەن مەشھۇر سۆزنى قىلغان. سىياسىينىڭ تارىخقا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە نۇرغۇن تارىخلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن قانچىلىك بۇرمىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك خاتىرىلەش خاتالىقى چىققان تارىخلارمۇ ئاز ئەمەس، لېكىن بىز يەنىلا كۆپ قىسىم تارىخنىڭ چىنلىقىغا ئىشىنىمىز. بىر قىسىم تارىخنىڭ بۇرمىلانغانلىقى سەۋەبلىك تارىخنى ئۆگىنىش، تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى تاشلاپ قويساق بولمايدۇ. چۈنكى تارىخنى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغاندىلا ئاندىن كەلگۈسى يولىمىزنىڭ تېخىمۇپارلاق بولىشىغا تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. مەنبە: ئۆز قەلىمىم
|
|
|
|
|
|