نەنجىڭ ئۇنۋىرسىتىدا بەس-مۇنازىرە
ئانا يۇرتىمىزدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراق بولغان زېمىندا تۈرلۈك قىينچىلىقىلارغا باش ئەگمەي بىلم ئىشقىدا كۆيۈپ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ھارماي-تالماي تىرىشىۋاتقان ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز ئۇقۇشتىن چارچىغان چاغدىكى ۋاقتنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆز مەكتىپىدە "قۇد بىلگە ئوقۇرمەنلەر كۇلۇبى" نى قۇرۇپ، ھەر ھەپتىسى ئىككى-ئۇچ سائەت ۋاقت چىقىرىپ جەم بۇلۇپ ئانا تىلىمىزدا ھەرخىل پائالىيەتلەرنى قىلىپ كەلمەكتە. بۇ قىتىملىق پائالىيەتكە20دىن ئارتۇق نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىڭ ئوقۇغۇچىللرى "ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئىستۇدىنتلىرى لاياقەتلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىردىن بۇلالامدۇ" دېگەن تىمىنى چۆرىدەپ بىر مەيدان قىزغىن مۇنازىرە ئىلىپ باردى. مەن تۆۋەندە بالىلار ئوتتۇرغا قويغان مەزمۇنلارنى نەچچە نۇقتىغا ئىخچاملاپ كۆپچىلىككە سۇنىمەن.
1، زىيالىي ئۇقۇمدىن چىقىپ قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئىچىدە زىيالىيلار قانچىلىك نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى مۇھتاجلىقىنى قاندۇرالايدىغان لاياقەتلىك زىيالىيلار قانچىلىك.
2،ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللرىدا بەزىبىر قاملاشمىغان 'ئىمتىيازلارغا' بېقىنۋالىدىغان، ئۆزنى باشقا مىللەت كىشلىردىن تۆۋەن كۆردىغان، ئۆزىگە ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈد ئىشەنچى تۆۋەنلەپ بوشىشىۋاتقان، تىرىشمايدىغان، زىيادە شەخسىيەتچى بۇلۇپ كېتىۋاتقان باشقا ھىچقانداق ئىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ھەتتا ئوقۇشقىمۇ، ۋە ئاددىي بولغان ساپالارمۇ كەمچىل بۇلۇشتەك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، بۇنىڭ ئەكسىچە يەنە كىشىنى خۇشال قىلدىغان يۇقارقى ئەھۋاللادىن يىراق، ھەممە ئىشلارنى ياخشى ئىلىپ كىتىۋاتقان ھەتتاكى باشقا مىللەت كىشلىردىن ئىشىپ چۈشىۋاتقان، ئۈلگىلىك جۇشقۇن ساۋاقداشلارنىڭ خېلى بارلىقى ۋە كۆپىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا.
3،بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچسى بولۇش سالاھىتى بىلەن لاياقەتلىك ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇشنىڭ شەرتللىرنى قىلالاۋاتىمىزمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلشىمىز كېرەك. بىز گۈزەل ئارزۇ-غايىلەرنى تىكلەپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختامسىز ياخشى تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە جەمئىيەتنىڭ، بەزىبىر چوڭلارنىڭ ۋە باشقا ھەرخىل ناچار تەسىرلەردىن يىراق تۇرىشىمىز قۇلىمىزدىن كىلىشىچە ئۇلارنى تۈزىتىشكە ھەركەت قىلىشمىز، ھەرۋاقىت ھەر جايدا ئانا تىلىمىزنى ۋە ياخشى مەدەنىيەتلىرىمىزنى قوغدىشىمىز، ئۇيغۇرغاخاس مىللى روھ ياشللارغا خاس جۇشقۇنلۇق بىلەن ئالغا ئىنتىلدىغان، مىللەتكە،يۇرت-ماكانغا پايدىلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىللرىدىن بۇلشىمىز كېرەك.
بۇ قىتىملىق بەس-مۇنازىرە ئاساسلىقى يۇقارقى نوقتىلارنى مەركەز قىلىپ 2 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقت ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆز-ئارا ئۆگىنش ۋە قۇبۇل قىلىش نەتىجىسىدە ياخشى ئاياغلاشتى. بۇنداق ئىلمى پائالىيەتلەر بالىلارنىڭ شەخسىيەتچىلىكنى تۆۋەنلىتىپ ئۆز-ئارا مىھرىبان بۇلۇشى كوللېكتىپ روھنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق بۇلۇپلاقالماستىن، بالىلارنىڭ ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرشىكە، مىللەت، ۋەتەن-خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاۋال ئويلايدىغان بۇلىشىغىمۇ پايدىلىق. بۇ بالىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئوڭۇشلىق تىلەيمەن ۋە بۇنىڭدەك ياخشى ئىشلارنى داۋاملاشتۇرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاخىردا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ياخشى ئىشلارغا بىرلىكتە ئاۋاز قۇشۇپ تەڭ ھەركەتكە كىلىپ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشنى ئۈمۈد قىلىمەن، .ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىزنى سالامەت قىلغاي، ئىشلىرىمىزغا ئاسانلىق بەرگەي. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بىزئەقلىلق ئۇيغۇرلار بىر نىيەتتە ياخشى تىرىشساقلا كەلگۈسىمىز پارلاق.
يازمىنى تەھرىرلەشكەياردەم قىلغان نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتت ئوقۇغۇچىسى 'باھار'غائالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
ئىنتىلگۈچى،نەنجىڭ
2014.4.1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-3 12:08 PM