كۆرگەنلىرىمدىن ھېس قىلغانلىرىم
ئىلاۋە:ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! مەن مۇنبەرنىڭ يېڭى ئەزاسى، ئالدى بىلەن مۇنبەرنىڭ قۇرغۇچىلىرىغا ۋە بارلىق مۇنبەرئەزالىرىغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
مەن تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ ئەمدى خىزمەتكە چىققان، كەلگۈسى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان، تەپەككۇرقىلىۋاتقان بىر ئوت يۈرەك ياش. مەندە تورداشلارغا تەغدىم قىلغۇدەك ئىلمىي ماقالىلار، تەتقىقات نەتىجىلىرى يوق، بىراق، بىلىم-سەۋىيەم، تەپەككۇرقابىلىيىتىمنىڭ يۇقىرى بولماسىلىقى تۈپەيلىدىن «ئالتۇننى زەرگەر سوقسۇن» دەپ قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى. ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي توپنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈم ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىدە تەپەككۇر كۆزۈم بىلەن كۆزەتكەنلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ، بىرلىكتە ئىزدىنىشنى، تەپەككۇرقىلىشنى، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئەلۋەتتە، كۆز-قاراشلىرىم، ھېس قىلغانلىرىم بىر تەرەپلىمىلىك ياكى يۈزەكى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى، يول كۆرسىتىشىنى، يېتەكلىشىنى ئۈمىدقىلىمەن.
تۆۋەندىكى بۇ يازمامدا ئاساسلىقى جەمئىيىتىمىزدىكى بىزنىڭ ئىززەت-ئابرويىمىزغا داغ كەلتۈرگەن، ئۆزگە مىللەتلەر ئارىسىدا بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆككەن ئۆزۈم كۆرگەن بىر قىسىم ئىشلارنى، شۇ ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىنكى ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلىمەن. (ئەسكەرتىش: ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ ئىشلار ئىجتىمائىي رېئاللىقىمىزدا قىسمەن مەۋجۇت بولغان، بىز ئىنكار قىلالمايدىغان ھەقىقىي ئىشلار. مەن بۇ يەردە بۇئىشلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت دېمەكچى ئەمەس، بۇ نۇقتىنى تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)
كۆرگەنلىرىم
1-كۆرۈنۈش
سىرتقابىر ئىش بىلەن چىقماقچى بولۇپ، ئەمدى ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىشىمغا، 17-18 ياشلار چامىسىدىكى بىر توپ قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ ۋاڭ-چۇڭى دىققىتىمنى تارتتى، نىمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە ئارىسىدىكى ئىككى قىز بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، بىر قىز يەنە بىر قىزنىڭ چېچىدىن تارتىپ يەرگە يىقىتىۋەتتى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى تىللىغاندىكى دېگەن گەپلىرىنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىش ئەپسىز. ئەتراپىدىكى ئوغۇللار بولسا ئۇ قىزلارنى ئاجرىتىپ قويماي، ئۇرۇشقىنىغا قاراپ تۇرىشاتتى. شۇ ئەسنادا، ئولتۇراق رايونىمىزنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغان بىر نەچچە ئاكىلىرىمىز بېرىپ ئۇ قىزلارنى ئاجرىتىۋېتىپ، ئەتراپىدىكى ئوغۇللارنى قاراپ تۇرغىچە ئاجرىتىپ قويۇشساڭ بولمامدۇ دەپ ئەيىبلىدى. يولدا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر ئاكىمىز بۇ قىزلارنىڭ ئۇرۇشقىنىنى كۆردى بولغاي، يول بويىغا ماشىنىسىنى توختىتىپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇلارغا قاراپ: «يۈزىمىزنى مۇشۇنداق تۆكىشەمسە ھەرقايسىڭ» دەپ غەزەب بىلەن ۋارقىرىدى. ئەتراپتا باشقىلار بىزنىڭ تاماشىمىزنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرىشاتتى. ھېلىقى قىزلارغا قارىسام خىجىل بولۇش، نومۇس قىلىش دېگەن تۇيغۇلاردىن ئەسەرمۇ يوق، يەنە بىر-بىرىنى تىللاشقان پېتى بۇيەردىن كېتىپ قالدى. ئۆيدىن كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى چىققانتىم، بۇ ئىشنى كۆرۈپ كەيپىياتىم بىراق بۇزۇلدى. ھېلىقى ئاكاشنىڭ «يۈزىمىزنى مۇشۇنداق تۆكۈشەمسىلەر» دېگەن غەزەبلىك ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىماقتا ئىدى، باشقىلارنىڭ مەسخىرىلىك كۈلۈشلىرى، بىزگە قارىغاندىكى تاشقى پىلانت ئادەملىرىگە قاراۋاتقاندەك چىراي ئىپادىلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەي مېنى بىئارام قىلماقتا ئىدى.
2-كۆرۈنۈش
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، مەكتىپىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەھىرىمىزدىكى بىر داڭلىق بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا پراكتىكا قىلدىم ( ئوقۇغان كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ). مەن مېھمانخانىنىڭ يېمەك-ئىچمەك بۆلۈمىگە قاراشلىق رېستۇرانىغا تەقسىم قىلىندىم، بۇ مېھمانخانا بىناسى ئىچىدە يېمەك-ئىچمەك بۆلۈمىگە قاراشلىق رېستۇران زالىدىن تۆتى بار بولۇپ، بۇ زاللاردا تويلار، يىغىنلار ۋە چوڭ كارخانىلار ئورۇنلاشتۇرغان ھەرخىل لېكسىيىلەر بولۇپ تۇراتتى.
بىركۈنى، بىر جۈپ خەنزۇ قىز-يىگىتنىڭ تويى بولدىمۇ ياكى باشقا بىر پائالىيەت بولدىمۇئىشقىلىپ ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ، ئۇسۇلچى قىزلىرىمىز بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىنغانىدى. مەن بىرقانچە خىزمەتداشلىرىم ( خىزمەتداشلارنىڭ ئىچىدە پەقەت مەن بىرلا ئۇيغۇر ) بىلەن سەھنىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ ئىشقىلىپ بىرئىشلارنى قىلىپ يۈرەتتۇق. ھېلىقى ئۇسۇلچى قىزلار سەھنىنىڭ يېنىدىكى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ، ئىشىكنىمۇ يېپىپ قويمايلا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى، ئىچ كىيىمىدىن باشقىسىنى سېلىۋېتىپ ئۇسۇل كىيىملىرىنى كىيمەكچى بولغان قىزلارغا ھەممىمىز ھەيرانلىقتىن قاراپلا قېلىشقانىدۇق، ئەتراپىمدىكى خىزمەتداشلىرىم بۇ قىزلارنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر قىزلىرى بەك چىرايلىق ئىكەن دېگەندەك شەھۋانىي گەپلەرنى باشلىۋەتتى. بۇ قىزلار مېنىمۇ كۆردى، مېنى كۆرگەندىن كېيىن ئازراق بولسىمۇ خىجىل بولا دەپ ئويلىغانتىم، بىراق، ئۇلارنىڭ چىرايىدا خىجىللىقنىڭ سايىسىمۇ يوق، ئەكسىچە ئىشىكنىمۇ يېپىپ قويماي، داۋاملىق خاتىرجەم كىيىم ئالماشتۇرماقتا ئىدى. نومۇستىن ۋە غەزەبتىن تىترەپ كەتتىم، خىزمەتداشلىرىمنىڭ قىزلىرىمىز توغرۇلۇق قىلىشقان شەھۋانىي گەپلىرى غورۇرۇمغا قاتتىق تەگدى. ئازاب ئىچىدە ئۈن-تىنسىز سەھنىدىن باشقا ياققا كېتىشتىن باشقىنى قىلالماي پۇچىلاندىم.
3-كۆرۈنۈش
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش نىيىتىدە بىرى بىلەن شېرىكلىشىپ، شەھىرىمىزدىكى بىر تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن ئىشخانا ئىجارە ئېلىپ، بىرشىركەتنىڭ تارماق شىركىتىنى قۇردۇق. كۈندە ئىشخانامغا كېلىپ-كېتىش جەريانىدا، مېھمانخانا ئالدىدا، مېھمانخانا قوروسىدا، مېھمانخانىغا كىرىدىغان چوڭ ئىشىكتە دائىم قىزلىرىمىز بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتىم، دەسلەپتە بۇ قىزلارنى مېھمانخانىدىكى بىرەر يىغىنغا ياكى تويغا ( بۇ مېھمانخانىدىمۇ چوڭ زال بولۇپ، بۇ يەردە دائىم يىغىن ئېچىلىپ، تويلار بولۇپ تۇرىدۇ ) كەلگەنلەر ئوخشايدۇ دەپ ئانچە ئېرەن قىلماپتىمەن، كېيىن بۇ مېھمانخانىنىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى چۈشەنگەندىن كېيىن، بۇ مېھمانخانىغا ئادەتتە بىرەر يىغىنلار بولۇپ قالمىسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ماڭا كۈندە ئۇچرايدىغان بۇ قىزلارنىڭ نېمىگە كېلىدىغانلىقىغا قىزىقىپ قالدىم. كېيىن بىلدىمكى، بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى مېھمانلارغا ھەمرا بولۇپ پۇل تاپىدىغان قىزلار ئىكەن. سىرتتا كۆرسە ھېچكىم ئۇقىزلارنى ئۇنداق ئىش قىلىدۇ دەپ ئويلىمايدۇ، بەزىلىرىنى كۆرسىڭىز ھەتتا قەتئىي ئىشەنگىڭىزمۇ كەلمەيدۇ. بۇنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ، ئىشخانامغا بارغۇم كەلمەيدىغان، بارساممۇ باشقا تارماقلاردىكى مېھمانخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىدا نومۇستىن بېشىمنى كۆتۈرەلمەس بولۇپ قالدىم. قىزلىرىمىزنىڭ پۇل ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا غورۇرىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمىغانلىقىمدىن قاتتىق ئازابلاندىم.
4-كۆرۈنۈش
خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدىكى دېڭىز ساھىلى. مەن باشلاپ بارغان ساياھەت ئۆمىكىدىكىلەر دېڭىز ساھىلىدا سۇ ئۈزۈش، ماتورلۇق كېمىگە چۈشۈپ ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى. مەن ساھىلدىكى سايىۋەنلىك ئورۇندۇقتا ئىچىملىك ئىچكەچ دەم ئېلىپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز ماڭا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، ساياھەت ئۆمىكىمىزدىكى ئىمامنىڭ ( ئۆمەك ئەزالىرى ئىچىدە بىرلا ئىمام بار ئىدى ) ئاپتاپقا قاقلىنىپ پاراڭلىشىپ ياتقان ئىككى كىشىنىڭ ئايىقىدا ئۇلارغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، بۇ مۆھتىرەم ئىمام بىلەن ھېلىقى ساياھەتچىلەرنىڭ ئارىسىدا بىرەر ئىش يۈز بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرۈپ ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم. بېرىپ قارىسام، ئاپتاپقا قاقلىنىپ پاراڭلىشىپ ياتقىنى 20-25 ياشلار ئەتراپىدىكى چىرايلىق ئىككى چەتئەللىك قىزكەن، بۇ قىزلار سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەنلا ئوڭدىسىغا يېتىپ ئاپتاپقا قاقلانغاچ پاراڭلىشىۋاتقان بولۇپ، مۆھتىرەم ئىمام ئۇلارغا قىزىقسىنىپ ئۇلارنىڭ ئايىغىغا كېلىپ قاراپ تۇرغانىكەن. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم، مۆھتىرەم ئىمامنىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئاكا، يۈرۈڭ ئاياقلارغىمۇ بېرىپ ئايلىنىپ كېلەيلى دېدىم. ئاكىمىز ماڭا مېنىڭ كېتىۋېرىشىمنى ئۆزى يالغۇز ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شۇ پېتى ھېلىقى قىزلارنىڭ گۈزەللىكىدىن داۋاملىق ھۇزۇرلانغىنىچە قاراپ تۇرىۋەردى، ئۇ قىزلار ئاكىمىزنىڭ قارىغىنىغا پەرۋا قىلماي ئۆزىنىڭ پارىڭىنى قىلىپ خىيالىي ياتاتتى. ئاكىمىزنىڭ قىزلارغا قاراپ تۇرغاندىكى تۇرقىغا قاراپ، ئاكىمىزنىڭ ئۆزى ئىماملىق قىلىۋاتقان مەسچىتتە جامائەتكە ئەۋرەتلەرگە قارىسا نامەھرەم بولىدۇ دەپ ۋەز ئېيتىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ، مېنى ئىختىيارسىز ئاچچىق بىر كۈلكە قىستىدى. ( ئەسكەرتىش: مەن بۇ يەردە قانداقتۇر بىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىماملىرىمىزغا ھاقارەت قىلماقچى ئەمەس، پەقەت كومېدىيىلىك تۈس ئالغان بۇ ھەقىقىي ۋەقەلىكنى قىسقا بايان قىلىش ئارقىلىق، يازمامدا ئىپادىلەنمەكچى بولغان ئىدىيىنى يورۇتۇپ بەرمەكچى، خالاس. )
5-كۆرۈنۈش
شەھىرىمىزدىكى مەخسۇس ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېچىلغان، ساياھەتچىلەر مىللىيچە ناخشا-ئۇسۇللاردىن ھوزۇرلانغاچ تاللا تاماق يەيدىغان مەلۇم بىر ناخشا-ئۇسۇل تىياتىرخانىسى. ئىچكىرىدىن كەلگەن ساياھەت ئۆمىكىنى ناخشا-ئۇسۇللاردىن ھوزۇرلانغاچ تاماق يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزۈم كەينىدە ناخشا-ئۇسۇللاردىن ھوزۇرلانغاچ تاماق يەپ ئولتۇراتتىم. سەھنىدە مىللىتىمىزنىڭ بىر-بىرىدىن ئېسىل نۇمۇرلىرى ئورۇنلىنىۋاتاتتى، ساياھەتچىلەرمۇ ھاياجانلانغان ھالدا رەسىملەرگە تارتىشىپ، بېرىلىپ كۆرىۋاتاتتى. رىياسەتچىنىڭ تۆۋەندە ئەرەبچە ئۇسۇلدىن ھۇزۇرلىنىسىلەر دەپ ئېلان قىلىشى بىلەن، مەيدىسى، كىندىكى، يوتىسى ئوچۇق كىيىنگەن ئۇسۇلچى قىزلارسەھنىگە چىقىپ، بەللىرىنى تولغاپ ئۇسۇل ئويناشقا باشلىدى. ساياھەتچىلەر سەھنە ئالدىغا بېرىپ رەسىمگە تارتىشقا باشلىدى. بۇ ھالەتنى كۆرۈپ بىزنىڭ سىگانلارغا ئوخشاپ قېلىۋاتقىنىمىزنى ئويلاپ ئازابلىنىپ ئولتۇراتتىم، ئۆمەكنىڭ ئىچىدىكى ياشقا چوڭراق بىر خەنزۇ ئايال ئاتايىتەن قېشىمغا كېلىپ: «ساياھەت يېتەكچىسى، ئۇيغۇرقىزلىرى دېگەن ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كىيەتتى، بىراق، بۇ قىزلار مەيدىسى، كىندىكى، يوتىسى ئوچۇق كۆڭلەك كىيىۋاپتىغۇ؟» دەپ سورىدى، ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا نومۇستىن ئۆلەي دېدىم ھەمدە چاندۇرماي: «بايا رىياسەتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟ بۇ دېگەن ئەرەبچە ئۇسۇل، بۇ ئۇسۇلنى ئوينىغان قىزلارمۇ ئەرەب، ئۇيغۇر قىزلىرى ئەمەس» دەپ جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئۇ ئايال ھېسسىياتىمنى چۈشەندى بولغاي، ئەسلى ئەرەب قىزلىرىكەندە، مەن ئۇيغۇر قىزلىرى ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن، دېگىنىچە كېتىپ قالدى. كېيىنكى كۈنلەردىكى لېنىيىلەردە قەتئىي مىللىتىمىزنىڭ كىيىم-كېچەك ئەنئەنىسى توغرۇلۇق سۆزلىمىدىم، چۈنكى، ئەمدى بۇ توغرۇلۇق سۆزلىسەممۇ، ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمدىن كۆرە، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن رېئاللىققا ئىشىنەتتى.
ئويلىغانلىرىم
ئۇلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا، كوچىلاردا شۇنچە يات ئىشلاردىن ھايا قىلماي يۈرۈشى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىمىزنى، مىللىتىمىزنىڭ غورۇرىنى، قائىدە-يوسۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭغا ھاقارەت كەلتۈرۈشى ئىدى. گەرچە قانداق قىلىش ئۇلارنىڭ ئىشى بولسىمۇ، قائىدە-يوسۇن، نومۇس مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋەغورۇرى. ھەرقانداق ئادەمنىڭ مىللەتنىڭ غورۇرىنى، نومۇسىنى ھاقارەتلەشكە، ئۇنىڭغا داغ تەگكۈزۈشكە ھەققى يوق. شۇڭا، بۇنداق نامۇۋاپىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى كۆرگەندە، ھەرقانداق بىر ھەقدارنىڭ ئۇلارنى چەكلەش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر ئۇلارنىڭ غورۇرىمىزنى ھاقارەتلەۋاتقانلىقىنى، ئېسىل پەزىلەت ۋە يوسۇنلىرىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى نورمال ئىش دەپ قارىغان ئادەمدە غورۇر، ۋىجدان، مەسئۇلىيەت دېگەن نەرسە بولمىغان بولىدۇ.
يۇقىرىقىدەك ھايانى يوقاتقانلار ئۆزىنى ۋە مىللەتنىڭ غورۇرىنى ھاقارەتلەۋاتقىنىنى ھېس قىلمىغانمىدۇ؟ بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، قائىدە-يوسۇن، غورۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي قانۇنى، ئۇ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسى. قائىدە-يوسۇن، غورۇردىن جۇدا بولغان مىللەت مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى يوقىتىدۇ. ئۇيۇشۇش كۈچىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ھاياتىي كۈچى زەئىپلىشىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ئادەمنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەس، مىللەتنىڭ بارلىقى. ئۇنى ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇقى قىلىۋېلىشىغا ھەققى يوق.
ئەلۋەتتە، بۇنداق ئىشلارنى كۆرگەندە ئۇنى توسۇش، ئەيىبلەش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەربىرىمىز ئالدى بىلەن غورۇر، قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي ئەمەل قىلىدىغان روھنى ئۆزىمىزدە يېتىلدۈرۈپ، ھەر-بىر ئىش ھەرىكىتىمىزدە بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بالىلىرىمىزغا كىچىكىدىن باشلاپلا غورۇر تەربىيىسى، ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ روھىغا غورۇرلۇق، ئەخلاقلىق ياشاش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرىۋېتىشىمىز لازىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Rohluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-2 09:48 PM