|
|
|
|
2002-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى مارالبېشى چۇڭقۇرچاق يىزىسىدا قاتتىق يەر تەۋرەپ ، نورغۇن ئادەم ،مال –چارۋىلار ئۆلۈشتەك كىشنى قەلبىنى لەرزىگە سالدىغان ئۇنتۇلماس ئشىلار بولغان ئىدى. شۇندىن باشلاپ ،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كەڭ خەلق ئاممىسنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇش ئىمىكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىپ ، ئۆزگىرىش قۇرلۇشنى باشلىدى. بۇ ئىش كەڭ ئاۋام خەلق تەرىپدىن ‹‹ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى ›› دەپ ئاتالدى . ئون يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ،ئەينى يىللاردىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي ، ئۆزنىڭ ئاجىزلىقىنى يەنە نامايەن قىلىدى. پارتىيە ،ھۆكۈمەت خەلق ئاممىسىغا يەنە پېششىق خىش قۇرۇملۇق ئۆي سېىلىشقا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەردى. پارتىيىنىڭ ،ھۆكۈمەتنىڭ خەلقگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ، ئاۋام پۇقرانىڭ قەلبىنى ئىللىتتى ،جاي –جايلاردا پارتىيە،ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۇرۇشتى، چىرايلىق تەبەسسۇم جىلۋە قىلىشتى. مانا مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتتە بىر قسىم ئامما پارتىيىنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن گۇمانلىنىپ ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا يىقىندىن ماسلاشمىدى. شۇنداق بولسىمۇ ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرى تەشىۋىق تەربىيىنى ياخشى ئىشلەپ ، خەلقنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا تۇسقۇنلۇق قىلغان كشىلىرىمىز ئاكىتپىلىق بىلەن ئۆيلىرىنى چىقىپ ، تۈزلەپ يېڭى ئۆي سېلىشقا ئاتلىنىپ كەتتى. سۈرەتتە : يوپۇرغا ناھىيىسنىڭ ئاخۇنلۇقۇم يىزا بەختىيار كەنىت 2 –مەھەللسىدىكى دىھقان –چارىۋىچىلار ئاكتىپىلىق بىلەن ئۆيلىرىنى چاقماقتا
|
|
|
|
|
|