|
|
|
|
ئامېرىكا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىگە زىيارەت--- ئامېرىكا سەپىرى 22- كۈنى--- فىنىكىس شەھىردىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە زىيارەت --- بۈگۈنمۇ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە فىنىكىستىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە زىيارەتكە باردۇق---
فىنىكىسنىڭ ھاۋاسى بۈگۈنمۇ ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ ،مەكتەپكە بارغىنىمىزدا مەكتەپ مۇدىرى بىزنى ئالاھىدە كۈتىۋالدى.. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بىرە قۇر مەكتەپ ئىچىنى زىيارەت قىلدۇق، ئاندىن 5 خىل پەندىكى دەرىس ئۆتۈۋاتقان يەرگە كىرىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن دەرىس ئاڭلىدۇق،بۇ مەكتەپ ئاللىقاچان دەپتەر قەلەملەردىن خوشلىشىپ بولغان بولۇپ،ئوقوغۇچىلار ئىسمى بىلەنلا تاپشۇرۇق ئىشلەپ دەرىس ئاڭلايدىكەن...
سامسۇڭ كومپىيۇتىرلىرى مەكتەپنى قاپلىغان،ھەيران بولۇپ بۇنچە كۆپ كومپىيۇتىرنى قانداق ھەل قىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ دىيىشىچە سەنشىڭ شىركىتى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرگە ئاپاراتلارنى، تولۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كومپىيۇتىرلارنى كۆپلەپ سەپلەپ بېرىدىكەن، ئەسلى ئويلىسام بۇخىل ئەھۋالدا سامسۇڭ شىركىتى ئاخىرقى پايدىغا ئېرىشكۈچى بولۇپ قالىدىكەن،چۈنكى، سامسۇڭ ئىشلىتىپ چوڭ بولغان بالىلار يەنىلا شۇ كومپىيۇتىرلارغا كۆنۈپ قالىدىكەن، كىيىن رەقەملىك ئاپارات ياكى كومپىيۇتىر ئالغاندا تاللاپ مۇشۇ ماركىنى ئالىدىغانغا ،كىيىنكى سودا پۇرسىتىگە مەبلەغ سېلىۋىتىپتۇ...مەكتەپتە رەسىم دەرىسى ،ئىنگىلىس تىلى، مۇزىكا،ئالگىبىرا ،جۇغراپىيە دەرىسلىرىنى ئازغىنە ۋاقىت ئاڭلاپ ئۆتتۇق،،يەنە بىرقانچە بالىلاردىن سۇئاللارنى سوراپ ئۆتتۈق ، ئوقۇتۇشلىرىدىن ھېس قىلىشىمدا ئامېرىكىنڭ بۇنچە تەرەققىياتقا ئېرىشىشنىڭ تۈپكى مەنبەسى مۇشۇ يەردىكەن، بالىلار مەكتەپتىنلا يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغاندا ئەقلى تەپەككۇرى بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسىغا نۇرغۇن يېڭى كەشپىياتلارنى سۇنىدىكەن .. تولۇقسىزدىكى بالىلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلىگەن فىلىملىرى ،ئۈچ ئۆلچەملىك فىلىملىرى ، سىزغان رەسىملىرى،ئىشلىگەن كارتون،ئويۇنلىرى بىزنى ھەيران قالدۇردى...
مەكتەپكە كىرگىنىمىزدە،بىزنىڭكىدەك ئېگىز بىنالار يوق،پەقەت بىرلا قەۋەت،ھەم بىزنىڭكىدەك دەرۋازا يوق،خالىغان يەردىن مەكتەپكە كىرگىلى بولىدۇ،ئىنتايىن ئازادە،مەكتەپتە 1200 دەك ئوقوغۇچى بولۇپ ، 4 پەسىلگە بۆلۈپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىكەن،ھەر قېتىمدا 300 دىن ئوقوغۇچىنى ئىككى ئاي ئوقۇتۇپ بىر ئاي دەم ئېلىشقا قويۋىتىدىكەن، دەم ئېلىش ۋاقتىدا شۇ ئوقوغۇچىلارغا مەسئۇل دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ چوقۇم دەم ئالىدىكەن...مەكتەپتە تىياتىرخانا ، تەنتەربىيە مەيدانلىرى،چالغۇ ئەسۋابلار،بەدەن چېنىقتۇردىغان ئورۇنلار، سۇ ئۈزۈز كۆلچىكى قاتارلىقلار بار ئىكەن... بىر يىل ئىچىدە تولۇق ئوقۇغان ۋاقتى 5 ئاي ئەتراپىدا بولىدىكەن...كۈندىلىك دەرىس ۋاقتى ئومومىي 7 سائەت ئەتراپىدا ئىكەن، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 بىلەن قويۋىتىپ بولىدىكەن..دۆلىتىمىزدە ئەتتىگەندە ئەتتىگەنلىك مۇزاكىرىنى ئەسنەپ تۇرۇپ تۈگەتسەك،كەچلىرى كەچلىك مۇزاكىرىنى قاچان توشا دەپ تەقەززارلىقتا ئولتۇرمىز...
ئەتتىگەندە 6 دە تۇرۇپ 7 دە مۇزاكىرىگە ئۈلگۈرىمىز، كەچتە ئىككى سائەتلىك كەچلىك مۇزاكىرى بار،نورمال ھالەتتە 12 سائەت ئوقۇيمىز ...دەرىس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارغا ئەمەلىي مەشىق قىلىش پۇرسىتىنى كۆپ بېرىدىكەن ھەم مۇھىم ئورۇنغا قويىدىكەن،بىر سائەتلىك دەرىسنىڭ كۆپ قىسمى ئوقوغۇچىلارنىڭ سۆزلىشى بىلەن تۈگىتىلىدىكەن...ھەربىر بۆلەك دەرىس ئاخىرلاشقاندا ھەربىر ئوقوغۇچىغا چوقۇم پىروكسىيە ماتىريالى تەييارلاپ پۈتۈن باللىلار ئالدىدا 3 مىنۇتتىن 5 مىنۇتقىچە ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى ۋە ھېس قىلغىننى سۆزلەش پۇرسىتى يارىتىلىپ بېرىلىدىكەن...ئادەتتە ئوقوغۇچىلارغا ئۆيىگە قايتقاندا ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇق بىر سائەتتە تۈگەپ بولىدىكەن،قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى تۆۋەن... ئاساسەن رەسىم سىزىش، ئۇنى بۇنى قوراشتۇرۇش قاتارلىقلار دەرىسلىك تاپشۇرقىنىڭ مۇھىم قىسىملىرىكەن...كۆپ ئىشلارنى ئالدىنقى تېمامدا سۆزلەپ ئۆتكەن، رايونىمىزدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ تەبئىي پەنلەرنى ئانا تىلدا ئانالىز قىلىش پۇرسىتىنىڭ يوقلىقى تەپەككۇر كەمتۈكلىكىنى ئىپادىلەپ،رايونىمىز ئوقوغۇچىلىرىنىڭ تۆۋەن نۇمۇرلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ.......... ھېس قىلغانلىرىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بولالمىدىم، دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشىلەر ، ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەر ۋاز كەچكەن نەرسىدىن ۋاز كەچمىگەنلەردۇر.. تەۋسىيەرىم ، ئوقوغان نەرسىنى چوقۇم چۈشىنىپ ئەمىليەتكە تەدبىغلاپ ئىگەللەش،ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن، ئوقۇشنىڭ پايدىسى پەقەت شۇ چاغدىلا بولىدىكەن، چۈشىنە چۈشەنمەس ئوقۇشنىڭ ، تەربىيلىنىشنىڭ ھېچقانداق مەناسى بولمايدىكەن،ئادەمنىڭ ھايۋانلىقى پەقەت يىيىشتىلا ، ھەقىقىي ئىنسانلىقى ئىلىمدە بولىدىكەن... ئىلىمسىز كىشىنىڭ ،ئوقۇمىغانلارنىڭ تۆت پۇتلۇق ھايۋانلاردىن پەرقى يوقلىقىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ... مەكتەپلەردە ئەمەلىي دەرىسلەرگە قاتنىشىپ بىزمۇ ئوقوغۇچىلار بىلەن تەڭ دەرىستىن چۈشكەندە ياتاققا قايتتۇق، بۈگۈنكى ئەمەلىي زىيارىتىمىز شىنجاڭدا ئامېرىكىدا تۇرۇپ كەلگەن بىرە دوكتۇرنىڭ نەچچە سائەت ئامېرىكا تولۇقسىز مائارىپى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشىدىنمۇ بەكرەك ئۈنۈملۈك بولدى،...بىزنىڭ بالىلاردا ئۆزى ئويۇنلارنى ياساپ ئۆزى ئوينايدىغان ئىشلار يوق،بۇرۇنقى دەۋىرلەردە لايدىن لاي قونچاق،لاي ئۆيلەرنى ياساپ ، كەمپۈت قەغەزلىرىنى ، قەغەزدىن ئاللىقانداق بىر نەرسىلەرنى ياساپ پاخپاق دەپ ئوينايدىغان ئىشلار ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى..كومپىيۇتىرلىشىپ كەتتۇق ، باشقىلار تەپەككۇرىدا ياسالغان نەرسىلەردىن باللىرىمىز تەپەككۇرىنى ئېچىشىنى ئويلاشتۇق، ئەپسۇس ، دورىغان تەپەككۇرنىڭ ئەسلىدىكىگە مەڭگۈ يەتمەيدىغانلىقىنى بىلمىدۇق... دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى تۈزەش خىزمەتلىرىنى جانلىق ئىشلەشكە تېرىشىۋاتىدۇ، بىز ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قەدەم ئالدىدا ئائىلىدىكى مائارىپ ئىسلاتىمىزنى بەكرەك ئىسلاھ قىلىپ ياخشى تەرەپلەرنى قوبۇل قىلىپ ، بالىلارغا كۆپرەك مېھىر بېرىپ، تەپەككۇرىنى ئېچىشقا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ ئىلغار مائارىپ سېستىملىرىنى قوللىنىپ باقساق مېنىڭچە چوقۇم ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ...تۈگىمەس چاي،ئولتۇرۇش، توي تۆكۈنلەر بىلەن سەبىيلەرگە ۋاقىت ئاجرىتىلمىغان،نۇرغۇن باللىرىمىز تۈركۈملەپ خامۇشلۇق كېسىلىگە، يالغۇزلۇق كېسىلگە، روھىي كېسەللەرگە مۇپتىلا بولىۋاتقان، سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىمەي جەمئىيەت ياكى مەلۇم ئاپاراتلارغا ئارتىپ قويۇۋاتقان، خۇددى بېشىغا نەرسە كەيگۈسى يوق كىشىگە ، سىياسەت ئوبدان بانا بولغىنىدەك، بالىلارغا ئائىلسىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق مەسئۇليىتىنى تولۇق ئادا قىلماي تۇرۇپ باشقا ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاغرىندىغان ئەھۋاللار بىزدە ھەقىقەتەن كۆپ...جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن تۈزىتىلمىگەن مەسىللەرنى سىز ئائىلىدە تۈزىتىشكە ، ئۆزىڭىزدىن باشلىشىڭىزغا تامامەن كۈچىڭىز يېتىدۇ... پۈتۈن ئۆمرىڭىزنى پۇل تېپىشقا بېغىشلىۋەتمەڭ، پەرزەنتلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنۇتماڭ...پۇل مەلۇم چەككە يەتكەندە ئۇنىڭ كېرەكسىز نەردە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، ئەمما ئىتراپ قىلماي يەنە بايلىق توپلاشقا پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئاتلىنىسىز،ئەمما بۇ ھەقىقەت............پەرزەنتلەر كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزىمىزدىن ئائىلىمىزدىن باشلايلى ......ئارىزونا - فىنىكىس
|
|
|
|
|
|