مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1758|ئىنكاس: 21

تاشقى پېلانت ئادىمىنىڭ سوۋغىسى ( تەرجىمە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99189
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 08:20:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاشقى پېلانت ئادىمىنىڭ سوۋغىسى


شۇيجياڭ


نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى يەرشارىغا ساياھەتكە كەلگەن تاشقى پىلانىت ئادىمى يەرشارىىدىن كىتىش ۋاقتىدا تىخىچىلا قالاق ھەم ئۇرۇش ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان يەرشارى كىشىلىرىگە تاشقى پىلانىتنىڭ ناھايىتى تەرەققى تاپقان ئىلىم –پەن تېخنىكىسىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن بىر دانە مەڭگۈلۈك سىر بۇلۇپ كىلىۋاتقان سوۋغىنى يەنى مىسىر پىرامىداسىنى  ئالايتەن قالدۇرۇپ كىتىپتۇ.   
نەچچەيىلدىن كىيىن تاشقى پىلانىت ئادىمى ھازىرقى زامان ئادىمى قىياپىتىگە كىرىپ مەخپى ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپتۇ، ۋە زىيارەت قىلىپتۇ. بۇچاغدا يەرشارى ئاللىقاچان 2068 – يىلغا كىرگەن بۇلۇپ ئىنسانلار جەمىيىتى يۇكسەك دەرىجىدىكى ماددى مەدىنىيەت دەۋرىگەكىرىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق يەرشارى كىشىلىرنىڭ ياشاش مۇھىتى بارغانسىرى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى. يەرشارىنىڭ ھاۋاسى ۋەسۈيى ئوموميۈزلۈك  ھالدا ئېغىر دەرىجىدە بولغانغان بۇلۇپ پاكىز، ساپ سۇ ۋە ساپ ھاۋا ناھايىتى ئەتىۋار بۇلۇپ قالغان ئىدى. يەرشارىدا راك كىسىلىدىنمۇ  قورقۇنچلۇق بولغان خلمۇ-خىل غەلىتە كىسەللەر ئارقا – ئارقىدىن پەيدا بوپتۇ. يەرشارىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن جانلىقلارنىڭ ياشاش شارائىتىمۇ مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلىشششى سەۋەبىدىن ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەپتۇ.
تاشقى پىلانىت ئادىمى بىرنەچچە يىلدىن كىيىن قا يتايەرشارىغاكەلگەن ۋاقىتتا يەرشارى كىشىلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يەرشارىدىن ئايرىلىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر قىتىملا ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان ئىككى دانە سوۋغىنى يەرشارى بويىچە ئەڭ ئەقىللىق ئىككى كىشىگە بىرىشنى قارار قىپتۇ.
تاشقى پىلانىت ئادىمى بىرىنچى سوۋغىنى چيەنداۋ شاڭشەنگە بىرىپتۇ ئۇئىمپىرىيە سۇ ساپلاشتۇرۇش گوروھىنىڭ باش لىدىرى بولۇپ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ ۋە سودىسى ئەڭ راۋاج تاپقان ساپ سۇ ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
يېرىم كىچىدە تاشقى پىلانىت ئادىمى سوۋغىنى تاتلىق ئۇخلاۋاتقان چىيەنداۋ شاڭشەن ئەپەندىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ،ئۆزتىلى بىلەن  ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:‹‹ چىيەنداۋ شاڭشەن ئەپەندىم ،ياخشىمۇ سىز ؟ مەن تاشقى پىلانت ئادىمى.مەن سىزگە بەرمەكچى بولغان بۇنەرسە سىلەردىكى كومپاسقا ئوخشاپ كىتىدۇ.بۇ تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق مەھسۇلاتى،ئۇنىڭ ئىسمى ‹‹ مەنبەلىك سۇ دەۋرى نۇر كومپاس››. ئۇنىڭ كارامەت رولى بار.ھازىر يەرشارىنىڭ سۇمەنبەسى ئىغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتتى.سىز دۇنيا بويىچە ساپ،پاكىز سۇغا بولغان تونۇشىڭىز ئەڭ يۇقىرى ھەم يەرشارىدىكى بارلىق جانلىقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئادەم.شۇڭا سىز بۇ كومپاستىكى رەقەملەرنى يەنى دەۋرنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بەلگىلەرنى ئەستە چىڭ ساقلىشىڭىز كېرەك.بۇنىڭدىكى ھەربىر كىچىك كاتەكچە يەرشارىدىكى 500يىللىق ۋاقىتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.كومپاس ئۈستىدىكى مىتال كۆرسەتكۈچ بولسا دەۋرى نۇر ئىستىرىلىكسى بولىدۇ.سىز پەقەت ئۇنىڭدىكى ئىستىرىلكىنى سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىنىڭ تەتۈرىسى بويىچە بوشقىنە بىر كاتەك سۈرۈپ قويسىڭىزلا يەرشارىدىكى بارلىق سۇمەنبەسى دەرھال 500يىل ئىلگىرىكى ھالەتكە قايتىدۇ.بۇچاغدا 2068-يىلدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ كۆرىدىغىنى بولسا 1568-يىلدىكى  تىخى سانائەت ئىنقىلابى پارتىلىمىغان ۋاقىتتىكى تاغ،دەريا،دېڭىز سۇلىرى بولۇپ،ئۇيەرلەردە ئېقىۋاتقىنى ئۆركەشلەۋاتقىنى ،ھەممىسى سۈپسۈزۈك،تەبىئىي ساپ سۇلاردۇر.››
تاشقى پىلانت ئادىمى گىپىنى تۈگىتىپلا تۇمانغا ئايلىنىپ غايىپ بوپتۇ. ئۇتاڭ ئىتىشتىن ئىگىرى ئىككىنچى سوۋغىنى بىرىپ بولىشى كېرەك ئىدى.
بۇ سوۋغىمۇ ئوخشاشلا كومپاس شەكىللىك بولۇپ،ئۇنىڭمۇ ئوخشاشلا دەۋرنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بەلگىلەر ۋە دەۋرى نور ئىستىرىلكىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى‹‹ مەنبەلىك ھاۋا دەۋرى نور كومپاس››ئىدى.ئۇنىڭمۇ ئوخشاشلا كارامەت رولى بار ئىدى.ئۇنىڭ ئىستىرىلكىسىنىمۇ سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ تەتۈرىسىچە بوشقىنە بىر كاتەك سۈرۈپ قويسىلا يەرشارىدىكى ھاۋا دەرھال 500يىل ئىلگىرىكى ساپ ھاۋا دەۋرىگە قايتاتتى.تاشقى پىلانت ئادىمى ‹‹مەنبەلىك ھاۋا دەۋرى نور كومپاس›› نى ئۇخلاۋاتقان روجقا بېرىپ، ئۆزتىلى بىلەن ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ‹‹ روج ئەپەندىم،سىز بولسىڭىز دۇنيا بويىچە ساپ ھاۋا ئىشلەپچىقىرىش مۇتەخەسسىسى،سىز ساپ ھاۋانىڭ يەرشارى ئۈچۈن قانچىلىك موھىملىقىنى ناھايتى ئىنىق بىلىسىز. سىز ئويغانغان ھامان كومپاستىكى دەۋرى نور ئىستىرىلكىسىنى سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشى بويىچە بوشقىنە بىر كاتەك سۈرۈپ قويسىڭىزلا يەرشارىدىكى بارلىق كىشىلەر ۋە بارلىق جانلىقلار دەرھال 500يىل ئىلگىرىكى يۇپۇرماق ۋە ئوت-چۆپ پۇراقلىق ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالالايدۇ.››
تاڭ ئاتقان ۋاقىتتا چىيەنداۋ شاڭشەن ئەپەندىم بىلەن روج ئەپەندىم ئويغىنىپ تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ سوۋغىتىنى كۆرۈپتۇ ھەم ئۇنىڭ تاپىلىغانلىرنى ئىسىدە چىڭ ساقلىۋاپتۇ.بىراق تاشقى پىلانت ئادىمى تاشقى پىلانتقا قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەلۇم بىركۈنى تاشقى پىلانىتتا تارقىتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ‹‹ كائىنات ھەققىدە قىسسە›› ناملىق بىر گېزىتنى كۆرۈۋىتىپ تاسادىپىيلا  ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان، يەرشارىغا مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قاپتۇ ‹‹ ئالەم جىسىملىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يىراق تاشقى پىلانت-يەرشارىنىڭ ھاۋا ۋە سۇ مەنبەسىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە ناچارلىشىپ كىتىشى نەتىجىسىدە  يەرشارى ئادەملىرى بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مىليۇن يىللار ئىلگىرىكى دىنوزاۋرلارغا ئوخشاشلا يەرشارىدىن ئىز-دىرەكسىز يوقالدى!››
‹‹ يەر شارىدىكى ئىنسانلار مىليۇن يىللار ئىلگىرىكى دىنوزاۋرلارغا ئوخشاشلا يەرشارىدىن ئىز-دىرەكسىز يوقالدى؟! ›› تاشقى پىلانىت ئادىمى ھەيرانلىقىنى باسالماي قاپتۇ ھەم ئۆز-ئۆزىگە ‹‹مەن ‹ مەنبەلىك سۇ دەۋرى نور كومپاس› ۋە ‹مەنبەلىك ھاۋا دەۋرى نور كومپاس › نى يەرشارى بويىچە ئەڭ ئەقىللىق ئىككى ئادەمگە بەرگەن ئەمەسمىدىم ؟ئەجىبا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ......››
تاشقى پىلانىت ئادىمى بىر نەرسىنى ئويلىغاندەك قىپتۇ،ئۇ بەكلا پۇشايمان قىلغان ئىدى .

قوشۇمچە: ( شۇاڭلىننىڭ باھاسى)
بۇدۇنيانى راستىنلا چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ.بەزى خىياللار ئالدىن ئىيتىلغان بولىدۇ، ئالدىن ئىيتىلغان بەزى سۆزلەر رىئاللىققا ئايلىنىپ قالىدۇ.مەسىلەن، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىغا چىقىشى،يەرشارىنىڭ بۇلغىنىش ...قاتارلىقلار.بۇئىلمىي فانتازىيلىك ھىكايىنىڭ رىئال ئەھمىيتى شۇ يەردىكى ،ئۇ بىزگە ئاتمۇسفىرا ، سۇمەنبەسى،تۇپراق قاتارلىقلارنىڭ كۈندىن –كۈنگە بۇلغىنىشى ھەقىقەتەنمۇ ئىچىنىشلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ بەردى.شۇڭا بىز مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ تايانچىسى،گۈزەل ئەمما بىچارە يەرشارى ئائىلىمىزنى قوغدىشىمىز،ھەربىر تامچە سۇ، ھەربىر سۇڭ تۇپراقنىمۇ قەدىرلىشىمىز كېرەك.ئەگەر راستىنلا بىركۈنى ‹‹ ئىنسانىيەت كۆرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ ئۆزىنىڭ كۆز يېشى ››  بولۇپ قالسا بۇ بەكمۇ ئىچىنىشلىق ئىش بولمامدۇ؟!

بۇئەسەر‹‹ تاللانغان قىسقا ھىكايىلەر›› (小小说选刊)  ژۇرنىلىنڭ 2007-يىللىق 24- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-2 01:10 AM  


كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 08:48:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەڭگۈلۈك سىر -- مىسىر پىرامىداسى تاشقى پېلانت ئادىمىنىڭ سوۋغىسىمۇ!؟

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 931
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 611 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 09:25:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس گەپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89309
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-12-30
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 09:40:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋېر يوللىغان ۋاقتى  2014-4-1 08:48 PM
مەڭگۈلۈك سىر -- مىسىر پىرامىداسى تاشقى پېلانت ئادىمىنى ...

بۇ سىرلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ....

ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 09:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏مەن بۇ تىمىدىن بىزنىڭ تەبىئي بايلىقىمىز بولغان سۇ ،تۇپراق،ھاۋا قاتارلىق بايلىقلىرىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك غايىۋى بىر ئەپسانىلەرنىڭ (تاشقى پىلانىت ئادىمىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەسۋابىدەك )،ئۇ بايلىقلىرىمىزنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى ،شۇڭا ھەر بىر تامچە سۇنى قەدىرلىشىمىز،مۇھىت بۇلغىنىشقا سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى ھىس قىلدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 09:59:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏لېكىن ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ بايلىقلارنى بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ،بىز بۇ بايلىقلىرىمىزنى قوغداش،ئاسراش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھتىن بۇ بايلىقلىرىمىزدىن بىزنى دائىم بەھرىمان قىلىپ تۇرۇشنى تىلىسەك ،ئاللاھىم بىزنىڭ دۇئالىرىمىزنى جاۋاپسىز قالدۇرمايدۇ،ئاللاھقا شۈكرى،بىزنى زۆرۈر بولغان مۇھىم ھاياتلىق مەنبە بىلەن تەمىن ئەتكىنىگە.شۈكرى......

kanjahun بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 10:41:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
kanjahun بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 10:44:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99251
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 238
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-11-5
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 12:37:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە  تاشقى پىلانت ئادەملىرى ئىشەنگەن ئۇ ئىككى ‹  ئەقىللىق يولداش ›  بۇ سوۋغاتنى قەدىرلىيەلمىگەن ، ئۇلار 500  يىل بۇرۇنقى  مۇھىتقا قايتىشنى ئويلىماي نەپسانىيەتچىلىك بىلەن  بىر كاتەك ئەمەس بەلكى نەچچە ئون كاتەك ( بىر كاتەك 500  يىل بولغاندا دىنوزاۋورلار دەۋرىگە قايتىش ئۈچۈن نەچچە ئون كاتەك كىتىدۇ ) سۈرۈۋەتكەن گەپ ، ھىكايىدىنمۇ بىلىنىپ تۇرىدۇكى : ھەر ئىككىسى بەك ئەقىللىق  ئەمما  پاراسەت باشقا ...   
بۇلار  پەقەت مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم ، ھەرگىزمۇ تالاش تارتىش قىلىشنىڭ ئورنى يوق ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13432
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5932 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 11:07:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلكى ئۇ ئىككىسى تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىش ئۇچۇن كومپاسنى 500يىل بۇرۇنغا ئەمەس ،ئالدى بىلەن 500يىل كەلگۇسىدىكى سۇ ،ھاۋا ئىنتايىن بۇلغانغان ۋاقىتقا بۇراپ ئاندىن تىجارەتتە پايدا تېپىشنى ئويلىغان بولىشى مۇمكىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش