شىنىجاڭنىڭ ئىپىتىدائى جەمئىيەت تارىخى قاچان باشلانغان ؟
خوجا نىياز
شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتورا ئاسيا ، ئىچكى ، تاشقى مۇڭغۇلىيە ، بايقال كۆلى ، غەربى –جەنۇبى سبىرىيە ۋادىلىرى ، شەنىشىنىڭ شىمالى ، نىڭشىيا ، گەنسۇ رايۇنلىرى سېلشتۇرما تارىخ تەتىققاتى ، ئارخولوگىيىلىك كۆرسەتمىلەردە، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەڭ يىرىك مەدەنىيەت مەنىبەلىرىدىن بىرى ئىكەنلىگىنى ئايدىڭلاشتۇرماقتا .
1.ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئىيىتىقانىدا شىنجاڭنىڭ ئىپىتىدائىي جەمىيەت تارىخى شىنجاڭنىڭ يىراق قەدىمىكى زامان جەمىيەت تارىخى بۇلۇپ ، ئۇ بۇنىڭدىن 50 مىڭ يىللار ئىلگىرى باشىلىنىپ مىلادىدىن بۇرۇنقى5 ئەسىرگىچە داۋاملاشقان .
بۇ دۇنىيانىڭ باشقا جايىلىردىكى بىلەن ئوخشاش ، ئىچكى مۇڭغۇلدىكى كونا تاش قورال مەدەنىيتىنىڭ ۋەكىلى بولغان خېتاۋ ئادىمى( بۇنىڭىدىن 50 مىڭ يىللار ئىلىگىرى ياشىغان ) بۇلۇپ ، بۇنىڭغا ئائىت قەدىمكى مەدەنىيەت مۇڭغۇلىيەنىڭ جەنۇبى ، شەنىشىنىڭ شىمالى ، نىڭىشىيا ، گەنسۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى جايىلار كۆپ قىتىم بايقالدى . شنجاڭىدا تېپىلغان كونا تاش قورال دەۋىرىگە ئائىت مەدەىنىيەتمۇ ئىچكى مۇڭغۇليىدىكى كونا تاش قورال مەدنىيتى بىلەن چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش بۇلۇپ ، بۇ شىنجاڭدا بۇنىڭىدىن 50 مىڭ يىلار ئىلگرى ئىپىتدائى ئىنسانىلار ياشىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ(1)
شىنجاڭنىڭ ئىپتىدائىي جەمىيىتى ئىككى دەۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بىرىنىچسى ؛ بۇ بۇنىڭىدىن 50 يىللار ئىلىگىرى باشلىنىپ ، بۇنىڭىدىن 10 يىللار ئىلگىرى ئاخىرلاشىقان . بۇ دەۋىر شىنجاڭنىڭ كونا تاش قورال دەۋىرى بۇلۇپ ھېسابىلىنىدۇ . شىنىجاڭىدا كونا تاش قورال دەۋىرىگە ئائىت بولغان ئىزلار تۆۋەندىكىچە :
(1) 1979– يىلى ئاتۇش ناھىيىسنىڭ ئاغۇ كەنىتى ئەتراپى دىكى بۇغاز دەرياسنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى ئۈچ پەلەمپەيلىك ئىگىزلىكىتن تاشىقا ئايلانىغان ئادەم بىشى تىپىلغان . ئارخولگلار ئۇنىڭ تاشىقا ئايىلىنىش دەرىجىسى ، ئۇنىڭىدا ئىپادىلەنىگەن ئالامەتىلەر ۋە يەر قاتىلىمى قاتارلىق جەھەتىلەردە تەھلىل يۈرگۈ زۈپ ئۈنى ئۇنىڭىدىن 10 مىڭ يىللاردىن 30 مىڭ يىللار بۇرۇنىقى 18 ياشىلىق ئەرنىڭ باش سۆڭىكى دەپ قارىغان .
(2) تاشقورغان تاجىك ئاپتۇنۇم ناھىيسى تېزناپ ناھيىسنىڭ جىرغال كەنىتىدىكى تاغنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىردىن ( يارنىڭ چۇڭقۇر قاتلامىلرىدىن) قەدىمكى ئىنسانىلار ئوت ياققان ، كۆيدۈرگەن نەرسىلەرنىڭ كۈلى ، كۈيۈك توپا ، چالا كۆيىگەن ياغاچ ، سۆڭەكىلەر تېپىلغان .ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى توپا قاتلاملىرىنى قايتا ئاختۇرغاندا يەنە ھايۋان سۈڭەكىلىرنىڭ پارچىلىرى ، يەنە قەدىمىكى ئىنسانىلار ياسغان بىسلىق ، ئۇچلۇق ، تاش ئەسۋابلار ،تاش ياپىراقلار تېپىلغان . تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭ كۇۋارتس تاشلاردىن ياسالغان كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىردىكى مەدەنىيەت يادىكارلقىلىرى ئىكەنىلىكى ئىسپاتلانغان . (2)
(3) 1987-1990- يىللىرى جۇڭگۇ پەنىلەر ئاكادىمىيسى ، شىنىجاڭ ئىجىتىمائى پەنىلەر ئاكادىمىيسى ۋە ئامىرىكا ئارۇزۇنا ئونىۋېرستىنىڭ قۇرغاق رايۇن تەبىئى بايلىقلىرىنى ئېچىش ، پايدىلىنىش گۇرۇپپىسى بىرىلىكىتە تاشقورال دەۋىر ئالاھىدىلىكگە ئىگە بولغان چوقۇش سايمانىلىرى ۋە تاش ياپراقلارنى يىغۋالغان . ئۇنىڭدىن سىرىت ، شىنىجاڭ ئارخولوگىيە تەتىققات ئورنى كىرىيە ناھىيىسنىڭ مەركىزىگە 77 كىلو مېتر كىلدىغان جايىدىكى كېرىيە دەرياسنىڭ باش كەڭسۇلاق دېگەن قىرغىقىدىن سىپىتا تاش قورال قالدۇقىلىرنى بايقىغان ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش ، چوقۇش قوراللىرى 2000 . 2500 كۋادىرات مېتر ئەتىراپىدا چېچىلىپ ياتىقان . ئارخولوگلار بۇنى بۇنىڭىدىن10 مىڭ يىللار بۇرۇنىقى ئوتتۇرا تاش قۇرال دەۋرىنىڭ ئىزى دەپ قارىغان .(3)
ئۇنىڭىدىن باشقا كونا تاش قۇرال دەۋىرىگە ئائىت بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قۇمۇلىدىكى يەتتە قۇدۇق ،ئۈرۈمچىدىكى سەييۈپۇ ، ئۇلامىباي ، تۇرپاندىكى ئاستانە ، يارغۇل ، پىچاندىكى چىقتىم ، لوپنۇر ، كىرىيە ، نىرىيە ، مۇرى ، توققۇزاق ، چەرچەن ، خوتەن ، ئاقىسۇ قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان .
ئىككىنچى ؛ ئۇرۇقداشلىق دەۋىرى : بۇنىڭىدىن10 مىڭ يىللار ئىلگىرى باشىلىنىپ مىلاددىن بۇرۇنىقى5 – ئەسىردە ئاخىرلاشقان .
بۇ دەۋىر شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە تاش قورال ، يىڭى تاش قورال ، مىس قورال دەۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ دەۋىردە قەدىمقى ئىنسانىلار ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ شىنجاڭدا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان . مىلادىدىن ئىلگىرىكى 21 – ئەسىرىدىن باشلاپ ساك قاتارلىق ھەر خىل تىل گۇرۇپىپىسدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر شىنجاڭدا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان .
2. ئۇرۇقىداشىلىق جەمىئىيىتى دەۋىردە شىنىجاڭنىڭ ئىشلەچىقىرىش كۈچىلىرى تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلىرى
(1)ئىنىچىكە تاش قۇرال دەۋىرى . بۇ بۇنىڭىدىن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى باشىلىنىپ ، 7000 يىللار ئىلىگىرى ئاخىرلاشقان . شىنجاڭدا بايقالغان كۆپ مىقىداردىكى ئىنىچكە تاش قۇرال مەدەنىيەت ئەمىلىيىتى شۇنى كۆرستدۇكى ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كونا تاش قورال دەۋىرگە تەۋە ، يەنە بەزىلىرى يېڭى تاش قۇرال دەۋىرگە تەۋە ، بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى كىيىن شىنجاڭدىكى ئىپىتىدائىي ئىنسانىلار كۆپ مىقىداردىكى ئىنچىكە تاش قۇراللارنى ئىشىلىتىشىكەن ئۆتىكەن . شىنجاڭدىن تېپىلغان ئىنچىكە بسلىق ، تاش قورال دەۋىرگە ئائىت مەدەنىيەت خارابىلىرىدىن ئاساسەن ؛ قۇمۇلىدىكى يەتتە قۇدۇق ، تارانچى ، تۇرپانىدكى ئاستانە ، يارغۇل ، سىىڭىر ، ئۈرۈمچى ناھيىسدىكى سەييۈپو ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ئېتىدىكى مورى ، گۇچىڭ ، جىمىسار ، ئارا تۈرۈك ، بارىكۆل ، ئىلى ۋادىسى ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ئېتىدىكى قارا شەھەر ، باغراش كۆلىنىڭ ئەتراپىلىرى ، كۇچا ، ئاقسۇ ، كەلىپىن ، مارالىنىشى ، چەرچەن ، نىيە ، كىرىيە ، گۇما ، خوتەن قاتارلىق بوستانلىق جايلارغا ، ئالتاي ، قارا قۇرۇم تاغلىرى ، لوپىنۇر ۋادىلىرى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان .
تېپىلغان بۇيۇملار ؛ ئىنىچىكە ئۇزۇن پىچاق شەكىلك تاش ياپراقىلار ، تاش باشاق ، تاش نەيزە ، ساقا ، يۇنۇش ، قىرىش ، قۇراللىرى تاش چوت قاتارلىقىلار بار . ئۇلار ئاسيانىڭ شىمالى قىسمى بايقالدىن بالقاشىقىچە ،شەرقى قىسمى شىمالى قىسمى ۋە غەربى قىسمىدىكى كىشىلەرىنىڭ سىلىق تاش قوراللىرى ئوخىشاش بىر سېستىمىغا كىرىدۇ . قۇمۇلىدىكى يەتتە قۇدۇق خارابىسدىن تېپىلغان تاش قۇراللار ئىچىدە ئۇرۇپ – سۇقۇپ ياسالغان تاش قۇراللار ، تاش پالىتا بىلەن قىرلىق تاش ، ساقا قاتارلىقىلار بۇنىڭىدىن 10 مىڭ يىل ئىلىگىرىكى ئىنىچىكە تاش قۇرال مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك ئۈلگىسدۇر . بۇ خىل تاش ساقا شەرقى شىمال ، ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق جايلاردىنىمۇ تېپىلغان .
قۇمۇلنىڭ تارانچى خارابىسدىن تېپلغان چوڭ تىپتىكى كۋارتس تاشلاردىن ياسالغان يۇنۇس ، سوقۇش تاش قۇراللىرى ، ئىچىكى مۇڭغۇلىيىدىكى لىنشىدىمۇ تېپلغان . لوپنۇر ئەتىراپى بىلەن تۇرپانىدىكى سىڭىردىن بىر خىل يۇپۇرماق شەكىلىك ئۇچلۇق تاش قۇرال تېپىلغان ، بۇ خىل تاش قۇرال ئىچىكى مۇڭغۇلىيدىكى چىفېڭ دىنىمۇ تېپلغان . دىمەك ؛ شىنىجاڭ ، گەنسۇ ، چىڭخەي ، ئىچىكى ، تاشىقى ، مۇڭغۇلىيە ، نىڭىشىيا ، شەرقى شىمال قاتارلىق يايىلاقىلاردىكى تېپلغان ئىنىچىكە تاش قۇرال بىر خىل تىپىقا كىردۇ .
(2) يېڭى تاش قۇرال دەۋرى ؛ بۇنىڭىدىن7000 مىڭ يىللار ئىلگىرى باشلىنىپ ، مىلاددىن بۇرۇنىقى 21 – ئەسىردە ئاخىرلاشىقان. 7000 مىڭ يىل ئىلگىرى شنىجاڭىنىڭ لوپنۇرنىڭ غەربى كىرورەن ( چاقىلىق ) رايۇنىدىكى ئىپىتىدائى كىشىلەر ، تاش پىچاق ، تاش پالتا ، تاش ئوقىيا ، تاش ئورغاق ، تاش يارغۇنىچاق ، قاتارلىق ئەسۋاپىلارنى ياساپ ، ئىپىتدائى دېھىقانىچىلىق ، ئوۋچىلىق ، چارۋىچلىق بىلەن شۇغۇللانىغان . يەنە قاشتېشىدىن قاش تېشى پالىتا ، قاش تېشى بۇيۇمىلارىنى ياسغان ، ئات ، ئىشەك ، ئىت ، قوي ، تۆگە ، كالا ، قاتارلىقىلارنى باققان . ئۇنىڭىدىن باشىقا خوتەن سامپۇللار زاغۇنىلۇق قەبىرستانىلىقىتىن تېپلغان بۇيۇمىلار بۇ تۈرگە كىردۇ .
سۈركەپ ياسالغان چوڭ تاش قوراللارنى ئاساسى بەلگە قىلغان يىڭى تاش قورال دەۋىرىگە ئائىت مەدەنىيەت ئىزلىرى ، ئاساسەن قەشقەر كونا شەھەر ناھيسىدىكى ئاقدالا ، ئۆڭگۈلەك ، قۇرۇقدالا ، دۆۋىلەك ، ئاقسۇدىكى قارا يۇلغۇن قاتارلىق جايلاردا بولغان ، تاش قۇراللاردىن تاش پالتا ، تاش سوقىماق ، تاش يارغۇنچاق ، يىپ ئىگىرىدىغان تاش چاق ، تاش ساقا ، تاش پىچاق ، تاش ئورغاق قاتارلىقلار بار ، تاش ئورغاق ئەگمەچ بۇلۇپ ئىچكى تەرەپىكە بىسپ چىقىرىلغان ، بۇ ئەنىياڭىدىكى يىن خارابىسدىن تېپلغان ئورغاققا ئوخىشايىدۇ ، تاش قوراللار بىلەن بىرگە كۆپىلىگەن ساقال قاچىلار ، كومىزەك ، ھىجىر ، ساپال كاساڭ ، ئىدىش ، جام ، چۆگۈن قاتارلىقلار چىققان . يەنە ئاز ساندا قۇم ئارىلاش ساپالىنى ئاساس قىلغان ، سېغىزدىن ياسالغان كۈلىرەڭ ساپاللارمۇ بۇلۇپ ، ھەممسى قولدا ياسىلىپ سۇس ئوتتا پشۇرۇلغان ، سزىقىلىرىمۇ ئاز ، بۇ كىشلەرنىڭ دېھقانچىلىقىنى ئاساس قىلغانىلىقىنى كۆرستدۇ .
(3) مىس قورال دەۋىرى ، بۇ مىلاددىن بۇرۇنىقى 21 – ئەسىردىن باشلىنىپ ، مىلاددىن بۇرۇنقى 15 – ئەسىردە ئاخىرلاشقان ، بۇنىڭ ئىچىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 14 – ئەسىردىن ئىلگىرى مىس تاش قۇراللارنى بىرگە ئىشلىتىش دەۋىرى بولغان، مىلاددىن بۇرۇنقى 14 – ئەسىردىن كىينكىسى مىس قۇراللار دەۋىرى بولغان.
3. شىنجاڭنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقىداشىلىق جەمئىيىتى تەرەققىياتى باسچۇچلىرى
ئانىلىق ئۇرۇقداشىلىق جەمىئىيىتى بولسا ، كونا تاش قۇرال دەۋىرنىڭ ئاخىرى ، يىڭى تاش قۇرال دەۋىرنىڭ دەسلەپىكى چاغلىرى ۋە قەدىمىقى ئادەم تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ يىڭى ئادەم تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەن دەۋىرىگە توغىرا كىلىدۇ . يەنى تەخىمىنەن بۇنىڭىدىن100 مىڭ يىلىدىن 10 مىڭ يىلىغىچە بولغان ناھايىتى ئۇزاق مۇساپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شىنىجاڭنىڭ بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىل ئىلگىرى باشلىنىپ مىلاددىن بۇرۇنىقى 14 – ئەسىرگىچە بولغان دەۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . يىڭى تاش قۇرال مەدەنىيىتنىڭ ئىجىتمائى ئاساسى ئانىلىق ئۇرۇقداشىلىق جامائەسدىن ئىبارەت . ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسدىن ئانىلىق ئۇرۇقداشىلىق جەمىئىيىتىگە ئائىت ھەر خىل يىڭى ئادەم ئىزلىرى . رايۇنىمز شىنىجاڭىنىڭ ھەر قايىسى جايىلىردىنىمۇ كۆپىلەپ تېپلدى . بۇلۇپمۇ بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىلىدىن 30 مڭ يىللار ئىلىگىرى ياشىغان « ئاتۇش ئادىمى » 18 ياشىلىق ئەر كىشىنىڭ تاشىقا ئايلانىغان سۆڭىكىنىڭ تېپلىشى بۇنىڭىدىن 50 مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان ئىچىكى مۇڭغۇل « خېتاۋ ئادىمى » سچۈەن « زىياڭ ئادىمى » بۇنىڭىدىن 10 مىڭ يىل ئىلىگىرى ياشىغان بېيىجىڭ جوكودىيەن « تاغ چوقا ئۆڭكۈر ئادىمى » بىلەن زامانىداش بۇلۇپ ، ئانىلىق ئۇرۇقداشىلىق جەمىئىيىتىدە شىنجاڭىدا ياشىغان ئىنىسانىلار بۇلۇپ ھېسابىلىنىدۇ . ئانىلىق ئۇرۇقداشىلىق جەمىئىيتىدە ئانىلار ھۆكۈمىران ئورۇننى ئىگىلەيىدۇ . شىنىجاڭىدىن قىزىۋلىنىغان تاش قۇراللار ، ساپال قۇراللارنىڭ بەزىلىرى ئانىلىق ئۇرۇقداشىلىق جەمئىيىتنىڭ كونا تاش قۇرال دەۋىرىگە ئائىت بولسا ، بەزىلىرى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمىئىيتى تەرەققى قىلىپ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن يېڭى تاش قۇرال دەسلەپكى چاغىلىرىغا مەنسۇپ . بۇ قۇراللار ئىچىدە تاش قۇراللاردىن باشىقا يەنە ئەينەك ، سۆڭەك يىڭىنە ، مىس پىچاق ، مىس بىگىز ، مىس يىڭىنە ، مىس ھالقا ، تور نوسخىلىك ، رومبا شەكىلىك ، شوتا شەكىلىك بۇلۇپ نۇسخىلىك رەڭىلىك ساپال بۇيۇملار . ئالتاي ، تەڭرى ، كوئىنىلۇن ( قارا قۇم ) تاغلىردىن تېپىلغان ھەر خىل مەزمۇنىدىكى شىپا تاش رەسىمىلىرى ( ئوۋ ئوۋلاش ، ئوقىيا ئېتىش ، ئات ، كالا ، قوي قاتارلىقىلارنى سېتىش ، يەر ھەيدەش ، ئۇسۇل ، جىنىسىي تىۋنىش ، كۈن ئايلارغا مەدھىيە ئۇقۇش، ئۇۋچىلۇق، تەلىپەك كىيىش ،ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ بەلنى باغلاش ) ھەم ئۇرۇق بەلگىلىرى ، ئوقىيا قاتارلىقىلارنىڭ تېپىلىشى ، ئانىلىق ئۇرۇقداشىلىق جەمىئىيىتىدە شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئىنسانىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ سۇ ۋە ئوت قوغلۇشۇپ ، كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىگى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ، بەزىلىرىنىڭ دېھقانچىلىقىنى ئاساس قىلىپ چارۋىچلىقىنى قۇشۇمچە ، نىسپى ئولتۇراق تۇرمۇش تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتىكەنلىكى يەنە بەزىلىرنىڭ بولسا ئۈچ خىل ئىش تەخىسماتى بۇيىچە مەھسۇلات ئالماشتۇرۇش بارلىققا كىلىپ ھەر قايسى جايلار بىلەن جۈمىلىدىن ئىچىكىرىكى جايلار بىلەنىمۇ مۇناسۋەت قىلغانلىقىنى كۆرستىپ بىرىدۇ .
4. شىنجاڭ ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى
جۇڭگۇ ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى يىڭى تاش قۇرال دەۋىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچى دەۋىرىگە ( بۇنىڭىدىن 5- 10 مىڭ يىللار بۇرۇنىقى دەۋىر ) توغىرا كىلىدۇ . بۇنىڭىغا ئائىت بولغان ئىزلار : بۇنىڭدىن 5 – 7 مىڭ يىللار بۇرۇنقى دەۋىرگە تەئەللۇق بولغان خېنەن ياڭشاۋ مەدەنىيىتى سەنىئىتى ئۆلكىسى پەنچۇ يېزسىدىن تېپلغان بۇنىڭىدىن3 – 4 يىل بۇرۇنىقى دەۋىرىگە تەئەللۇق بولغان گەنسۇ چىجىيا مەدەنىيىتى ماجاياۋ مەدەنيىتى شۇنداقلا جۇڭگۇنىڭ شەرقى شىمالىدىن غەربى شىمالغا سۈزۇلغان ، سىلىق تاش قۇرال دەۋىرىگە ئائىت « يايلاق مەدەنىيىتى » كىرىدۇ .
ئاتىلىق ئۇرۇقداشىلىق جەمىئىيىتىدە ھۆكىمىران ئورۇنىنى ئىگەللىگەن ، ئۇرۇق جامائەلىرى ۋە قانىداشىلىق بۇغۇنىلىرى ئەمدى ئانىلارنى ئەمەس ئاتىلارنى ئاساس قىلىدىغان بولغان. بۇ دەۋىر دېھىقانىچىلىق ، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۆنەرۋەنىچىلىكنىڭ مۇرەككەپ تۈرلىرىدىن بولغان تۆمۈرچىلىك، مىسكەرچىلىك، كان مەدەنىيەتىلەرنى قىزىپ ئىرتىش ، خۇمىدانىچىلىق ، ياغاچىلىق ، تامىچىلىق قاتارلىق ئېغىر ئىشلەپىچىقىرىش پائالىيەتىلەرى ئاساسەن ئەرلەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن . يىقىنىقى 10 نەچچە يىلىدىن بۇيان شىنجاڭىنڭ ھەر قايىسى جايىلىردىن بۇنىڭغا ئائىت مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆپلەپ تېپىلدى .
جەنۇپىتا خوتەن ، ئەڭ غەربىتە بولسا قەشىقەر ۋە تاشقورغانئەتراپلىرى بۇ تىپقا ياتىدۇ . 1983 – يىلى 1984 – يىلى شنىجاڭ ئىجىتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسى ئارخىولوگىيە ئىنستىتوتى ئۈرۈمىچى شەھىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئولانباي ، سۇ ئامىبىرى مەيدانىدىكى قەدىمىقى قەۋستانىلىقىتا ساقلىنىۋاتىقان 50 تىن ئارتۇق قەۋىرىنى ئىلگىرى ئاخىرى بۇلۇپ قېزىپ تەكىشۈردى ، بۇ قەبىرلەرنىڭ بەزلىرىدە بىر ئەر بىلەن بىر ئايال بىللە كۆمۈلگەن . لىكىن ئۇلارنىڭ دەپىنە قىلش شەكىلىدە يەنە بەزى پەرىقىلەر بار ئىدى . مەسىلەن : « ئەر جەمەت ھامان ئوڭىدا ياتققۇزۇلۇپ پۇت قوللىرى تۈز سۇزۇلۇپ قۇيۇلغان ئايال جەمەت ھامان ئەر جەمەئىتىگە تارتىلىپ يىنىچە ياتقۇزۇپ قۇيۇلغان ياكى ئايال جەمەتىنىڭ مەلۇم بىر قسمى ئەر جەمەئىتىگە باستۇرۇلۇپ قۇيۇلغان » مانا بۇ ئاتىلىق ھۇقۇقىنىڭ ئۈستۈنىلككە ئىگە ئىكەنىلىكىنى بۈلىدۈرىدۇ ، بۇ قەدىمىقى قەبىرىستانىلىقىتىن مىس ئەينەك ، مىس بەكە ، مىس بىگىز ، مىستىن ياسالغان ئۇششاق ئىگەر جابىدۇقىلىرى ، ئالتۇن ھالقا ، تاش ھاۋاپىخا ، تاش ئۇرچۇق ، ساپال قازان ، بىر قۇلاقىلىق ۋە ئىككى قۇلاقىلىق ساپال خۇمىرا ، ساپال ئېۋرىق ، ساپال جاۋۇر قاتارلىق ھەر خىل مېتال جابىدۇق ، ساپال قاچا ۋە تاش قۇراللار قېزىۋىلىندى ، بەزى قەبىرلەردىن يەنە ئات ، قويلارنىڭ باش سۆڭەكىلىرى ۋە بەزىلىرىدىن پۈتۈن ئات ئىسكىلىتى تېپىلىدى . بۇ پاكىتىلار بىلەن يازما تارىخى خاتىرلەردىكى قەدىمقى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالنى سېلىشتۇرۇپ تەھىلل قىلغىنىمىزدا بۇنىڭىدىن ئىككى مىڭ يىل ئىلىگىرى ئۈرۈمچى ئەتراپىدا « قاڭقىل »لار دەپ ئاتالغان <<ئۇيغۇر>>لارنىڭ ياشغانلىقىنى كۆرستىپ بىرىدۇ .
5. بۇنىڭىدىن3 -4 مىڭ يىللار بۇرۇنىقى قەدىمىقى شىنىجاڭ ئاھاللارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى
شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتورا ئاسيا ، ئىچكى ، تاشقى ، مۇڭغۇلىيە ، بايقال كۆلى ، غەربى –جەنۇبى سبىرىيە ۋادىلىرى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ، سېلشتۇرما تارىخ تەتىققاتى ، ئارخولوگىيىلىك كۆرسەتىمىلەر ئەڭ يىرىك مەدەنىيەت مەنىبەلىرىدىن بىرى ئىكەنلىگىنى ئايدىڭلاشتۇرماقىتا .
بۇنىڭىدى 4 مىڭ يىل بۇرۇن ياشغان شىنىجاڭ ئاھاللىرى ، بۇلۇپمۇ لوپنۇر كۆنچى دەرياسى ساھىلىرىدا ياشغۇچىلار قۇڭۇر چاچلىق قاڭىشارلىق كىشىلەر بۇلۇپ بېشىغا كىگىز قالپاق( ئاياللار قۇش پەيىلىرىنى قادىغان ) پۇتىلىرىغا كۆنىدىن تىكلگەن ئۆتۈك ئۇچىسغا يۇڭ تۇقۇلما چەكمەن كىيەتتى ، بىلىگە بەلىباغ باغلايتى ، پۈتۈن بېغشلىرىغا ، بەللىرىگە سۆڭەك ياكى تاشلاردىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمىلىرىنى تاقايىتى ، ئىقىلىم قۇرغاق بۇلسمۇ، لىكىن ھەر قايىسى جايلاردا ئېقىن سۇلار ، دەريا – كۆللەر بار بولغاچىقا بەزى كىشلەر دەريا – كۆللەردە كىمىلەردە سانچىغۇچ بىلەن بېلىق تۇتاتتى ، يەنە بەزلەر تاغ – دالا ، يايلاقلاردا بۇغا – ئارقار قاتارلىق ھايۋانلار ۋە ئۇچار – قۇشىلارنى ئوۋلايتى ، ھايۋانىلارنىڭ تىرسدىن كۆندىن ئۆتۈك ، ئاشلانغان تىردىن ئىشتان تىكىپ كىيەتتى ( مەسىلەن :قۇمۇل قارا دۆۋە ۋە كۆنچى ئودەكىلك قەبىرستانىلىقدىن تېپلغان ، بۇنىڭىدىن4 مىڭ يىل بۇرۇنىقى دەۋىرىگە مەنسۇپ قەدىمكى تېپىلمىلار) گۆشلىرىنى يۇلغۇن شاخلىرىغا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپ ( ئۆكىلمە ئوت ) قىلىپ يەيىتى ( چەرچەن زاغۇنىلۇق ، بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىل بۇرۇنىقى دەۋىرگە مەنسۇپ ) يۇڭلىرىنى پالاز ( گىلەم ) تۇقۇيتى . كىگىز قۇژاتتى ( بۇ كىگىز ئاسيا بۇيىچە بايقالغان ئەڭ بۇرۇنىقى كىگىز ئەۋىرشكىسى بۇلۇپ ھېسابىلىنىدۇ ) ھەر خىل رەڭىلىك گۈل نۇسخىلىرى چىقىرىلغان يۇڭ تۇقۇلملارنى تۇقۇيتى .
بۇنىڭىدىن3 مىڭ يىل بۇرۇن شىنىجاڭىدا شەكىلى ھەر خىل ، تۈرلىك رەڭىلك ساپال قاچ – ئەسۋاپىلار بارلىققا كەلگەن . كىشلەر مەدەنچلىك تېخىنىكىسنى بىلگەن بۇلۇپ مىس پىچاق ئەسۋاپىلارنى ياسايىتى ، قاش تېسدىن تۈرلۈك بۇيۇملارنى ياسايتى جۇڭگۇ ، بابىل ماللىرىغا ئالماش تۇراتتى . مەسلەن ، شاڭ سۇلالىسى خانى ۋۇدى نىڭ خۇتۇنىنىڭ قەۋرىسدىن شىنجاڭنىڭ 756 دانە قاشتېشى بۇيىمى تېپىلغان .
قەدىمىكى شىنىجاڭىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپىچىقىرىشىمۇ خىلى تەرەققى تاپقان بۇلۇپ ، لوپنۇردىكى كۆنچى دەرياسى ئۆدەكلك قەۋىرستانىلقىدىن بۇنىڭىدىن 3800 – 6470 يىللىق تارىخقا ئىگە ئەڭ قەدىمىكى بۇغداي ئەۋرشىكىسى چىققان .
قۇمۇلىدىكى قارا دۆۋە قەبىرستانىلىقىدىن بۇنىڭىدىن3 مىڭ يىل بۇرۇنىقى دەۋىرگە مەنسۇپ بىر دانە تىرىق قاتىلىمسى ( نان ) بايقالغان .
بۇغداي ، ئارپا ، تىرىق ، ( سۆك ) ، قۇناق ، پۇرچاقىلارنى يۇمشۇتۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تەۋەسدە ، يىڭى تاش قۇرال دەۋىردە يارغۇنچاق ، دان ئايىرىش يانچىش قۇراللىرى ( تۈگمەن ) ئىشىلتىلگەن.
زىرائەتىلەردىن ، بىدە ، دادۇر ، كۆكپۇرچاق ( نۇقۇت ) زىغىر ، كۈنجۈت ، زاراڭزا ، زەپەر ، كىۋەز ، ( خوتەن نىيە ۋە قۇمۇل قەۋرستانىلىقدىن تېپىلغان ) كۆكتاتلاردىن پىياز ، سامساق ، يۇمغاقسۈت ، تەرخەمەك ، سەۋزە ، پالەك ، تۇرۇپ ، لوبۇ ، پەمىدۇر ، كەرەپىشە ، قاپاق كاۋا ، يەل يىمىشلەردىن ، ئۈزۈم ، شاپتۇل ، نەشپۈت ، ياڭاق ، ئانار ، بادام ، ئالما ، قوغۇن ، تاۋۇز ، شۇنداقلا ئاغىچە يۇغۇچ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆستۈرگەن .
دىمەك ،باشقا جايلارغا سېلىشتۇرغاندا، يىمەك – ئىچمەك كىيىم –كېچەك ، ماددى مەھسۇلاتلىرى،تېخنىكىلىرى جەھەتتە خېلىلا يۇقۇرى سەۋىيە باسقۇچىدا ئىدى .
ئىزاھاتلار :
1. . فاڭ يىڭجې: << شىنجاڭ بوزيەر ئۆزلەش تارىخى>>(بىڭتۇەن مائارىپ ئىنىستىتوتى دەرىسلىكى) 1992-يىلى،شىنقاڭ ياش -ئۆسمۈرلەرنەشرىياتى خەنچە نەشرى)
2. « ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى » دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتىتى تۈزگەن ، 1987 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 3– بەت .
3. لى يىنىپىڭ : « بۇددا ئېلى خوتەن » 1981 - يىلى شىنىجاڭ خەلق نەشىرىياتى 28 -،29 -، 32 - بەتىلەر )
پايدڭلانغان ماتىرياللار:
1. فاڭ يىڭجې: << شىنجاڭ بوزيەر ئۆزلەش تارىخى>>(بىڭتۇەن مائارىپ ئىنىستىتوتى دەرىسلىكى) 1992-يىلى،شىنقاڭ ياش -ئۆسمۈرلەرنەشرىياتى خەنچە نەشرى)
2. «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى » 1992-يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى نەشرىياتى.
3. « ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى » دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتىتى تۈزگەن ، 1987 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى.
4. لى يىنىپىڭ : « بۇددا ئېلى خوتەن » 1981 - يىلى شىنىجاڭ خەلق نەشىرىياتى.
5. ئەنۋەر بايتۇر ،خەيرىنىسا سىدىق : «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى»
6. چىئەن بوچۇەن : «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى» .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-2 01:31 PM