مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1353|ئىنكاس: 8

ساۋابنىڭ «پايدىسى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3615
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 06:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساۋابنىڭ «پايدىسى»

(ھېكايە)


   


دادامنىڭ ئىنتايىن يېقىن ئۆتىدىغان سادىرئاخۇن ئىسملىك بىر تۇنۇشى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيى دەريا بويى مەھەللسىگە جايلاشقان بۇلۇپ، دەريان شاۋقۇنى ئاڭلىنىپ تۇردىغان، يازبۇيى ياييېشىل چىمەنلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇردىغان ساپ ھاۋالىق بۇ مەھەللىنى مەن ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتىم. باشلانغۇچ- تۇلۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىكى ئۇزۇن يازلىق تەتىللىرىم مۇشۇ مەھەللىدە ئۆتەتتى.

سادىرئاخۇنكامنىڭ ئايالى ئايگۈل ئاچامنىڭ چوڭ ئۆيى تال باراڭلىق، باغلىرىدا خىلمۇ- خىل مىۋىلەر تۆكۈلۈپ تۇردىغان چوڭ باغلىق ھويلا ئىدى. ئايگۈل ئاچامنىڭ ئاپىسى ھېنىپخان چوڭ ئانام 5ۋاق نامازنى قازا قىلماي ئوقۇيدىغان تەقۋادار، ئەتىدىن- كەچىكىچە چىرايىدىن مېھرىلىك تەبەسسۇم ئۆكسۈمەيدىغان تولىمۇ مىھرىبان ئايال ئىدى. مېنىڭ بوۋا- موملىرىم مەن ئاق- قارىنى پەرىق قىلىپ بولغىچىلا تۈگەپ كەتكەچكىمىكىن، مەن بۇ مۇمايغا ئۆزەمنىڭ مومىسىدەكلا ئامراق ئىدىم.
ئاي- ئاينى قوغلىشىپ ھەش- پەش دىگۈچىلا مانا ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكىمۇ چىقتىم. ئاشۇ ھاۋاسى ساپ، مىسالى جەننەت كەبى گۈزەل مەھەللىگە ئاياغ باسمىغىلىمۇ بىر قانچە يىل بوپتۇ. تۆنۈگۈن ئەتىگەن ئانامنىڭ «ھېنىپىخاچام ئاغىرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ، دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز يوقلاپ كەلگىلى ماڭدۇق» دىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئەتە دەم ئېلىش كۈنى بولغاندىكىن مەنمۇ بېرىپ كۆرۈپ كېلەي دېگەننى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. بۈگۈن ئەتىگەن ئىدارە يېنىدىكى تاللا بازىدىن چوڭلار قۇۋەت تالىقىنى، مىۋە- چىۋە دىگەندەك نەرىسلەرنى سېتۋېلىپ يولغا چىقتىم. ماشىندا ئولتۇرۇپ بالىلىق ۋاقتلىرمىنىڭ ئەڭ گۈزەل پەيتىلىرىنى ئۆتكۈزگەن ۋاڭ- چۇڭلۇق ئاشۇ ھويلا، مېھرىبان ھېنىپىخان چوڭ ئانام كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. ئەمما، مەن ھويلا كىرىپلا بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان مەنزىرىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمىگە ئىشەنمەيلا قالدىم. نەۋرىلەرنىڭ قىقاس چوقانلىرى بىر ئالدىغان ھويلا شۇنچىلىك جىمجىت، ئالدىنقى يىلى كۆمۈلىمىگەن بولغاچقا باراڭدا ئۈششۈپ قۇرۇپ قالغان ئۈزۈم تاللىرى، ھويلىنىڭ ھەممە يېرىدە چېچىلىپ ياتقان غازاڭلار.....ھويلا شۇنچىلىك سۈرلۈك ۋە سوغۇق. ئۆي ئىچىگە كىردىم. ھېنىپخان چوڭئانام سۇپىنىڭ تۆر تەرىپىدىكى ئورۇندا يېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئاپتاپتەك چىرايى ئۇزۇن ۋاقىت سىرىتقا چىقمىغانلىقتىن سارغايغان. پەقەت شۇ بۇرۇنقى مېھىرلىك كۆزلىرى ئۆزگەرمىگەن. ھېنىپخان چوڭئانامنىڭ شۇ تاپتىكى ئىلاجسىزلىق ئىچگە پاتقان مۇڭلۇق چىرايى ئىچمنى شۇنداق ئەزدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ئەھۋاللاشىتىم. ھېنىپخان چوڭئاناممۇ مېنى سېغىنپتۇ، مەنمۇ ئۇنى سېغىنىپ قالغان ئىدىم. ئۇنىڭ يېنىدا بىر كېچە قونۇپ مۇڭداشتىم. ئەتسى قايتار ۋاقتمدا ئۇنىڭغا قاراۋاتقان ئاينۇر ئاچام (ئايگۈل ئاچامنىڭ سىڭلىسى) مېنى ئۇزىتىپ چىقتى. ئاينۇر ئاچامنىڭ ئېيتىشىچە، ھېنىپىخان مۇمامنىڭ پۇنى بۇنىڭدىن 2ئاي ئىلىگىرى بامدات نامىزىغا تاھارەت ئالىغىلى چىقىقاندا تېيلىپ سۇنۇپ كېتىپتۇ. بۇ يەردىكى يەرلىك تىۋىپقا تاڭدۇرغان بولسىمۇ ياش چوڭىيىپ، ئۇستىخان شالاڭلاپ قالغاچقا ياخشى تۇتماي ئورۇندا يېتىپ قاپتۇ. ئەگەر 5000يۈەن پۇل بولسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئوپراتىسىيە قىلىپ تاڭدۇرسا ساقيىىپ كىتەر ئىكەن. لىكىن ئاينۇر ئاچام ۋە يولدىشى دېھقانچلىق بىلەن شۇغۇللىندىغان بولغاچقا، يەرمۇ ئاز يەنە كېلىپ 3بالىسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا ئۇ پۇلنى چىقرالماپتۇ. شۇنداقتىمۇ، 3بالىنى يولدىشىغا قالدۇرۇپ، ئۆزى بۇ چوڭ ئۆيگە كېلىپ ئاپىسىغا قاراۋېتىپتۇ. مەن يېنىمدىن 100يۈەن چىقىرىپ ھېنىپخان چوڭئانامغا كۆڭلى تارتىقان نەرىسلەرنى ئېلىپ بېرىڭ، دەپ ئاينۇر ئاچامنىڭ ئۇنمىغىنغا ئۇنماي ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قايىتتىم.

يولدا كەلگۈچە، دادامنىڭ سادىراخۇنكام توغرىلىق دىگەنلىرىنى ئويلىدىم، ئۇ ھازىر تىجرەت قلىپ بېيىپ كېتىپتۇ. ناھىيە بازىردا بىر توپ تارقىتىش دۇكنى ئېچىپ ناھيىدىكى چوڭ تاللا بازارلىرى ۋە ھەر قايسى يېزىلاردىكى سودا دۇكانلىرىغا مال تارقىتىپ كۈنلۈك سودىسى پالانى مىڭ سومغا يىتىپتۇ، دىگەن ئىدى دادام بىر چاغدا.

بۇرۇن سادىركامنىڭ قولىدا ھېچىنمە يوق، كۆك نامرات ۋاقتىدا، ئايگۈل ئاچامنىڭ چوڭ ئۆيدىكلەر شۇنداق يۆلىگەن، ئەمدى بۇ كۈنگە كەلگەندە سادىركام نېمىشقا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغاندۇ؟ مەن شۇلارنى ئويلاپ، سادىركام بىلەن بىر كۆرۈشۈپ بېقىش مەقسىتىدە ئۇدۇل ئۇنىڭ توپ تارقىتىش دۇكىنىغا قاراپ يول ئالدىم. دۇكانغا بارسام دىگەندەك ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئالدىراش توپ مال سېتىۋالغۇچىلارغا مال چىقرىپ بەرگىلى تۇرۇپتۇ، ئۇ ئۆزىمۇ ھېسابات ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىكەن. ئۇ مېنى كۆرۈپ ئىچىكىرىگە باشلىدى. ئۆزى بىردەمدىن كېيىن كىردىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر ئېغىزلىق ئۆيى ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئىكەن. ئىشخانىنىڭ تۆر تەرىپىگە قويۇلغان چوڭ شىرە ئۈستىدە بىر كومپيۇتېر ۋە بىر تېلفۇن تۇراتتى. بۇ ئىشخانىغا قويۇلغان كىرسىلومۇ شۇنداق ئېسىل ئىدى.

مەن ئاللىقانداق زىدىيەتلىك خىياللار ئىلىكدە ئولتۇرغىنىمدا تۇيۇقسىز ئىشكتىن ئايگۈل ھەدەم كىرىپ كەلدى:
ـ،سادىرئاخۇن تېلفۇندا سزنى كەلدى، دېۋىدى، شۇنداق خۇش بوپ كەتتىم قىزىم. قاچانكى ئالى مەكتەپكە كەتتىڭىز، بىز تەرەپلەرگە قاراپمۇ قويمايدىغان بۇلۇپ كەتتىڭىز. ئۆيىڭىزدىكىلەردىن خىزمەتكە چىقتى دەپمۇ ئاڭلىدىم. ئۆزۈم بىر چاقراي دەپ بولىغىچە سىزمۇ كەپسىز بالام،- دىدى ئۇ ئۆزى كۆتۈرۈپ كەلگەن سوغۇق ئىچىملىكىنى ماڭا سۇنغاچ.   
-، مەنمۇ ۋاقتىدا يوقلاپ كېلەي دەپ ئويلىغان، لىكىن خىزمەت بېسىمى سەل ئېغىر، شۇڭا ئەمدى بولسىمۇ كېلىشىم. دېدىم مەن. بىز شۇ يۇسۇندا ئۇياق- بۇياقتىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرساق سادىركاممۇ كىرىپ كەلدى.   
مەن سادىركامغا قايتا نەزەر سالدىم: سادىركام كېيۋالغان دوپپىسى قىزىرىپ پارقىراپ تۇرغان چىرايىغا شۇنداق يارشىپتۇ. كىيۋالغانلىرىمۇ بىزنىڭ داڭلىق مىللى ماركىنىڭ كىيىملىرى........

ـ، ئىش- ئوقەتلىرىڭىز تازا يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ سادىركا-، دېدىم مەن قىسقىچە سالام- سەھەتتىن كېيىن.

-، شۇنداق قىزىم ئاللاھقا شۈكىرى ياخشى كېتىپ بارىدى. بۇندىن كېيىن ئاللاھ خالىسا تىجارەت دائىرەمنى تېخمۇ كېڭەيتەيمىكىن دەيمەن-، دېدى ئۇ ھەربىر جۈملىسىگە ئالاھنىڭ نامىنى شىپى كەلتۈرۈپ.

بىر چاغلاردا ئۆيمىزگە مېھمان بۇلۇپ كەلسە، ئابرويۇمنى قىلىپ ھاراق قۇيمىدىڭ دەپ، ئۆز گېپىنى تالىشىپ بىر كىېچە ئۆيىمىزنى ئۆرە- تۆپە قىلمىغۇچە مىھمان بولغىنىغا رازى بولمايدىغان سادىركام ھازىر شۇنداق ئۆزگىرىپ ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بىر مۆمىن بەندىسىگە ئايلانغاندەك قىلاتتى. ئۇ سۆزلىرىنى داۋام قىلۋاتاتتى:   
ـ، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان بەندسىنىڭ ئۆشرە- زاكات بېرىش مەجبۇرىيىتى بار، ئاجىز، مىيىپ، يىتىم- يىسرلارغا خەيىر- ساخاۋەت قىلىپ، بېشىنى سىلاش ئۇلۇغ ساۋابلىق ئىش. بۇ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قەرزى قىزىم. مەنمۇ پات ئارىدا ئۆشرە- زاكات ئايرىپ، مۆمىن- بىچارىلەرنىڭ بېشىنى سىلايمىكىن دەيمەن........

گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەن ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدۈم:
ـ، ئەگەر ئۆشرە- زاكات بەرمەكچى بولسىڭىز، يېنىڭىزدىلا ئەڭ ئېھتىياجلىق بىر ئادەم بار.

ـ، كىم ئۇ قىزىم،- دېدى ئۇ جىددى تەلەپپۇزدا. :  

ـ، ھېنىپىخان چوڭ ئانام، ئۇ 5مىڭ يۈەن بولسىا ئوپراتىسيە قىلىنىپ........   
ئۇ شۇ زامات گېپىمنى بۆلدى.......   

-، نىمە دېگىنىڭىز ھوي قىزىم، ئۆشرە- زاكاتنى ئۆز ئورۇق- تۇققانلىرىغا بەرسە قانداق ساۋاب بولىدۇ. بۇنىڭ نېمە پايدىسى. ئۆزىگە ھېچقانداق ئۇرۇق- تۇققانچىلىقى بولمىغان، يات ئەڭ نامرات بىچارلەرگە بەرسىلا ئەڭ ساۋابى بولىدۇ. ئۆشرە- زاكات ئاندىن قۇبۇل بولىدۇ-. ئۇ بۇ گەپلەرنى قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ، قىزشىپ تۇرۇپ دەۋاتقاندا ئۇنىڭ بۇرۇن ھاراقنى ئىچۋېلىپ، قىزىشىپ تۇرۇپ گەپ تالىششلىرى كۆز- ئالدىمغا كەلدى، مەن سەۋرىچانلىق بىلەن يەنە دېدىم:

-، ئەڭ ئاۋال ئۆز- ئاتا ئانمىزنى، قېرىنداشلىرىمىزنى رازى قىلىپ، رازىلىقىنى ئالساق، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارغا بەرسەكمۇ بولار. ئاينۇر ئاچام ھېنىپخان چوڭ ئانامنى بېقىش ئۈچۈن ئۆيدىن ئايرىلىپ چىققىلى 2ئايدىن ئېشپتۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىكەن.....  

ـ، ۋاي بالام، ئاۋال ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى دېگنىڭىز نېمىسى، بۇ دىگەن ئاچكۈزلۈك........  

سادىركامنىڭ گېپىنى ئايگۈل ئاچام تارتىۋالدى:  

-، قاراڭ قىزىم، ھەر قانداق بىر كىشى مۇشۇنداق كېسەل بىلەن كەتسە، ئاخىرەتلىكى ئىنتايىن ياخشى بولدىكەن، ئۇ دۇنيادا جەننەت يۈزى كۆردىكەن. سېىڭىلىم ئاينۇرەممۇ چوڭ ساۋابلىق ئالىدۇ دەڭە مۇشۇنداق كېسەلنى بېقىپ. ھەممىسى ساۋاپلىق ئىش ئەمەسمۇ....

ئەر- ئايال ئىككىسى بەس- بەستە ئۆز دىگەنلىرىنىڭ توغرىلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشاتتى. شۇ تاپتا مېنىڭ كۆڭلۈم ئىنتايىن ئازاپلىق تۇيغۇلارغا چۆمگەن ئىدىم. ئۇلاردىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدىم. لىكىن ئۇلار داۋاملىق قىزىشىپ چۈشەندۈرۈشمەكتە ئىدى. شۇ چاغدا تۇيۇقسىز سادىركامنىڭ كىچىك ئوغلى سەلەي كىرىپ كەلدى ۋە دىدى:

-، دادا ئامباردىكى قۇۋەت، تالقانلىرى، فىرىما، سۈت قاتارلىق ماللارنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشكە ئاز قاپتۇ. تۆنۈگۈن يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەنلىرى ئەكرىسەك ئامبارغا بەك قىستاڭچىلىق بۇلۇپ كەتتى. ئۇلارنى ماۋۇ مەھەللىدىكى  زىۋىدىخاچام، ئەمىتىكام قاتارلىق باللىرى يېنىدا يوق 8- 9ياشانغانلارغا تارقىۋەتسەك. ھېسابلاپ باقسام 2مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى ماللاركەن..-  

-، نېمە دەيدۇ ماۋۇ نان قېپى، ئۇلارغا بىكارغا تارقاتقۇچە، كەنىت- مەھەللەردىكى كىچىك دۇكانلارغا يېرىم باھادا ئۆتكۈزۋەتسەڭمۇ ئازراق بولسىمۇ پۇل كىرىدۇ ئەمەسمۇ، قاچانمۇ بىر كاللا ئىشلتىدىغان بۇلارسەن، ماڭە مەن قاراپ باقاي-، سادىركام شۇنداق دېگنىچە ئوغلنى كەينىگە سېلىپ چىقىپ كەتتى.  

ئۇلارنىڭ كەينىدىن مەن ئايگۈل ئاچامنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىشلىرنىمۇ رەت قىلىپ قايىتتىم. ئىچىمدە شۇلارنى ئويلىدىم: توۋا ساۋابلىق ئىشمۇ پايدىنى كۆزلەپ قىلنامدۇ ئەمدى؟ ئانا ئۇندا ئاغرىق ياتىدۇ، بالا بۇندا ساۋاب توغرىدا گەپ ساتىدۇ. ھەتتا ساۋابتىمۇ پايدا- زىيان كۆزلەنسە- ھە!  
ھەي دۇنيا، ئۇلار ساۋاپ دىگەن ئانىنىڭ دۇئاسى، جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشتىمىكىنە؟
مەنبە: مەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tograkmalikisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-1 06:30 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105352
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 354
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2014-3-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 08:36:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا  ئەجەپمۇ ۋاپاسېز ئنسانلا كەنغۇ بۇلار ، بوپتۇ بۇللارمۇ چوقۇم كۇنلەرنېڭ برىدە ئوزې قلغان ۋاپاسېزلقنىڭ جازاسىنى تارتېدۇ،    (دۇنيادا بېر ياخشىلق ۋە بېر يامانلىق جاۋاپسېز قالمايدۇ، )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105023
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 349
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 10:36:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساۋاپنىڭ پايدىسى يەنە بىر دۇنيادا بولىدۇ، بۇ دۇنيادا بار دىيىلسە ئاللاھنىڭ شۇ ساۋاپ ئىشنى قىلغۇچىنى ئەزىز قىلغىنى،ھەتتا ئەتراپىدىكى كىشىلەرگىمۇ بۇلىدۇ شۇ ئەزىزلىك.

ھايات خۇددى ئەينەككە ئوخشايدۇ،سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ ،ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ، ئەگەر قاپاق تۈرسەڭ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98986
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1332
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 641 سائەت
تىزىم: 2013-10-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 11:10:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئىبادەتنىىڭ قوبول بۇلىشى ئۇچۇن ئىككى شەرىت بار 1-چوقۇم ئاللاھ رىزالىقىنى كوزلەش2-شۇ ئىبادەتنى ئاللاھ كۇرسەتكەن ۋە سۇننەتكە مۇخالىپ بولماسلىقى كىرەك.
ھازىر بەزى ئىنسانلار باركى قىلغان ھەممە ئىبادەتلىرى رىيادىن خالى ئەمەس .........ھەي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاقار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-1 11:11 PM  


ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40834
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4230
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 11:16:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىىپسىز ...
ئەمما ھىكايە دىگەننىمۇ ئەمەلىيەتكە بىرلاشتۇرۇپ يازغاندا ئۇنىڭ چىنلىقى ،ئەمەلىيەتچانلىقى بىلەن ھەرقانداق بىر ئۇقۇرمەننى ئۇزىگە رام  قىلماي قالمايدۇ .
ھىكايىدىكى باش پىرشۇناژ ئەرمۇ ئايالمۇ بىر ئۇقۇشتىلا ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلمايدۇ
ئاينىۇر قاراۋاتقىلى 2 ئاي بۇلوپتۇ ئاينۇرنى قىزىمۇ دەيلى  يەنە نىمىشقا ھۇيلىنىڭ ئىچى تال -باراڭىلىرى بىلەن يەنە قانداقتۇر باشغا نەرسىلەر بىلەن قالايمىقان بۇلوپ كىتىدۇ ؟
تۇرمۇشلۇق بۇلغان قىزى تۇرمۇشىنى تاشلاپ چۇڭ ئۇيگە بىرىپ قاراۋاتىدۇ دىيىلسە سەل مۇبالىغا بۇلوپ كەتكەندەكمۇ ؟ ئۇنۇڭىدىن يىنىغا ئەكىلىپ قاراۋىتىپتۇ دەپ ئىلىنسا بىر ئاز مۇۋاپىقدەك قىلىدۇ
بەزى بىر يەرلىرى يۇزەكى ،مۇبالىغە بۇلوپ قاپتۇ كۇپ تەشەككۇر قېرىندىشىم شۇ ئاتا -ئانىلىرىنى يىتىم ،يىگانە قالدۇرغان بالىلارغا ياخشى ئۇيلىنىش پۇرسىتى بۇلغۇسى .

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 11:36:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت  ياخشى بىر ھىكايە  ئەكەپسىز .

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105470
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 01:14:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يىزپسز  بەزى  يەلرگە  دىققەت  كىلڭ  بۇندن  كىينكى  ئەسرڭز  تېخمۇ  ياخشى  چىقدغنغا  ئىشنمە  راس   جەميتمزدە   شۇنداق  ئادەملەمۇ  با  باشقلاغا  بەگننى  ھەممە  ئادەمگە  ئۇختۇرۇش  ئارقلق  ئىناۋەت  ئىزلەيدغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3615
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 05:03:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hanam يوللىغان ۋاقتى  2014-4-1 11:16 PM
ياخشى يىزىىپسىز ...
ئەمما ھىكايە دىگەننىمۇ ئەمەلىيەتكە ...


سىز بىرەر پارچە ھكايە يېزىپ باققانمۇ؟
مەن ھېكايىنڭ باشلىنىش، ئاخرلىشىش، مەركىزى ئىدىيە قاتارلىق جەھەتلىرىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىپ يازىمەن. يەنە كېلىپ بۇ تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس. تورغا چىقارغانلىرىغا قارىغاندا ژورنالغا چىققانلىرى كۆپرەك.
بۇ ھېكايىنى باھالىغان تەرەپلىرىڭىزگە قارىغاندا بۇ جەھەتتە ماڭا ئۆگتىشكە بالدۇرلۇق قىلىسز.
يەنە بىرى تۇرمۇشلۇق بولغان قىزنىڭ ئاپىىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قارىغىنى ھەقىقى بولغان ئىش. بۇنىڭ ھەممىسى ئەمەلى ۋەقە. پەقەت كىشى ئىسىملىرىلا ياسالما.

ئاينۇرقىز ھەم ئۆز ئۆيىگە چېپىپ ئۆيىدىن خەۋەر ئېلىپ ھەم چوڭ ئۆيگە كېلىپ يۈرگەچكە شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەن.
باش پېرساژنڭ قىز ئوغۇللىقىنى بىلمىگىنىڭىزگە كەلسەك چۈشىنىپ ئوقۇسىڭىز بىلىسىز. چۈنكى بىرەر ئەسەردە باش قەھرىمان مەن بىر ئايال، ياكى ئەر دەپ باشلانمايدۇ. پەقەت باش قەھرىماننىڭ ئوي خىيالى، پىسخىك تەسۋىردىنلا بىز ئۇنىڭ ئەر ئاياللىقىنى بىلىمىز. تېخى بەزى يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئەسەرلەردە مۇرەككەپ ئوي خىيالغا ئىگە بولغان باش قەھرىماننىڭ جىنسىنى ئەسەر ئاخرلاشقاندىلا ئاندىن بىلەلەيسىز.....

قېرىندىشىم يۈزەكى، مۇبالىغە دېگەنلىرىڭزنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان بولسىڭز،
ھېكايە يېزىش دېگەن مەلۇم ۋەقەنى كۆتۈرۈپلا ئوتتۇرغا چىقىرىش ئەمەس. ئۇنىڭ تەپسىلى بايان قىلدىغان، قىسقارتىپ ئوتتۇرىغا قويدىغان ۋە چېكىنە، قىستۇرما ئارقىلىق مەركىزى ئىدىيەنى ئىپادە قىلدىغان جايلرى بولىدۇ. مۇشۇ جايلارغا قارىتا چۈشەنچىڭىز چۇڭقۇر بولسا ئاندىن توغرا باھانى بېرەلەيسىز.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tograkmalikisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-2 05:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 10:16:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساۋاپنىڭ پايدىسى يەنە بىر دۇنيادا بولىدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش