ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار !
تېمىنى كۆرۈپ ھەقاچان « بۇنى بىرسى ئۆلۈمگە زورلاۋاتقان ئوخشايدۇ » دەپ ئويلاپ قېلىۋاتقان بۇلىشىڭلار مۇمكىن ، توغرا ئويلاپسىلەر ، ئاتا-ئانام ، بىر قىسىم دوست بۇرادەرلىرىم، مىنى ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈمىمنى تىلەشكە زورلاۋاتىدۇ . بۇنداق دىگىنىمنى بەلكىم چۈشەنمىدىڭلا ھەقاچان ، تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بىرەي ھە ، ئۇنداق بولسا گىپىمگە قۇلاقسېلىڭلا !
مەن 2012- يىلى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن بىرى ئۆيدىكلەرنىڭ زورلىشى بىلەن ئىككى قېتىم مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولساممۇ خۇددى سۇ ئىچكىسى يوق كالىنىڭ بېشىنى سۇغا تىقسىمۇ سۇئىچمىگەندەك ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم ، ئالدىمىزدا يەنە مەمۇرلۇق ئىمتىھانى كىلىۋاتىدۇ ، مۇشۇ سەۋەبلىك ھازىر ئۆيدە بېشىم ئوچاق ، ماڭا ئازراقمۇ ئارامچىلىق يوق. مەنچە بۇنداق بۇلىۋاتقانلار مەنلا بولمىسام كېرەك .
مەن ئانامدىن « ئانا مەن نىمىشقا ئىمتىھان بىرىمەن ،نىمىشقا ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى قىلمىسام بولمايدۇ ؟ » دەپ سورىسام ، ئانامنىڭ قايتۇرغان جاۋابىنى دىمىسەممۇ بىلىسىلەر ھەقاچان ، شۇ « قېرىغاندا باقىدۇ ، ئاغرىپ قالساڭ داۋالايدۇ .» دەيدۇ . بۇ ئېنىقلا ئۆزۈمگە ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەتكەن بولماي نىمە ؟ شۇ زىرىكىشلىك خىزمەتنى قىلىپ ، ئىچى پۇشۇپ يا خىزمەتتە نەتىجە يوق، بالدۇر قېرىپ پىنسىيەگە چۈشسەم ، بىر ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ ئارام ئېلىۋالسام دەيدىغانلار ئازمۇ ؟ ئۆزىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ، كىسەل بۇلۇپ قېلىشىنى تىلەيدىغانلار ئازمۇ ؟
ئاپامنىڭ بىر قېتىم دىگەن گىپى يادىمدىن چىقمايدۇ ، «سىنى مەكتەپتە تىجارەت قىلسۇن دەپ ئوقۇتمىغان ! » ، ئۇنداق بولسا مىنى باشقىلارغىلا ئىشلىسۇن دەپ ئوقۇتقانمۇ ؟ مىنى ئوقۇتقان ئادەم نىمە ئۈچۈن « سەن نىمە ئۈچۈن ئوقۇيسەن ؟ باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەپ باشقىلارنى باي قىلىش ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئىشلەپ ئۆزۈڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ ؟ » دەپ سوراپ باقمايدۇ ؟
كۆرىۋاتىمىزغۇ شۇ مۇقىم خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى ، ئالغان مائاشى قانچە يۇقۇرى ؟ ئائىلىسىگە ئاجىراتقان ۋاقتى قانچىلىك ؟ باشقىسىنى دىمىسەكمۇ شۇ تاپقان پۇلىنى خەجلەشكە ۋاقتى بارمۇ ؟ بۇنداق خىزمەت قىلغاننىڭ نىمەپايدىسى ؟ بىر ئىش يادىمغا يىتىپ قالدى ؛ بىر دوستىمىز بولىدىغان دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلىمىدە ئىشلەيدىغان ، بىر كۈنىسى بىر ئەر بىر ئايالنى كۆتۈرۈپ تۇغۇت بۆلۈمىگە تۇغدۇرغىلى ئەكىرىپتۇ ، لىكىن دوختۇر ھىساباتىنى قىلىدىغاندا ھىساب قىلىدىغان ئادەم چىقماپتۇ ، دوستۇم بىللە كەلگەن ئەرنىڭ ئۇ ئايالنىڭ نىمىسى ئىكەنلىگىنى ،نىمىشقا ھىساب قىلمايدىغانلىغىنى سورىغاندا ئۇ ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ تاكسى شوپۇرى ئىكەنلىكىنى ، ئۇئايال يولغا ئۆمىلەپ چىققان يىرىدىن ماشىنىسىغا بېسىپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ . تۇغۇتلۇق ئايالدىن ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق ئۇ ئەرنىڭ ھەقىقەتەن تاكسى شوپۇرى ئىكەنلىگى ، ئىرىنىڭ دۆلەت مەمۇرى ئىكەنلىگى ، خىزمىتىنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكى ، ئايالىنى دوختۇرخانىغا ئەكىلىشكە ۋاقتىنىڭ يوقلىغى ئېنىقلىنىدۇ . ئەمدى بۇ قانداق خىزمەت ؟ بۇ قانداق ۋەتەنپەرۋەرلىك ؟ شۇ ئايال بىرئۆمۈر ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىققان ئۆمۈرلۈك ھەمراسى ئەمەسمۇ؟شۇ ئايالمۇ دۆلەتكە بالا تۇغۇپ تەربىيلەپ بېرۋاتمامدۇ ؟ تۇغۇلغان ئاشۇ بالىسىمۇ كەلگۈسىنىڭ ياراتقۇچىسى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق ھەممىسى توغرا ، توغرىلىغىنى شۇ مەمۇر يولداشمۇ بىلىدۇ ، لىكىن ئامال يوق، چۈنكى ئۇنۇڭدا ۋاقىت يوق . ئەمدى بۇ قانداق خىزمەت ؟ بۇ خىزمەتنىڭ نەرى ياخشى ؟
ئەزىز قېرىنداشلىرىم ! ئەزىز ئاتا-ئانىلىرىم ! ئۇرۇق تۇغقان قېرىنداشلار ! ئەزىز قىز بالىلا ر! ئەزىز ئوغۇل بالىلار ! بەخىتنىڭ ، لايىق تاللاشنىڭ ئۆلچىمى ھەرگىز مۇقىم خىزمەت ئەمەس ! پۇل ئەمەس !
مۇقىم خىزمەتكە ئىنتىلىش ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلاندى ، بۇمۇ سەۋەبسىز ئەمەس ، مەكتەپ پۈتتۈتۈپكەلگەندىن ئۆزىمىز بىر ئىش قىلايلى دىسەك ئاز پۇل بىلەن بىر ئىش قىلغىلى بولمايدۇ، پۇل يوق . پۇل بار دىگەندىمۇ نىمە ئىش قىلىشنى بىلەلمەيمىز ، بىلگەن تەغدىردىمۇ بىزدە شۇنى قىلغىدەك تەجىربە يوق ، جۈرئەت قىلالمايمىز . ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئىشلىتىپ بىرەر يەردە ئىشلەيلى دىسەك ، ئۆزىمىزنىڭ كارىخانىلىرى باشقىلارنى ئېلىپبىزنى ئالمايدۇ ، ئالغان تەغدىردىمۇ بەرگەن مائاشىنى كۆرۈپ ئادەمنىڭ ئىچى سىرىلىدۇ( مەن ئىچكىردىكى داڭلىق ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كىلىپ بىر كارىخانىمىزدا1800يۇەنگە ئىشلىدىم ، 1200يۈەننى ئوقۇش پۇلىنىڭ قەرزىگە بىرىۋەتسەم قالغان پۇل يەتمەي داۋاملىق قەرىز بولۇپ كەتتىم ) . باشقىلار كارىخانىسىغا بىزنى ئالمايدۇ ،ئۇلارنىڭ ھىچ بولمغاندا « تامىغىڭىنى ھەل قىلىپ بىرەلمەيمەن » دەيدىغان باھانىسى بار . شۇ سەۋەبتىن ئىمتىھان بىرىپ مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىش قىزغىنلىغى كۆتۈرۈلدى .مەن مۇشۇ ئەھۋالنى ئويلىغىنىمدا يۈرۈگۈم بىر خىل سىيرىلىدۇ . شۇڭا دەيمەن مېنى ئۆلىۋېلىشقازورلىماڭلار !!!
2014-يىلى 31-مارت (5808)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 D4 ^& A3 y1 `
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-1 09:17 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ b! R x& y! ]) e; ]* F. S3 kبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# X- r" t) e* W, [& W" p