ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەزىز قىرىنداشلىرىم ! مىللىي تارىخىي بايرىمىمىز نورۇز مۇناسىۋىتى بىلەن 2014-يىل 03-ئاينىڭ 22-كۈنى غەربى جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىدا نورۇزلۇق ئىلمىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى . بىز بۇ پائالىيەتنىڭ ياش سىتۇدىنىتلارنى مەرىپەتكە، ئىلىم ئۈگىنىشكە يىتەكلەش رولىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ قىتىملىق نورۇز پائالىيىتى توغۇرلۇق مەلۇمات بىرىشنى توغرا تاپتۇق.
نورۇز بايرىمى ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇران - ئىران خەلىقلىرىنىڭ ئورتاق مىللىي بايرىمى.نورۇز بايرىمى قەدىمىيلىكى،تارىخىيلىقى ۋە ئۆزگىچە ئەھمىيىتى بىلەن باشقا مىللىي بايراملاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر سىتۇدىنىتلارنى ئىلىمگە مەرىپەتكە يىتەكلەش ، سىتۇدىنىتلار ئارا ئىلمىي ئۈگىنىش مۇھىتىنى قويۇقلىتىش مەقسىتىدە بىز نورۇزنى ئويۇن - تاماشادىن خالىي ھالدا «نورۇزنى ئىلمىي پائالىيەت ئارقىلىق تەبرىكلەش» پائالىيىتى تەشكىللىدۇق.
1.نورۇز تەييارلىقى
نورۇزدىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن بۇ قىتىمقى نورۇز پائالىيىتىنى ئىلمىي يوسۇندا تەبرىكلەش ، ۋە قانداق ئىلىپ بىرىش توغۇرلۇق ھەر قايسى يىللىققا تەۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن تەكلىپ پىكىرلەر يىغىلدى . سىتۇدىنىتلار ئۆز تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈش توغۇرلۇق دەسلەپكى قەدەمدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
بۇندىن بۇرۇن نورۇز بايرىمىنى ناخشا-ئۇسسۇل ۋە سورۇن تۈزۈش ئارقىلىقلا ئۆتكۈزۈلگەچكە نورۇزنى ئىلمىي يوسۇندا تەبرىكلەش ئىشلىرى كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى . سىتۇدىنىتلار ئارا ئىلمىي پائالىيەت توغۇرلۇق تەشۋىقات ، پائالىيەت ئورۇن مەسىلىسى ، خىراجەت ياردىمى ، بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەردە كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇق . پائالىيەت پىلانى كۆپ قىتىم ئۆزگەرتىلىش ئارقىلىق تاكى ئەتە پائالىيەت بولىدۇ دىگەن كۈنى يەنى 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمى كۈنتەرتىپ مۇقىملاشتى.
بۇ تەكلىپنامىگە ئورخۇن - يىنىسەي يىزىقى ئىشلىتىلدى.ئوغۇزمۇرات لاھىيلىدى.
2. نورۇز ئىلمىي پائالىيىتى
2014-يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى چۇشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر سىتۇدىنىتلىرى ئۆزىنىڭ مىللىي بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدىغان ئورۇنغا يىغىلىشتى .چۇشتىن بۇرۇن سائەت 10 بىلەن پائالىيەت رەسمى باشلاندى .
مەكتەپ رەھبەرلىرى نورۇزلۇق سالاملىرىنى بايان قىلدى .
پائالىيەت كۈنتەرتىپى بويىچە ئىچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.ئىچىلىش مۇراسىمىدا نورۇزلۇق سالاملاردىن كىيىن ، نورۇزنىڭ كىلىپ چىقىشى ، ۋە نورۇزلۇق قەدىمى ئادەتلەر توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقاتلار تونۇشتۇرۇلدى .سىتۇدىنىتلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى تارىخى، قەدىمكى ئۆرپ-ئادەتلىرى توغۇرلۇق ئىلمىي چۇشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشتى ، پائالىيەت مەيدانى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى. ئۇندىن كىيىن ھەر قايسى ساھەدىكى ئەدىپ،ئالىم مەشھۇرلىرىمىزنىڭ ئىلىمىي پائالىيىتىمىزنى قوللاپ يازغان تەبرىك سۆزلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى .
بۇ سۆزلەردىن كۈچ ئالغان ئۇيغۇر سىتۇدىنىتلار مەشھۇرلىرىمىزغا رەھمىتىنى بىلدۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ تىخمۇ تىرىشىپ ئىلىم ئۈگىنىدىغانلىقى ۋە ئۈگەنگەن ئىلىملىرىنى يۇرتىنى گۈللەندۇرۇش ئۈچۈن سەرىپ قىلدىغانلىقلىرى توغۇرلۇق ئىرادىلىرىنى بايان قىلدى.
پائالىيەت كۈن تەرتىپى بويىچە تەبرىك سۆزلىرىدىن كىيىن« نورۇزلۇق شىئىر - قوشاقلارنى دىكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى » ئۆتكۈزۈلدى.
« نورۇزلۇق شىئىر - قوشاقلارنى دىكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى » دىن كىيىن ئوغۇزمۇرات «ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن يىزىقلار توغرىسىدا» دىگەن تىمىدا لىكسىيە بەردى .ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە يىزىقلىرىنىڭ تارىخى توغرىسىدا مول بىلىم بىلەن تەمىنلىدى .
رەسىمدە: ئوغۇزمۇرات قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقى ۋە قەدىمكى تۈرك يىزىقى توغۇرلۇق مەلۇمات بەرمەكتە،ۋە يىزىپ كۆرسەتمەكتە.
ئىلمىي لىكسىيەدىن كىيىن پائالىيەت توغۇرلۇق قىسقىچە خۇلاسە قىلىنىدى . ھەمدە بارلىق قاتناشقۇچىلار نورۇز تامىقىغا تەكلىپ قىلىندى.
پائالىيىتىمىز گەرچە داغدۇغۇلۇق ، ھەشەمەتلىك بولالمىغان بولسىمۇ، نورۇزنىڭ ئەھمىيىتىنى مەرىپەتكە باشلىيالىغانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەنمىز! ھەر بىر پائالىيىتىمىز ئۇچۇن كۈچ چىقارغان ئىلىم ئەھلى ، سىتۇدىنىت،ۋە ئالىم - مەشھۇرلىرىمىزغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۇرىمىز! «بىلىمنى قەدىرلىگەن مىللەت ھەرگىز يەردە قالمايدۇ! مەرىپەتكە ياماشقان مىللەت ئابرويلۇق بولىدۇ! ياشلىرى كۈچلۈك مىللەتنىڭ ئىتىبارى ھەر ۋاقىت ئۈستۈندۇر!»
2014-يىل 03-ئاينىڭ 22-كۈنى چىڭدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TughTurk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-31 10:01 PM