ئۇستاز مائارىپچى ، تۆھپىكار رەھبەر مەرھۇم ئەيسا قاسىم ۋاپاتىغا
مۇھەممەت سەيپۇل
ساۋاقداش بوپ ئوقۇغان ئىدۇق ئەيسا ئاكا ،
سىزدىن ئازراق كىچىك بولسىمۇ مېنىڭ يېشىم .
شۇم خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەن ئەي ساۋاقداش ،
ئاقتى كۆزدىن تامچىلاپ قانلىق يېشىم .
مەنىلىك ئۆتكۈزگەچكە ھاياتنى سىز ،
نۇرلۇق ئىدى ئەل ئىچىدە سىمايىڭىز .
ئەلنى خوش قىپ ئىشلىگەچكە سىز بىر ئۆمۈر،
ئەللەر ئارا چىچەك ئاچتى ھەم ئەجرىڭىز؟!.
قىران چاغدا ئىشلىگەنغۇ مەكتەپتە سىز ،
سانسىزلىغان ئەۋلادلارغا بىلىم بېرىپ .
كەلگۈسىچۈن ئوللار سېلىپ ئۆتكەچكە سىز ،
ئەمدى دەۋران باققان ئىدى سىزگە كۈلۈپ .
پەرۋىش قىلغان كۈرمىڭ كۆچەت ئەمدى مانا ،
تۆھپىكار بوپ جاي-جايلاردا ئىشلىمەكتە .
مانا بۈگۈن شۇ كۆچەتلەر ئېچىپ ھازا ،
ئۇستازىغا ، -جايى جەننەت تىلەشمەكتە.
كۆڭۈل پۈتۈن، دىللار خۇشال يۈرەتتۇق بىز ،
نەدە بولساق ، ئارىمىزدا سىز بولسىڭىز .
بۇلبۇللارمۇ خەندان ئۇرۇپ كۈلەر ئىدى ،
ئۈكەمھوي،دەپ پاراڭ باشلاپ ، سىز كۈلسىڭىز .
ئەل – ۋەتەنچۈن ئىشلىدىڭىز سىز بىر ئۆمۈر ،
دالانكارىز يېزىسىدا قالدۇرۇپ ئىز .
بۇ ئۆلۈمگە بەك قايغۇردۇم ئەلگە ئوخشاش ،
بۇ پانىدىن ئەجەپ بالدۇر كەتكەچكە سىز .
ئائىلىدە ، يۇرت ئىچىدە ياخشى ئاتا ،
ئاتالدىڭىز پەرۋىش قىلىپ ھەممىنى سىز ،
سېلىغاچقا سىز يېتىمنىڭ باشلىرىنى ،
بۇ ھاياتتىن قالدۇردىڭىز بىر ياخشى ئىز .
مانا ئەمدى بىلىنمەكتە يوقلىقىڭىز ،
يىغلىساقمۇ كەلمەيدىكەن ھىچ ئورنىغا .
كۆز يۇمدىڭىز ، ئارام ئېلىڭ سىز لەھەتتە ،
ئەۋلاد باسقاي ئىزىڭىزنى ، ئەيسا ئاكا ! .
( ئاپتور: پىچان ناھىيە دىغار يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پېنسىيونېرى )