|
|
|
|
ئارىزونانىڭ سېدونادا ئۆتكەن بىر كۈن ---ئامېرىكا سەپىرى 21- كۈن...
ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ئېلىۋالغان ناندىلا قىلدىم.... يەنە ئازراق ئارتۇق نان ئېلىۋالدىم.. قەلبىمدىكى يۈكسەك غايە ئارزۇلار مېنىڭ ئاچقىنىمنى،ياكى ھارغىنىمنىمۇ بىلدۈرمىدى... كۆپ كىشىلەر ھېسياتنىڭ قۇلى بولۇپ،مەڭگۈ خىيال كېمىسىدىن قىرغاققا چىقالمايدۇ...چىقىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلەرنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ...يۇرتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلار كۈندە يېڭى ، شۇڭا سىزمۇ بارغانسىرى پىشىپ تۇيۇقسىز ئۇچىرىغان بۇ خىل قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىقتىدارىڭىزمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن...
چۈنكى قىيىنچىلىقتا تەمتىرىسىڭىز كىيىنكى قەدەمنى بېسىشىڭىز تەسكە توختايدۇ...كىيىنكى قەدەمنى باسالمىسىڭىز ئىقتىساد ۋە ۋاقىتتىن زىيان تارتىسىز...بۇ يەردە ھەم سىزگە ياردەملىشىپ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىدىغان،ئامالىنى ئىزدىشىپ بېرىدىغان كىشىمۇ يوق! ئەلۋەتتە ئۆزىنى يېڭەلىگەن ئىنسان ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنساندۇر...بۇ يەردە ئۇچرىغان مەيلى تاماق ،مېڭىش ، تۇرۇش ،ئىشقىلىپ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى خاتىرەمدە ئىپادىلەشنى لايىق كۆرمىدىم، ...مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان ئەر ئۆزىنى ئەر دەپ ھېسابلىسا ،خۇددى بىر تازنىڭ مەن بوستان چاچ دىگىنىگە ئوخشاش ئىش... مەخسۇس ئاجىرتىلغان ماشىنا بىلەن سېدوناغا كەلدۇق، بۇ يەردە نەچچە دوللارغا بېلەت ئېلىپ كىرگەن يېرىمىز ئىندىيانلارنىڭ بۇرۇنقى ياشىغان ئورنى بولدى...بەلكىم ئامېرىكىدا بۇ خىل يەرلەر ئاز بولغاچقا بۇنى قەدىرلەپ مەدەنىيەتلىرىنى يېزىپ كۆرگەزمىلەرگە قويىۋىتىپتۇ، 900 يىللىق تارىخ دەپ پەخىرلىنىپ سۆزلەۋاتىدۇ...ئەپسۇس يۇرتلىرىمىزدا قەدىمىي ئۆيلىرىمىزنى بىنالارغا تېگىشىپ شۇنىڭدىن كۆڭلىمىزنى شاد ئېتىپ ، يالغان شەھەرلىك بولۇپ پەخىرلىنىپ ئولتۇرۇپتىمىز..
بۇلارنىڭ بۇنچە قىلىپ كەتكەن بۇ يېرىدە شۇ بىرلا يەردىن باشقا ھېچنىمە يوق ، شۇ يۇرتلىرىمىزدىكىلەرگە ئوخشاش دەرەخلەرلا بار ئىدى...شۇ يەردىن قايتىشىمىزدا چوڭ بىر تاللا بازىرىغا كىردۇق،شۇنچە چوڭ تاللا بازىرىنى پەقەت ئىككى كىشىلا ئېچىپ ئولتۇردىكەن، باشقۇرمايدىكەن ،پەقەت پۇل يىغىپ بېرىدىكەن...سەپ سېلىپ قاراپ باقتىم،بىرمۇ كامىرا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان...خالىغىنىڭىزنى ئېلىپ چىقىپ كەتسىڭىز ھېچكىم بايقىمايدۇ ياكى پۇل تۆلىدىڭىزمۇ ياقمۇ سوراپمۇ قويمايدۇ...ئەمما ھەممە كىشى سەپ تىزىلىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ پۇل تۆﻻلەيدۇ....يۇرتلاردا كۆرۈپ تۇرىمىز، ھېلى چاپان ئوغۇرلاۋاتقان ، ھېلى ئالداپ ئېلىپ چىقىپ كېتىۋاتقان... سېلىشتۇرۇپمۇ قويدۇم،، ئامېرىكىلىقنىڭ قورسىقى توق، تەمىناتى ياخشى بولغاچقا تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن پۇل خەجلەشتىن قورقمايدىغان بولۇپ كېتىدىكەن...يۇرتلىرىمىزدىكى كىشىلەر يانە مۇھتاجلىق تۈپەيلىدىن بەزى ئىشلاردا ئامالسىز...ئەمما يەنىلا كۆپ قىسىم ھەقىقىي مۇھتاج ئەمەسلەرمۇ مەخسۇس كەسىپ قىلۋالغان ئوغۇرلۇق بار ئەمەسمۇ..... يولدا مېڭىشىمىزدا بىرقانچە يەردە جىددىي تورمۇز بىلەن ساقلاپ تۇرۇپ ياۋا ئۆردەكلەرگە چوڭ يولدا يول بوشاتتۇق...ھېلىقى توشقانغا سەكرەش، ئۆردەككە ئۇچۇشمۇ خوش ياقماس بولۇپ كېتىپتۇ.. ئادەملەرنىڭ يانلىرىدا خالىغانچە يۈرگەن، سورىساق ئىگىسى يوق ياۋا ھايۋانلار....ئەگەر دۆلىتىمىزدە بولغان بولسا تۇتۇپ ،تۇتىۋالغىنىمىزدىن خۇش بولۇپ ھەممىگە كۆرسىتىپ يا سېتىپ پۇلنى خەجلەيتۇق، ياكى ئۆلتۈرۈپ بىرۋاقلىق مەززىلىك تاماق قىلىپ يېۋەتكەن بولاتتۇق ... توۋا ئامېرىكىلىق ئۆي قوشلىرى ،ياۋا قۇشلار ناھايىتى ئىناق ئۆتۈدىكەن،كىشىلەر ئۇلارغا چېقىلىشنى ھەم نۇمۇس دەپ بىلىدىكەن،بۇ قۇشلار نېمە دىگەن بەخىتلىك.يۇرتىمىزدىكى ئەجىلى توشمىغان ياش قۇشلار قەپەسكە سولانغان ، سايرىتىپ ئۇلارنىڭ ئازابىدىن كۆڭلىمىزنى شاد ئېتىپ ئولتۇرىمىز.مۇددەتتىن بۇرۇن ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىپ ياش چاغلىرىدىمۇ ئۆلتۈرۈپ يېۋىتىمىز...ھېچ بىر قىلغان ئىشلىرىمىزدىن نۇمۇس قىلىش تۇيغىمىز يوق يەنە داۋاملاشتۇرىۋىرمىز...ئارقىدىن خىجىل بولماي تاملىرىمىزغا قۇشلار بىزنىڭ دوستىمىز دەپ يېزىپ ھەممە كىشىگە يادلاتقۇزۇپ قائىدە قىلۋىتىمىز..ئۆيلىرىنى بۇزۇپ ، دەل -دەرەخلەرنى كېسىپ ئۇزۇندا بەرپا قىلغان ئۇۋىلىرىنى نۇمۇس قىلماستىن بۇزۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىمىز ياكى شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىمىز...قۇشلار تىلسىز، سۆزىنى ھەم ھېچكىمگە دىيەلمىگەن .. قۇشلارنى ئاسرايلى... قۇشلارنى قوغدايلى... ..بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ فىنىكىستىن سېدوناغا ماشىنلىق ئىككى سائەت ماڭدۇق...
يوللاردىكى مەنزىرىلەر خۇددى مېنى ئۈرۈمچى - غۇلجا يولىدا كېتىۋاتقاندەك ھېسياتقا كەلگۈزدى....بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىقتۇق..شۇ يەردىمۇ نۇرغۇن سودا سارايلار،ئاشخانا ،ماگزىنلار بولۇپ مەن بىلەن بىللە كەلگەن ھەممىسى تەيۋەن ئاشخانىسىغا كىرىپ كەتتى..ئۇيغۇر نېنى بىلەن سىرتتا ئاللاھنىڭ كىشىلەرگە ھەقسىز سوۋغا قىلىۋاتقان قۇياش نۇرىدا خىياللار قاينىمىدا بىراز لەيلىۋالدىم......ئامېرىكىغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ تۇنجى تۇيغۇسىنىڭ بۇنچە گۈزەل بولىشى بۇ يەردىكى نوپۇس بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن...دۆلىتىمىز كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان دۆلەت ، ئۇ يەردە ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ئالدىنقى تېمامدا ئېيتىلىپ ئۆتكەن نۇرغۇن مەسىللەر بىزدە مەۋجۇدكەن...ئاڭلىغانغا قارىغاندا كۆرگەنلىرىڭ ،كۆرگەنلىرىڭگە قارىغاندا قىلغانلىرىڭ بەكرەك ئېسىڭدە قالىدۇ دىگەندەك مەنمۇ شەخسەن ئۆزۈمدىن باشلاپ ئىللەتلەرنى تۈزەشكە تېرىشىۋاتىمەن..باشقىلارغا قارىماي ئۆزىمىز ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنايلى،ئالدىراۋاتقانلارغا قاراپ ھەيران قالمايلى،چۈنكى ئۇلار چەكلىك ئۆمرىدە بەكلا چەكسىزلىككە ئىنتىلىۋاتقانلاردۇر...شۇنداق،ئادەم مەڭگۈ ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەمەس،ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۆگىنىشى كېرەك،ئىنساننىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئۇنىڭ ئېرىشكىنى بىلەن ئەمەس، تەقدىم ئەتكىنى بىلەن ئۆلچىنىدۇ...ئۈمىدىم ھەممىمىز تەقدىم قىلىش روھىمىز بىلەن ياخشى سۆزىمىزنى ،ياخشى ئىشلىرىمىزنى،ئاشقان مال دۇنيالىرىمىزنى ھەرقاچان تەقدىم ئېتىشكە تېرىشايلى..شۇنىڭ بىلەن سېدونادا نۇرغۇن يېڭى تەپەككۇر ھەركەتلىرى قىلىپ ، كەچ بولغاندا پاۋۇل بىلەن فىنىكىسقا كىرىپ بىر ئەرەپنىڭ ئاشخانىسىدىن ئۈچ كۈنلۈك تاماق ئېلىۋالدىم..تاماقنى قىممەتلىكى ياكى خەجلىگەن پۇلۇمغا ئىچىم ئېچىشمايدۇ.....پەقەت ئۆيدىن كۆپرەك يەيدىغان نەرسە ئېلىۋالماي چامدىنىمغا لىققىدە كىيىم ئېلۋالغانلىقىمغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن...چەتكە چىقماقچى بولغانلار يەنە ھالال يىمەكچى بولغانلار ،بولۇپمۇ مەندەك سەي يىمەيدىغانلار چوقۇم يۇرتتىن كۆپرەك نەرسە ئېلۋالسا بولغۇدەك...بۈگۈن ما يەرنىڭ ئوچۇق ھاۋاسىدا يوشۇرۇن بۇرۇن ياللۇغۇم قوزغىلىپ تولا چۈشكۈرۈپ ئارام بەرمىدى..ياتاقتا بالدۇرراق ئارام ئالاي.....ھەممىڭلارغا سالامەتلىك تېلەيمەن....كەچ سائەت 7:28 ---------------فىنىكىس
|
|
|
|
|
|