مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10680|ئىنكاس: 37

ما خوتۇن ئۆلمەپتىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91298
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 12:29:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                   ما خوتۇن ئۆلمەپتىمۇ؟
                                       (ھىكايە)
                                     تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق

بوينۇمغا ئېسىقلىق ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىشىمگىلا، بوسۇغۇدىكى كالاچنى كۆرۈپ، مومامنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدىم. خوشلىقتا مىھمانخانا ئۆيگە يۈگۈردۈم. ھەم مومام بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم. مومام باش كۆزۈمنى سىلاپ، سۆيۈپ كەتتى. چاي ئەكىرگەن ئانام ماڭا قاراپ چىرايى بىر قىسما بولۇپ، چىرايى بۇلۇتلۇق ئاسماندەك تۇتۇلۇپ كەتتى.
—        ئەقىدە، ماڭە كەشىڭنى سېلۋىتىپ كىر!— دىدى.
ئاپلا مومامنى كىرىپتۇ دەپ خۇشاللىقتا كەشىمنى سېلىشنى ئۇنتۇپ، گىلەمگە دەسلەپلا  كىرىپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ئانام مومام بولمىغان بولسا، تىللىشى ھەتتا ئۇرۇشى ئېنىق ئىدى. مومامنىڭ يۇزىنى دەپ تىللىمدى، لىكىن ئاغزى بېسىقمىدى، ئارىدىكى كۆڭئۈلسىزلىكنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن مومام،
—        بوپتۇ قىزىم كىچىك ئەمەسمۇ، ئىش ئۇقمايدۇ، بۇنچىلىك ئىشقا ئۆزلىرىنى ئۇپراتمىسىلا؟ — دىدى.
—        ئانا سىللە شۇنداق دىگەنلىرى بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ. قارىسىلا، تەپ تارىتماستىن كەش بىلەنلا گىلەمگە دەسلەپ كىرگىننى، ھازىرقى بالىلار نىمە بولۇپ كىتىۋاتىدىكىن؟ ئانىغا ئىچ ئاغرىتىشنى بىلمىگەن، شۇڭا قىرىققا كىرمەي تۇرۇپلا چېچىمغا ئاق كىرىپ، بېلىم كىچىچە ئاغرىپ بولالماي چىقىمەن، ھېلىمۇ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ چوڭ قىلىپ، توپاقتەك بولغاندىمۇ....
ئاپامنىڭ گېپى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، مومام ماڭا شەرەت قىلدى. مومامنىڭ شەرىتىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم. ئايىغىمنى سېلىپ، چاڭ- توزاڭ سۈمۈرگۈچ بىلەن دەسلىگەن جايلىرىمنى تازلىۋەتتىم.
—        مانا بولدى، شۇنچىلىك ئىشقۇ، سىزمۇ قاراڭ ئاپىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، — دىدى مومام ئارىدىكى كۆڭئىلسىزلىكنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن.
ھايال ئۆتمەيلا ئۇكام مەكتەپتىن يېنىپ كەلدى. ئۇمۇ مومامنى كۆرۈپلا قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى. ئۇكام بىلەن ئىككىمىز مومىمىزنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدۇق. مومامنىڭ بۇندىن كىيىن، بىزنىڭ ئۆيدە تۇردىغانلىقىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقتا بېشىمىز كۆككە يەتتى. ئەمدى ئاپام دىگەن خوتۇننىڭ بىزنى ئەدەپلەيمەن، تىللايمەن دىگىنى ئۇخلاپ چۈشى ئىدى. بىرنىمە دەپ بولغۇچە مومام ئارىغا كىرىپ بىز تەرەپتە بولاتتى.
مومام ئادەتتە يېزىدا تۇراتتى. مومامنىڭ يېزىدىكى ئۆيى ناھايىتى چوڭ، ئايۋان- سارايلار ناھايىتى ھەشەمەتلىك بولۇپ، ۋاسا جۇپ قېلىپ يېپىلغان ئىدى. ھويلىدىكى ئۈچ مو كىلدىغان چوڭ باغ بولۇپ، مەھەللىدىكى چوڭ ئېرىق مومامنىڭ بېغىدىن ئۆتكەچكىمۇ، قىشى ياز سۇ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى. باغدىكى ئەنجۇر، ئانار ، ئۈزۈم، ئۈرۈك، گىلاس، ئالما قاتارلىق مىۋىلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى پىشىپ تۇراتتى. مەھەللىدە يەنە چوڭ كۆل، چوڭ كۆل بويىدا مەسچىت بولۇپ ناھايىتى ئاۋات ئىدى. مەھەللىدىكى بالىلار كۆل ئەتراپىدا ئوينايتى. بىز ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇكام بىلەن بىللە چىقىپ تۇراتتۇق. بىز مومانىڭ ئۆيىگە چىقساق ئەركىن ئازادە بولۇپ قالاتتۇق. سەھرادىكى ئاق كۆئۈل بالىلار شەھەردىن دوستىمىز چىقىپتۇ دەپ، باغلىرىغا ئاپپىرىپ، مىۋە - چىۋە بىلەن مىھمان قىلاتتى. ئويۇن دىگەننى بولىشىغا ئويناپ كىرسەك، كەچتە مومام ئوخشىتىپ لەڭمەن ئېتىپ بىرەتتى. مومامنىڭ لەڭمىنى بەكلا ئوخشايتى. مومامدىن:
— موما سىللىنىڭ لەڭمەنلىرى نىمىشقا بەك ئوخشايدۇ؟ — دەپ سورىساق.
— بۇ باينىڭ لەڭمىنى تۇرسا، — دەيتى كۈلۈپ تۇرۇپ.
— قانداق لەڭمەن باينىڭ لەڭمىنى بولىدۇ؟— دەپ سورايتۇق.
— قورىمىسىغا گۆش، يىسېۋېلەك، پىدىگەن قاتارلىق كۆكتاتلارنى سېلىپلا قورىغان لەڭمەن، — دەيتى.
مومام پەمىدۇر، مۇچ قاتارلىق كۆكتاتلارنى يەل كىلىدۇ دەپ يىگىلى ئۇنىمايتى. مومامنىڭ «ئازراق يەڭلار» دىگىنىگە پەرۋا قىلماي، ئىككى چىنىدىن يەيتۇق. قورساقلىرىمىز باداڭدەك يوغىناپ، تىنالماي قالاتتۇق. بۇنداق چاغدا مومام يوغان كۆرپىدىن ئىككىنى ياستۇق ئورنىدا قويۇپ بىرەتتى. بىز مومامنىڭ قىزىقارلىق ھىكايە چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ ئويقۇغا كىتەتتۇق.
مومام بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغاندىن باشلاپ، ئائىلىمزگە بىر خىل خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. ئانچە- مۇنچە چۈجە خورازلاردەك قىزىرىشىپ قالدىغان ئاپام بىلەن داداممۇ مومامدىن نومۇس قىلىپ جىم بولۇپ قېلىشتى. مومام تىلۋۇزۇرنى كۆپ كۆرمەيتى، تولاراق رادىيۇ ئاڭلايتى. لىكىن كۆرىيەنىڭ بىر كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىغا قىزىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن DVDپىلاستىنكىسى ئەككىرىپ بەرسەك كۆردىغان بولدى.ھەتتا تېخى ئاپام داداملار بىلەن تىلىۋىزىيە فىلىمى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغاندىن باشقا، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلارنى كۆرۈپ كۆز يېشى قىلاتتى.
بۈگۈن نۇرۇزلۇق سەنئەت پائالىيىتىنى مەشىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئۆيگە ھېرىپ ئېچىپ قايتىپ كەلسەم، ئۆيدە مومام يوق تۇردۇ.
— ئاپا مومام نەگە كەتتى؟ — دەپ سوردۇم.
—        ھەمىسى سەن جۇۋاينىمەكنىڭ كاساپىتىدىن شۇ، خاپا بولۇپ چىقىپ كەتكەنتى، داداڭ ئەككىرگىلى پەسكە چۈشۈپ كەتتى، — دىدى.
مەن چۈشىنەلمەي ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم.ئانام مىنىڭ بىلىكىمدىن تۇتقانچە ياندىكى ھوجرىغا ئەككىردى.ئاندىن ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى كۆزۈمگە تىقىۋېتىدىغاندەك تەڭلەپ تۇرۇپ،
— ئېيتە سەن موماڭغا نىمە دىگەن؟— دىدى زەردە بىلەن.
—        ھېچنىمە دىمىگەن، مومامغا نىمە دەيتىم؟— دىدىم مەن.
—        خۇپسەنلىك قىلما؟ — دىدى ئاپام، — ئەتتىگەن سەن موماڭ ياتقان ئۆيگە كىرىپ «ما خوتۇن ئۆلمەپتىغۇ؟» دەپسەنغۇ؟ موماڭ ساڭا نىمە قىلغان؟
بۈگۈن سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرغان ئىدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆينى بىر قۇر سۈپۈرۈپ تازلىۋەتكەندىن كىيىن، سائەتكە قارىسام ئەمدى تېخى ئالتە بولۇپتۇ. بۈگۈن سىنپىمىزدىكى بالىلار مەكتەپكە يىغىلىپ، نۇرۇزلۇق سەنئەت پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلاتتۇق. سائەت تۇققۇزغا يەنە ئۈچ سائەتتەك ۋاقىت باركەن. بىر دەم ئۇخلىۋالايچۇ دەپ تۇرسام مومام چاقىردۇ، كىرسەم،
—        بالام، ھېلىقى كىنونى بىر قويۇپ بەرگىنە، — دىدى.
ماقۇل دەپ قويۇپ بىرىپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ ئۇخلىدىم. بىر چاغدا ئاپامنىڭ چاقىرغان ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئويغاندىم. قارىسام سائەت سەككىزدىن ئېشىپتۇ.ئاپام:
—  مەكتەپكە بارىمەن دەۋاتاتتىڭ، كىچىكىپ قالما!— دىدى.
ماقۇل دەپ چاينى ئىچىپ بولۇپ،  مومام ياتقان ئۆيدىن چاپىنىمنى ئەپچىقىش ئۈچۈن كىرسەم، تىلۋۇزۇر بوش ئاۋازدا قويۇقلۇق ئىكەن، مومام ئۇخلاپ قاپتۇ. تىلۋۇزۇردا بىتاپ بولۇپ قالغان بىر ئايال ئېغىر تىنىپ ياتاتتى. نەچچە كۈن ئاۋال بۇ كىنونىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى كۆرگەندىمۇ شۇنداق ئاغرىق ھالەتتىكى كۆرنۈشنى كۆرگەن ئىدىم. مەن تىلۋۇزۇرغا قاراپ «ما خوتۇن ئۆلمەپتىغۇ؟» دىگەن ئىدىم. مەن ئانامغا بولغان ئىشلارنى تەپسىلى چۈشەندۈردۈم.
— ئۇنداق بولسا ئىسپاتلاپ بەر! — دىدى ئاپام.
ماقۇل دەپ مومام ياتقان ئۆيگە كىرىپ تىلۋۇزۇرنى ئېچىپ پىلاستىنكىنى قويۇۋاتسام، دادام مومامنى يىتىلەپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئاپام يۈگرۈپ بارغانچە مومانى مىھمانخانىغا باشلىدى. ھەم دادامنى سىرىتقا چاقىرىپ بولغان ئىشلارنى بىر قۇر چۈشەندۈردى. مەن خېلى ئاۋارە بولۇپ، ئاران تەستە ھېلىقى كۆرنىشنى تاپتىم، ئاندىن قاتۇرۇپ قويدۇم. ئاپام مومامنى يۆلەپ ئېلىپ چىقتى. مومامغا قارىدىم، ئۇنىڭ ماڭا قارارغا كۆزى يوق ئىدى. مومام ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، قويۇپ بەردىم، مومامغا چۈشەندۈردۇم. مومامنىڭ چىرايى ئېچىلىپ كۈلۈپ كەتتى.
—        خاپا بولما قىزىم، — دىدى مومام،— ئادەم ياشقا چوڭ بولۇپ قالغاندا، كىچىك بالىدەك بولۇپ قالىدىكەن. مەن سەندىن راستىنلا خاپا بولۇپ قالغان ئىدىم. ئەمدى سىنى ئەپۇ قىلۋەتتىم. سەن ماڭا ئامراق تۇرساڭ ئۇنداق دەمتىڭ ئەمىسە؟بولدى سەن مىنى ئۇنداق دىمەپسەن ئىشەندىم.
ھەممەيلەن مومامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. مەن مۇشۇ ئىشتىن كونىلارنىڭ «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە» دىگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

ئاپتۇر: قەشقەر شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-31 03:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105039
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 513
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 01:56:10 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە . تىلى ئاددىي ، ئاممىباپ ، مەزمۇنى چۈشىنىشلىك ھىكايىكەن .

« ئەسسالامۇئەلەيكۇم » مانابۇ ، مەن ئەڭ ياختۇرىدىغان سۆز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99125
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2013-10-31
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 02:04:40 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىڭىزدىن ئۆتكەن  ئىشمۇ بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9458
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8270
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 10:23:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى قىينىئانا-كىلىن ئوتتۇرسىدىكى ھېكايە ئوخشايدۇ دەپتىمە!

تىما ئىگىسىگە رەخمەت    تىلى ئاددى ،راۋان،چۈشىنىشلىك بوپتۇ。ھارمىغايسىز!

كىملەر بۇلۇر كىملەرگە خار،
يەنە كىملەر كىملەرگىدۇر زار.
بۇ ھايات قىسمەتلىرىڭدىن،
كىملەرنىڭ يۇلى كىملەرگەتار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100217
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 11:20:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەردىن بىرسى ۋۇجۇتقا چىقىپتۇ، رەھمەت سىزگە.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ
               كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 11:39:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەر  رەھمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 11:56:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى يەڭگىل چۈشۈنىشلىك يېزىلىپتۇ

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 12:08:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ موماي ھەجەپ بەخىتلىككەن - ھە! شۇنداق كۆيۈمچان ئوغۇل ، كېلىنى، ھەم نەۋرىلىرى بار ئىكەن. قىسمەن ئائىلىلەردىكى مۇنداق مومايلار بەزى دەرتلىرىنى ئىچىگە يۈتۈپ يۈرسە، بۇ موماي خاتا ئاڭلاپ قالغان گېپى ئۈچۈن، يامانلاپ مېڭىپتۇ - ئەنە

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1838 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 12:11:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئاممىباب  ئورتاق تېلدا يىزىلغان ئەسەركەن..(  قەشقەردە موما  دىمەيدىچۇ ) .رەھمەت...      ياخشى يىزىپسىز...     

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 12:17:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىنكى  چۈشىنىشلەردىن  مەنمۇ   مومامنى  ئەسلەپ  قالدىم  ئەپسۇس  ئۇ  ئۈلۈپ  كەتتىدە  ئەمدى ئۇ  يۇق  مەنمۇ  مومامنى  بەك  سىغىندىم .

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش