ئۆزگە مەپتۇن بولغان قىز
ئاڭلىغان،بىراۋگە مەپتۇن بولدۇم دەپ،
تىكەنلەر ئۇستىدە ياياق ماڭغاننى.
مەشۇقنىڭ دەردىدە ئاشىق مىڭ ئۆلۈپ،
چوغنى ھەم بىمالال يالماپ يۇتقاننى.
ئاڭلىغان، مۇز تاغنىڭ كۆكسىدە لەيلى،
ھېساپسىز كۆڭۈلنى ئەيلىگەن مەپتۇن.
ئاجىزە ھەم غىرىپ،مىسكىن دىلىغا،
ياغدۇرغان كۈچ-قۇۋۋەت،سېھىرى ئەپسۇن.
ۋە لىكىن ئۇچراتتىم بۈگۈن كوچىدا،
ئۆزىگە چىن دىلدىن كۆيگەن قىزچاقنى.
قولىدا ئەينىگى،قارار دەممۇدەم،
قايرىغان ھايانى، كۆردۈم ئازغاقنى.
بىزىگەن بولسىمۇ ھۆسنىنى ئايدەك،
چاڭقىغان روھىنى كۆردۈمغۇ چۆلدە.
دات-پەريات چەككەنچە يۇلار چېچىنى،
چىل بۆرە قاپلىغان قاراڭغۇ تۈندە.
يېرگىنىپ قارىسا ئۆتكەن-كەچكەنلەر،
تېخىمۇ غادىيىپ،كەردى كۆكسىنى.
بېشىمنى چايقىدىم ھەسرەتتە تىنىپ،
ئىگەمگە تاپشۇردۇم ئوۋچى تۈلكىنى.
مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-1 01:01 AM