|
|
|
|
2345 تور كۆرگۈچىسىنىڭ تېز سۈرئەتلىك نۇسخىسى يىقىندا يەنە ھەقسىز تېلفون ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، تورداشلار پەقەت ئاددىيغىنا تۆت باسقۇچلۇق مەشغۇلات ئارقىلىقلا توردا ھەقسىز تېلفون ئۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدىكەن. يەنى ئالدى بىلەن 2345 تېز سۈرئەتلىك تور كۆرگۈچىسى ( بۇ يەردىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ) ىنى قاچىلاپ، قوزغاتقاندىن كىيىن، ئاپتوماتىك ھالدا ھەقسىز تېلفون ئۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ، ئەگەر ئىلگىرى بۇ تور كۆرگۈچنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا بۇ تور كۆرگۈچتىكى 2345 ئۇلىنىش بېتىنى ئاچسىڭىز، ياكى تور كۆرگۈچنىڭ ئوڭ تەرەپ بۇلۇڭ قىسمىغا قارىسىڭىز، يېشىل رەڭلىك تېلفون ئۇرۇش بەلگىسىنى كۆرەلەيسىز. بۇ يەرنى چەككەندىن كىيىن، تېلفون ئۇرۇش بېتىگە كىرىسىز، ئاندىن خالىغانچە تېلفون ئۇرۇشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
ھالبۇكى، تېزىملاتمىغان ئەھۋال ئاستىدا پەقەت بىر مىنۇتلا ئۇرغىلى بولىدىكەن، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تېزىملىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ، تېزىملىتىش باسقۇچى ئىنتايىن ئاددىي شۇنداقلا ھەقسىز، پەقەت چ چ نۇمۇرى بولسىلا بولىدۇ، خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى رەسىملىك چۈشەندۈرۈشى:
|
|
|
|
|
|