ئادەتتىكى ئەزا
ھۈنەرۋەنمەن بۈيۈك ئەجدات ئىزى بىرلە قەدەم باسقان ھۈنەرۋەنمەن ، ھالال مىھنەتتە تەر تۆككەن بەخىت تاپقان ھۈنەرۋەنمەن ، ۋەتەن- ئەل سۆيگۈسى چوڭقۇر ئۇلۇغ مېھرىدە مەن مەغرۇر ، ئانا يۇرتۇم قۇچاغىدا كۈلۈپ باققان ھۈنەرۋەنمەن ، ئاتام بەستىدە تاغ قەددى ئانام ھۆسنىدە باغ ۋەسلى ، ئادەم بولغان ئەقىل تاپقان قولۇم چاققان ھۈنەرۋەنمەن . ئەزىز ئۇستاز تەلىم بەرگەن باياۋان دىلغا گۈل تەرگەن ، ئېسىل خىسلەت روھىدىن نۇر لاۋا چاچقان ھۈنەرۋەنمەن . ئادىمىيلىك پەزىلەتتىن ئالەمچە قۇت - مۇھەببەتتىن ، سۇنۇپ ئەلگە ھوزۇر ، نىممەت ۋىسال چاتقان ھۈنەرۋەنمەن . يورۇق تاڭلاردا يايرايمەن ھايات مېھرىگە قانمايمەن ، ئانا تۇپراق باغرى ئارا سۈزۈك ئاققان ھۈنەرۋەنمەن . مەنبە ؛ قەلىمىم .
پاش قىلىش
مەستانە ئـــەزا
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ