شاڭخەي
كەلگىنىمدە يىغلاپ تۇراتتى،
تويى بولغان يېڭى كېلىندەك.
تۆت پەسىل ھەم يىغلاپ تۇرىدۇ،
بۇلۇتنىڭ يېشى
يۇپۇرماقنىڭ لېۋىگە سۆيۈپ،
قارا يەرگە سىڭىپ كېتىدۇ.
سۆيۈلۈشكە قانمايدۇ بىراق،
قانمىغاندەك
ئانىسىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە،
كۈندە نەچچە ئەمسىمۇ بوۋاق.
تەلمۈرىدۇ ئۇياق – بۇياققا،
ئانىسىنى سېغىنغاندەك.
كېچە
پۇدۇڭدىكى مۇنار ئاستىدا،
ئاڭلىنىدۇ تونۇش بىر سادا،
سېرىق سۇلار كېلەر ئاغزىڭغا.
كاۋاپچى
ئانا تىلدا چىللايدۇ بازار،
ئانا يۇرتۇڭ كېلەر يادىڭغا.
خىيالىڭدىن ئەسكە كېلىسەن،
ئويغانغاندەك
ئۆز ئۆيۈڭدە شېرىن چۈش كۆرۈپ،
ياقا يۇرتتا بۇنى بىلىسەن.
كىملەردىندۇر ئىزدەپ تەسەللىي،
ئۆز – ئۆزۈڭنى ئالدىغاندەك.
جۈمە
مەسچىد ئالدى ئوخشاپ قالىدۇ،
يېزاڭدىكى قايناق بازارغا.
پولو، مانتا، سامسا، ئۇيۇتماش(لەڭپۇڭ)،
ئادەملەر
غىزالىنار بىللە ئولتۇرۇپ،
بىر – بىرىدىن يوقتۇر ھېتىرقاش.
سالام بەردى نېگىر مۇسۇلمان،
تونۇغاندەك
ئاپئاق ساقال ئۇيغۇر بوۋايغا.
مەيلى ئەرەب مەيلى كورىيان،
كۈلۈمسىرەپ ئەھۋاللىشىدۇ،
ئۇزۇن يىللىق قەدىناستەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alxir552 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-30 08:01 PM