مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1834|ئىنكاس: 12

لۈكچۈن بازىرىدىكى بىر قىسىم رىۋايەتلىك يەر-جاي ناملىرى. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2698
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 04:39:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

لۈكچۈن بازىرىدىكى بىر قىسىم رىۋايەتلىك يەر-جاي ناملىرى.
ياقۇپ ئىسمائىل قۇرولچى
پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى-قەدىمى تارىختىن بۇيانلا ئىدىقۇت باغرىدا قۇرۇلغان ھەرقايسى خانلىق،بەگلىك ۋە ۋاڭلىقلارنىڭ ئاستانىسى ياكى مۇھىم شەھەرلىرىدىن بولۇپ كەلگەن ئانا ماكانلاردىن بولۇپ،بۇ ماكاندىكى بىر قىسىم يەر-جاي ناملىرىنىڭ كىلىپ-چىقىشى ھەققىدە ئەل ئارىسىدا ئاجايىپ قىزىقارلىق رىۋايەتلەر ساقلانغان بولۇپ،بۇ رىۋايەتلەر تا ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە.تۆۋەندە مەن لۈكچۈن بازىرىدىكى بىر قىسىم يەر-جايلىرىنىڭ كېلىپ-چىقىشى ھەققىدىكى بۇ رىۋايەتلەرنى دىققىتىڭىزلارغا سۇنماقچىمەن.  
  سىركىپ (1)
            لۈكچۈن بازىرىنىڭ 9 كىلومىتىر شەرقى شىمالىغا توغراكىلىدىغان سىركىپ كەنتى-لۈكچۈن بازىرىدىكى قەدىمى كەنت لەرنىڭ بىرى بولۇپ،<<سىركىپ>>نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى تۇغرىسىدا  خەلق ئىچىدە مۇنداق رىۋايەت ساقلانغان.<<ئۇزۇن زامانلار   ئىلگىرىدىكى قۇجۇ خانلىقى دەۋرىدە ،قۇجۇ خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ياۋ لەشكەرلىرى بىلەن قۇجۇ خانلىقى ئوتتۇرىسىدا سىركىپ ئېغىزى ئىچىدە قاتتىق جەڭ بولغان بولۇپ،جەڭدە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بېشى كېسىلىپ دەريا-دەريا قانلار ئاققان ئىكەن.خەلق ئاشۇ قانلىق تارىخنى،ئاشۇ قان تۆكۈلگەن جاينى <<سەركۇپ>>دەپ ئاتىغان ئىكەن.<<سەركۇپ>>دىگەن بۇ سۆز تىلىمىزغا پارىسچىدىن كىرگەن بولۇپ،ئىستىمالىمىزدىكى مەنىسى:قان تۆكۈلگەن جاي،باش يەنچىلگەن يەر،دىگەنلىك بولىدىكەن.           

سىركىپ(2)
سىركىپ كەنتى –پىچان ناھىيىسىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى ئىدىقۇت تېغىنىڭ  جەنۇبى يان باغرىغا جايلاشقان گۈزەل يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ ،  ئىدىقۇت تېغىنىڭ بۇ بۆلىكىدىن كۇلالچىلىقنىڭ خام ئەشياسى بولغان خام تور بەك كۆپ چىقىدۇ ، شۇڭا ئەقىل – پاراسەتلىك  سىركىپ خەلقى ناھايتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرىلا ئۆز يۇرتىدىكى بۇ ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ ھەرخىل كۈپلەرنى ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ ، بۇ يۇرتتا ئىشلەنگەن كۈپلەر سىپتا ھەم چىرايلىق بولغاننىڭ ئۈستىگە سىرلىرىمۇ ناھايتى كۆركەم بولۇپ ، كىشىلەر سىرلىق كۈپ ئىشلەيدىغان بۇ ماكاننى ئۇلۇغلاپ ، << سىرلىق كۈپ >> ماكانى دەپ ئاتاشقان ئىكەن، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئىسىم بۇ يۇرتنىڭ رەسمى نامىغا ئايلىنىپ ، دەسلەپ << سىرلىق كۈپ >> دەپ ، كىيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە << سىركىپ >> دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ . سىركىپ كەنتى جايلاشقان لۈكچۈن بازىرىدىكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىرگە تەۋە بولغان قەبرىستانلىقلاردىن چىققان كۈلرەڭ رەڭلىك ساپال كۈپلەر  ۋە سىركىپتىكى تاھازىرغىچە  كۇلالچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بار بولۇشى –يۇقۇرىقى رىۋايەتنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.           






ئامانشا.  
ئامانشا-لۈكچۈن بازىرىدىكى ئۈزۈمچىلىك ۋە باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلىدىغان گۈزەل ماكانلاردىن بولۇپ،ئىلگىرى ئامانشانىڭ جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان قۇم تاغنىڭ ئورنىدا كۆتەكبالىق دەيدىغان بىر كاتتا شەھەر قەد كۆتۈرگەن ئىكەن.شەھەر مۇھىتى گۈزەل،ھاۋاسى سالقىن،پۇقرالىرى مەردۇ-مەردانە،شاھلىرى ئادىل،ئۆلىمالىرى پازىل بولغان بۇ يۇرتتا قوۋناقلىق ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ،
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ گۈزەل شەھەرگە شەيتان ئەلەيھى نەئىننىڭ كۆزى چۈشۈپ،يەتمىش ئىككى خىل ھۆنىرىنى ئىشقا سالغۇنىچە بۇ يەرگە كېلىپ كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا نادانلىق،تەپرىقچىلىك ئۇرۇقىنى چېچىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇرتتا نادانلىق،شەخسىيەتچىلىك ئەۋج ئېلىپ ،پۈتۈن يۇرتتا جاھالەت ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈپتۇ،بۇنى كۆرگەن ئاللاھۇ-تائالانىڭ غەزىپى كېلىپ،بىر كۈنى كېچىسى بۇ يۇرتقا قۇم ياغدۇرۇشقا باشلاپتۇ،بىر رىۋايەتتە ئۈچ كۈن،يەنە بىر رىۋايەتتە يەتتە كۈم ياغقان قۇم پۈتۈن شەھەرنى قۇم بالاسىغا غەرق قىلىپ ئۈلگۈرۈپتۇ.بۇ شەھەردە ناھايتى ئاق كۆڭۈل،ئىلمى پازىل بىر ئۆلىما ئۆتكەن بولۇپ،ئۇ قۇم ياغقان كېچىسى بىر تال خادىنى  تىككىنىچە شاگىرتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ،شۇ خادىنى ئايلىنىپ  رەھىمسىز قۇمنىڭ ئۆزلىرىنى يۇتۇۋېتىشىدىن ئامان قاپتۇ.قۇم توختىغاندىن كېيىن ھىلىقى ئۆلىما قۇمدا تۇرۇپ قارىسا،ھازىرقى ئامانشانىڭ ئورنىغا قۇم چۈشمىگەن بولۇپ،دەل-دەرەخ،گۈل-گىياھلار ياشناپ تۇرغان ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئۆلىما شاگىرتلىرىغا قاراپ،-جۈرۈڭلار بالىلىرىم،ئەنە ئاۋۇ جايدا ئامان قالغان شەھەر بار ئىكەن،بىز ئەمدى شۇ جاينى ماكان تۇتايلى،دىگىنىچە شاگىرتلىرىنى باشلاپ كېلىپ  شۇ يەرگە ماكانلىشىپتۇ. ئەنە شۇندىن كېيىن بۇجاينىڭ ئىسمى <<ئامانشا>>(ئامان قالغان شەھەر) دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ.
شەرۋانە ئافاقنىڭ مەسچىدى.
شەرۋانە ئافاقنىڭ مەسچىدى-لۈكچۈن بازىرىنىڭ ئۈچ كۆۋرۈك كەنتى تەۋەلىكىدە بولۇپ،ئىلگىرى بۇ يۇرتتا شەرۋانىخان ئىسىملىك بىر ئايال ئۆتكەن ئىكەن.بىركۈنى ئۇ ئۆي سۈپۈرىۋاتسا،ئېرى كېلىپ سۈپۈرگىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېرىغا قاراپ،-ھاي،ماڭا تاقاشقۇچە نېرىراق تۇرسىلا بولمامدۇ؟،دىگەن ئىكەن،ئەر يامانلاپ قاراشەھەرگە كېتىپتۇ ۋە يولۇچىلاردىن،-شەرۋانەم نېرىراق تۇر دىۋىدى قاراشەھەرگىچە كەلدىم،ئەمدى بولدىمىكىن،بولمىغان بولسا يەنىمۇ نېرىراق سۈرۈلىمەن،دەپ گەپ .ېيتىپ بېرىپتۇ.يولۇچىلاردىن بۇ خەۋەرنى ئىشىتكەن شەرۋانىخان ئۆزىنىڭ ناھايتى گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويغانلىقىنى ئويلاپ،ئېرىنىڭ ئالدىدا گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن ھەج سەپىرىگە ئاتلانماقچى بوپتۇ،لېكىن بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېرى تېخىچە ئۆيىگە قايتىپ كەلمىگەن بولۇپ،مەھەللە جامائىتى ئۇنىڭغا دەپتۇ،-شەرىئىتىمىزدە<<ئەر رازى خۇدا رازى>>دەيدىغان گەپ بار،لېكىن سېنىڭ ئېرىڭ تېخىچە قايتىپ كەلمىدى،مۇشۇنداق ئەھۋالدا سەن ھەرەمگە بارساڭمۇ ھەجىڭ قۇبۇل بولمايدۇ،دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن شەرۋانىخان ھەج سەپىرىدىن يالتىيىپ،تاپقان-تەرگىنىگە بىر مەسچىد سالدۇرۇپتۇ ۋە ئاشقان پۇللىرىنى ئاجىز-ئورۇق،يېتىم-يېسىرلەرگە سەدىقە بېرىپ،يۇرت ئەھلىنى بۇ مەسچىدنى <<شەرۋانە ئافاقنىڭ مەسچىدى>>(ئافاقنىڭ لۈكچۈندە ئىستىمال قىلىنىشى-باتۇر،گاڭگۇڭ،دىگەنلىك بولىدۇ)دەپ ئاتاشقا چاقىرىپتۇ.ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ<<شەرۋانە ئافاقنىڭ مەسچىدى>>دەپ ئاتالغان بۇ مەسچىد تا ھازىرغىچە ئۆز رولىنى تولۇق نامايەن قىلىپ كەلمەكتە.  
مىڭغا تۇر.
لۈكچۈن بازىرىنىڭ مۇقام كەنتىدىكى بىر مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ،بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى بۇ يۇرتتا لۈكچۈن خەلقى بىلەن ياۋلەشكەرلىرى ئارىسىدا قاتتىق ئۇرۇش پارتلاپ،يۇرت خەلقىدىن پەقەت بىرلا باتۇر ئامان قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ياۋلەشكەرلىرىنىڭ سەردارى ئۇنىڭغا قاراپ،-ئەمدى بىزگە ئەل بول،سەن يالغۇز قالدىڭ،دىگەن ئىكەن ھىلىقى باتۇر مەردانىلىق بىلەن،-بۇ يۇرتتىن دۈشمەنگە ئەل بولىدىغان ئوغۇل بالا ئەزەلدىن چىقىپ باققان ئەمەس،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدەك ئەرلەر يالغۇز بولساممۇ بىر جېنىم بىلەن مىڭغا تېتىيمەن،دەپتۇ...جەڭ ئاياقلاشقاندىن كېيىن بۇ پاراڭ ئەل ئارىسىغا تارقىلىپتۇ،لۈكچۈن خەلقىمۇ ھىلىقى باتۇرنى ئەسلەش ۋە خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بۇ مەھەللىنى<<مىڭغاتۇر>>دەپ ئاتايدىغان بوپتۇ.             بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-30 05:08 PM  


ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6743
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 05:12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لۈكچۈندىكى تارىخى ناملارنى بىلىۋالدىم ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 05:23:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەرۋانە ئافاقنىڭ مەسچىدىنىڭ كىلىپ چىقىشدىن باشقىلىرنى ئاڭلىماپتىكەنمەن،قايسى كىتاپتىن پايدىلاندىڭىز مەلىم ؟؟

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 05:28:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇڭغۇتىنى ئەسلى مىڭغاتۇر دەيدىكەن دە ،نەدۇ دەپ ئويلاپ كىتىپتىمەن ......

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1779 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 07:58:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ھەقىقەتەن ناتونۇش ئاتالغۇلاركەن،

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3387
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 08:05:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ ئاتالغۇلارنى ئاڭلىماپتىكەنمەن ،،،،،
ئەمما لۇكچۇن ۋاڭىنىڭ ئوردىسىغا بارغان،،،،
لۈكچۇن ئەتراپىدىكى قەدىمى خارابىلەرنى كۆرگەن ئىدىم ،،،
تىما ئىگىسىگە رەھمەت ....

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102266
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-1-14
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 10:36:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا بىزگە شۇنداق مىڭغاتۇردەك پالۋان يىگىتلەرنى كوپلەپ يىتىشتۇرۇپ بەرسۇن ، ئاللا خالىسا پىچانغا بىرىپ قالسام ئالاھىدە زىيارەت قىلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10595
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 10:46:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەن لۈكچۈن  بازىرى سىركىپ كەنتىدىن.يۇرتۇمدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن.لۈكچۈن ھەقىقەتەن ئوبدان يۇرت،كەلسەڭلار قولىمىز كۆكسىمىزدە.

قەلەم ــــ ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس.

http://www.deathclock.com

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13689
تۆھپە نۇمۇرى: 1124
توردا: 6727 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 11:12:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتۇمدىن پەخىرلىنىمەن، تېمائىگىسىگە رەھمەت.

سۇ بۇيىدا سۇغا مەن تەشنا، لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا.

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 11:38:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامانشا  دېگەنلىك «ئامان شەھەر » دېگەنلىككەندە.

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا بىر ....ئامانشا دېگەن ئوقۇتقۇچى بولىدىغان.
ئىسمىنىڭۇ مەنىسىنى دەپ بىرەلمىگەن ئىدى.

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش