ئالىي مەكتەپتە مۇنداق بىر كىشلەر بار :ئۇلار بۇ يەردە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى قايتىدىن تەكرارلايدۇ ،ئۇلار كۈن چىققاندىن تارتىپ كۈن پاتقىچە دەرسخانا ،ئاشخانا ،كۈتۈپخانا ،ياتاقتىن ئىبارەت بۇ تۆت نۇقتىنى ئايلىنىپلا يۈرىدۇ .بۇ ئۇلارنىڭ بىر كۈنى .ئۇلار ھەر كۈنى باشقىلار تولىمۇ مەنىسىز دەپ قارىغان نۇرغۇن سۇئاللارنى ئىشلەيدۇ .ھەمەيلەن چاڭ توزان بىسىپ كەتتى دەپ قارىغان كۈتۈپخانىلاردا كىتاپ كۆرىدۇ،ئۇلار كىتاۋى بىلىملەرنى ناھايتىمۇ پىششىق ئۆگىنىدۇ .كۆپچىلىكنىڭ نەزىردە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئاللىبۇرۇن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قايتقان ،ئۇلار بىر كىتاپ خالتىسى .ئەلۋەتتە باشقىلار ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قىلچىلىكمۇ خۇشاللىقتىن ئەسەر يوق دەپ قارايدۇ ،ئەمما ئۇلار ھەر بىر ئىشنى بەكمۇ خۇشاللىق دەپ قاراپ قىلىدۇ،شۇڭلاشقا ئۇلار بۇ تۇرمۇشتىن زىرىكىپ قالمايدۇ .ئەلۋەتتە ھەر بىر قىتىملىق ئىمتىھاندا كىتاپ خالتىسى دەپ قارالغانلار كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىكى بىلىمدار شەخىسكە ئايلىنىدۇ.دۆلەتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ،مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۇلارنىڭ قوللىرىغلا تىگىدۇ.ئۇلار تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا ئامراق ،ئۇلار ئىزدىنىشكە ئامراق .تىرشچان يەردە قالماپتۇ دىگەندەك ،ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىق بىكارغا كەتمەيدۇ ،ئۇلار ئۆزىنىڭ جاپالىق تىرشچانلىقى ئارقىلىق جوڭگۇنىڭ ئالدىنقىقاتاردىكى يەنى ،چىڭخۇا ئۇنىۋىرسىتىتى ،بىيجىڭئۇنىۋىرستتى ،فۇدەن ئۇنىۋىرستتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئاسپىرانىتلىقىغا ئەلانەتىجە بىلەن قوبۇل قىلنىدۇ .
ئالىي مەكتەپتە يەنە مۇنداق بىر توپ كىشلەر بار ،ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ،ھەرخىل ئىجتىمائى پائالىيەتلەر ئۇلار ئەڭ كۆپ قول تىقىدىغان جايدۇر ،ئۇلار ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشما رەئىسى ،بۆلۈم باشلقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ ،ئۇلار بۇيەرنى ئۆزىنى چىنىقتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى جاي دەپ قارايدۇ ،شۇڭلاشقا ئۇلار ھەرقانداق بىر پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويمايدۇ ،ئۇلار بۇ ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى،ئىجتىمائى پائالىيەت ئۈچۈن بەكمۇ جىق كۈچ سەر پ قىلىدۇ .ھەممە فاكۇلتىتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنى تونۇيدۇ ،ئۇلارمۇ ھەم شۇنداق .ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ھەممىلا يەردە دوستلىرى بولىدۇ ،ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىينمۇ ئاليى مەكتەپتىكى قايناق جۇشقۇن روھىنى ساقلاپ قالىدۇ،ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ،ئۆزىنى چىنىقتۇرىدىغان ھىچقانداق بىر پۇرسەتنى قولدىن كەتتۈرۈپ قويمايدۇ ، ئۇلار داۋاملىق تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەيدۇ ،ياكى بولمىسا مەمۇرى ئورۇنلارغا كىرىپ خىزمەت قىلىدۇ،نەچچە يىل ئىچىدىلا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسلەردىن بولۇپ يىشىپ چىقىدۇ .
ئالىي مەكتەپتە يەنە مۇنداق بىر توپتىكى كىشلەر بار ،ئۇلار دەرسىتىن ۋاقىتلاردا ئىش تىپىپ قىلىپ ئىقتىساد يارىتىدۇ ،ئۇلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشنى ئۆزى قامداشقا تىرىشىدۇ ،ئۇلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەشنى ناھايتى خۇشاللىق ھىس قىلىدۇ ،ئەمما ئۇلار ئۆگىنىشىگە ھەرگىز مۇ تەسىىر يەتكۈزمەيدۇ،ئۇلار ئۆگىنىشتىن سىرت ئىقتىساد يارىتىپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى قامداشنى بىر خىل قابىليەت ھىساپلايدۇ ،ئۇلار بۇ چىنىقىشنى بىر خىل پۇرسەر دەپ قارايدۇ .ئۇلارمۇ بەزىدە ئويلىنىپ قالىدۇ ،مىنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىم ئەرزىمدىغاندۇ دە پ ،ئويلاپ ،ئويلاپ ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ .ئۇلار مۇشۇنداق ئىشلەش داۋامدا
نۇرغۇنلىغان كىتاپتا يوق بىلىملەرنى ئۈگىنۋالىدۇ ، جەمىئەتنى باشقىلارغا قارىغاندابەكرەك چۈشىندۇ .ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى يارىتىدۇ .
ئالىي مەكتەپتە يەنە مۇنداق بىر توپ كىشلەر بار
ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ،ئجتىمائى پائالىيەتلەرگە جۇشقۇن روھ بىلەن ئاتلىنىدۇ ،ئۇيۇشما رەئىسى ،سىنىپ ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈسىتىگە ئالىدۇ ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ سورۇنلاردىكى قاراڭغۇلۇقنى ھىس قىلىپ چىكىنىپ چىقىدۇ.ئۇلار پۈتۈن ئەسيادىنى ئۆگۈنۈشكە قارىتىدۇ .
GRE,雅思,托福قاتارلىق ئىمتىھانلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلىق قىلىدۇ ،ئۇلار ھەر دائىم ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوخشىمىغان كۆزقاراشتا بولىدۇ ،ئىگىلمەس سۇنماس غەيرەت جاسارىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارزۇ نىشانى ئۈچۈن داۋاملق كۈرۈش قىلىدۇ .ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئامىركا ،فىرانسىيە،ئەنگىليە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا بارىدۇ .
ئالىي مەكتەپتە يەنەمۇنداق بىر توپ كىشلەر ،ئۇلار ھەر دائىم ۋاقتىدا دەرسكە بارىدۇ ،ۋاقتىدا تاماق يەيدۇ،ۋاقتىدا ياتاققا قايتىدۇ ،ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىلار بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلايدۇ،ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ،ئىجتىمائى پائالىيەت دەرستىن سىرتقى ۋاقتلاردىكى ئىشلەشنى ئۆزى بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ .دەرسىتىن سىرتقى بوش ۋاقىتلاردا تۈن بويى ياتاقتا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرىدۇ ،ياكى بولمىسا ھەرخىل ھىكايە كىتاپلارنى ئوقۇش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ .سىز ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ قايسى تەرىپىنىڭ ياخشى ،قايسى تەرىپىنىڭ يامان ئىكەنلكىنى بىلىپ يىتەلمەيسىز ،ئىمتىھاندىن بۇرۇن كىچە كىچىلەپ كىتاپ كۆرىدۇ ،ئۇلاردا ئىمتىھاندا ئۆتەلمەيدىغان ئىشلار بولمايدۇ ،ئەمما ئۇلارنىڭ نەتجىسى يۇقىرىمۇ چىقمايدۇ ،ئۇلار ئىمتىھاندىن ئۆتسەملا بولدى دەپ قارايدۇ ،ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىردا ئۆزىنىڭ ئاليى مەكتەپتە ھىچقانداق ئەسلىگۈدەك ئىز قالدۇرمىغانلىقنى بايقايدۇ ،ئەمما ئۇلارئاللىبۇرۇن كىچىككەن ،ئۇلار پەقەتلا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھناممىسى ،كەسپى گۇۋاھناممە قاتارلىقنىلا ئىلىپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئايرىلىدۇ .
ئالىي مەكتەپتە يەنە مۇنداق بىر توپ كىشلەر بار ،ئۇلار ئالىي مەكتەپكە كىلىپ ئۆزىنى جەننەتكە كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ ،چۈنكى بۇ يەردە ھەر كۈنى ئۆگۈنۈش قىلمامسەن دەپ كۆزگە كىرىۋالىدىغان ئاتا ئانىسى يوق ،چۈنكى بۇ يەردە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوخشاش ئىغىر ئوقۇش بىسىمى يوق، .ئالي مەكتەپ مىنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان ماكانىم دەپ ھىساپلايدۇ ، ياتاق بىردىنبىر ئۇلارنىڭ پائالىيەت قىلىدىغان سورۇنى، كومپىيوتىر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھەممىگە ئايلىنىدۇ،كۈن بويى تور ئويۇنلىرىنىڭ قىزىقتۇرىشىدىن ئۆزىنى تارتالمايدۇ ،دەرسخانا ،كۈتۈپخانا ئۇلارغا بەكمۇ ناتونۇش ،ھەتتا دەرس بىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ تونۇمايدۇ ،دەرسقالدۇرۇش ،ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھىچ گەپ ئەمەس ئۇلار ئاخىردا قورۇق قوللا مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ ،ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھناممىسى ئۇلاردىن بەكمۇيىراقتا .
ئالىي مەكتەپتە يەنەمۇنداق بىر توپ كىشلەر بار
ئۇلار يالغۇزلىقتىن قۇتۇلۇش ،روھى ۋە جىسمانى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەمراھ ئىزدەيدۇ ،شۇنداقلا ئۇزاققا قالمايلا ھەمراھ تاپىدۇ ،ئۇلارھەر كۈنى بىللە چاپلىشىپ يۈرىدۇ ،ھەتتا بەزىدە كۆرسە ئادەمنىڭ تىنى شۈركۈنۈپ توۋا دەپ قالدىغان بەزىبىر قىلىقسىز قىلقلارنى قىلىپ يۈرىدۇ ، ئۇلارباشقىلار بىلەن ئالاقىمۇ قىلمايدۇ .ئوقۇش پۈتتۈرگەندە بۇ ئاشىق مەشۇقلار ئەمىليەتكە يۈزلەنمەي تۇرالمايدۇ ،كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۇلار ئايرىلىپ كىتىدۇ ،ھەركىم ئۆزىنىڭ يولىغا ماڭىدۇ ،مۇھەببەت شۇ مەكتەپتىلا قىپ قالىدۇ خالاس .
ئالىي مەكتەپتە يەنە مۇنداق بىر توپ كىشلەر بار
ئۇلار ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن بۇ مۇھىتنىڭ ئۇلار تولۇق ئوتتۇردا خىيال قىلغان مۇھتقا ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىدۇ ،ھەر دائىم مەكتەپ، تۇرمۇش ئۆزىنى ئالدىغاندەك ھىسقىلىدۇ ،ئۇلار ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ساۋاقداشلىرىغا ،شۇ ساۋاقداشلىرىنىڭ مەكتىپىگە،كەسپىگە تولىمۇ ھەۋەس قىلىدۇ ،ئەسلدە بۇلار ئۆزىنىڭ كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى،ئىشقا ئورۇنلىشىنىڭ تىز ئاستىلىقى توغىرسىدا ھىچنىمە بىلمەيدۇ ،ئۇلارنىڭ مۇقىم نىشانى يوق .ئالي مەكتەپتىكى تۆت يىللىق ھاياتىنى باشقىلارغا ھەۋەس قىلىش ،ئۆزىنى ئەيبلەش بىلەنلا ئۆتكۈزىدۇ .
ئاليى مەكتەپتە يەنە مۇنداق بىر توپ كىشلەر ،ئۇلار ئۆزىنىلا ئويلايدۇ ،ھەمكارلىق ،كوللىيكتىپ ئىدىدىسى يوق ،ئەمما باشقا كوللىكتىپنىڭ ئىرىشكەن شان- شەرەپلىرىنى كۆرسە ئۆزى تۇرۇۋاتقان كوللىكتىن بەكمۇ نارازى بولىدۇ،ھەر دائىم باشقا كوللىكتىپقا ھەۋەس قىلىدۇ ،ئەمما ئۆزى تۇرۇۋاتقان كوللىكتىپ بىرەر پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرسا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ،باش چۆكۈرۈپ بىرەر ئىش قىلىشىپ بەرمەيدۇ،ھەر دائىم ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئىش قىلدۇ.
ئالىي مەكتەپتەيەنە مۇنداق بىر توپ كىشلەر بار ئۇلارئۆلكە ئاتلاپ ئوقۇيدۇ ،پەقەت يازلىق تەتىل ،قىشلىق تەتىلدىلا ئۆيگە قايتالايدۇ،5-ئاينىڭ 10-ئاينىڭ بايراملىرىدا ياتاقداشلىرىنىڭ ئۆيگە قايتقانلىقىنى كۆرۈپ ھاڭۋىقىپلا تۇرۇپ قالىدۇ ،شۇنداقلا بەكمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلدۇ ،نىمە قىلارنى بىلەلمەي قالىدۇ ،دوستىنىڭ ئازلىقىدىن كۆڭلى بەكمۇ يىرىىم بولىدۇ ،مۇشۇنداق يالغۇزلۇق ئازابى ئىچىدە ئالي مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ .
تورداش دوستۇم سىز قايسى توپتىكى كىشلەر قاتارىغا كىرىدىغاندەك تۇرىسىز ؟مەيلى سىز قايسى توپتىكى كىشلەر قاتارىغا كىرمەڭ ،ھەممەيلەن ئالي مەكتەپتە ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان ئوقۇش ھاياتىمىزنى تاللايمىز ،بەزىدە بىز باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىمىز ،چوقۇم بىلىشىمىز كىرەككى، دەل بىز باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىۋاتقان ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇن كىشلەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقان بولىشى مۇمكىن .ئالىي مەكتەپتە سىز قايسى يولنى تاللىماڭ توغرا ياكى خاتا دەپ ئايرىيدىغان مۇقىم چەك يوق ،چۈنكى بۇدۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ توغرا خاتالىقى يوق ،سىز پەقەت ئۆزىڭىز تاللاپ ماڭغان يولىڭىزغا پۇشايمان قىلمىسىڭىز،بۇدۇنيادىن كىتىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىردا مەن ھاياتىمدا قىلغان ئىشلىرىمغا پۇشايمان قىلمايمەن دىيەلىسىڭىزلا سىزنىڭ ھاياتىڭىز ھەقىقى مەنىدە ئۆتكەن بولىدۇ .
تەرجىمدە؛ مۇھەممەتنىياز
خاربىن