|
|
|
|
ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدۇق-- ئامېرىكا سەپىرى 19- كۈنى ----
يەنىلا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئەتىگەندە ھىندىستاننىڭ نېنى بىلەن ناشتا قىلىپلا،ئايئوۋا ئۇنۋېرسىتىتى ئاخپارات فاكۇلتىتىغا كەلدۇق،ھەم بۇ يەردىكى ئايئوۋا ئۇنۋېرسىتىت گېزىتىنىڭ رەتلەشتىن تارتىپ ئىشلەشكىچە بولغان بىر قاتار مەسىللەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشتۇق... ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىقى بىزنىڭ سۆھبەت تۈگەپ جۈمەگە تەييارلىق قىلىپ بولغىچە جۈمە ئوقۇلۇپ بولۇپتۇ..بۇ يەرنىڭ ۋاقتى 12:45 دە ناماز تۈگەپ بوپتۇ،مەسچىتنىڭ ئارلىقىنىڭ يىراق بولىشى بىلەن بۇ قېتىملىق جۈمەنى ئوقۇيالمىدىم...چۈنكى ئەتراپىمدا بىرمۇ ئىسلامنى چۈشىندىغان كىشى يوق، ئۇلار نامازغا شۇنداقلا كىرسە بولىدۇ دەپ قاپتۇ.. ئۇلارغا نامازدىن بۇرۇن بىر قاتار تەييارلىقلارنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم---چۈشتىن كېيىن يەنە ئايئوۋا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشى بىلەن بۇ يەردىكى جۇڭگولۇق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە باشقىلار ئوتتۇرسىدىكى پەرق، قانداق تەييارلىقلار بىلەن مەزكۇر مەكتەپكە كىرگىلى بولدىغانلىقىدەك مەسىللەر ئۈستىدە بىرقەدەر تەپسىلىي توختالدۇق..
كىيىن بىرە سائەتچە ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇتقۇچىسى ۋە پاۋۇل بىلەن شەھەرنىڭ سىرتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىرقانچە نۇقتىلىق دېھقانچىلىق رايونلىرىغا كەلدۇق،، ئىگەللىگەن مەلۇماتىمدا 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئامېرىكىدا دېھقانلارنىڭ ئىگەللىگەن پىرسەنتى ئاران 2 پىرسەنتكە يېتىدىكەن...يەنە ئاساسلىقى 55 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئاساسىي ساننى ئىگەللەيدىكەن،ئايئوۋامۇ ئاساسلىقى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان بىر شەھەر ئىكەن، بىر دېھقاندىن ئاڭلىغىنىمدا يىللىق ساپ كىرىمى نورمال تاپاۋەت قىلدىغان دېھقانلارنىڭ يىلدا 60 مىڭ دوللارغىچە ،ياخشىراقلارنىڭ 200 مىڭ دوللارغىچە بولىدىغانلىقىنى بىلدىم،...، ئشلىگەن چىشلەيدۇ دىگەن شۇ ئەمەسمۇ؟
يۇرتىمىزدىكى بىچچارە دېھقانلار يا زامانىۋىي دېھقانچىلىق قورالىغا ئېرىشەلمىگەن ، كەتمەننى دولىسىغا ئېسىۋىلىپ، ھېلى سۇ باشلىدىم، ھېلى ھاشارغا چىقتىم دەپ ئالاھىدە ئېشىنغۇدەك پۇلمۇ تاپالمىغان، بۇنىڭ بەدىلىگە قوللار قاپارغان، كۆزلەر خىرەلەشكەن،بەللەر مۈكچەيگەن،.... ئەمما ئۇلار ئەڭ شۈكرى قىلىپ ياشاۋاتقان، نەقەدەر پەزىلەتلىك ئېسىل سۈپەت كىشىلىرىمىز ھە؟...ئاللاھ شۇ دېھقانلارغا ھەم بەرىكەت ئاتا قىلغاي...! كەچ بولغاندا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئىككى ئامېرىكىلىق ئائىلىسىدە بىر ۋاقلىق تاماق يېيىشكە ئورۇنلاشتۇق...ئۆيگە كىرىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن تاماقلارنى ئېچىققىلى تۇردى،كۆز ئالدىمدا چاقلىق ئورۇندا ئولتۇرغان بىر كىشى پەيدا بولدى. ئۇلار بىلەن تەپسىلىي سۆزلىشىش ئارقىلىق بوۋاينىڭ بىر قېتىملىق كىچىك ئوپراتسىيەدە دوختۇرنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن مىكروپ يۇقۇپ قېلىپ پۇتىنى كېسىۋىتىشكە مەجبۇر بولغانلىقنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىۋاتقىلى 12 يىل بولغانلىقىنى بىلدۇق... ئايالى ئىزچىل ئۇنىڭ خىزمىتىدە ئىكەن،ئۆزى بولسا مىيىپلار كىشىلىك ھوقوقلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئايئوۋادا تۇرۇشلۇق باشلىقى ئىكەن،ئۇنىڭ ياردەملىرىدە نۇرغۇن يوللاردا مىيىپلارغا بولغان قولايلىق شارائىت ھازىرلانغان بولۇپ...ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن بەخىتلىك ئۆتۈۋىتىپتۇ، ئايالى ھاردىم تالدىم دېمەي ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىكەن... يولدىشى پەرىزىمچە تۆۋەن بولغاندا 130 كىلوگرامدىن ئاشقۇدەك،دىمەك ئۇلارنىڭ مھىرلىك ئائىلىسىگە مىيىپلىقتىن ئىبارەت بۇ ھالەت تەسىر كۆرسىتەلمەپتۇ،بىز بالىسى بار بولۇپ ئىشلەيدىكەن..
ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بىركىشىنىڭ مىيىپلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا مېھىر بەرگەنلەرنىڭ نىكاھى مۇستەھكەم بولۇپ مەڭگۈ بىر بىرىگە سادىق بولۇپ ئۆتىدىكەن،ئەمما نورمال ئىككى كىشى توي قىلىپ بىر تەرەپ مەلۇم بىر تەقدىر قىسمەتنى باشتىن كەچۈرۈپ مىيىپلىك ھالىتى پەيدا بولۇپ قالسا بۇنداق نىكاھنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئىنتايىن تەس ياكى يوق دىيەرلىك ئىكەن...ھەقىقەتكە تەلپۈنگەن يۈرەك ھامىنى ھەقىقەتنىڭ ساداسىنىلا ئاڭلايدۇ دىگىنىدەك مەنمۇ ئامېرىكىدا يەنە بىر چاقلىق ئورۇندۇقتىكى كىشى بىلەن مەخسۇس پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، كېيىنكى مىيىپلار ئۈچۈن چىقارغان ئەمەلىي ئىشلىرىنى ئاڭلاپ تەسىرلەنمەي قالمىدىم...ئۇ ماڭا ئوخشاش ھاسىدىمۇ ماڭالمايدىكەن. ھەقىقەتەن بەخىتنىڭ ئىچىدە ياشاۋىتىپمۇ يەنە ئۈزلۈكسىز بەخىت ئىزدەش ،ھېس قىلمىغان ئەڭ چوڭ بەخىتسىزلىككەن...ئەلۋەتتە ئىنسان ئۆزىدىكى مەلۇم بىر يېتەرسىزلىكتىنلا ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى كېرەك --ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ بايلىقى ئەقلى ھۇشىنىڭ جايىدا بولىشى --- ئەقىل جايىدا بولغاندا جىسمانىي جەھەتتىكى مىيىپلىقنى چوقۇم يەڭگىلى بولىدۇ...ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق پەيىت ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ئۆزى زېرىككەن ۋاقتى...بىزدە يۈكسەك ھالدىكى ئۆزىمىزنى سۆيۈش تۇيغىمىز بولىشى كېرەك،ئەلۋەتتە سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، كۈلۈپ- ئويناپ تۇرىۋاتقانلارنىڭلا ئارىسىغا چۆكمەى، مۆكۈنۈپ يىغلاۋاتقان، كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىغا بېرىپ ياشاپ بېقىڭ...شۇ چاغدا دۇنيادىكى ھەممە ئىشنىڭ پۈتۈنلەي ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىقىنى ،يەنە دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىگە سېلىشتۇرغاندا سىزنىڭ تولىمۇ بەخىتلىك ئىكەنلىكىڭىزنى تەبئىيلا ھېس قىلالايسىز.... ئۆيىدە مەن يەيدىغان مۇسۇلمانچە تائام يوق، ئاخىرى بۇلار بېلىقنى تېپىپ چىقتى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلتۈرگەندە ئالاھىدە پىچاق سۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ،ماڭا بېلىق پۇشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، بىرقانچە خىل ماينىڭ قايسىسىدا قورۇيدىغانلىقىنى سورىدى،ئەپسۇس ، ھېچقايسىسىنىڭ تۈزۈلۈش تەركىبىبى تولۇق چۈشەنمەيمەن.....يەنىلا قۇرۇق سۇدا پىشۇرۇپ بېرىشنى ئېيتتىم، ئۆمرۈمدە يىگەن ئەڭ بەتتام تاماق بولدىدە بۇ، قۇپقۇرۇق سۇدا پىشۇرۇلغان ،تۇزمۇ سالمىغان بېلىق، ئوخشاپتىمۇ دىسە ئامالسىزلىقتىن خېلى يىيىشلىككەن دەپ خۇددى دورا ئىچىپ كېسىلىمگە شىپالىق تېپىۋاتقاندەك، ئىنتايىن تەمسىز بولغان بۇ بېلىقنى ئامالسىز يەپ تۈگىتىشكە مەجبۇر بولدۇم.. يەنە ئىككى كىشى بولسا ئايئوا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىروففىسورى،جۇڭگودىن ئوقۇشقا چىقىپ تۇرمۇش سەۋەبلىك مۇشۇ يەردە بىر ئامېرىكىلىق بىلەن توي قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ئىكەن،، ھەممىسىگە مەن ياقتۇرىدىغان ئۇيغۇرنىڭ يارقىن نامايەندىسى دوپپىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ قولدا ئويۇلغان ياغاچ قوشۇقنى سوۋغا قىلدىم، مەن كېيىشنى تەلەپ قىلمىدىميۇ دوپپىنى ئۇلار ئۆزلىرى كىيۋىلىشتى...بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋالدۇق.
ئۇلارمۇ دوپپىنى ئىنتايىن ياقتۇرغىننى ، چوقۇم ياخشى ساقلايدىغىننى ئېيتىپ ئۆتتى..سۆھبەتلىرىمىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ قايتىدىغان ۋاقىتمۇ كەلدى،بىزنى ئاپىرىپ قويغان شوپۇر بىلەن پاراڭلىشىپ ھەيران قالدىم،ئۇ بۇيىل 77 گە كىرگەن بولۇپ،ماشىنا ھەيدەشلىرىدىن ھېچكىم ئۇنى ئۇ ياشقا كىردى دەپ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ... بىزدە نېمىشقىكىن ياشاش پۇرسىتىنى قەدىرلىمەسلىك ، ساغلاملىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك سەۋەبىدىن 60 ياشقا كىرگەن كىشىنى خېلى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى دەيدىكەنمىز،ئەمما ئامېرىكىدا 80 ياش ئوتتۇرچە ئەڭ تۆۋەن يېشىكەن... خىزمەت ئورۇنلىرىدىمۇ ياشانغانلار ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدىكەن، شۇنىڭغا قارىماي بۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرلىقى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.. شۇنداق،ھاياتلىقتىكى نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەر كىشى يېنىدىن جىممىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ،ئۇ بىر ئوغرىغا ئوخشايدۇ، كەلگەندە بەكلا تىنىچ كېلىپ،كەتكەندە بىزنى ئېغىر زىيان تارتقۇزىدۇ،بىز ئارزۇ ئارمانلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرمەن دەيدىكەنمىز،قانداقلا شارائىت بولشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆزىمىز تېرىشىشىمىز كېرەك،بىرقىسىم كىشىلەر يېڭى ئىشلارغا كونا كالىدار بويىچە قاراپ ھەردائىم كۆزىگە سىغمىغاندەك، ئۇ ئىشمۇ تەستەك بىلىنىپ كېتىدۇ..ئۆتمۈشتىكى شەرەپلىرىدە توختاپ قېلىپ كونا كۆز قاراشتا ئۆزىنى بوغۇپ قويىدۇ،پۇرسەتنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىن كېيىن ۋاز كەچسىڭىز كېچىڭكى ،ھەرگىزمۇ چۈشەنمەي تۇرۇپ ۋاز كەچمەسلىكىڭىز كېرەك، ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ بىزگە بىر پۇرسەت................-----------ئايئوۋامۇ مەن ياقتۇرغان ئادەم ئەڭ ئاز،ئەڭ كىچىك شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى...ئەتە بۇ يەردىن ئايرىلىمىز،كىيىنكى سەپىرىمدىكى يەنە باشقا شەھەر تەسىراتلىرىمدا ئورتاقلاشقۇچە ئامان بولۇڭلار ، ئاللاھقا ئامانەت... ----- ئايئوۋا
|
|
|
|
|
|