ئېرىڭ ئۆيدە تۇرامدۇ؟
( ئەزىز نىياز پاسىلنىڭ « خۇتۇن ئۆيدە تۇرامدۇ» ناملىق شېئىرىغا تەقلىت قىلىپ يېزىلدى)
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
***
توك كەلمىسە مەنبەدىن لامپا يۇرۇق يانامدۇ؟
ئوت كۆيمىسە پولاغا ئاشپەز گۈرۈچ سالامدۇ؟
ئىللىق چىراي بولمىساڭ ساڭا بىركىم قارامدۇ؟
تەلەتى مۇز خوتۇنلار ئەرلىرىگە يارامدۇ؟
خۇشچىراي گۈل بولمىساڭ ئېرىڭ ئۆيدە تۇرامدۇ؟
***
نىمە ساڭا ھال-سۆلەت،ئاسماندا ئاي بولمىساڭ،
ئېرىڭ كەلسە ئەمگەكتىن بىر چىنە چاي قۇيمىساڭ،
قاتتىق ناننى ئەپ قويۇپ قاتار چايدا ئوينىساڭ،
كۈندە ئۈچ ۋاخ يەڭگۈشلەپ يا كىيىمگە تويمىساڭ،
كۆڭلى رەنجىپ،دەرت تارتىپ ئېرىڭ ئۆيدە تۇرامدۇ؟
***
ئېرىڭ ئىشلەپ پۇل تاپتى مىڭ مۇشاققەت-جاپادا،
ھېرىپ كەلسە دوق قىلدىڭ يېتىۋېلىپ ساپادا،
ئەسلى كەمتۈك ئىكەنسەن سۆيگۈ،مېھرى-ۋاپادا،
گىرىمىڭگە ئۈچ مىڭ كوي كېتەر ئىكەن ھەر ئايدا،
سەن بەدخەشتىن يالتىيىپ ئېرىڭ ئۆيدە تۇرامدۇ؟
***
كەلسە ئەگەر تۇققۇنۇڭ كۈن ئارىلاپ ئۆيۈڭگە،
ئاپتاپ بولۇپ ئېچىلىپ باشلاپ تۇرساڭ تۆرۈڭگە،
سەت كۆرۈندى ئېرىڭنىڭ تۇققانلىرى كۆزۈڭگە،
ئۇلار كەلسە مابادا زەھەر تەپتى يۈزۈڭگە،
بۇ تەڭسىزلىك دەستىدىن ئېرىڭ ئۆيدە تۇرامدۇ؟
***
ئەلپازىڭدىن ئەنسىرەپ ئاغىينىسى-دوستلىرى،
كېلەلمىسە ئۆيۈڭگە،ئۇ بارمىسا كەچلىرى،
ھەر چاغ سىنىڭ ئالدىڭدا يا ئۆتمىسە گەپلىرى،
مۇنداق ئۆيدىن ئۆچمەمدۇ مۇھەببەتنىڭ ئوتلىرى،
زورلاپ تاڭساڭ جېدەلنى ئېرىڭ ئۆيدە تۇرامدۇ؟
***
ئۇنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ ھىساۋىنى قىپ تۇرساڭ،
كەم كۆرۈنسە ئون بەش كوي چۇقان-سۈرەن سېپ تۇرساڭ،
سەن ئۆزۈڭگە ھىساپ يوق نوركا پەلتو ئېپ تۇرساڭ،
« خەقنىڭ ئېرى قانداق ئەر،جىق-جىق پۇل تاپ!» دەپ تۇرساڭ،
ئاغرىپ قۇلاق-مېڭىسى ئېرىڭ ئۆيدە تۇرامدۇ؟
***
ھېچبىر ئارام بەرمىسەڭ سېغىزخاندەك شاراقلاپ،
ھەممە ئىشقا كوتۇلداپ باش ئاغرىتساڭ ۋالاقلاپ،
كەتسەڭ تېخى بەزىدە بىشەملەرچە سوراقلاپ،
كۆڭلى سوۋۇپ ماجرادىن كەتمەمدۇ ئۇ يىراقلاپ،
خاتىرجەملىك بولمىسا ئېرىڭ ئۆيدە تۇرامدۇ؟
***
ياۋاش ئەرنىڭ يۈزىنى نەچچە نۆۋەت مورلۇدۇڭ،
ئەل-ئاغىنە ئالدىدا ئابرويىنى قويمۇدۇڭ،
جېدەل تېرىپ ھەمىشە بۇ تۇرمۇشتىن تويمۇدۇڭ،
ئايال ئىللىق بولاتتى،سەنچۇ، ئۇنداق بولمۇدۇڭ،
تەمكىنلىكنىڭ چىكى بار،ئېرىڭ ئۆيدە تۇرامدۇ؟
***
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akkani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-29 11:41 AM