|
|
|
|
ئامېرىكا مائارىپىدىن ھېس قىلغانلىرىم
ئامېرىكا سەپىرى 18- كۈنى
ئەتىگەنلىك ناشتىدا پاۋۇلنىڭ تۈنۈگۈن ئېلىپ بەرگەن ھىندىستان نېنى بىلەن ئانچە مۇنچە مىۋە - چىۋە يىدىم...ئاندىن ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئايئوۋادىكى ئەڭ ئاساسلىق ئورۇن ئايئوۋا ئۇنۋېرسىتىتىغا باردۇق...بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىمگە مەن ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ماشىنا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، باشقىلارغا يەنە بىر7 كىشىلىك ماشىنا، مەن پاۋۇل بىلەن ئايئوۋا ئۇنۋېرسىتىتى ئالدىغا كەلدىم، ھەيران قالارلىقى بۇ يەرد مەكتەپ بولسۇن،ئىدارە ئورگان بولسۇن، تام ئارقىلىق قورشالمايدىكەن، ئوقۇغۇچىلارغا قايسى تەرەپتىن كىرىش قولايلىق بولسا شۇ تەرەپتىن كىرىۋىردىكەن... بۇ مەكتەپ چوڭ دەرۋازىسى قايسى دەپ سورىسام بۇ يەردە دەرۋازا دەيدىغان نەرسە يوق دەيدۇ... بۇ مەكتەپتە 2700 گە يېقىن دۆلىتىمىزدىن ئوقۇۋاتقان ئوقوغۇچىلار باركەن ،بىر ئوقوغۇچىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇنۋېرسىست ئىچىگە كىرىپ دوكتۇر ۋە پىراففىسور ،داڭلىق يازغۇچىلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدۇم، سۆھبەت جەريانىدا بەكرەك تەسىر قىلغىنى،80 دىن ئاشقانلارمۇ توردىن ئىبارەت زامانىۋىي قورالدىن ئوبدانلا پايدىلنىدىكەن...
كۈندە قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرى قاتارىدا فېيىسبوك ۋە تىۋىتتىرلارغا كىرىش ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن، بۇخىل زىيالىلارنىڭ توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنياغا ئاتلىنىپ ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىشى يۇرتىمىزدىكى ئىشلارنى ئېسىمگە كەلتۈردى،يۇرتلاردا ئالدىراشچىلىقتىن ئىبارەت ئەڭ ئاددىي باھانىنى قالقان قىلىپ ،تورلىرىمىزغا قەدەم باسمايدىغان ، توردا شۇنىڭ بىلەن يالغانمۇ تارقايدىغان،سۈپەتسىز ئەسەرلەرمۇ تارقايدىغان بىر ئەھۋال مەۋجۇد...بوۋاي بىزگە ئايئوۋا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ھەر قېتىملىق زۇڭتۇڭ تاللاشتا چوقۇم زۇڭتۇڭلار مۇشۇ مەكتەپكە ئالاھىدە كېلىپ نۇتۇق سۆزﻻلەيدىغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ بىرقانچە يىل زۇڭتۇڭ تاللاش ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى..سۆھبىتىمىز ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا مائارىپىنىڭ نېمىشقا بۇنچە قارشى ئېلىندىغانلىقىنى سورىغىنىمدا ، دوكتۇر كۈلۈپ تۇرۇپ ئامېرىكىدا ئادەم تەربىيلەشنى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا ئوخشاتساق بىر مېھىرلىك ئانىنىڭ بالىنى نومال تەربىيلەش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت--،بۇخىل تەربىيلەش مېھىر بىلەن ئەڭ ئازادە ،ئادەمنى ئاساس قىلىپ تەربىيلەش بولىدۇ..بىز ئادەتتە مەكتەپنى ،ھۆكۈمەتنى ماختىمايمىز، شۇ يەردىكى ئوقوغۇچىنى، شۇ ئىشلىگۈچىنى ماختايمىز،بۇنداق بولىشىدا ۋاقتى كەلسە ئورگان دىگەننىڭ شۇ نامى ۋە تېمى قالىدۇ..ئەمما ئۇنىڭدىكى ئىقتىساسلىق كىشىلەر نەگىلا بارسا بىز ئۈچۈن ھەقسىز تەشۋىقات بولۇپ ،كاتتا چوڭ سورۇنلاردىمۇ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ماختىنىپ تۇرۇپ مەن ماۋۇ مەكتەپتىن دىيەلەيدۇ...مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى بىزنىڭ غەلبىمىز، ئوقوغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنلا بىزگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ كېتىدۇ،سۇئال سورىساق سۇئالىمىزغا يەنە سۇئال بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ...ئوقوغۇچىلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ،ئادەمنى ئاساس قىلغان ئەركىن مائارىپتە تەربىيلەيمىز، بەلكىم بۇ باشقىلاردا ئامېرىكا مائارىپىنىڭ ياخشى تەرىپى بولۇپ قالىدۇ... كۆپ تەرەپلىك سۆزلەپ ماختىيالمايمەن...ئەمما گەپلىرىمدىن ھېس قىلۋالساڭلار بولىدۇ دەپ سۆزىنى تۈگەتتى... پىروففىسور يازغۇچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۆۋەندىكىلەرنى ھېس قىلدىم،ئەڭ ئاۋال دۆلىتىمىز بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدىكى تەربىيلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدىكەن...دۆلىتىمىزدە بالىلارنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئىمتاھان نۇمۇرىنى چوڭ كۆرسىتىدىغان، ھەرقانداق بىر ئوقوغۇچى نۇمۇر ئۈچۈن كۆرەش قىلدىغان ھالەت،ئەمما ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ پەقەت يېڭىلىق يارىتىش ،كەشپىيات ئېڭى دەسلەپتىنلا ئىددىيگە سىڭدۈرۋىتىدىكەن،بالىلارنىڭ نەتىجىسىگە تۇتقان مۇئامىلسى ئوخشىمايدىكەن،بىر ۋاراق نۇمۇر تىزىملىكى بالىلاردا ئوخشىمىغان بېسىمنى شەكىللەندۈرىدۇ...ئامېرىكىدا بولسا نۇمۇر تىزىملىكى پەقەت ھەممە ئادەمنىڭ مەخپىي نەرسىسى،ئۇنى مەيلى ئاتا - ئانا بولسۇن كۆرۈش ئۈچۈن ئاۋال بالا ئاكتىپ بولۇپ كۆرسىتىشى كېرەك ئىكەن،ئائىلە باشلىقكىرىمۇ بالىلارغا نۇمۇر سەۋەبلىك بېسىم ئىشلەتمەيدىكەن...نۇمۇرمۇ ئۇ ئادەمگە ئۆزىنىڭ يارىماسلىقىنى ئىپادىلەيدىغان قورالغا ئايلانماي، بالىلاردا نۇمۇرغا پەرۋا قىلماسلىق شەكىللىنىپ،نەتىجە ياخشى بولمىسىلا يارىماس دىگەن تۇيغۇنى يىراقلاشتۇرىدىكەن،ئەمما جۇڭگودا پۈتۈنلەي نۇمۇر ئۈچۈن كۆرەش قىلىش بىزنىڭ ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن...بىلىمگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسى جەھەتتە ،دۆلىتىمىزدە قانچە كۆپ كىتاب يادلىغانلار، ۋەك كۆپ نەرسىنى مېڭىسىگە قاچىلاپ يۇقىرى نۇمۇر ئالغانلار ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقوغۇچىغا ئايلىندۇ، ئامېرىكىدا بولسا شۇ بىلىمنى قانچىلىك ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلىگەنلىكگە قارايدىكەن..ئىككى دۆلەتتىكى تەمىنلەنگەن ئوقۇتۇش مۇھىيتى ئوخشىمايدۇ؛ئامېرىكىدا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا تەتقىق قىلىش ، ئىجاد قىلىشقا شارائىت ھازىرلىندىكەن،ئىككى دۆلەتنىڭ دەرىس ئورۇنلاشتۇرشىدىمۇ پەرىق باركەن،مەسىلەن ئىنگىلىزتىلىنى ئېلىپ ئېيتساق دۆلىتىمىز مەكتەپلىرىدە چوقۇم چەتئەل تىلى ئىنگىلىستىلىدىن ئىبارەت بىرلا تىل ئۆتىلىدۇ،ئوقوغۇچىلارغا تاللاش پۇرسىتى يوق، ئەمما بۇ يەردە ئىسپان تىلى قاتارلىق كۆپ تىللارنى تاللاش پۇرسىتى بولۇپ بالىلار شۇ تىللارنى ئۆگەنگەچ خەقنىڭ مەدىنىيتى ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ قارىغۇلارچە باشقا مەدەنىيەت ھادىسلىرىگە قىزىقىسىغان ئەھۋالنى تۈگىتىدىكەن...ئوقوتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە دۆلىتىمىزدە بىر سۇئالغا چوقۇم بىرلا مۇۋاپىق جاۋاب يېزىلىدۇ،ئەمما ئامېرىكىدا بىر سۇئالغا ئوخشىمىغان نەچچە خىل جاۋابنى توغرا دەپ تاللاش بولىدىكەن، بۇ ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارغا مۇستەقىل تەپەككۇرغا ،ئەركىن تەپەككۇرغا ئازراق بوشلۇق ئېلىپ قويۇلدىكەن...ئارام ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ پەرىق باركەن، جۇڭگودا ھەپتىدە بىر كېلىدىغان يەكشەنبىلىرىمىز چوقۇم تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەن سەرىپ بولۇنۇپ ،گۈزەل دەم ئېلىشلىرىمىز يەنە ئۆلۈك ھالدىكى ئۆگىنىشكە مەركەزلىشىپ كېتىدىكەن،ئامېرىكىداتولۇق دەم ئېلىش بىلەن ئۆتۈدىكەن..ئائىلە باشلىقلىرى تەربىيسىمۇ ئوخشىمايدىكەن، يۇرتلىرىمىزدا ئاتا ئانا كىچىكىدىن باشلاپلا تۆۋەن نۇمۇر ئالغان بالىغا قارىتا چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىۋىتىدۇ...ئامېرىكىدا ئاتا ئانىلار بىرقانچە قائىدىلەر ئىچىدە يىپنى سەل ئۇزۇن ئەركىن قويۋىتىدىكەن..پىروففىسور ماڭا بۇ سۆزلەرنى قىلمىدى،ئەمما مەن سۆزلىرىدىن بۇلارنى ھېس قىلدىم،بۇلار پەقەت مېنىڭ شەخسىي كۆزىتىشىم خالاس...سۆھبەتلەر ئاخىرلاشقاندا مەن ئۇيغۇر ھۆسنىخېتىنى يەنى ئابلىكىم زۇنۇن جەۋلانى ۋە تۇرسۇنجان سالامەتلەر يازغان خەتنى سوۋغا قىلدىم،ئوتتۇردىكى يازغۇچىغا دوپپا سوۋغا قىلدىم،ئۇ دوپپىنى كۆرۈپ چاقچاق ئارلاشتۇرۇپ،ھەنىم بولسا سىرتتا يامغۇر يېغىپ كىيدىغان نەرسە تاپالماپتىم بۇ ماڭا ياخشى كۈنلۈك بولغۇدەك دەپ چاقچاق ئارلاشتۇردى ،مەنمۇ دەرھال ساڭا دوپپا بەك يارىشىدىكەن ئۆزۈمنىڭ دوپپىسىنى ئۇنىڭغا كەيگۈزۈپ قويدۇم...
چۈشتىن كېيىن ئايئوۋادىكى ئا ب س. تېلۋىزىيە ئىستانسىغا زىيارەتكە بېرىپ ئۇلاردىكى ئىلغارلىق ۋە فىلىم تارقىتىشنى نەق مەيداندا كۆرۈپ ۋە ئۆزىمىز رىياسەتچىلىك قىلىپ سىناپ كەلدۇق..
تۈگىگەندىن كېيىن پاۋۇل بىلەن ھېلىقى ھىندىستان ئاشخانىسىغا بېرىپ بىر كۈنلۈك غىزالىرىمنى ياتاققا ئەكىلۋالدىم..
ئامېرىكىنىڭ ھەر بىر نەرسىسى مېنى تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ...ئامېرىكىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر ھەقىقەتەن كۆپ ،ئەمما مەن ئاساسلىقى سۆزلەۋاتقىنىم ئىلغار تەرەپلىرى بولىشى مۇمكىن،بۇ قانداقتۇر دۆلىتىمىز ياكى شىنجاڭنىڭ ھېچنەرسىسى بولمايدۇ،ئامېرىكىلىق ئوسۇرسىمۇ ئەتىر پۇرايدىكەن دىگەن قاراشتىن دېرەك بەرمەيدۇ..قالغىنى ئەقلى ئويغاق ،تەپەككۇرغا باي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئويلىنىپ ئەمەلىيەتكە باغلاپ تەسەۋۋۇرقىلىشى ۋە ئىشلىتىشىغا باغلىق...تېلفوندا قۇر تاشلاش مۇمكىن بولمىدى، شۇڭىلاشقا رەتسىزرەك چىقىپ قالدى توغرا چۈشىنىڭلار...قالغان سۆزلەرنى ئەتىدىكى يازمامدا ئورتاقلىشارمىز---!
---- ئايئوۋا
|
|
|
|
|
|