ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار!!
ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم مۆھتىرەم جامائەت!
مەن موللاتوختىيۈزى يېزا بارات مەھەللە كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق
ئىمىنجان ئۆمەر بولىمەن. مېنىڭ 6 ياشلىق ئوغلۇم ئىلزاتنىڭ
كىچىك ۋاقتىدا مەھەللىدە ئويناۋاتقاندا كۆزىگە نەرسە كىرىپ
كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ ئەما بولۇپ
قالغان. تومۇرى يېرىلىپ دوختۇرخانىلاردا كۆپ داۋالاتتۇق...
ھازىر بىر كۆزى قۇرۇپ كۆز گۆھىرى سىسىپ كەتكەنلىكىنى
بايقىدۇق. سىسىغان كۆز ھازىر يانا بىر كۆزىگە ئۆتۈپ ھازىر
يانا بىر كۆزىمۇ بىر مىتىر ئارلىقنى ئاران كۆرەلەيدىغان بولۇپ
قالدى. بالامنىڭ كۆزىنى جىددىي داۋالاتمىسام يانا بىر كۆزىدىنمۇ
ئايرىلىپ ئۆمۈرلۈك ئەما بولۇپ قالىدۇ. ناھىيىلىك ۋە ئوبلاستلىق
دوختۇرخانا رەھبەرلىرى يۇقىرى ئورۇنغا بىرىپ داۋالاشنى تەۋسىيە
قىلدى. بالامنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئالماشتۇرۇش ۋە كۆزىدىكى
ئاقنى ئېلىش ئۈچۈن 3 قىتىم ئوپىراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.
مىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا بىرىشقا پەقەتلا ئىقتىسادىم
يار بەرمىدى. شۇنداق بولسىمۇ ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىزنىڭ ياردىمى
بىلەن ئۈرۈمچى ھەربي رايون ئازادلىق ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا يۆتكىدۇق
دوختۇرخانىغا كېلىپ 3كۈندىن كىيىن بالامنىڭ كۆزىنى تەكشۈرۈشكە ئاران
ئۆچىرەت تەگدى. شۇنداق قىلىپ تەكشۈرۈشمۇ ئاياقلاشتى. ئۈرۈمچىدىكى
مۇتەخخەسىسلەرنىڭ ئىيتىشىچە بالامنى بىيجىڭدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكىمىسەم
بولمايدىكەن. بۇنداق بولغاندا مەن تىخىمۇ كۆپ ئىقتىسادقا مۇھتاج
بولىدىكەنمەن. مانا ھازىرمۇ ئۈرۈمچىدىن بىيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىشقا
تەييارلىق قىلماقتىمەن. جامائەتنىڭ ماڭا ئاللاھ يولىدا ياردەم قىلىپ
نارسىدە بالامنى بۇ ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ. يورۇق دۇنياغا قايتۇرۇپ
ئەكىلىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاللاھ ياردەم قىلغان سىخى قوللارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن (ئامىن)
ئالاقىلىشىش نومۇرۇم:13999398471
13699981525
يىزا ئامانەت قەرىز كوپىراتىپى
6210082017996365
6210082017996365
依明江 吾买尔
مەنبە:پۇتبول تورى