مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8104|ئىنكاس: 31

بالقاندىكى تۈركى خەلقلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 06:38:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

          بالقاندىكى تۈركى خەلقلەر


خۇجا نىياز يوللۇغ تېكىن



        قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدا مىللەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن بالقان تەۋەسىدىكى تۈركى خەلقلەر،ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ،مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنىشى،قىسقىچە تارىخى تەرەققىيات جەريانى،ھازىرى ئەھۋالى،تىل-يىزىغى،ئوقۇتۇش،دىنىي ئىېتىقادى، قاتارلىق ئەھۋاللار يۇرۇتۇپ بىرىلىدۇ.

     

  ئاچقۇچلۇق سۆز :بالقان تەۋەسى  تۈركى خەلقلەر    ھازىرقى ئەھۋالى


    قەدىمكى  تارىخى ماتىرياللاردا تۇرك قەۋىملىرىنىڭ بالقانغا ئەڭ دەسلەپ يەرلىشىشى مىلادى 300-يىللاردىن ئېتىۋارەن باشلانغان.يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەرىپكە سۈرۈلگەن تۇرك قەۋىملىرى ھازار دېڭىزى- قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي تەرەپلىرى ئارقىلىق بالقان بۆلگە (رايۇن) غا يەرلەشكەن. بۇلار ئوگۇر(ogur،utrugur،kutrugur) لار، بۇلغار، پېچىنەك، ئوغۇزلار، كۇمانلار (قىپچاقلار) قاتارلىق تۈرك قەبىلىلىرىدۇر.كېيىنچە بۇ تۈرك قەۋىملىرىنىڭ بىر بۆلۈگى ئۆز ئېتىقاتىنى ئۆزگەرتىپ، باشقىلارنىڭ دىنى- خىرىستىيان (دىنى،تىل-يېزىغى ...) نى قۇبۇل قىلغاچقا، ئۆز ئەسلىنى يۇقۇتۇپ سىلاۋيانلاشقان. ئۇلار يەرلەشمىگەنلىگى ،بىر-بىرى بىلەن ئۇيۇشمىغانلىقى،مۇستەكەم ،ئىتتىپاقلاشقان تەشكىلى-ئورگىنى قۇرۇپ چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇلار بۆلگە(رايۇن)دىكى ۋىزانىس ، سلاۋ،لاتىن قاتارلىقلارنىڭ ئىدىئولوگىيە چەمبىرىگى قورشاۋىدا بىر-بىرلەپ ئۆز مىللىي كىملىكلىگىنى يۇقاتقان.

    بالقانغا كەلگەن ئىككىنچى تۈرك توپى بولسا ئوتتۇرا ئاسىتيادىن كېلىپ ئانادولۇغا يەر لەشكەن ئوغۇز تۈركلىرىدۇر.ئۇلار،ئوسمان تۈرك بەگلىگى زامانىدا يەنى 1263-يىلى چاناق قەلئە بوغىزىدىن ئۆتۈپ جەنۇپتىن بالقانغا كىرگەن .1526-يىلى قازانغان موغاچ غەلبىسى بىلەن بالقاندا مۇتلەق تۈرك مۇستەقىللىغى دەۋرىنى باشلىغان. ھازىرقى كۈندە بالقاندا11  مىليۇن734مىڭ مۇسۇلمان(سۈنئى،ھەنىفى)بۇلۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغانلار 6مىليۇن352مىڭ كىشىدۇر(1981-يىلى).


1. رومانىيەدىكى تۈركى خەلقلەر


رومانىيە بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالى قىسمىغا جايلاشقان،شەرىقى تەرىپى قارا دېڭىزغا تۇتۇشىدۇ،مەركىزى بۇگۇرېسىت شەھرى.يەر كولۈمى237مىڭ500كۋادرات كلومېتىر ، 2007-يىلدىكى نۇپۇسى  22مىليۇن 276مىڭ 56 نەپەر كىشى.

رومانىيە جوغراپىيىسىدە تۈركىي خەلقلەرمىڭ بارلىقى ناھايىتى قەدىمكى دەۋىرلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ.قەدىمكى تۈركى قۆۋىملىرى بولغان ھۇنلار، ئوگۇرلار،ئاۋارلار ،پېچېنىەكلەر،قىپچاقلار ۋە كىيىنكى بىر چوڭ تۈرك قەبىلىلىرى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن كېلىپ  رومانىيەگە يەرلەشكەن. 13-14-ئەسىرلەردە ئالتۇن ئوردا ۋە كېيىنكى كۈنلەردە ئوسمان تۈرك ئىمپراتورلىغى  ھاكىميىتى دەۋرىدە كۆپلىگەن تۈركى خەلقلەر بۇ بۆلگەگە كېلىپ يەرلەشكەن، 500يىلغا يېقىن ھاكىميەت سۈرگەن ئوسمان تۈرك دەۋرىدە  ئىسلام دىنى ۋە تۈرك تىلى رومانىيەگە كەڭ تارقالغان. 1877-1878 يىلدىكى ئوسمان تۈركلىرى بىلەن چار رۇسىيە ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇش، بېرلىن شەر تنامىسىنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن ئاخىرلىشىپ ، رومانىيە، ئوسمان تۈرك ئېمپىراتورلىقىدىن قۇتۇلۇپ ئىگىمەن (مۇستەقىل) بولغان. بۇنىڭ بىلەن رومانىيەدە ياشايدىغان تۈركلەر بۇ ۋەتەندىن كۆچۈشكە باشلىغان.

   <<ھازىر رومانىيەدىكى تۈركلەرنىڭ نۇپۇسى  95 مىڭ بۇلۇپ ئۇلار تۇنا دەرياسى بىلەن قارا دېڭىز ئوتتۇرىسىدا قالغان دوبرۇجا بۆلگەسىدە كۆپساندا ياشىماقتا>>1. <<بەزى مەنبەلەردە 1981-يىلى 320مىڭ كىشى تۈركچە سۆزلىشىدۇ >>دىيىلگەن.2رومانىيەدە تۈركى خەلقلەر تۈركىيە تۈركلىرى ،قىرىم تۈركلىرى (تاتار) ،نوغايلار بىلەن گاگائۇز تۈركلىرى بۇلۇپ،ئۇلار رومانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پورت شەھرى كونىستانتا ئەتراپلىرىغا تارقالغان.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىدا ياكى رومان تىللىرىدا سۆزلىشىدۇ، ئۇلار رومانىيەلىكلەر،ۋە ئانادولۇدىن كەلگەن تۈركلەر بىلەن تۈرلۈك بېرىش-كېلىشلەر مۇناسىۋېتىدە ياشىماقتا.رومانىيەدە 70نەچچە مەسچىت ۋە ئىسلام مەركەزلىرى بار.رومان تىلىدا كوپلىگەن تۈركچە سۆزلەر بار.


2. بۇلغارىستاندىكى تۈركى خەلقلەر


بولغارىستان بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرىقى شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان،شەرىقى تەرىپى قارا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ،مەركىزى سوفىيە شەھرى.يەر كۆلۈمى(111مىڭ كۋادرات كىلومېتىر) نۇپۇسى 8 مىليۇن900 مىڭ.

بۇلغارىستاندا تۈركلەرنىڭ بارلىقى ناھايتى قەدىمكى تارىخقا بېرىپ تاقىلىدۇ.مىلادى 5-،7-ئەسىرلەردە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن تۈر لۈك سەۋەپلەر بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىغا كەلگەن تۇنا بولغارلىرى ،ئەسلىدە تۈركچە سۆز لىشەتتى؛<<بولغار>> ئاتالمىسى ئەسلىدە 5-ئەسىرنىڭ 2-يېرىمىدا كۆرۈلگەن يەنى مىلادى482-يىلى ۋىزانىس ئىمپېراتورى زېنوننىڭ شەرىقى گوتلارغا قارشى ئۇرۇشقا ئەسكىرىي ياردەم تەلەپ قىلىش مۇراجىتىدە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى قەبىلە-توپلۇق ئىسمى بۇلۇپ ئوتتۇرغا چىققان3.ياۋرۇپا ھون ھۈكۈمرانى ئاتتىلا مىلادى 453-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھونلار ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭغان.ئاتىللانىڭ ئوغلى دېڭىزخان 469-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھونلار بىرقانچىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن،بۇنىڭ كىچىك قېرىندىشى ئىرنەك باشچىلىقىدا ھونلار ئوتتۇرا ياۋرۇپانى تاشلاپ،قارادېڭىز قىرغاقلىرىدا تۇرۋاتقان ئون ئوگۇرىيە(onoguriya)گە كۆچۈپ كېلىپ ئۇلارنىڭ تەركىۋىگە قۇشۇلغان،شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار<<ھون ئۇغۇرلار>>4ياكى<< بۇلغار>>لار5دەپ ئاتالغان. دىمەك ،ھۇنلار تەركىبىدە كۆپساندىكى ئۇيغۇرلار بولغان.                  470-يىلى ئۇلار ئىرنەك ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ بۇلغار دۆلىتىنى قۇرغان. بۇ ئوگۇر(ogur)لار ،  جۇڭگۇ تارىخى ماتىريالى «خەننامە ،ۋېينامە، تاڭنامە» قاتارلىق ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنغان قەدىمقى ئۇيغۇرلار بۇلۇپ ،ئۇلار ئەسلىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى3-ئەسىردە ئالتاي،چۆچەك،ئېرتىش،  قۇبدۇ، تارباغاتاي، جوڭغارىيە ئەتراپلىرىدا ياشىغان.ئۇلار بۇ ماكاندا «خەنناما غەربىي رايۇن تەزكىرسى»  تىلغا ئېلىنغان  ،ئۇيغۇر خانلىقى(ئۇگۇر乌揭国، خۇگۇر 呼揭国)نى قۇرغان. بۇ ئۇيغۇرلار خەنچە تارىخىي ماتىرياللاردا ۋۇجىيې(乌偈)ياكى خۇجىيې(呼偈)دەپ تەلەپپۇز قىلىپ يېزىلغان. موڭغۇل ئىگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىدە پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلار مىلادى389-يىلى،390-يىلى توغبات سىيانپى(شىمالىي ۋېي خانلىقى)لارنىڭ، 402-يىلى، 429-يىلى جورجان(ئاۋارلارنىڭ) لارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ، بۇلاڭ تالاڭ قىلىشىغا  ئۇچراپ، نەچچە يۈزمىڭ ئادىمى،مال-چارۋا،ئات-ئۇلاقلىرىدىن ئايرىلغان ، بۇ ئۇرۇش بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار نىڭ غارىپكە قاراپ كۆچۈشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسمى كېيىن كافكازىيە ۋە ۋولگا دەرياسى بويلىرىغا كەلگەن. بۇ ئۇيغۇرلار شەرىقى رىم تارىخىي ماتىرياللىرىدا ئون ئوغۇر (on ogur) دەپ يېزىلغان، مەلۇمكى<<ئون ئوغۇر>>دىگىنى<<ئون ئۇيغۇر>> دېگەنلىكتۇر6<<مىلادى463-يىلى ئون ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۇپ ،ئون ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان ھەمدە مىلادى461-465-يىللار ئارلىقىدا ساراخۇرئوغۇر(سېرىق ئۇيغۇر)ۋە ئون ئوغۇر(ئون ئۇيغۇر) كىشىلىرى شەرىقى رىم ئىمپېريىسىگە تۇنجى قېتىم ئەلچىلەر ئەۋەتىپ دىپلوماتىك ئالاقىلەر ئورناتقان.ئۇلارنىڭ مەركىزى ئون ئۇيغۇر(on ogurs) شەھرى دەپ ئاتالغان>>7.<<شۇچاغلاردىن باشلاپ شەرىقتە ئېتىل(ۋولگا)دەرياسى بويلىرىدىن غەرىپتە دون دەرياسىغىچە بولغان يەرلەر تاكى 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئون ئۇغۇرلارنىڭ نامى بىلەن ئون ئۇغۇرىيە(ئون ئۇيغۇرىيە)>>دەپ ئاتالغان8 بۇنىڭدىن قارىغاندا بولغار خانلىقى ئەينى زاماىدىكى ئۇيغۇر،ھون قەبىلە ئۇرۇغلىرىنىڭ بىرلىششى(قۇشۇلۇشى) نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. تۈركىيە تارىخچىسى پراففېسسور ئا.زەكى ۋەلىدى توغان<<بولغار>>دىگەن ئىسىم<<بەلغۇر>> يەنى<< بەش ئوغۇر>> ياكى<< بەش ئوغۇز>> دېمەكتۇر9دەيدۇ.بۇنىڭدىن قارىغاندا،<.بۇلغار>،دېگەن نام بەش ئوغۇر(بەش ئۇيغۇر) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان.

دوناي بۇلغار خانلىقى(584-1018) بوگورىسخان دەۋرىدە (852-889) مىلادى865-يىلدىن باشلاپ قامان دىنىدىن يېنىپ،خىرىستىئان دىنىغا كىرىشكە باشلىغان، نەتىجىدە باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقاتى،تىل يېزىغى،مەدەنيىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئەسلى،نەسلىنى  ئۇنتۇلۇشقا باشلاپ ،ئاستا-ئاستا ئۆز ئەسلى-نەسلىنى يوقىتىپ،مىلادىنىڭ 965-يىلىغا كەلگەندە<< بولغار>دېگەن تۈركچە قۇرۇق نامىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا  ،ئۆز ئانا تىلى تۈركچىنى تامامەن ئۇنتىغان.ئۇلارغا سىلاۋيان قېنى ئارلىشىپ،سىلاۋيان تىلىدا سۆزلىشىدىغان ،بۈگۈنكى بولغارلار پەيدا بولغان.

  10-،12-ئەسىرلەر ئارلىقىدا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن كۇمان، پەچەنەك  ۋە ئۇز قاتارلىقلارمۇ بۇ جايغا كەلگەن، بۇلارنىڭ بىرقىسمى كېيىكى زامانلاردا سلاۋيانلىشىپ كەتكەن،يەنە كۆپسانلىق قىسمى بولسا ئۆزلىرىنىڭ تۈركلىگىنى قوغداپ كېلەلىگەن.

    كېيىكى ۋاقىتلاردا  ۋىزانسلار ،لاتىن ۋە سلاۋيان كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇپ كېلىش ھەركتىنى تۇسۇش ئۈچۈن، ئانادولۇدىن تۈركلەرنى كەلتۈرۈپ يەرلەشتۈرگەن، 1371- يىلدىن ئېتىۋارەن ئوسمان تۈرك ئىمپىراتۇرلىغى بۆلگەنى ئۆز  ھكىميىتىگە ئالغاندا يەنە كۆپلىگەن تۈركلەر بۇ يەرلەر گە يەرلاشتۇرۇلغان.16-ئەسىردە بۇلغارىستاندا تۈركلەر كۆپسانلىقنى ئىگەللەش  ھالىتىگە يەتكەن.

      ئوسمان تۈرك ئىمپراتۇرلىغىنىڭ ئاجىزلىشىغا ئەگىشىپ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بالقاندا ئۇيۇن ئويناشقا باشلىغان،ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيۇنلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ بۇلغارىستان دۆلىتى قۇرۇش پىلانى بۇيىچە ،بۇلغارستاندا بۇلغارلارنى كۆپسانلىق ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈرك نەسەپلىرىگە قارىتا 1877-1778- يىللىرى ئوسمان- رۇس ھەربىي ئۇرۇشىنى قوزغىغان، نەتىجىدە 350مىڭ تۈرك قەتلى قىلىنغان ،800مىڭ تۈرك ئانادولۇغا كۈچۈشكە مەجبۇر قىلىنغان . 10بۇ سۈرئەتتە بۇلغارىيە جۇغراپىيەسىدە بۇلغارلار نۇپۇسى كۆپ سانلىققا يەتكەن. بېرلىن شەتنامىسى بۇيىچە بۇلغارىستان شاھلىغى قۇرلغاندا تۈركلەر مۈشكۈل كۈنلەردە ياشىغان.

      1908-يىلى بۇلغارىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئېلان قىلىنغان يىللاردا كۆپسانلىق بولغان تۈركلەر،1980-يىللارغا قەدەر بولغارلار تەرەپتىن تۈركۈملەپ قىرىلىپ، سۈرگۈندە ئاچلىق ۋە سوغاقتىن ئۈلۈپ،مائارىپ ۋە ئۇيغارلىق (مەدەنىيەت) كەينىگە ماڭغان. تۈركلەرنى بالقاندا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار،ئارقا پاچاقلار،ھەقىقى مۇسۇلمان بولغارلار دەپ ئايرىپ سىياسەت قوللانغان. بۈگۈنگە قەدەر بەش قېتىم كۆچۈپ ھاياتىنى ياشناتقان. 900مىڭدىن كۆپ تۈركى خەلقلەر ئانادولۇغا  كۈچۈش مەجبۇرلىقىدا قالغان11.

     نۇپۇس جەھەتتە: ھازىر بۇلغارستاندا ياشايدىغان تۈركى خەلىقلەر،تۈركىيە تۈركلىرى، تاتارلار،گاگائۇزلار،بۇلۇپ ئۇلارنىڭ كۆپسانلىق قىسمى ئۆزھالىنى ،ئۇيغارلىقنى مۇھاپىزەت قىلالمايدۇ.1940-يىلى تۈرك نۇپۇسى دوبرۇجادا خېلىلا  كۆپ بولغان. دوبرۇجا بۆلگەسىدە تۈركىيە تۈركلەردىن باشقا تۈرك تىلى قوللۇنىدىغان تۈركى خەلقلەردىن 7000 تاتار ۋە گاگائۇزلار بار. بالقان تۈركلىرى 1940- يىللاردىن ئېتىۋارەن تۈركىيىگە كۈچۈشكە باشلىغان.1944-يىلغا قەدەر 140مىڭ كىشى12،1949-يىلدىن1951-يىىللارغىچە 156مىڭ كىشى،1969- يىلدىن 1978-يىلغا قەدەر 130 مىڭ كىشى تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن 13.  1965-يىلدىكى نۇپۇس مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركلەر 850 مىڭغا يېقىن بۇلۇپ ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ 10%نى ئىگىلىگەن. 1985- يىلدىكى نۇپۇس ئېنىقلاشتا ھۈكۇمەت  ئۇچۇقلىمىسى (ئاخباراتى) دا تۈركى خەلق نۇپۇسى 1مىليۇن600مىڭغا  ئۇلاشقان . ئومۇمىي نۇ پۇسنىڭ 15%نى ئىگىلەپ بۇلغارستاندا تۈركلەر كۆپسانلىق ھالەتكە يەتكەن. بۇئەھۋالدا بۇلغارلار ئازسانلىق خەلقلەرگە چەكلىمە قويغان. ئۇلارنى ئاسسمىلاتسيە قىلىشقا تىرشىپ 1984- 85 -يىللاردا تۈركچە نام-ئاتالغۇلارنى قوللۇنىشنى مەنئى قىلىپ،كۆچۈپ   كېتىشكە زورلىغان. نەتىجىدە 1989-يىلى 160مىڭ تۈرك  تۈركىيەگە مەجبۇرى كۈچۈپ كەتكەن. كېيىنكى كۈنلەر دە بۇ سان 300مىڭغا يەتكەن14.

   ھازىرقى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركلەر، بۇلغارىستاندا رودوپ تاغلىرى، پىرىن ، ۋاردار ، فىلىبە، كىرچەئالى، سوفىيە، شۇمنۇ ، دوبرۇجا ،مەستانلى، دارىد، ئەغرىدەرە، خاسكۆي بۆلگۈلىرىدە كۆپسانلىق بۇلۇپ" 3 مىليۇندىن كۆپ تۈركى خەلىق ياشىماقتا ۋە بولغارىستان نۇپۇسىنىڭ 30%نى تەشكىللىمەكتە15 تۈركىي خەلقلەر بۇجايلاردا تۈركىيە تۈركچىسىچە ياكى يەرلىك تۈركلەر بىلەن ئوخشاش تەلەپپۇزدا سۆزلىشىدۇ. يەنە بىرقىسىم تۈركلەر بولغارلار بىلەن قۇشۇلغان تۈركلەرنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىدۇر.گاگائۇزلار بۇلغارىستاننىڭ شەرىقى شىمالىي قىسمىغا يەنى سېلىستىرا ئەتراپلىرىغا تارقالغان كۆپ قىسمى 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا  رۇسىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن.16

    ئۆگۈتىم(مائارىپ)جەھەتتە: بۇلغارستاندا يەر –زىمىن ۋە ئۆگۈتىم دۆلەت ئىگدارچى لىقىدا (بولغارىستان كومپارتىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا) بۇلۇپ ، 1940 –يىللاردىن باشلاپ تۈركىيلەرنىڭ مىللىي كىملىگى ، سىياسى ، ئېختىسادى ،ئۇيغارلىقى، ئۆگۈتىم ۋە باشقا ئىجتىمائى ئالاھىدىلىكلىرى ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان. تۈركلەر ئۈچۈن يوقسۇزلاشتۇرۇش،تۆۋەن تەبىقىلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. مىللىي كىملىكىنى، ئۆگۈتىم، ئۇيغارلىقنى قوغداش يۇلىدىكى قانۇن ماددىلىرىغا چۈشىدىغان ھەققانىي تەلەپلىرىمۇ ، سىياسى بۇيرۇق بىلەن قالدۇرۋېتىلگەن. 1989 -يىلى دۇنيا سىياسىتىدىكى ئۆزگۈرۈشتە بۇلغارىستانمۇ دېموگىراتىيە، ئاشكارىلىق يۇلىنى تۇتۇشقا ئۆتكەن، بۇنىڭ بىلەن بولغارىيە ئېقتىسادى تىز تەرەقى قىلىشقا باشلىغان. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بۇلغار دۆلىتى ئازسانلىق خەلقلەرنىڭ تىل ۋە ئويغارلىقىنى قوغداش ئۈچۈن 1992-يىلى1-ئاينىڭ5- كۈنى <<تۈرك تىلى ۋە ئۇيغارلىقنى قوغداش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئۇيۇشمىسى>> نى مەركىزى شۇمنۇ شەھرىدە  قۇرغان .

1993-يىلى6-ئانىنىڭ 26-27- كۈنى شۇمنۇدا <<1-مىللىي قۇرۇلتاي >>ئۆتكۇزگەن ۋە بۇ بىريىلدا قىلىدىغان ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغان.<< ئانا تىلنى قۇتلۇقلاش>>بايرىمى ئۆتكۈزۈپ،تۈرك بۆلگۈلىرى(رايۇنلىرى)دە تۈركچە كىتاپلارنى يايما قىلىپ تارقاتقان، تۈرك تىلى دەرگى (ژۇرنال) نى چىقىرىش ،بۇلغارستان تۈركلىرىنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى يايىن (نەشىر) قىلىش قاتارلىقلار پىلانلانغان. 1993 -يىلدىن كېيىن بۇلغارىستاندا تۈركلەرنىڭ <<ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىك پارتىيىسى>> بۇلغار پارلامىنتىدا ئورۇن ئېلىپ،3- سىياسى كۈچ بۇلۇپ 15 ۋەكىل چىقارغان. بۇلغارىستاندا 27 شەھەرلىك ھۈكۈمەت رەئىسى ، 653 ئاپتۇنۇم  يېزا تۈركلەردىن بولغان.

بۇلغارستاندا قوللۇنىلىدىغان تۈركچە، تۇركىيە تۈركچىسىگە سەل يېقىن، دەسلەپكى يىللاردا تۈركچە ئازسانلىق ئوقۇللاردا ئۆگۈتىم تىلى بۇلۇپ قوللۇنىلغان. 1939-يىلى تۈركلەرنىڭ يۈزدە 15%ى ئوقۇلغا  كىرگەن بولسا 1957-يىلدا كەلگەندە بولسا ، يۇزدە 97 % كە كۆتۇرۈلگەن . ئەپسۇسكى، 1960- يىللارغا كەلگەندە  بۇلغار ھۆكۈمىتى ئوقۇللاردا تۈرك تىلىنى قوللۇنۇشنى  ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1993-يىلدىن باشلاپ يېڭىدىن تۈركچە ئۆگۇتىم باشلانغان. ئوقۇللاردا توۋەندىكىلەرنى قوللۇنۇش قارار قىلىنغان :

     1) تۈرك ئۆسمۈرلىرى ئوقۇللاردا بۇلغارچە ئۇقۇپ قانداق بىلىمگە ئېرىشەلىگەن بولسا، تۈركچە ئۇقۇپمۇ شۇنداق بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ. 2) شۇڭلاشقا، تۈرك ياش ئۆسمۈرلىرىگە قەتئىي تۈركچە ئانا تىلدا دەرس ئۆتۈش. 3) بۇنى باشلانغۇچتىن يۈكسەك ئوقۇلغىچە قوللۇنۇش.4) ۋاقتىنى تۈركىيە ۋاقتىغا ئەمەس، بولغارچە ۋاقىتقا توغرىلاش.5)ئانا تىلدا تۈرلۈك دەرسلىك ،پەن كىتاپلىرىنى چىقىرىش. 6)تۈرك ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىگىنى بىلىش ۋە قوغداشى ئۈچۈن بۇلغارستان تۈركلىرىنىڭ ئۆز تارىخلىرىنى ئوقۇتۇش 7)  تۈرك ئويغارلىقى ۋە پولكلورلىرىنى ئۆگۈتۈش. 8) بۇلغار ئۇلۇسال(مىللىي) رادىيوسىدا ، تىلۋۇزۇرلىرىدا تۈركچە يايىن (تارقىتىش) باشلاش. 9) تۈركلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۇيغارلىقى -كۈلتۈرى(مەدەنيىتى) ئىپادىلىدىنىغان كىنو فىلىملىرىنى ئىشلەپ تارقىتىش. 10) ئۆگۈتىم مىنىستىرلىگى بىلەن ئۇيغار(كۈلتۈر- مەدەنىيەت) مىنىستىرلىكى بولغارىستان تۈركلىرىنىڭ ئۆگۈتۈم ۋە ئويغارلىقنى تەرەقىيات يۈلۈنىشىگە ئىگە قىلىدىغان تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش.11)  دىن ۋە ئەخلاخ ئۆگۈتىمىنى تۈرك ئوقۇغۇچىلىغا تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرس قىلىپ قوللۇنۇش  قاتارلىقلار 17.ئۇزۇن ئۆتمەي بولغارىستاندا<<بىخ >>ناملىق تۈركچە گېزىت  تارقىتىلىشقا باشلىغان.

دىنىي ئېتىقات جەھەتتە: تۈركلەر ئاساسەن ئىسلام دىنىڭ سۇنئى مەزھىپىگە ئېتىقات قىلىدۇ، گاگائۇز تۈركلىرى بولسا پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ.


3. يۇنانىستان (غەربىي تراكىيە) دىكى تۈركى خەلقلەر


يۇنانىستان گرېكىيە، گرېتسىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇ بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، شەرق،غەرىپ ، جەنۇپ تەرەپلىرى دېڭىز بىلەن ئورالغان.ئومۇمى يەر كۆلۈمى 132مىڭ كۋادرات كلومېتىر، نۇپۇسى 10مىليۇن 460مىڭ بۇلۇپ ،گرېكلار ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ 98%نى ئىگىلەيدۇ، 97%تى پراۋۇسلاۋىيە دىنغا، قالغانلار كاتولىك دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ، گىرىك تىلىنى قولىنىدۇ18 تۈركلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ19.

    بالقاندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بارلىقى مىلادىدىن ئاۋالقى يىللارغا  قەدەر سۇرۇلىدۇ.بالقانغا تۈركىي خەلقلەر ئىككى يولدىن كېلىپ يەرلەشكەن،بىرى شىمالدىن كەلگەنلەر ،ئۇلار ئون ئوگۇر- بۇلغار، پەچەنەك،ئۇز،كۇمان-قىپچاق كۈچلىرى ،يەنەبىرى جەنۇپتىن ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ  كۆچۇپ كېلىشى ۋە يەرلىشىشى بىلەن بالقان تۈركلىشىشكە باشلىغان،1263- يىلى سالجۇق ئىمپراتۇر لىقى بۇجايغا قەدەم باسقان،17قېتىم بوغازدىن كېچىپ ئۆتۈپ غەربىي تراكىيەنى قامال قىلغان، 1354 -يىلى قەتئى قايتماسلىق بىلەن تراكىيەگە كۆچكەن.  1371-يىلى گۈمۈلجىنە، 1373-يىلى ئىسكېچە، 1430 -يىلى سەلانىك دېگەن يەرلەرگە ئانادولۇدىن ئىشەنچىلىك ئۇرۇش قىلغۇچى تۈرك ئائىلىلىرىنى تاللاپ ئەكىلىپ  يەرلەشتۈرۈپ، بۇ يەرلەرنى تۈركلەشتۈرگەن

بۇئائىلىلەر ئارىسىدا 1830-يىللاردا ماكىدونىيەدىن ۋە ۋودىنادىن كۆچۈپ كەلگەنلەر قاتارىدا تۈركىيە جۇمھۇر يىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنىڭ ئەژلاتلىرى بولغان. 1460-يلى مورانىڭ بويسۇندۇرۇلىشى بىلەن بۈگۈنكى يۇنانىستان تامامەن تۈركلەرنىڭ ھاكىميىتى ئاستىغا كىرگەن.14-15-ئەسىرلەردە بالقانلار تۈركلەشكەن ،تۈرك ئويغارلىقى ھۆكۈمران بولغان.  

      1699-يىلى كارلوپچا شەرتنامىسى ئارقىلىق رۇسلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن رۇملۇقلار دەسلەپكى قېتىم  مورادا ئىسيان كۆتەرگەن،بۇنىڭ بىلەن تۈركلەر غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن غەربىي تراكىيەگە كۆچۈرۈلگەن.كېيىن تۈرلۈك بېسىم تۈپەيلى تۈركلەرنىڭ بىر بۆلۈگى ئانادولۇغا  كۆچۈپ كەلگەن.بالقاندا دۇنيادىكى تۈرلىك تېگىشىشلەر ،كېلىشىملەر،شىمالدىكى سىلاۋيان ئويغارلىقى ،تۈرلى بېسىمى،سىياسى ئۇيۇنلار،كۈن ئولتۇرماس ئېمپېرىيە- ئەنگىليىنىڭ قىسىشى ئاستىدا ، بالقان ئۇرۇشىغا قەدەر ئوسمانلىقلار كەڭ شەكىلدە  بۈگۈنكى تۈركىيە چېگرالىرىغا چېكىنگەن. 1912 -1913- يىللاردىن كېيىكى كېلىشىملەردە كېيىنكى چېگرالار سىزىلغان.ئۇجايلاردا ئوغۇز،ئون ئوگۇر -بولغار  ،پەچەنەك ،ئۇز،كۇمان -قىپچاق تۈركلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى ھېلىھەم تۈرك ئويغارللىقىنى ياشنىتىپ كەلمەكتە.

     غەربىي تىراكىيە بىر بۆلگۈ(رايۇن)نىڭ جۇغراپىيەلىك نامى بۇلۇپ، ئۇ بۈگۈن يۇنانىستان دەپ ئاتالغان بىر دۆلەت ئىچىدە ئۇرۇن ئالغان، يەر كۆلىمى 8.579 كۋادرات كلومېتر ، بۆلگە ئىدارە  قىلىنىش جەھەتتىن دەدە ئاغاچ،گۈمۈلجىنە، ئىسكەچە دەپ ئۈ چكە ئايرىلغان. غەربىي تراكىيە شەرىقتە مەرىچ دەرياسى ئارقىلىق تۈركىيەگە؛ شىمالدا  رودوپ تاغلىرى ئارقىلىق بۇلغارستان بىلەن چېگرالىنىدۇ، جەنۇبىي تەرەپتە ئېگەي دېڭىزى  بۇلۇپ غەربىدە قاراسۇ دەرياسى بىلەن كاۋالاغا چېگراداشتۇر. بۈگۈن غەربىي تراكىيەدىكى تۈركلەر گۈمۈلجىنە ، ئىسكەچە، دەدەئاغاچ،دىمەتوكا ۋە سوفادا زىچ ھالەتتە ياشايدۇ،غەربىي تراكىيەنىڭ سىرتىدا رودوس،گىرىت ۋە ئىستانكوي ئەتراپلىرىدا تۈركلەر ياشايدۇ. غەربىي تىراكىيەدە بەزى  ماتىرياللاردا<< 120مىڭ تۈرك ياشايدۇ>> دىيىلگەن بولسا19، يەنەبەزى ماتىرياللاردا<< 200 مىڭدىن كۆپ تۈركلەر يا‎شايدۇ>> دىيىلگەن. 20<<نۇپۇس ئىستاتىسكىچىلىرىنىڭ تەپتىشلىگىنىگە قارىغاندا 350- 400 مىڭ كىشى بۇلۇشى كېرەك،تۈرك نۇپۇسنىڭ 200مىڭدە قېلىشىنىڭ يىگانە سەۋەبى يۇنان زۇلىمىدىن بولغان>>21  يۇنانىستاندا تۈركلەر مىللىي كىملىگىنى يۇقۇتىدىغان ئوگۈتىم (مائارىپ) ۋە ئاسسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرى بىلەن زەھىپ بىر ھالدا ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ 80%تى ئىقتىسادىي جەھەتتىن نامرات ھالدا ياشىماقتا.


4 .ماكېدونىيەدىكى تۈركى خەلقلەر


       تۈركىي خەلقلەرنىڭ ماكېدونىيەگە يەرلىشىشى مىلادى 4-ئەسىردىن باشلاپ، ھۇن،ئاۋار، بۇلغار، ئوغۇز،پەچەنەك ۋە كۇمانلارنىڭ بۇ بۆلگۈگە كېلىشى بىلەن باشلانغان. 1389- يىلى ئوسمان تۈرك ئېمپراتۇرلىقىنىڭ ماكېدونىيەنى بويسۇندۇرۇشى بىلەن تېخىمۇ تۈركلىشىشكە باشلىغان. 1300-يىلدىن كېيىن ئانادولۇدىن ماكېدونىيىگە كۆپ ساندىكى تۈرك كۆچمەنلىرى كۈچۈپ يەرلەشكەن.

        بۈگۈن ماكېدونىيەدە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى 1912-يىلىغا قەدەركۆپسانلىق ھالىتىدە ياشاپ كەلگەن بولسا، بالقان ۋە 1-دۇىيا ئۇرۇشىدا  تۇپراقلىرىدا قورقۇش ئىچىدە ياشاشقا باشلىغان.سىرىبىستان،كېيىن يۇگۇسلاۋىيە تەۋەسىدىكى ماكىدونىيە بۆلگۈسىدە ياشىغان تۈركلەر تۈرلۈك سەۋەپلەر، سىياسى ئۇيۇن، بېسىم ،قامال قىلىشلار ،كۈچۈپ كېتىشكە زورلاشلار نەتىجىسىدە  ماكىدونىيەدە ئاز سانلىققا چۈشۈرۇلگەن.

     1951يىلى ماكىدونىيە ئىگىمەنلىك (مۇستەقىللىق)نى قولغا كەلتۈرگەن،1953-يىلى ماكېدونىيەدە 203مىڭ تۈرك ياشىغان بولسا ،بۈگۈنكى كۇندە بۇ نۇپۇس 97مىڭ 500گە چۈشۇپ قالغان،22بەزى مەنبەلەردە  200 مىڭغا يېقىن دىيىلگەن23.   تۈركلەر ماكىدونىيەدە ئۈسكۈپ،ماناستىر، گوستىۋار،كالكاندەلان، ئوخرى، رەسنە قاتارلىق   جايلاردا يا شايدۇ. تېرىم، چارۋۇچىلىق، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

      ئۆگۈتۈم،تىل-يېزىق جەھەتتە:

     تۈركلەرتۈرك تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ،شەرىقى ماكېدونىيەدە تۆت يىللىق ئوقۇتۇش تۈزىمى بار، باشلانغۇچ ئۆگۈتۈم(مائارىپ- ئوقۇتۇش) دا 264 ئوقۇتقۇچى ئۆگۈتۈش (ئوقۇ تۇش ) بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. گوستىۋاردا بىر تۇلۇق ئوتتۇرا ۋە بىرئۈلگۈلۈك ئوتتۇرا ئوقۇل، كالكاندەلاندا  بىر تۇلۇق ئوتتۇرا ئوقۇل تۈركچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارماقتا. ئۈسكۈپ ۋە ماناستىر دىكى يۈكسەك ئوقۇل (ئونۋېرسىتىت)لاردا  تۈركلەرگە بەك ئاز، چەكلىك مۆھلەت ئايرىپ بېرىلگەن. يەنە تۈركلەر ئۆزلىرى تەشەببۇس قىلىپ ئاچقان تۈرك ئوقۇللىرىمۇ بار.ماكېدونىيەدە تۈركلەر ئۆزلىرى ئاچقان ئوقۇللاردا كوپلەپ ئوقۇماقتا. ئۆزتەغدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەشكە تىرىشماقتا.  

      ئاڭلاتقۇ(رادىيو)ۋە نەشرىيات جەھەتتە:   

     ماكىدونىيەدە<<تۈرك دېمگىراتىك ئىتتىپاقى>>قۇرۇلغان بۇلۇپ،تۈركچە گېزىت،دەرگى (ژورنال) چىقىرىدۇ ، تۈركچە ئاڭلاتقۇ (رادىيو) دا ئاڭلىتىش بېرىدۇ.


5.كوسوۋادىكى تۈركى خەلقلەر


     كوسوۋا 1375-يىلى ئوسمان تۈرك ئېمپراتۇرلىقىنىڭ تەۋەسىگە ئۆتكەندىن كېيىن تۈركلەر بۇجايدا يەرلىشىشكە باشلىغان.1877 -78-يىلدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئوسمان تۈركلىرىنىڭ بۆلگۈدىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىغا ئەگىشىپ ،تۈركلەر ئازىيىشقا باشلىغان.

       بالقان سۇقۇشى نەتىجىسىدە بۆلگۈدىكى تۈركلەر يۇگۇسلاۋىيە دەۋرىدە ئۈچ قېتىم  چوڭ كۆچۈش ۋە قەتلى ئامغا ئۇچرىغان. 1930-يىللىرىدا  تۇرۇك تۇپراقلىرى تۈركلەردىن زورلاپ ئېلىنىپ سىرىپلارغا بېرىۋېتىلگەن ۋە كۆچۈرۋېتىلگەن.ئىككىنى قېتىم يەنە تۈرلۈك بانا سەۋەپ بىلەن تۈركلەر كۆچۈرىلگەن.سىرىپلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق باستۇرۇش ۋە زۇلۇمدىن كېيىن ،ئۈچۇنچى قېتىم 1968-1990- يىللىرى ئارىسىدا  تۈركلەر ، ئالبالار تەرەپتىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا دۇچ كەلگەن.

يۇگۇسلاۋىيەنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن بۆلگەدە ئالبان ۋە سىرىپلارنىڭ تىرككشىشى نەتىجىسىدە يىللاردىن ئۆز ئېرىك بۆلگە(ئاپتۇنۇم رايۇن) گە ئىگە بۇلۇپ كەلگەن كوسوۋا  سىرىپلار تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە بېقىىدى بۇلۇشىغا مەجبۇرلانغان.

    ئىستاتىسكىغا كۆرە كوسوۋادا 12مىڭ،ئەمەلىيەتتە 20،25مىڭ تۈركلەر بۇلۇپ ،ئۇلار تۈرك ئۇيغارلىقىنى ياشنىتىش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە. پرىشتىنە ۋە دراگاستا كۆپسانلىق بولغان تۈركلەر پرىشتىنە شەھرىگە توپلۇنۇپ تۈركچە ئۆگۈتىم ئېلىپ بارماقتا. ئۆزلىرىنىڭ ئويغارلىق (مەدەنىيەت)،دەرنەك(يىغىن)،سىياسى پارتىيىلىرىنى قۇرۇپ سىرىپ ۋە ئالبانلار بىلەن تەڭ باراۋەر ياشاش يۇلىنى داۋام قىلدۇرماقتا .


          6.سانجاقتىكى تۈركى خەلقلەر


        سابىق يۇگۇسلاۋېيە تەۋەسىدە شىمالدا بوسنىيە-گېرتسگوۋىنا ،شەرىقتە سېربىيە،جەنۇپتا كوسوۋا،غەربىدە قارا تاغ بىلەن چېگرىسى بولغان 8687كۋادرات كلومېتىر چوڭلۇقتىكى بىر ۋېلايەت نامى سانجاق دەپ ئاتالغان. بۇيەر 15-ئەسىردە ئوسمان تۈرك ھاكىميىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ تۈركلەرنىڭ يەرلىشىشىگە سەھنە بولغان.

   كېيىن 1877-1878-يلدىكى ئۇرۇش بىلەن ئاۋۇستىريە-ماجارىستان(ھۇنگارىيە) ئىمپراتۇرلىغىغا ۋاقىتلىق بېرىلگەن سانجاق ۋېلايىتىدىكى تۈركلەر ،19-ئەسىردە رۇسىيەنىڭ تەشۋېقاتلىرى بىلەن  سېربىستان ۋە قارا تاغنىڭ قىرىشىغا ئۇچرىغان. ئىسكەنجىگە ئېلىش،ئېتنىك ئايرىمىچىلىق ۋە كۆچۈشكە زورلاش جەريانىدا سانجاق تۈركلىرى كۈچۈشكە باشلىغان.

      1980-يىللاردا تىتونىڭ ئۆلۈمى بىلەن پارچىلىنىش گىرداۋىغا بېرىپقالغان يۇگۇسلاۋېيە 1991-يىلى مىلوشىۋېچ دەۋرىدە پارچىلانغاندا سانجاق ۋىلايىتىدە تۈركلەرگە سىرىپ، قاراتاغلىقلار ناھەق كوللېكتىپ قىرىپ تاشلاش زۇلۇمىنى تەكرار  ئېلىپ بارغان.

بۈگۈن 350مىڭ مۇسۇلمان ياشىغان ۋە تۈرك- ئوسمانلىق خاراكتېرىنى تاشلىمىغان بۇ ۋىلايەتتە  سىرىپ- قاراتاغ ۋە بوسنىيە - ھېرسەگوۋېنا ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشكە قارشى ،تۈرك ۋە مۇسۇلمانلار <<سانجاق مىللى مۇسۇلمانلار مەجلىسى>> ئۆتكۈزۇپ ھەق ھۇقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرماقتا.تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش،ئۆلتۈرۈش ۋە  كۇچۇشكە زورلاشقا قارشى سانجاق تۈركلىرى ئۆز ۋەتەن تۇپراقلىرىدا ياشاش ئۈچۈن  قەھرىمانلىق كۈرەشلىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا 24


7. ئالبانىيەدىكى تۈركى خەلقلەر


ئالبانىيە جۇمھۇريىتى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بۇلۇپ، يەر كۆلۈمى28مىڭ748كۋادرات كىلومېتىر، نۇپۇسى3مىليۇن650مىڭ.ئالبانىيە 15-ئەسىردە ئوسمان تۈركلىرىنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولغان. بىرقىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىدا ۋەكاتولىك دىنىدا قالغان.ئىلگىرى ئەرەپ ھەرىپىنى قوللانغان بولسا ،كېيىن لاتىن ھەرىپىنى قوللانغان. ھازىر يۇنانچىدا 5000تۈركچە سۆز بولغان بولسا،ئالبان تىلىدا ھەر ئۇچ سۆزنىڭ بىرى تۈرك-ئوسمانلى سۆزىنىڭ ئەينىدۇر.ھازىر ئالبانىيەدە 70مىڭ كىشى تۈركچە سۆزلىشىدۇ25 بۇ تۈركى خەلقلەرنىڭ كۆپسانلىقى تۈركىيە تۈركلىرى ۋە تاتارلاردىن ئىباراتتۇر،2006يىلى ئامرىكا گۇئەنتانا تۇرمىسىدىن قۇيۇپ بېرىلگەن  5 نەپەر ئۇيغۇر ئالبانىيەگە ماكانلاشتۇرۇلغان.

ئىزاھاتلار:

10،11،15،21، 1<<تۈركلۈك ھەققىدە مەلۇمات>> -2001يىلى ئەنقەرە تۈركچە نەشرى،505-، 506 -،509-بەتكە قاراڭ.

  2،20،25 يىلماز ئوزتۇنا :«دۆلەتلەر ۋە خانىدانلار» 4-جىلد ،ياۋرۇپا دۆلەتلىرى قىسمى.ئەنقەرە،1991-يىلى 1-مارت 72-،24-،32-بەتكە قاراڭ.

prof.dr.ibrahim kafes oğlu:Tϋrk milli   kϋltϋrϋ .1983.yil Istanbul 185.bet  .5 ،3                      

            

   8 ،Tϋrk ensiklopediyisi . 25t .430.bet         4،

4 6钱伯泉:《维吾尔族的族原及其先们的西迁》《新疆社会科学研究》维文版1996年4期见62页。

7Tϋrk ensiklopediyisi.5t.1977.türkçe,482bet.

9Toğan,zeki velidi: umumi tϋrk tarihine giriş.istanbul 1970. 41.bet

1214http://www.nihal atsiz.com/ bulğaristan tϋrkleri.

1317 Türk Dünyasi T.c.kültür bakanliği Araştirma Dergisi oçak 1994 sayi 5.  55. 54. bet

16《 突厥语概论》:李增祥编著,中央民族学院出版社出版,1992年5月,见61页.

18世界地图册 西安地图社编辑2005年1月弟6次印刷见97页希                 

19(世知识年鉴界1985-1986)世界知识出版社1986年8月第1次印刷见426               

2224http:// www.nihalatsiz.com/ bati tirakiya turkler htmi。

23 26 turklik bilgisi Ankara  2001 yi l  batiTirakiya türkleri 507bet

27http://www.nihalatsiz.com/makidoniya turkleri




  摘要:本文从民族学角度简要论述巴尔干地區 操运突厥语族语言的少数民族族言,形成,历史发展过成及突厥语族现状 语言,教育, 宗教等问题。  

关键词:巴尔干地區   突厥语族  现壮

胡加尼亚子

  – 2006 يىلى  1-ئاي  ئاقسۇ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-28 07:05 PM  


ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32881
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12084 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 07:28:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



g] u=1073810986,3129891391&fm=23&gp=0.jpg


bk_91a7492f19ad38d9531fedb1087e166f_0a01UW.jpg


t01bf9508db8ee1d741.jpg

مانا بۇلار بالقان تۇرۇكلىرى

بۇ 100 نەتچى يىل بۇرۇنقى بالغان تۇرۇكلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rinatcn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-28 07:38 PM  


ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105113
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 429
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 07:54:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر

www.iptihar.net/bbs



  ئىپتىخار مۇنبىرى  سىلەرنى قارشى ئالىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 08:03:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركى خەلقلەر دۇنيانىڭ ھەممىلا يىرىگە تارالغان ئىكەندە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2255
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3066 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 10:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1940 –يىللاردىن باشلاپ تۈركىيلەرنىڭ مىللىي كىملىگى ، سىياسى ، ئېختىسادى ،ئۇيغارلىقى، ئۆگۈتىم ۋە باشقا ئىجتىمائى ئالاھىدىلىكلىرى ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان. تۈركلەر ئۈچۈن يوقسۇزلاشتۇرۇش،تۆۋەن تەبىقىلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. مىللىي كىملىكىنى، ئۆگۈتىم، ئۇيغارلىقنى قوغداش يۇلىدىكى قانۇن ماددىلىرىغا چۈشىدىغان ھەققانىي تەلەپلىرىمۇ ، سىياسى بۇيرۇق بىلەن قالدۇرۋېتىلگەن.
تۈرك ئۆسمۈرلىرى ئوقۇللاردا بۇلغارچە ئۇقۇپ قانداق بىلىمگە ئېرىشەلىگەن بولسا، تۈركچە ئۇقۇپمۇ شۇنداق بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ. 2) شۇڭلاشقا، تۈرك ياش...... بولغارىستاندا<<بىخ >>ناملىق تۈركچە گېزىت  تارقىتىلىشقا باشلىغان.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1659 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 10:43:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئېسىل ئەسەردىن بىرنى يوللاپسىز رەھمەت قېرىندىشىم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 10:48:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلمىگەن ئىشلارنى، تارىخلارنى بىلىۋالدۇق. رەھمەت سىزگە.

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104752
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2014-3-12
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 10:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالىنى ئۇقۇپ خېلى كۆپ ئىلمى قىممەتكە ئىگە بولدۇم ،ھارمىغايسىز

چىتلاق مۇستەھكەم بولسا ، لالما ئىت، تالا مۈشۈكلىرى كىرەلمەيدۇ

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19948
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10613 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 11:03:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تىمىكەن .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9116
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 11:08:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلدىڭىز قېرىندىشىم .

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش