ئۇيغۇرشۇناسلىق پىرى ، پىروفېسسور گابائىن خانىم توغرىسىدا
بۇ يىل گىرمانىيىلىك ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ پىرى ، پىروفېسسور ئاننا مارىيا فون گابائىن خانىم (Annemarie Von Gabain 1901.7.4-1993.1.15) ۋاپات بولغىنىغا ئون يىل بولدى ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ماقالىنى ئالاھىدە يېزىپ خاتىرلەۋاتىمەن . مەن «شىنجاڭ تارىخى ۋە ئەدەبىياتىغا دائىر ئىلمىي ماقالىلەردىن تاللانما» نەملىق كىتابىمنىڭ مۇنداق بىر جۈملىنى يازغان ئىدىم : «ئېسىمدە قېلىشىچە ، 50 – يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەن تاساددىبىي پۇرسەتتە گىرمانىيىلىك داڭلىق تۈرك تىل ئەدەبىياتى ئۇستازى گابائىن خانىمنىڭ <قەدىمكى تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى> ناملىق كىتابىنى ئۇچرىتىپ قالدىم . ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلى ، قازاق تىلى قاتارلىق ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىدىن خېلى ياخشى ئاساسىم بولغاچقا ، شۇنداقلا يەنە ئالىي مەكتەپتە بىر مەۋسۈم گىرمان تىلىنى تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرس قىلىپ ئاڭلىغاچقا ، لوغەت ئاختۇرۇپ يۈرۈپ دىگەندەك بۇ كىتاپنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىن خەۋەر تېپىپ ، بۇ ساھەگە زور ئىشتىياق بىلەن كىرىشىپلا قالدىم . شۇنداق قىلىپ قەدىمكى تۈرك تىل ئەدەبىياتى بىلەن مانا مۇشۇنداقلا باغلىنىپ قالدىم . گابائىن خانىم لوسرېنگىن (Lothringen ھازىر بۇ يەر فىرانسىيەگە تەۋە) دا تۇغۇلغان . ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىدە ئارمىيەگە ئەگىشىپ (ئۇنىڭ دادىسى گىرمانىيەدە گىنىرال ئىكەن) ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ گىرمانىيەنىڭ ماينىز ، بىراندىنبورگ قاتارلىق جايلىرىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان . 1920 – يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، دەسلەپ پەن – تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىغا كىرىپ ماتىماتېكا ۋە تەبىئى پەنلەرنى ئۈگەنگەن . 1923 – يىلى ئىژتىمائى پەنگە قاراپ بۇرۇلۇش ياساپ بېرلىن ئۇنۋېرسىتېتىغا پىروفېسسور خەنىس (E.Haenisch) ۋە فرانكىلارنى (O.Franke) ئۇستاز تۇتۇپ خەنزۇشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن . 1925 – يىلىدىن باشلاپ ئۇ ۋېلھىلىم باڭ بىلەن بىللە تۈركشۇناسلىقنى ئۆگىنىپ بىرلىكتە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تۆت قېتىملىق ئاخېئولوگىيە ئەترىتى قولغا ئېلىپ كەلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا ۋە مانى دىنى ۋەسىقىلىرىنى ئېلان قىلغان . 1926 – يىلى خەنزۇشۇناسلىققا دائىر ئىلمىي ماقالىسى «خەن دەۋرىدىكى لۇجىيانىڭ <يېڭى تىل> ناملىق ئەسىرى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .شۇنىڭدىن ئىلگىرىلا ئۇ بېرلىن پەنلەر ئاكادىمىيەسىگە يارىدەمچى بولۇپ خخزمەتكە چۈشكەن . ئۇ 1928 – يىلىدىن باشلاپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىشقا باشلىغان . 1929 – يىلىدىن 1934 – يىلىغىچە ئۇ ۋېلھىلىم باڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئالتە توملۇق «تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى» ناملىق ئەسەرنى ئېلان قىلغان . 1931 – يىلىدىن 1932 – يىلىغىچە جوڭگئۇنى زىيارەت قىلىپ بېيجىڭدا تۇرغان ۋاقىتتا ، پىروفېسسور يۈەن فۇلى 1930 – يىلى شىنجاڭدىن ئېلىپ كەتكەن بېيجىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەر «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نى تەتقىق قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يەنە بۇ ئەسەرنىڭ پارىژنىڭ گۈيمىت (Guimet) مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر نۇسخىسىنىمۇ تەتقىق قىلغان . 1935 – يىلى ئۇ «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى <شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى> نىڭ 5 – جىلدى (بۆلۈمى) ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىنى ، 1938 – يىلى «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى <شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى> دىكى خەت – چەكلەر» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان . يۇقۇردا دىيىلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۇنىڭ 1930 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا «قەدىمكى تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىقالىشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن . بۇ ئەسەر قەدىمكى تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى تۇنجى بولۇپ تەتقىق قىلىنغان كىتاپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ، مەزمۇنى مول ، دەلىللىرى توغرا بولۇپ ، دۇنيا تۈركلوگىيە تەتقىقاتى ساھەسىدە كىلاسسىك ئەسەرگە ئايلانغان . 1941 – يىلى تۇنجى نەشرى ، 1950 – يىلى ئىككىنچى نەشرى ، 1974 – يىلى بولسا قايتا تۈزىتىلگەن نۇسخىسى نەشىر قىلىنغان . «تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى» نىڭ 8- ، 9 - ، 10 – توملىرى ئۇرۇشتىن كىيىن ئېلان قىلىندى .8 – تومى 1954 – يىلى نەشىر قىلىنغان بىراھمى يېزىقى بىلەن يېزىلغان 15 تۈرلۈك قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا دىنى ۋەسىقىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات بولۇپ ، بەزىلىرى سانسىكرتچە – قەدىمكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەر ، بەزىلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئىكەن . بۇ ۋەسىقىلەر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . 9 – تومى (1958 – يىلى نەشىر قىلىنغان) مانى يېزىقى بىلەن يېزىلغان كۈسەن تىلى (قەدىمكى كۇچا تىلى، يەنى «تۇخار تىلىB » دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان مانى دىنىدىكى مەدھىيە شېئىرلىرى بولۇپ ، بۇلارنىڭ مۇھىملىقىغا قىل سىغمايدۇ . 10 – تومى ئاتاۋاكا (atvaka) ھېكايىلىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ تىلى جانلىق ، چۈشىنىشلىك ۋە ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ . مۈللېر ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، 1931 – يىلى گابائىن خانىم مۈللېرنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسقىلەر ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئەسىرىنىڭ 4 – تومىنى رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان . بۇ كىتاپ تۆت پارچە جاتاكا ھېكايىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچىسى چاستانا خان (Castana) ھەققىدىكى ھېكايە بولۇپ ، ئۇنىڭ تىلى ئاددى ھەم جانلىق بولۇپ ، ئۇنىڭ بىر تەرجىمە ئەسەر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ . پىروفېسسور گابائىن خانىم 1935 – يىلىدىن 1937 – يىلىغىچە تۈركىيەنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ئەنقەرە ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1939 – يىلىدىن 1945 – يىلىغىچە بېرلىن ئۇنۋېرسىتىتىدا تۈركولوگىيە پىروفېسسورى بولۇپ ئىشلىگەن . 1946 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە گىرمانىيە – ئاۋىستىرىيە چىگىرىسىدىكى باد رىچىنخالدىكى (Badreichenhal) يەرلىك موزېيدا ئۇرۇش مەزگىلىدە بېرلىندىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كىلىنگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەر «مايتىرى سىمىت» نى تەتقىق قىلغان . بۇ ئۇنىڭ كىيىنكى (1957 – ۋە 1961 – يىلى) ئىككى توملۇق چوڭ ھەجىمدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرگە دائىر ئەسەرنىڭ شاپىگراف نۇسخسى ۋە تەتقىقات دوكلاتىنىڭ يېزىلىشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن . 1949 – يىلىدىن باشلاپ ، ھامبورگ ئۇنۋېرسىتىتىدا تۈركلوگىيە ۋە بۇددىزىم ئىلىملىرى بويىچە تاكى 1966 – يىلى پىنسىيەگە چىققانغا قەدەر پىروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن . 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 60 – يىللارنىڭ بېشىغىچە ئۇ تۆۋەندىكى بىر قاتار ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان . «قەدىمكى تۈرك – ئۇيغۇر تىلى» (1959 – يىلى يېزىلغان «تۈرك تىل ئەدەبىياتى ئاساسلىرى» ناملىق كىتاپنىڭ 1 – تومىغا كىرگۈزۈلگەن) ، «قەدىمكى تۈرك – ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (1964 – يىلى يېزىلغان «تۈرك تىل – ئەدەبىياتى ئاساسلىرى» ناملىق كىتاپنىڭ 2 – تومىغا كىرگۈزۈلگەن) ، «قەدىمكى تۈرك – ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپ مەدەنىيىتى ۋە باسما تېخنىكىسى» (1964 – يىلى يېزىلغان «تۈرك تىل – ئەدەبىياتى ئاساسلىرى» ناملىق كىتاپنىڭ 2 – تومىغا كىرگۈزۈلگەن) ، «ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى قەدىمكى تۈرك – ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (1963 – يىلى يېزىلغان بولۇپ ، گوللاندىيەنىڭ لېيدېندا نەشىر قىلىنغان «شەرقشۇناسلىق قوللانمىسى» غا كىرگۈزۈلگەن) . 1960 – يىللاردىن كىيىن ، پىروفېسسور گابائىن خانىمنىڭ تەتقىقاتى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، دىن ۋە سەنئەت ساھەلىرىگە قاراپ يۈزلەنگەن . شۇنداقلا مۇشۇ ساھەدە زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . 20 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى 50 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇ «قەدىمكى تۈرلەرنىڭ ھاياتىدا شەھەرنىڭ رولى» (1949 – يىلى ئېلان قىلىنغا) ، «ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى تارىخى» (1952 – يىلى ئېلان قىلىنغان ، «شەرقى ئاسىيا ۋە تەبىئەت ۋە مىللەتشۇناسلىق جەمئىيىتى خەۋەرلىرى» گە بېسىلغان) ، «تۈرك – ئۇيغۇرلاردا بۇددىزم» (ئاسىياشۇناسلىق _ پىروفېسسور ۋېللېرنى(F.weller) خاتىرلەشكە دائىر ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن) ، «ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇددىزم» (1961 – يىلى ئېلان قىلىنغان ، «شەرقشۇناسلىق قوللانمىسى» غا كىرگۈزۈلگەن) ، «قۇچۇ ئۇيغۇر خفنلىقى» (1961 – يىلى ماينېز پەنلەر ئاكادىمىيەسى نەشىر قىلغان) ، «تۇرپاندىن يىغىۋېلىنغان بويۇملاردىكى باسما تېخنىكىسى» (1967 – يىلى ئېلان قىلىنغان ، «گىرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى يىغىن قوللانمىسى _ ئىژتىمائى پەنلەر قىسمى» غا كىرگۈزۈلگگن) ، «قۇچۇ ئۇيغۇر خفنلىقىنىڭ تۇرمۇشى» (ئىككى قىسىم ، «ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىقتىن ئومۇمى بايان» (1979 – يىلى ئېلان قىلىنغان) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان . قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت تەتقىقاتى ساھەسىدە ئۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بۇددىزم سەنئىتى» ناملىق ماقالىسىدىن باشقا «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى <قاراڭغۇلۇق دۇنياسىدىكى ئون ئىلىك خان سۇتراسى> دىكى ياغاچ مەتبەئە قىستۇرما رەسىملىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىنىمۇ ئېلان قىلغان . پىروفېسسور گابائىن خانىم ھازىرقى زامان تۈرك تىل ئەدەبىياتىغىمۇ بەك قىزىققان . 20 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىدىلا «ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلى گىرامماتىكىسى» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان ، شۇنداقلا يەنە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ، قازاقلارنىڭ كۆچمەن ھاياتىغا دائىرمۇ ماقالىلارنىڭ ئېلان قىلغان . ئۇ ھاياتىدا جەمئى 344 خىل ماقالە ، ئەسەر ئېلان قىلغان . پىروفېسسور گابائىن خانىم 1964 – يىلدىن 1976 – يىلىغىچە گىرمانىيە ئالتاي _ ئورالشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھەمدە بۇ ئورگاننىڭ نەشرىي ئەپكارى «ئالتاي _ ئورالشۇناسلىق يىلنامىسى» نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنىمۇ ئۆتىگەن . ئۇ يەنە خەلقئارادىكى داڭلىق ئالتايشۇناسلىق تەشكىلاتى بولغان ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي ھەيئىتى (PLIC) نىڭ ئاساسچىللىرىدىن بىرى . 1971 – يىلى بۇ ھەيئەتنىڭ مۇكاپاتى (PLIC) ئۇنىڭغا بىرىلگەن . ئۇ ئىلگىرى _ كىيىن بولۇپ ۋېنگىرىيە ، فىنلاندىيە ، تۈركىيە ، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پەنلەر ئاكادىمىيەلىرىنىڭ پەخرىي ئاكادىمىكى بولۇپ سايلانغان . تەرجىمان : ئىمىن تاجى تۈرگۈن مەنبە : ئۇيغۇرچە «پەن ۋە تۇرمۇش» ژورنىلىنىڭ 2014 – يىل 1 – سانىدىن . مەن گابائىن خانىمغا نىسبەتەن «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتاپ ئارقىلىق مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ ، كۆڭلۈمدە ھۆرمىتىم قوزغالغان ئىدى . بۈگۈن تاساددىبى پۇرسەتتە ئۇيغۇرچە «پەن ۋە تۇرمۇش» ژورنىلىدىن بۇ ئايالنىڭ ھاياتى ۋە ئەمگىكىگە دائىر مەزمۇنلارنى ئۇچرىتىپ قېلىپ ، تورداشلار نىڭمۇ چۈشىنىشىگە پايدىسى بولار دىگەن ئۈمۈتتە ماقالىنىڭ بىز بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك دەپ قارالغان مەزمۇنلىرىنى مۇنبەرگە يوللىدىم . ژورنالدا ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئېنىق ئەسكەرتىلمەپتۇ . ئەمما ماقالىدە : « ... شىنجاڭنى زىيارەت قىلغاندىن كىيىن بونن ئۇنۋېرسىتىتى ئۇنى ئىلمىي دوكلات بىرىشكە تەكلىپ قىلغان . مەن ئايالىم ليۇ شۆجېن بىلەن بىللە بېرىپ ئۇنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغان » دىگەن جۈملىلەر ئۇچرايدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-28 12:16 PM
|