|
|
|
|
قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ باشىتا نازىل بولغان ئىككى سۈرە
96-سۈرە ئەلەق مەككىدە نازىل بولغان 19 ئايەت ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھىرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن. ياراتقان پەرۋەردىگاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن 1.ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى 2.ئوقۇغىن،پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرىملىكتۇر 3.ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشىنى) ئۆگەتتى 4.ئىنسانغا بىلىمگەن نەرسىلەرنى بىلدۇردى 5.شەك-شۈبىھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھغا بويسۇنۇشىتىن باش تارتىپ)، راسىتىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ 6-7.(ئى ئىنسان!) باردىغان يېرىڭ پەرۋەردىگاھنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرشىسەن) 8.ناماز ئۇقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسىقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ 9-10.ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشىقۇچى) (نامازنى توسۇشىنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا. 11.ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا ( بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسىمىدى؟) 12.ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن يۈز ئۆزسە. 13،ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇردىغانلىقنى بىلمىدىمۇ؟14 ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۈلىسىدىن-يالغانچى گۈناھكارنىڭ كوكۈلسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز15-16. ئۇ ئۆزنىڭ سورۇنداشلىرىنى ( ياردەمگە) چاقىرسۇن!17 بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز18. (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن،(ئاللاھغا) سەجدە قىلغىن،(شۇنىڭ بىلەن ئاللاغا) يېقىنچىلىق ھاسىل قىلغىن19. 68-سۈرە قەلەم مەككىدە نازىل بولغان، 52 ئايەت. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھىرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن. نون.قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى1،(ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارنىڭ نېمىتى بىلەن،(مۇشىرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن2. مۇقەررەركى،سەن ئەلۋەتتە ئۆكسىمەس ساۋابقا ئېرىشسەن3.(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن4.كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرىسەن،ئۇلارمۇ كۆرىدۇ5-6.شۈبھىسىزكى سىنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازىغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچلارنمۇ ئوبدان بىلىدۇ7.ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن8. ئۇلار سېنىڭ (ئۆزلىرى بىلەن) مادار قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ (سەن بىلەن) مادار قىلشىڭنى ئارزۇ قىلىدۇ9.قەسەمغۇر، پەس، غەيۋەتغور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشىقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغبرە) گە ئىتائەت قىلمغىن10-13.بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇلۇپ بىرىلسە، ئۇنىڭ مال –مۆلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن،«(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»،دەيدۇ14 -15.ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز16.شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككە ئاھالسىنى) مەلۇم باغىنىڭ ئىگىلىرىنى سىنغاندەك (قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىش بىلەن) سىنىدۇق.ئۇلار (يەنى باغىنىڭ ئىگىلىرى) ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى (كەمبەغەللەر ئۇقمىسۇن، ئۇلارغا ھېچ بەرسە بەرمەيلى دېيىشىپ) سەھەردىلا ئۈزىۋېلىشىقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى17.ئۇلار خۇدا خالسا دېمگەن ئىدى18.ئۇلار ئۇخلارۋتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى19-20.ئۇلار:«ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتگەندە بىز-بىرنى توۋلاشىتى21-22.ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشىتى23-24.ئۇلار (مىسكىنلەرنى باغقا كىرىشىتن)توسىيالايمىز دېگەن ئوي بىلەن، ئەتگەندە تۇرۇشىتى25.ئۇلار باغىنڭ (كۈيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: « بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى26-27.ئۇلارنىڭ ياخشىسى (يەنى ئەڭ ئەقىللىقى):«سىلەر نىمشىقا ئاللاھغا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيىتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟» دېدى28. ئۇلار :« پەرۋەردىگارىمىز! سېنى پاك ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز (مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى مەنئى قىلىش بىلەن) ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى29.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىز-بىرىگە قارشىپ ئۆزئارا مالامەت قىلىشىتى30.ئۇلار دېيىشىتى:«ۋاي بىزگە!بىز ھەقىقەتەن ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق31. ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزدىن ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز»32. ئازاب مانا مۇشۇنداقىتۇر (يەنى قۇرايشكىمۇ باغ ئىگىلىرىگمۇ چۈشكەن ئازاب چۈشىدۇ).ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر33. تەقۋادارلار پەرۋەردىگارننىڭ دەرىگاھىدا ھەقىقەتەن نازۇ نېمەرلىك جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ34. بىز مۇسۇلمانلارنى كاپىرلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟35.سىلەرگە نېمە بولدۇ؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر!36. ياكى سىلەردە (ئاسىماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن، سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنڭلار بار، دېگەننى ئۇقۇدىڭلارمۇ؟37-38ياكى سىلەر ھۆكۈم قىلغان نەرسەڭلارنىڭ بولۇشىغا بىز سىلەر بىلەن قىيامەت كۈنى ئاندىن ۋاقىت توشىدىغان مەھكەم بىر ئەھدى تۈزۈشىكەنمۇ؟39ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلارنىڭ ئارسىدا قايسىسى يۇقۇرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟40ياكى ئۇلارنىڭ (يۇقىرىقى ئىشىلارغا كېپىللىك قىلىدىغان شېرىكلىرى) بارمۇ؟ ئەگەر (دەۋاسىدا) راسىتچىل بولسا، شېرىكلىرنى كەلتۈرۈپ باقىسۇن41.ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۇنىدە) ئىش قىيىنلىشىدۇ. ئۇلار (ئىمانىنى سىناش ئۈچۈن) سەجدە قىلىشىقا چاقىرىلىدۇ، ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ42.ئۇلار (قورقۇنچىتىن) تىكىلىپ قارىيالمايىدۇ، ئۇلارغا خارلىق يۈزلىندۇ، ئۇلار (دۇنيادا) ساغلام چاغلىرىدا سەجدىگە دەۋەت قىلىنغان ئىدى ( ئۇلار سەجدىدىن باش تارتاتتتى)43.بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قۇيۇۋەتكىن، ئۇلارنى تۇيدۇرماسىتىن، ئاسىتا –ئاسىتا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز44. ئۇلارغا مۆھلەت بىرىمەن، شۈبھىسىزكى، مىنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر45.ياكى ئۇلاردىن (دىنغا دەۋەت قىلغاننلىقىڭغا) ھەق سوراپ، ئۇلارنىڭ (ئىقتىسادىي) يۈكىنى ئېغىرلاستۇرۋەتتىڭمۇ؟46 ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيىب (يەنى غەيىبنى ئىچىگە ئالغان لەۋھۇلمەھپۇز) بار بولۇپ، ئۇلار (ئېيتىدىغانلىرىنى شۇنىڭغا) ياززامدۇ؟47 پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋىر قىلغىن، (ئالدىراڭغۇلۇقتا، زىرىككەكلىكتە) بىلىقنىڭ ساھىبىگە (يەنى يۇنۇسقا) ئوخشاش بولمىغىن، ئۆز ۋاقىتىدا ئۇ (بىلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلدى48.ئەگەر ئۇ پەرۋەردىكارنىڭ نېمتىگە ئىرىشمسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ (قىلمىشىغا) مالامەت قىلىنغان ھالدا (دەرخىمۇ يوق، تاغمۇ يوق) بىر دالىغا تاشىلانغان بولاتتى49.پەرۋەردىگارى ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى، ئۇنى ياخشىلاردىن قىلدى50.كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلغان چاغلىرىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ قاتتىقلىقىدىن يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتېۋېتىشىكە تاس قالىدۇ. سېنى: «شۈبھىسىز بىر مەجنۇن»دېيىشىدۇ51. قۇرئان پەقەت تامام ئەھلى جاھان ئۈچۈن ۋەز- نەسھەتتۇر52.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-27 08:51 PM
|
|
|
|
|
|