[ئى مۇئمىنلەر، بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار] (سۈرە بەقەرە:172)
[شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ؛ ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئۆز مەغفىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ.] (سۈرە بەقەرە:268)
ئوقۇڭنى ئېتىپ، كۆزۈڭدىن يىتسە، كېيىن ئۇنى (ئوۋ بىلەن) تاپساڭ، ئۇ ئوۋ سېسىپلا قالمىغان بولسا ئۇنى يېسەڭ بولىدۇ. (مۇسلىم توپلىغان)
كىشىلەر: ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! يېڭى مۇسۇلمان بولغان بىر جامائە كىشىلەر بىزگە گۆش ئېلىپ كېلىشىدۇ، ئۇلار ئۇ جاندارلارنى ئۆلتۈرگەندە (بىسمىللاھ) دېدىمۇ ياكى دېمىدىمۇ بىلمەيمىز، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەر تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دەپ يەڭلار، دېدى. (بۇخارىي توپلىغان)
ئاللاھ ھەر نەرسىگە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىغان، ئەگەر جاندار ئۆلتۈرسەڭلار، ئۇنىڭغا رەھىمدىل بولۇڭلار، بوغۇزلىساڭلار چىرايلىق بوغۇزلاڭلار، بوغۇزلايدىغان ئادەم پىچىقىنى ئىتتىك قىلسۇن. بوغۇزلىنىدىغان ھايۋاننىمۇ تېزرەك راھەتكە چىقارسۇن (قىينىمىسۇن). (مۇسلىم توپلىغان)
ئانىسىنى (بوغاز جاندارنى) بوغۇزلاش قورساقتىكى تۆرەلمىنىمۇ پاكلاش (ھالاللاش) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (دارىمىي، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
ھەرقانداق تىرناقلىق يىرتقۇچلارنى يېيىش ھارامدۇر. (مۇسلىم توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەندە – تېزەك يەيدىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىشتىن ۋە سۈتىنى ئىچىشتىن چەكلىگەن. (نېجىس نەرسىلەرنى يەيدىغان ھايۋاننىڭ گۆشى بەتبۇي بولۇپ كەتمىسىلا يېيىشكە بولىدۇ). (تىرمىزىي توپلىغان)
بىزگە ئىككى ئۆلۈك نەرسە ۋە ئىككى قان ھالال قىلىنغان. ئىككى ئۆلۈك كىت ۋە چېكەتكە، ئىككى قان جىگەر ۋە تال. (ئەھمەد، ئىبنى ماجە، دارىقۇتنى توپلىغان)
تۆت خىل جانلىقنى ئۆلتۈرۈش چەكلەنگەن: چۈمۈلە، ھەسەل ھەرىسى، ھۆپۈپ، يەدىگەرەڭ. (دارىمىي، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
تاماقنى بىسمىللاھ دەپ ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئالدىڭدىن يېگىن. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
بىرىڭلار تاماق يېسە ئوڭ قولى بىلەن يېسۇن، ئىچسە ئوڭ قولى بىلەن ئىچسۇن. (مۇسلىم توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (تاماق يېگەندە) بارماق ۋە لېگەنلەرنى يالاشقا بۇيرۇغان ۋە بەرىكەتنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيسىلەر دېگەن. (مۇسلىم توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يۆلىنىپ تۇرۇپ يېمەيمەن. (بۇخارىي توپلىغان)
بىر كىشلىك تاماق ئىككى كىشىگە، ئىككى كىشلىك تاماق تۆت كىشىگە، تۆت كىشلىك تاماق سەككىز كىشىگە يېتىدۇ. (مۇسلىم توپلىغان)
ئۇن ۋە سۈت بىلەن تەييارلىنىدىغان سۇيۇق شورپا كېسەلنىڭ يۈرىكىنى ئارام تاپقۇزىدۇ، بەزى غەملەرنى كەتكۈزىدۇ. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاتلىق – تۈرۈم بىلەن ھەسەلنى ياخشى كۆرەتتى. (بۇخارىي توپلىغان)
سىركە (ئاچچىقسۇ) قوشۇلغان يېمەكلىك نېمىدېگەن ياخشى – ھە! (مۇسلىم توپلىغان)
ئابدۇللا ئىبنى جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرخەمەك بىلەن خورما يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
بىر ئادەم (ئەجۋە) دېيىلىدىغان خورمىدىن سەھەردە يەتتە تال يېسە شۇ كۈنى زەھەر ۋە سېھرى تەسىر قىلمايدۇ. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
نوئمان ئىبنى بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سىلەر ھازىر نېمىنى خالىساڭلار شۇنى يەپ – ئىچىۋاتىسىلەرغۇ؟ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قورساق تويغۇدەك ناچار خورمىنىمۇ تاپالمىغىنىنى كۆرگەن. (مۇسلىم توپلىغان)
يېمەكلىكىڭلارنى جىڭلاڭلار، ئۇنىڭدا بەرىكەت بولىدۇ. (بۇخارىي توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائامنى يەپ بولسا: بىزگە تائام بەرگەن، بىزنى سۇغارغان، بىزنى مۇسۇلمان قىلغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانالار بولسۇن، دەيتى. (تىرمىزىي، ئىبنى ماجە، ئەبۇ داۋۇد، ئەھمەد توپلىغان)
ئەگەر بىرىڭلار تائام يېسە لېگەننىڭ يۇقۇرى تەرىپىدىن يېمىسۇن، تۆۋەن تەرىپىدىن يېسۇن. چۈنكى بەرىكەت يۇقۇرى تەرىپىدىن چۈشىدۇ. (تىرمىزىي، ئىبنى ماجە، دارىمىي توپلىغان)
ماي (زەيتۇن مېيى) يەڭلار، ئۇنىڭ بىلەن مايلىنىڭلار. چۈنكى، ئۇ مۇبارەك دەرەختىن چىققان. (تىرمىزىي، ئىبنى ماجە، دارىمىي توپلىغان)
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە نېمىنى ھالال قىلسا شۇ ھالالدۇر. نېمىنى ھارام قىلسا، ئۇ ھارامدۇر. تىلغا ئېلىنمىغىنى بولسا، ئۇ رۇخسەتتۇر. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىنى قۇبۇل قىلىڭلار، چۈنكى، ئاللاھ تائالا بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئەمەس. (تەبەرانىي، بەززار توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىشىرۇلمىغان سامساق يېيىشتىن چەكلىگەن. (تىرمىزىي، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
تاماقنى كۆپ يېيىش شۇملۇقتۇر. (بەيھەقىي توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يېگەن تاماقتا پىياز بار ئىدى. (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
تاماق داستىخانغا قويۇلغاندا، ئۇ ئېلىنمىغۇچە بىر كىم ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمىسۇن. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يەپ بولمىغۇچە قولىنى تاماقتىن تارتىۋالمىسۇن، ئەگەر قولىنى تارتسا ئۆزرە ئېيتسۇن. چۈنكى، ئۇ (باشقىلار تاماق يەۋاتقاندا قولىنى تارتىۋىلىش) يېنىدىكى ئادەمنى خىجىل قىلىپ قويىدۇ، ئۇمۇ يېيەلمەيدۇ. كىم بىلىدۇ، ئۇنىڭ تاماققا ئېھتىياجى بولۇشى مۇمكىن. (ئىبنى ماجە، بەيھەقىي توپلىغان)
توپلىشىپ يەڭلار، چېچىلماڭلار، بەرىكەت كۆپچىلىك بار يەردە. (ئىبنى ماجە توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇسسۇزلۇق ئىچسە ئۈچ قېتىم تىنىپ (ئەلۋەتتە قاچا سىرتىغا) ئىچەتتى. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇلۇم ئاغزىدىلا سۇ ئىچىشنى چەكلىگەن. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
پەيغەمەر ئەلەيھىسسالام تۇلۇم ئاغزىنى دۈم قىلىپ ئىچىشتىن چەكلىگەن. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
ئالتۇن – كۈمۈش قاچىدا تاماق ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قورسىقىدا دوزاخ ئوتى گۈلدۈرلەيدۇ. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچا ئىچىگە تىنىش ياكى قاچىغا پۈۋلەشتىن چەكلىگەن. (ئىبنى ماجە، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
تۆگىدەك بىر قېتىمدىلا ھەممىنى ئىچمەڭلار، ئىچكەندە (بىسمىللاھ) دەپ ئىچىڭلار، ئىچىپ بولساڭلار ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ئېيتىڭلار. (تىرمىزىي توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچىغا پۈۋلەشتىن چەكلىگەن. بىر ئادەم: قاچىدا مەينەت نەرسە بولسىچۇ؟ دېگەندە، ئۇنى سىرغىتىۋەت، دېدى. ئۇ ئادەم: مەن بىر تىنىقتا قانمايمەن، دېۋىدى، قاچىنى يىراق قىلىپ نەپەس ئالغىن، دېدى. (تىرمىزىي، دارىمىي توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچىنىڭ سۇنۇق (يېرىق) يېرىدىن سۇ ئىچىشتىن ۋە قاچىغا پۈۋلەشتىن چەكلىگەن. (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
(كەچ بولغاندا) قاچىلارنى يېپىڭلار، تۇلۇم ئاغزىنى باغلاڭلار، ئىشىكلەرنى تاقاڭلار، بالىلارنى كەچ ۋاقتى سىرتقا چىقارماڭلار. چۈنكى، جىنلار كەچ ۋاقتى تارىلىدۇ ۋە تۇيۇقسىز ئېلىپ كېتىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ئۇخلايدىغاندا چىراغلارنى ئۆچۈرۈڭلار، ئېھتىمال چاشقانلار چىراغ پىلىكىنى تارتىۋىتىپ، پۈتۈن ئائىلىنى كۆيدۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. (بۇخارىي توپلىغان)
ئۇخلىغاندا ئۆيۈڭلاردا ئوت قالدۇرۇپ قويماڭلار. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-27 12:24 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 h" _0 K6 n1 M2 ?- |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ V( Y- Y9 i1 O& }; o: ~) Q0 _