قەيەردە سەن مىنىڭ بالىلىقىم
قەيەردە سەن مىنىڭ بالىلىقىم، سەندە قالغان ئوتتەك شاشلىغىم، بالىلىقىم تۈگىمەي تۇرۇپ ، يىتىپ كەلدى غەمكىن ياشلىغىم.
قەيەردە سەن مىنىڭ بالىلىقىم، كەل بىرلىكتە ئوينايلى ھەردەم، ئاداش بولۇپ ئۆتەيلى مەڭگۈ ، ئايرىلمايلى ھەرگىز بىر قەدەم.
قەيەردە سەن مىنىڭ بالىلىقىم، ئال كۆزۈڭگە سۈرگىنە مىنى، ئەما بولدۇم،يولۇم قاراڭغۇ، سىنى ئىزدەپ يۈردۈم سەن قېنى؟
قەيەردە سەن مىنىڭ بالىلىقىم، كۆز يېشىمنى سۈرتكىن قولۇڭدا، مىھىر تاپسۇن غەمكىن يۈرۈگۈم، ئەللەيلىنىپ سىنىڭ قوينۇڭدا.
بۇئايشەم ھاۋۇت
2014-3-27
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-27 11:49 AM
|