مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1705|ئىنكاس: 24

رازۋېدكا خاتىرىسى— بىنادىن تاشلىنىش دېلوسى (9) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 09:46:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جى لىڭ گې دېلو ئەھۋالىنى  غۇنچە تەھلىل قىلىپمۇ پەقەت چۈشىنەلمىدى .بۈگۈنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە لومەننىڭ ئۆيىدىن ئېلىكتىر ئەسلىھەلىرىنى بايقىغاندىن باشقا ھېچقانداق گۇمانلىنىشقا ئەرزىگىدەك نەرسە بولمىسا، ھەممە كىشىنىڭ ئېغىز ئىسپاتى ھېچقانداق يوچۇقسىز  تۇرسا، فاسەينىڭ تاپقىنى نەدىن كەلگەن بۆسۈش نۇقتىسى؟

«ھېچقانداق پايدىسىز ئىسپات، زىددىيەتسىز ئېغىز ئىسپاتلىرى— دېدى جى لىڭ گې ماشىنىدا قايتىۋېتىپ يېنىدىكى فاسەيگە قاراپ— بۇ قانداقسىگە بۆسۈش نۇقتىسى بولسۇن؟ »

فاسەي ئاغزىدىكى ئىسنى پۈركىۋېتىپ ئېيتتى: «بۇنىڭغا ئىسپات توپلاپ نېمە قىلىمىز؟ بىۋاستە جىنايەتچىنى ئىقرار قىلدۇرىۋەتسەكلا بولمىدىمۇ؟ »

«ھە، ئەمىسە سىز جىنايەتچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمتىڭىز؟ »

«بىلمەيمەن. »

«ئەمىسە كىمنى ئقرار قىلدۇرىسىز ؟»

«بېرىپ ئۇلارنى جايلاپ تاپمامدىم. ئۇلانى جايلىۋەتسەملا جىنايەتچىنىڭ كىملىكىنى ئۆزلۈكىدىن ئېيتىپ بېرىدۇ» .

فاسەي بۇ ئىككى كۈندە ئىدارىدىكىلەرنىڭ ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭمۇ ئىككى كۈن ئارام ئالىدىغانلىقىنى، شۇڭا جى لىڭ گې نىمۇ قايتىپ كېتىپ ئارام ئالسا بولىدىغانلىقىنى، چىن جوڭ يۈەن بىلەن لومەننىڭ تونۇشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئاسانلا ئىش ئىكەنلىكىنى ،شۇڭا  ئالايىتەن باشقا يەرلەرگە بېرىپ گۇۋاھچى ئىزلىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، گۇۋاھچىنى ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ قىستاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆيىگە ئارام ئېلىشقا قايتقان جى لىڭ گې يەنە بىر قېتىم دېلو ماتىرىياللىرىنى قايتىدىن بىر قۇر كۆرۈپ چىقتى - يۇ، فاسەي ئېيتقان بۆسۈش نۇقتىسىنىڭ زادى نەدە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى.
شۇ تاپتا ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغىنى شۇكى——

1.لومەننىڭ ئۆلگەن ۋاقتى شەنبە كۈنى كەچ سائەت 23:07 ئۆتكەندە.بۇ ۋاقىتتا چىن جوڭ يۈەننىڭ يېتەرلىك  نەق مەيداندا يوقلۇق ئىسپاتى بار.ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئادەم ئىسپات بولالايدۇ.

2.لومەن بىلەن چىن جوڭ يۈەننىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىق. لېكىن بۇنى ھېچكىم ئېتراپ قىلمىدى ياكى كۆرسىتىپمۇ بەرمىدى.

شۇڭا كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، يۇقارقى ئىككى ئىش دەل دېلو يېشىش يولىنى توسۇپ تۇرغان ئىككى چىڭ تام.
شۇنداق تۇرۇقلۇق فاسەي يەنە قانداقسىگە ئىشەنىچ بىلەن كېسىپ ئېيتلايدۇ؟ ئۇ زادى نېمىنى بايقىدى؟

ئىككى كۈندىن كېيىن، دۈشەنبە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن ئاشقاندا، جى لىڭ گې بىلەن فاسەي سودا - سانائەت ئىدارىسىنىڭ 7- قەۋىتىدىكى يىغىن زالىغا قايتا باردى ۋە جاۋ فېينى چاقىرىپ چۈشۈشكە ئادەم ئەۋەتتى.

ئۇ  چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا جى لىڭ گې فاسەيدىن سورىدى: «ئۇنى چاقىرىپ نېمە قىلىسىز ؟سورايدىغاننى ئالدىنقى قېتىم سوراپ بولدۇققۇ؟ »
«خالىغان بىرسىنى توۋلاپ قويدۇم شۇ. كىم بولسا بولمامدۇ—دېدى فاسەي ئاغزىغا بىرتال تاماكىنى قىستۇرۇپ—  ھەممىسى ھامىنى چىن جوڭ يۈەن بىلەن لومەننىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان مۇھىم گۇۋاھچى ».

جاۋ فېي ئۇزاق ئۆتمەيلا كىرىپ كەلدى. ئەمما ئۇ فاسەينى كۆرۈپلا ئوغىسى قاينىدى. چۈنكى ئالدىنقى قېتىم فاسەي ئۇنى ئويناتتى ئەمەسمۇ.

«يۈز ئۆرىمەي تۇرساڭچۇ—  دېدى فاسەي ئۇنىڭغا— ئالدىنقى قېتىم يەنە بەزى گەپلەرنى سوراپ بولالمىغان ئىدىم. »

«نېمە ئىشتى؟ ھەممىنى سوراپ بولغان ئىدىڭغۇ؟! »دېدى جاۋ فېي ئاچچىقلانغان ھالدا. قارىماققا قارا گورۇھ دىن قورىقىدىغان ئۇ ساقچىلاردىن ئازراقمۇ قورقمىسا كېرەك.

«بىزنىڭ بۇ قېتىم سورىماقچى بولغىنىمىز سىلەرنىڭ ھېلىقى شەنبە كۈنى مىڭ شا دېڭىز ساھىلىغا ...»
«سوراپ بولدۇڭلار!— ئۇ فاسەينڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى—بۇنى ئاللىبۇرۇن سوراپ بولدۇڭلار، يەنە قايتا سوراپ نېمە قىلىسىلەر؟ »
«ئۇ سائەت قانچىدا ياتىقىغا قايتقان؟ »سورىدى فاسەي.
«تەخمىنەن ئۈچىنچى بۇلۇڭ توپ ئۇرغان چاغدا»
«ئۇنداقتا قاچان قايتىپ كەلگەن؟ »
«ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلاشقاندا»
«ئارىلىقتا نېمە ئىش بولدى؟ »
«بالوف بىر توپ كىرگۈزدى! »

جى لىڭ گې كۆڭلىدە ئويلىدى، ناھايىتى ياخشى، فاسەي مۇشۇنداق ئۈزۈلدۈرمەي ئاددىيلا بىرنەرسىەرنى سوراپ، ئەسلى ماسلاشقىلى ئۇنىمىغان جاۋ فېينى بىردەمدىلا گەپكە كىرگۈزدى.
قارىماققا فاسەي بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە مۇسابىقىنى قايتا بىر قېتىم كۆرگەن بولسا كېرەك، شۇڭا ئۈزۈپلا سورىدى: «23:07 دەپ كىرگەن توپمۇ؟ »
«ھەئە»
«قانداق كىرگەن؟ »

قانداق كىرگەن؟ ئەجىبا ...فاسەي 23:07 دېگەن بۇ نەق ۋاقىت بىلەن نەق مەيداندا يوقلۇق ئىسپاتىنىڭ ۋاقتىنى دەلىللەۋاتامدۇ؟

جى لىڭ گې نىڭ سەل ئىچى سىقىلدى. بۇنى جاۋفېيدىن سورىغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ يا ئادەمنى ئۇ ئۆلتۈرمىسە؟

«بۇمۇ...—دېدى جاۋ فېي جاۋابەن— بالوف بىر كاللا توپ ئۇرغانىدى، توپ ۋارتانىڭ  سول تۈۋرۈكىگە تېگىپ قاڭقىپ كەتتى. ئاندىن كېيىن ئۇ پۇتى بىلەن قاڭقىغان تۇپنى ۋارتانىڭ ئوڭ تەرىپىگە تېپىپ كىرگۈزدى. »

جى لىڭ گې بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇمۇ كېيىن ئۇ مەيدان مۇسابىقىنى كۆرۈپ باققان. ئۇ توپ دەل مۇشۇنداق كىرگەن.

«مۇسابىقىنى قانچىڭلار كۆرگەن؟ »
«20 نەچچەيلەن»
«سىلەر جەمىي قانچە ئادەم ئىدىڭلار؟ »
«37»
«سەن جەزىملەشتۈرەلەمسەن؟— بۇ چاغدا فاسەي چىرايىنى ئۆزگەرتىپ  ئەستايىدىللىق بىلەن قايتا سورىدى— راستلا ...37 ئادەم؟ »

جى لىڭ گې ھەيران قالدى.

ئۇلار ئېنىقلا دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ تەكشۈرگەن، خىزمەتچى خادىممۇ ئېنىقلا 37 ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان تۇرسا، فاسەينىڭ ئۇنىڭدىن قايتا سورىغىنى نېمىسى؟

جاۋ فېيمۇ دەماللىققا فاسەينىڭ نېمە سوراۋاتقىنىنى بىلەلمىدى. كۆڭلىدە ئويلايتتى: ئەجىبا ئېسىمدە خاتا قالدىمۇ؟

«ھى ھى  ھى ....»

فاسەي كۈلدى. كۈلگەندىمۇ تولىمۇ غەيرىي كۈلدى .

ئۇ يېنىدىكى ماتېرىيال خالتىسىدىن بىر جەدۋەلنى چىقاردى. ئۈستىدە دېڭىز ساھىلى ساياھەت كەنتىنىڭ ھېلىقى  شەنبە كۈنىدىن ئالدىنقى شەنبە كۈنىگىچە بولغان بارلىق پائالىيەت خاتىرىسى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ساياھەت كەنتىنىڭ تامغىسىمۇ بېسىقىق ئىدى.

«بۇ بىزنىڭ دېڭىز ساھىلىدن تەكشۈرگىنىمىز— دېدې فاسەي قولىدىكى جەدۋەلنى جاۋفېيغا كۆرسەتكەچ—  ئۈستىگە ئېنىق يېزىقلىق تۇرۇپتۇ، پائالىيەتكە قاتناشقىنى ئېنىقلا 38 ئادەم! »

جاۋ فېي بىلەن جى لىڭ گې قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. دەرۋەقە، جەدۋەل ئۈستىدىكى ئادەم سانى 38 ئىدى.

فاسەي جاۋ فېينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېيتتى: «دېمەك، جاۋ فېي ئەپەندىم، سەن يالغان سۆزلىدىڭ! »

جاۋ فېينى سوغۇق تەر باستى. ئىچىدە بولسا ئويلايتتى: ئۇنداق ئەمەستۇ؟ بۇنىڭدا قانداقسىگە خاتالىق بولسۇن؟ ئەينى چاغدا ئېنىقلا 37 ئادەم ئدىغۇ؟!

جى لىڭ گې ئۇ ھەيران قالدى. قانداقسىگە بىر ئادەم كۆپىيىپ قالدى؟

جاۋ فېي چۈشەندۈردى: «ياق، ياق، مەن يالغان سۆزلىمىدىم ..؟مەن ...بىلمەيدىكەنمەن. ئېسىمدە خاتا قالغان ئوخشايدۇ» .

«ئۇنداقتا سىلەر مېھمانخانىدىن قانچە ياتاق زاكاس قىلغان؟ »

ياتاق بۆلۈش خىزمىتىگە جاۋ فېي مەسئۇل بولغاچقا، ئۇ ئىككىلەنمەيلا دېدې: «20! ».

«20...خاتالاشىڭ»

جاۋ فېي ئەسلەپ قايتا ساناپ چىقتى، 3011 دىن 3021 گىچە، ئاندىن 4001 دىن 4009 غىچە...خاتالىق يوققۇ؟ دەل 20 ياتاققۇ!

بىراق فاسەي بېشىنى چايقىدى: «ياق، پەقەت 20 ياتاقلا ئەمەس. سەن بايا ئېيتان 20 ياتاقتىن سىرت يەنە بىر ياتاق سىلەرنىڭ ئىكەن. »
«قا ...قايسى ياتاق؟ »
«4021»

4021؟!

جى لىڭ گې نىڭ ئىسىدە بار، ئۇ دېگىن پەقەتلا بىر قۇرۇق ياتاققۇ!
بىراق فاسەي ئۇنىڭدا ئادەم بار دەيدىغۇ؟ ....ئۇ زادى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ بۇنى ئۇ نەدن تەكشۈرگەن؟

فاسەي جاۋفېيغا داۋاملىق ئېيتتى: «سەن ئادەم سانىنى خاا ئېسىڭگە تۇتۇۋالمىدىڭ بەلكى ئەسلا بىلميسەن! چۈنكى بۇ 38- ئادەم دەل 4021- نومۇرلۇق ياتاقتا تۇرغان. يەنى—— ئۇنى جۈمە كۈنى كەچتە چىن جوڭ يۈەن ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرغان. »

نېمە؟!

جى لىڭ گې ئاخىرى ئاڭلاپ چۈشەندى. فاسەي ئەسلى ھېچقانداق يىپ ئۇچى ياكى بۆسۈش نۇقتىسى بايقىمىغان ...ئەكىسچە ...
ئۇ پەقەتلا جاۋ فېينى ئۇ پائالىيەتكە 38 ئادەمنىڭ قاتناشقانلىغا ئىشەندۈرمەكچى. ئاندىن يەنە بۇ 38- ئادەمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېچكىم بىلمىگەچكە، يەنە كېلىپ چىن جوڭ يۈەننىڭ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرغاچقا ھەمدە ساقچى تەرەپنىڭ گۇمانىنى قوزغىغاچقا...بۇ ئادەم ئۇنىڭ نەزىرىدە پەقەتلا چىن جوڭ يۈەننى ئۇيەرگە ئىشلەپ بارغان لومەنلا بولىدۇ دە!

جى لىڭ گې مەن سوغۇق تەر باستى.  چۈنكى فاسەي ئورا كولىغاندىمۇ راسا چوڭ كولاپتۇ ئەمەسمۇ!

جى لىڭ گې دەرھال جاۋ فېينىڭ چىراي ئىپادىسىگە كۆز يۈگۈرتتى.

ئۇنىڭ ئاستىن ئېڭىكى تىترىدى. دېمەك ئۇ راستتىنلا قورقۇپتۇ! ئۇ فاسەينىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ، چىن جوڭ يۈەننى ئاشۇنداق قىلدى دەپ ئويلاپ قاپتۇ!

جاۋ فېي جىددىيلەشتى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەگەر ساقچىلار ئۇ 38- ئادەمنىڭ كونىنى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالسىلا، ئۇ چاغدا ئۇلار ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىپ قالمامدۇ!

فاسەي ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۆزىنىڭ يېڭىش بېلەت ئېلىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى قىستاشقا باشلىدى: «تىزىملىكتە ئىسمى يوق بۇ 38- ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن ؟! »

جاۋ  فېي بۇ گەپتىن سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى. قارىماققا ساقچىلار تېخى ئۇنىڭ كونىنى ئەمەسلىكىنى بىلەلمىگەن ئوخشايدۇ ...ئۇنداقتا...

جاۋ فېي ئېيتتى «ھەئە، ھەقىچان ۋاقىتلىق ئوينىغىلى كەلگەن ھېلىقى ....چوقۇم شىياۋ جاڭ! »
«شىياۋ جاڭ؟ »
«توغرا توغرا، چوقۇم شىياۋ جاڭ! ئېسىمگە كەلدى، بىرەيلەن ئازراق ئىشى چىقىپ قېلىپ كېيىنرەك كەلگەنىدى. نەق شۇ شىياۋ جاڭ! شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ياتاق بۆلۈشكە ئۈلگۈرمەپتىكەنمەن، ئۇنى ئۇ ئۆزى بۆلۈپتىكەن! مەن تېخى  ئۇنى نەدە تۇردىكى دەپتىمەن. ئەسلى 4021 دەپ تۇرۇپتىكەن دە! ...قاراڭ، بۇ ياتاق بىلەن بىزنىڭ ياتاقلار يانداش ئەمەس.....»

يېشىلدى! ئاخىرى يېشىلدى!

جاۋ فېي ئۇ ئاخىرى يالغان سۆزلەشكە باشلىدى!

ئەمدى كېيىنكى سوئالنى قانداق سوراش كېرەك؟ شىياۋ جاڭ نى  سۈرۈشتۈرەمدۇ؟
جى لىڭ گې فاسەيگە قارىدى ۋە فاسەينىڭ كېيىنكى قەدەمنى قاندا بېسىش كېرەكلىكىنى ئويلاپ بولغانلىقىنى ھېس قىپ يەتتى.

فاسەي سوئالنى باشلىۋەتتى:«ھېلىقى شىياۋ جاڭ بىلەن چىن جوڭ يۈەننىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ »
«رەھبەر بىلەن خىزمەتچى مۇناسىۋىتى»
«راسمۇ؟ ئۇنداقتا چىن جوڭ يۈەن ئۇكۈنى ئۇياتققا كىرىپ نېمە قىلىدۇ ؟»
«خىزمەت ئىشىنى پاراڭلاشقاندۇ، يېقندا ئىشلار سەل كۆپرەك ئەمەسمۇ؟ »
«بىر پاراڭلاشقانچە ئىككى سائەت پاراڭلىشامدۇ؟ »
«ئېھتىمال شۇنداقتۇ..چۈنكى شىياۋ جاڭ يېڭى كەلگەن، ئىشەنمىسەڭلار بېرىپ ئۇنىڭ ئۆزىدىن سوراڭلار ..»
جاۋ فېي ئۆزىنىڭ توقۇپ بولالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ مەسئۇلىيەتنى شىياۋ جاڭ غا ئارتىپ قويماقچى بولىۋاتىدۇ.

بىراق، فاسەي ئۇنىڭغا يول قويمىدى: «ھېلىقى شىياۋ جاڭ، ساياھەت كەنتىدىن قاچان ئايرىلغان؟ »

جى لىڭ گې باشتا دەماللىققا فاسەينىڭ نېمىشقا مۇنداق سورايدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدى. ئەمما كېيىن بۇ سوئالنىڭ نەقەدر ھالقىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

چۈكى جاۋ فېينىڭ نەزىرىدە 4021 دە تۇرۇۋاتقىنى لومەن. لومەننىڭ ئۆلگەن ۋاقتى بولسا شەنبە كەچ 23:07 شۇڭا لومەن  چوقۇم ياتاقنى بۇرۇن قايتۇرىدۇ!

ئۇنداقتا ئۇ ئۇنى شەنبە كۈنى كەتكەن دېيىشى كېرەكمۇ ياكى يەكشەنبە كۈنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە كەتكەن دېيىشى كېرەكمۇ؟

جاۋ فېي قارا تەرگە چۆمۈپ كەتتى .چۈنكى ھازىر نېمە دېسە قاملاشمايتتى. ئەگەر شەنبە كەتكەن دەي دېسە، ساقچىلار شىياۋ جەڭدىن سورىسىلا چېنىپ قالىدۇ؛ ئەگەر يەكشەنبە دېسە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

ئۇ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى ئېغىز ئاچتى: «مەن...ئېنىق ئۇقمايدىكەنمەن ....»

نېمە دېگۈلۈك، كىم ئۇنى لومەننى شىياۋ جاڭ دېسۇن دەپتۇ.

«چىيەن كاتىپنى توۋلاپ چۈشۈڭلار! »دېدى فاسەي سوغۇق كۈلۈپ.
ئۇزاق ئۆتمەي چىيەن كاتىپ يىغىن زالىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى. ئۇ كىرىشىگىلا فاسەي سوئالنى باشلىۋەتتى «سىزمۇ ئەينى چاغدىكى ئۇ كوللىكتىپ پائالىيەتكە قاتناشقانمۇ؟ »
«ھەئە»
فاسەي بىر تەرەپتە ئولتۇرغان جاۋ فېينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېيتە «ئۇ بىزگە ئەينى چاغدا 4021 - ياتاقتا تۇرىۋاتقىنىشىياۋجاڭ دېدى، بۇ ئەمەلىيەتكە  ئۇيغۇنمۇ؟ »

چىيەن  كاتىپ بىر چەتتە تۇرۇپ چىلىق تەرگە چۆمۈپ تۇرۇپ ئۆزىگە بىر نېمە بىلدۈرمەكچى بولغاندەك توختىماستىن كۆزئىشارىسى قىلىۋاتقان جاۋ فېي غا قارىدى يۇ، ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى ئاڭقىرالماي سىناق تەرىقىسىدە سورىدى: «شىياۋ جاڭ؟ »
«ھەئە— فاسەي كۆزىنىڭ قىرىدا جاۋ فېيغا قاراپ تۇرۇپ چىيەن كاتىپتىن سورىدى— سىلەرنىڭ پائالىيەتكە جەمئىي 38 ئادەم قاتنىشىپتىكەن، چىن جوڭ يۈەن 4021 ـ ياتقنى ۋاقىتلىق ئاچقۇزۇپتۇ، ئۇنىڭدا تۇرغىنى شىياۋ جاڭ ئىكەن. بۇ گەپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ؟ »

چىيەن كاتىپنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، بۇ نەدىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسۇن؟ بەك يىاقلىشىپ كەتكەندۇ؟
بىراق بىر چەتتە تۇرغان جاۋ فېي بېشىنى لىڭشىتىپ ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويدى.

«زادى ئۇيغۇنمۇ ئۇيغۇن ئەمەسمۇ؟! »فاسەي ئالدىراتتى.

كۈلۈش ياش يىغلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان جاۋ فېي ئاخىرى تاقەت قىلالماي چىيەن كاتىپقا يۇقىرى ئاۋازدا دېدى «ھەي! ئىشقىلىپ، 4021 دە تۇرغىنى شىياۋ جاڭغۇ! »
چىيەن كاتىپ گاڭگىراپلا قالدى: «سىلەر زادى نېمىلەرنى دەۋاتىسىلەر؟ »
«ئۇلار بىزنىڭ پائالىيەتكە بىرەيلەن ئارتۇق قاتنىشىپتۇ دەيدۇ. 38 ەيلەن، بىرەلەن كېيىن كەلدىغۇ! »
«كېيىن؟ كىم كېيىن كەپتۇ؟ شىياۋجاڭ بۇرۇنلا كەلگەنتىغۇ! »
«مەنمۇ بىلىمەن!لېكىن سىز يېرىم كۈنگىچە 4021 دە كىمنىڭ تۇرغانلىقىنى ئېيتالمىسىڭىز ساقچلار چوقۇم گۇمانلىنىدۇ دە! »
«4021 نى يەنە ئېچىپتىما؟ »
«ھەئە! »
«نېمە گەپ بۇ؟! ماڭا ئۇنداق كۆز ئىشارىسى قىلسىڭىز مەن قانداق بىلىمەن؟ »
«يائاللا،  مەن شۇ ھېلىقى مەن دەۋاتىمەن، ھېلىقىنى! »
«نېمە ھېلىقى ئۇ؟ ئېچىپ دېمەمسىز گەپ بولسا! »
«مەن شۇ 4021 دە تۇرىۋاتقىنىنىڭ لومەنلىكىنى سىزگە ئەسكەرتتىم! ئۇھ.. ئادەمگە ئازراقمۇ ماسلىشىپ بەرمىدىڭىز، مەنمۇيوشۇرمىدىم بولدى! »
چىيەن كاتىپ تېخى نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي تۇرغىنىدا، جاۋ فېي تاقەت قىپتۇ بولالماي ئاخىرى ھەممىنى دەۋەتتى.

فاسەي مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن پەملەپ  قويغاندەك، ھېچنىمە دېمەستىن بىر چەتتە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۇرۇشىنى كۆردى.

«ئەمدى ياۋاشلىق بىلەن ھەممىنى ئېيتىڭلار» دېدى جى لىڭ گې نۇر قىغەز - قەلەم چىقرىپ ئۇلارنىڭ ئۇرۇشىنى بېسىقتۇرغەمدىن كېيىن.
ئۇ ئىككەيلەنمۇ مۇشۇداق قىلىپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى بىر - بىرلەپ بايان قىلدى .


ئەسلىدە، چىن جوڭ يۈەن خىزمەتكە چىققاندىن تارتىپ ئىزچىل بىر ياخشى، پاك ئەمەلدار بوپتۇ كەلگەنىكەن. ئەمما ئااھەزەل بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى ئۇ جەمىئەتنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا چىداپ بولالمىغان بولسا كېرەك، ئۆزىگە لومەن دەيدىغان بىرىنى ئاشنا قىلىپ تۇتۇۋاپتۇ.ھەم  ئۇزاق ئۆتمەي بۇئىش بەزى جايلاردا ئىچىلىپ كېتىپتۇ . گەرچە ئورگاندىكى ھېچكىم بۇ لوەن دېگەن ئايالنى تۇنۇمىسىمۇ، تارقىلىپ كەتكەن گەپ سۆزلەر ئۇلارنىمۇ تىنىۋالغاندىن قويماپتۇ. شۇنداق قىلىپ، چىن جوڭ يۈەننى«پاك ئەمەلدارلى»لومەن تەرىپىدىن يوق بوپتۇ.
گەرچە چىن جوڭ يغەنى ئەزەلدىن پارە ئالمىدسىمۇ، پارىنى لومەن ئاپتۇ، يەنى چىن جوڭيۈەننىڭ سۆيگىنى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، چىن جوڭ يۈەنگە پارە يېگۈزەلمىگەنلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىپ ،ئۇلارنىڭ ھاۋالىسىگە چىن جوڭ يۈەننى ئىشقا ساپتۇ.
چىن جوڭ يۈەن گەرچە مال - دۇنياغا بېرىلمىسىمۇ، ئۆزىنى xxx (يېزىشقا قولۇم بارمىدى ) دىن تارتالماپتۇ، شۇ سەۋەپدىنمۇ لومەننىڭ دېگىنىنى قىلىپ، سىزغان سىزىقىدىن چىقماپتۇ. شۇنداق قىلىپ لومەن ئاز بولمىغان پۇل ۋە قىممەت بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈرگەدىن سىرت، بىر ھېساپتا يەنە  چىن جوڭ يۈەننىڭ  ھوقۇقىنىمۇ قولىغا ئاپتۇ.
لومەن بولغاچقىلا، چىن جوڭ يۈەننىڭ بۇرۇنقى سىماسى يوقلا بوپتۇ. ئەمما ئورگاندىكىلەر لومەننىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،ھەممىسى بۇرۇنقى چىن جوڭ يۈەننىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىدىن خۇش بوپتۇ.
بىراق ئۇلار لومەننىڭ ئۆلىۈمىنىڭ چىن جوڭ يۈەننى ساقچىلارنىڭ بىرىنجى گۇمان ئوبېيىكتى قىپ قويىدىغانلىقىنى پەملەپ، ھەممەيلەن ئالدىنقى قېتىملىق پائالىيەتنى باھانە قىلىپ چىن جوڭ يۈەنگە ياردەم قىلماقچى بولۇشۇپتۇ.

«بىز ئېيتقان چىن ئەپەندىم بىلەن لومەننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقى يالغان...بىراق، نەق مەيداندا يوقلۇق ئىسپاتى راست! »دېدى جاۋ فېي قوشۇمچە قىلىپ.

جى لىڭ گې بۇلارنىڭ ھەممىنى خاتىرىلىۋالغاندىن كېيىن ئاددىيلا قىلىپ ئېيتتى «جاپا چەكتىڭلار  ».
چىيەن كاتەىپمۇ بۇ چاغدا سۆز ئاچتى «بۇ ئككى يىلدىن بۇيان چىن ئىدارە باشلىقىنىڭ قىلغانلىرى ھەقىقەتەن خاتا ...لېكىن ھازىر لومەنمۇ ئۆلدى، بىز ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ ئەسلىگە قايتالىشىغا ئىشىنىمىز. »
«شۇڭا ھەممىڭلار ئۇنىڭغا چاپان يېپىپتىكەنسىلەر - دە ..ئاۋارىچىلىق» دېدى فاسەي خۇشياقمىغان ھالدا.
«ياق! بىز چىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز! سىلەر راستلا چىن ئەپەندىمدىن گۇمان قىلىۋاتامسىلەر؟ »
«كىم بىلىدۇ—— دېدى جى لىڭ گې فاسەيگە  كۆزئىشارىسى قىلىۋېتىپ— ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. بىز ئەمدى قايتىمىز. لېكىن ئېغىر كۆرمەي گەپ يەتكۈزۈپ قويساڭلار، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 دە، مىڭ خەي شەھەرلىك ساقچىلار ئىدارىسىنىڭ سوراق ئۆيى چىن جوڭ يۈەننى چاقىرىدۇ. »

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 09:51:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۋال ھەممىڭلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن. كەچۈرۈڭلار، ئۇزاق ساقلىتىپ قويدۇم.

تېلفون مەسىلەم ئەمدى ھەل بولدى. شۇڭا ئەمدى ئاللاھ خالىسا ھەرگىز ساقلاتقۇزمايمەن. توغرا چۈشىنىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 10:56:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قايتا ئۇقۇمىسام  قەتتى بولماپتۇ ، بۇنىڭمۇ ئاخىرى يوق بولدى دېگەندىم ،

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورة العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورة القلم

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10857
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 11:21:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر باشتىن ئوقۇپ چىقاي ھە.......  باشتىكىنى ئوقىمىغاچقا  پەقەت چۈشىنەلمىدىم


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2638 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 11:40:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  جاپا چەكتىڭىز قىرىندىشم ..ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن !

   بۇ فاسەي دىگەن گۇي ساقچى بولۇپ قالغان بولسا  رەسمى يامان ساقچى بولاركەن ..ئەمىلى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ .....

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103369
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2014-2-9
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 11:40:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاتىل دەل چىن جوڭ يۈەننىڭ خوتۇنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 12:08:21 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مسكىنÍÍ يوللىغان ۋاقتى  2014-3-26 10:56 PM
مەن قايتا ئۇقۇمىسام  قەتتى بولماپتۇ ، بۇنىڭمۇ ئاخىرى ي ...

كەچۈرۈڭ ھە...ساقلىتىپ قويدۇم ...

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 12:08:52 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
joda☠ يوللىغان ۋاقتى  2014-3-26 11:40 PM
جاپا چەكتىڭىز قىرىندىشم ..ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن  ...

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 12:09:29 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
osmanturpan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-26 11:40 PM
قاتىل دەل چىن جوڭ يۈەننىڭ خوتۇنى.

كورىيەلىكنى ئۆلتۈرگەن چۇ؟

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2990
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 09:34:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىسقۇ بۇ فاسەي، بۇ دىلۇنى يىشىپ بىرىدىغان بۇلدى، تىلفۇنىڭىز ئەمدى بۇزۇلۇپ قالمىسۇن ، ئاۋايلاپ تۇتۇڭ ھە؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش