ھايات
تۇنجى كۈنى تەڭرى سېغىن كالىنى يارىتىپتۇ . تەڭرى كالىغا :
-سەن ھەركۈنى ئېتىزلىقتا ئىشلەيسەن ، ئاندىن يەنە سۈتۈڭدە موزايلىرىڭ بىلەن خوجايىنىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى باقىسەن ، ساڭا 60 يىل ئۆمۈر بەردىم ،- دەپتۇ .
- بۇ دوزاختەك كۈنلەردە 60 يىل ئىشلەپ نىمە قىلىمەن ! - دەپتۇ كالا دەرغەزەپ بىلەن ،-ماڭا 20 يىل يىتەرلىك ، 40 يىلنى ئۆزىڭىز ئېپقېلىڭ . تەڭرى كالىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپتۇ .
ئەتىسى تەڭرى ئىتنى يارىتىپتۇ . تەڭرى ئىتقا:
- سەن ھەركۈنى كىشىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ ، بىرەرسى كەلسە ۋاڭشىپ قاۋايسەن ساڭا 20 يىل ئۆمۈر بەردىم ،- دەپتۇ .
- 20 يىل ۋاڭشىپ قاۋىسام ، بۇ ۋاقىت بەك ئۇزۇنكەن ،- دەپتۇ ئىت ئۈمىتسىزلەنگەن ھالدا،-
ماڭا 10 يىل يىتەرلىك ، قالغان ئون يىلنى قايتۇرىۋېلىڭ .
تەڭرى ئىتنىڭ تەلىپىگىمۇ قوشۇلۇپتۇ .
ئۆگۈنى تەڭرى ئادىمىزاتنى يارىتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا:
- سېنىڭ ھەركۈنى قىلىدىغان ئىشىڭ تاماق يېيىش ، ئۇخلاش ، ئويۇن تاماشا قىلىش ، تۇرمۇشتىن لەززەتلىنىش ، ساڭا 20 يىل ئۆمۈر بەردىم ،- دەپتۇ .
بۇنى ئاڭلاپ ئادەم نارازى بولغان ھالدا :
-نېمە دىدىڭىز ماڭا ئاران 20 يىل ئۆمۈر بېرەمسىز ، تەڭرىم ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ
20 يىلىنى كالىنىڭ سىزگە قايتۇرىۋەتكەن 40 يىلىنى يەنە ئىت ياراتمىغان ئون يىلنى
ئالاي . 70 يىل خېلى بولىدۇ سىزنىڭچە قانداق ؟
- بوپتۇ، دېگىنىڭدەك بولسۇن ،- دەپتۇ تەڭرى خۇرسىنىپ .
نەتىجىدە بىز ئالدىنقى 20 يىلدا تاماق يەپ ، ئۇخلاپ لەززەتلىنىمىز ، كېيىنكى 40 يىلدا ئۆيدىكىلەرنى بېقىش ئۈچۈن (كالىدەك )جان تىكىپ جاپالىق ئىشلەيمىز ، ئەڭ ئاخىرقى ئون يىلدا ھەركۈنى ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئۆتكەن -كەچكەنلەر بىلەن سالام - سەھەت
قىلىشىمىز .
مەنبە :شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى .
مۇنبەرگە يوللىغۇچى :كۆڭلۈم - (زۇلپىيە ئەھەت)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆڭلۈم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-26 06:39 PM