كىرىش سۆز
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! [6 Y7 @' {- t$ n" {0 @6 Vبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 D2 p1 s" @0 j3 Z' j
كۈچ - ئاتىلىشى ئاددى ، كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بىر فىزىكىلىق ئۇقۇم بولۇپ ،ئادەتتە كىشىلەر ئۇنى بىر جىسىمنىڭ باشقا بىر جىسىمغا بولغان تەسىرى دەپ قارايدۇ .
كۈچ - فىزىكىدا دائىم كۆپ خىل ئۆزگىرەلەيدىغان رول ئالغۇچى ، لەيلىتىش كۈچى ، سۈركىلىش كۈچى ، بېسىم كۈچى ، ئىتترىش كۈچى ، سۆرەش كۈچى ، ئېلىكتىر كۈچى ، ماگنىت كۈچى .... قاتارلىقلار فىزىكا كىتاپلىرىدا دائىم سۆزلىنىدىغان مەزمۇنلاردىن ئىبارەت .
كۈچ - كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك تەبىئەت دۇنياسىدا چۈشىنىش قىيىن بولۇپ تۇرىۋاتقان ئەڭ چوڭ بىر سىر . زامانىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق فىزىكا ئالىملىرىمۇ تېخى تەبئى كۈچلەرنىڭ ھەرقانداق بىر بىر تۈرىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىشكە قادىر بولالمىدى دېسەكمۇ مۇبالىغە بولمايدۇ . "تەبىئى كۈچلەر "دېگەن بۇ ئەسەر تەبىئى كۈچلەر ئورىنىۋالغان چۈمپەردىنى ئېچىپ تاشلاپ ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى قايسى كۈچلەرنىڭ ئەڭ ئاساسى تەبىئى كۈچ ئىكەنلىكىنى ، جۈملىدىن تەبىئى كۈچلەر ئوتتۇرسىدا قانداق ئىچكى باغلىنىشلارنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ . بۇ مەزمۇنلار ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىۋاتقان ، كىشىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىۋاتقان مەزمۇنلاردۇر . ئىنسانلارنىڭ تەبىئى كۈچلەرنى ئىلمى ئاساستا سېستىمىلىق چۈشەنگىنىگە 300 يىلدىن ئاشتى . كىشىلەرنىڭ تەبئى كۈچلەرنى بىلىش يولىدىكى ھەربىر بۆسۈشلىرى ، پەندە بىر مەيدان زور ئىنقىلاپنى پارتىلىتىپ ، ئىنسانلارنىڭ ماددى مەدەنىيتى ۋە مەنىۋى مەدەنىيتىگە ئىنتايىن چوڭقۇر ، مۆلچەرلىگۈسىز تەسىر كۆرسەتتى . بىر بۇ سىرلىق ئالەمنى بىر سائەتكە ئوخشاتساق ، ئۇ ھالدا تەبىئى كۈچلەر بۇ سائەتنىڭ ھەرىكەنلەندۈرگۈچى پۇرژىنىسى ،- ئالەمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بولىدۇ .
تەبىئى كۈچلەر - كۆزىمىزنى قاماشتۇرىدىغان بۇ گۈزەل تەبىئەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئارخىتىكتورى بولۇپ ، ئاساسى زەرررىچىلەر پەقەت تەبىئى كۈچ تۈپەيلىدىنلا ئاتۇم ، مالىكۇلا، جانلىق ، جانسىز ...قاتارلىقلار بولۇپ شەكىللىنەلەيدۇ .
تەبىئى كۈچلەر ھەقىقەتەن كەم بولسا بولمايدىغان شۇنچە غەلىتە ، شۇنچە قۈدرەتلىك نەرسىمۇ ؟
بۇنىڭغا بىز تۆۋەندە كۆرۇپ ئۆتمەكچى بولغان تەبىئى كۈچلەر جاۋاپ بېرىدۇ .بىز ئاۋال گەپنى كۆپچىلىككە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان بىر خىل تەبىئى كۈچ - تارتىشىش كۈچىدىن باشلايلى . (تەبىئى كۈچ توغرىسدىكى ماقەلە بەش باپتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ئالەملىك تارتىشىش كۈچىدىن زەررىچە فىزىكىسىغىچە بولغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىدە ئالىدۇ ، ھەر بىر باپ ئايرىم - ئايرىم تېما قىلىپ "تەبئى كۈچلەر (1) " ،(2) دەپ يوللىنىدۇ . ھەر ئاخشىمى ۋاختىم چىقسىلا ھەربىر باپنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ يوللاشقا نىيەت قىلىمەن .
بىرىنچى باپ تارتىشىش كۈچى
1. تارتىشىش كۈچىنى بويسۇندۇرۇش يولىدا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! v6 q/ ?, v. O9 a6 d7 N1 ]سۈتتەك ئوچۇق كېچىلىك ئاسمان مەنزىرسىدىنمۇ گۈزەل يەنە نېمە بار! قەدىمدىن ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە خىلمۇ -خىل سىرلىق خىياللارنى قوزغىتىپ كەلدى . يەتتە ھۆرقىزنىڭ يەر يۈزىگە چۈشىشى ، پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمچى قىز قاتارلىق ئەپسانە ۋە رېۋايەتلەر بۇخىياللارنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ، تەسىرلىك ۋە پوئېزىيلىك تۇيغۇغا ئېگە قىلدى . بۇ غايىۋى خىياللار ئاسمان بىلەن كىشىلىك دۇنياسىنى چەمبەرچەس باغلىدى . كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسە قىسقىسى بىر تال توخۇ پېيى ، چاڭ ،توزان زەررىچىلىرىنىڭمۇ ئاسمانغا چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىغىنى ، يەر شارىنىڭ تارتىشىش كۈچى بۇ نەرسىلەرنى يەر شارىغا مەھكەم باغلاپ ، قەيسەرلىك بىلەن تۇتۇپ تۇرىدىغانلىغىنى بىلگەنىدى . 1957- يىلى تۇنجى سۈنئى ھەمراھ يار شارى تارتىشىش كۈچىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ ، ئاسمانغا چىقىپ ، ئىنسانلارنىڭ ئالەمنى بويسۇندۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئۈچقاندەك راۋاجلىنىۋاتقانلغىنى نامايەن قىلدى . "ئاپۇللو " ناملىق ئۇچار كېمىسى ئايغا مۇۋاپىقيەتلىك قونۇپ ، ئالەم ئۇچقۇچىللىرى ئاي يۈزىدە يەڭگىل قەدەم تاشلىدى .ئاي يۈزىدىكى تارتىشىش كۈچى يەر شارىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە تەڭ بولۇپ ،ئادەمنىڭ ئېغىرلىغى بىردىنلا ئالتىدىن بەش ئۈلۈش كېمىيىپ كېتىدىغان تۇرسا قانداقمۇ يەڭگىل ھېس قىلمىسۇن ؟ ئەمما بۇ پۇتۇنلەي كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ھادىسە بولۇپ ، ئايغا چىقىشتىن بۇرۇن ئاللىقاچان ھېساپلاپ قويۇلغان . كىشىلەرنىڭ كېيىنكى نىشانى مارىسقا چىقىش بولۇپ ،يەر شارىدىن مارسقابىر قېتىم بېرىپ كېلىش ئۈچۈن ئىككى يىل ۋاقت كېتىدۇ . قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى يەر شارىنىڭكىدىن خېلىلا چوڭ بولسىمۇ ،لېكىن ئۇمۇ بويسۇندۇرۇلۇشقا باشلىدى . 1977-يىلى قويۇپ بەرگەن "ساياھەتچى 1 " ۋە "ساياھەتچى -2 " ناملىق ئالەم ئارا ئۇچار كېمىلەر يۇپېتىر بىلەن ساتۇرۇن ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنى تاماملاپ ، 1989-يىلى نېپتۇنغا يېتىپ بارماقچى ، ئاندىن قۇياش سېستىمىسىنى ھالقىپ ئۆتۈپ تۇنجى قېتىم قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى ئاسارتىدىن قۇتۇلغان ، بىپايان سامان يولى سېستىمىسىغا قاراپ ئەركىن سەپەر قىلغان ، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئەلچىسى بولۇپ قالغۇسى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ] x3 w! f+ C" yكۈچىنى بويسۇندۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار ئەمەلىيەت ئىنسانلار پەن - مەدەنىيتىنىڭ خېلى يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 s9 u# Z5 P- o' v' Jبۇ نەتىجىلەر قانداق قولغا كەلدى ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 L. i) `, ~- b9 H% j: b a"ئاسمان پەلەك بىنالارمۇ يەر يۈزىدىن باشلىنىدۇ " ،تۆۋەندە بىز ،ئالىملارنىڭ ئۇزاق ۋاقت جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق تارتىشىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە قانداق ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۇپ ئۆتىسىز .
2. قىزىقارلىق ئېللىپىس
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) n8 l1 f& I0 w0 o0 S, k' h' C$ {كۆپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى 16- ئەسىر پەن تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك مۇۋەپىقيەت بولۇپ ، يېقىنقى زامان ئېلىم - پەن ئىنقىلابى دەل مۇشۇنىڭدىن باشلىنىدۇ ، ئەمما بۇ ئىنقىلاپ باشلانغان چاغدا كۆلىمى ناھىيتى كىچىك ئىدى ، ئۇنى ئۈستىگە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەكسىيەتچىل ياۋۇز دىنىي كۈچلەرنىڭ شىددەتلىك بوران -چاپقۇنلىرىنىڭ زەربىسىگە پات - پات ئۇچراپ تۇراتتى . 17- ئەسىرگىچە تەبىئى پەننى تۇپراقتىن ئەمدىلا باش كۆتۈرۈپ چىققان يۇمران بىخ دېيىشكە بولاتتى . ئىتالىينىڭ جەسۈر ئاستىرنومىيە ئالىمى برونۇ كوپېرنىكنىڭ قوياش مەركەز تالىماتى دېگەن قارىشىدا قەتئى چىڭ تۇرۇپ ، يەر شارىنى قۇياشنى چۆرىدەپ چەمبەرلىك ھەرىكەت قىلىدۇ -دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى . ئەكسىيەتچىل دىنى جەمئىيەت ئۇنى دىنغا ئاسىيىلىق قىلدى دەپ 1600-يىلى 3-ئاينىڭ 17- كۈنى رىمنىڭ گۈلزار دېگەن مەيدانىدا كۆيدۇرۇپ ئۆلتۈردى .) چېركاۋ ئۆزىنىڭ" مۇتلەق نوپۇزى" ئارقىلىق "ئىنجىل "دا يېزىلغان يەر شارى كائىناتنىڭ مەركىزى ، كىم بۇ نۇقتىدىن گۈمانلانسا تەڭرىگە بىھۆرمەتلىك قىلغان بولىدۇ دېگەن تەلىماتنى جاھاللىق بىلەن قوغدايدۇ . ) تارىخ ،ئېلىم - پەننىڭ ئەزەلدىن قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . يېقىنقى زامان ئېلىم - پەن ئىنقىلابى ئەكسىيەتچىل كۈچلەر بىلەن تىغمۇ - تىغ ئېلىشىپ ،زۇلمەت ئىچىدە كېڭىيىىپ راۋاجلاندى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# o) |! D7 s! i+ `: a( Y" a2 Q
كېپلىر ئىسىملىك بىر ئاستىرنوم بىزنى قورشاپ تۇرغان ئالەمنىڭ تەرتىۋىنى بايقاش ئۈمۈدىدە ھەرخىل سانلىق مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن زور بىر تۈركۈم قەغەز دۆۋىسى ئۈستىدە ئۇزۇن مۇددەت باش كۆتۈرمەي تەتقىقات ئېلىپ باردى .كېپلىرنىڭ تەتقىق قىلغىنى زادى قانداق نەرسە ؟ ئەسلىدە ئۇ تەتقىق قىلغان ماتېرىيال ئۇنىڭ ئۇستازى دانىيەئاستىرنومى تىخۇ براختىن قالغان مىراس بولۇپ ، تېخۇ پەلسەپىدە يەر شارى مەركەز تەلىماتىغا ئېتىقات قىلاتتى . ئۇ بىر تەبىئى پەن ئالىمى بولۇش سالاھىيتى بىلەن ئىلمى ئەمەلىيەت ئارقىلىق كوپېرنىكنىڭ خاتالىغىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان ئىدى . تېخۇ 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقت سەرپ قىلىپ ، ئاسمان جىسىملىرى ئۈستىدە ئىنچىكە ، ئەمىلى كۆزىتىشلەر ئېلىپ بارغان ھەمدە سەييارىلەر ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بىر ساداقەتمەن خاتىرلىگۈچىگە ئوخشاش باشتىن - ئاخىر، ئۈجۈر - بۈجۈرسىىنمۇ قويماي بىر-بىرلەپ تەپسىلى خاتىرلىگەنىدى . كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇردىغىىنى شۇكى ، نۇ جاپاكەش كۈزەتكۈچى ، قياس ۋە مۇلاھىزە قىلىشقا ماھىر بولمىغانلىقتىن ، قىممەتلىك ماتېرىياللارنى قىممىتى بار ئىلمى نەتىجىگە ئايلاندۇرالمىغانىدى . شۇنداق بولسىمۇ ،تېخۇ يەنىلا ئاقىلانە ئالىم بولۇشقا مۇناسىپ ، ئۇ 1601- يىلى ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن ماتېرىياللارنى ئۇنىڭدا ئوقۇغىلى ئەمدىلا بىر يىل بولغان ئوقۇغۇچىسى كېپلىرگە تاپشۇرۇپ ،كېپلىردىن ئۆزى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقالمىغان ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ . كېپلىرنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى تىخۇنىڭكىگە زادىلا ئوخشاشمايتتى . ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇپ ، ئۆزى بىۋاستە ئاستىرنومىيلىك كۆزىتىش ئېلىپ بارالمايتتى . ئەمما ، ئۇ مۇلاھىزە ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتىغا ماھىر ئىدى . ئۇ يىلبويى ھېساپلاش ئېلىپ باراتتى . ئۇ دەسلەپ چېركاۋنىڭ ئېيتقىنىدەك قۇياش يەر شارىنى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ دەپ ئويلايدۇ . لېكىن ، كۆزىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار ھەرقانداق قىلىپ باققان بىلەنمۇ بۇ ئويغا زادىلا توغرا كەلمەيدۇ . ئۇنىڭ كاللىسدا كەسكىن ھالدا يەرشارى مەركەز تەلىماتىدىن ۋاز كېچىش پىكرى تۇغۇلىدۇ ! ئۇ يەنە ئەگەر كوپېرنىك ئېيتقاندەك يەر شارى چەمبەرلىك ئوربېتىنى بويلاپ قۇياش ئەتراپىدا ئايلانسا ، قانداق ئەھۋال كۆرىلىدۇ - دېگەننى ئويلايدۇ . بۇ قېتىمقى ھېساپلاش نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ كۆزىتىلگەن ئەھۋالغا بىرقەدەر يېقىنلىشىدۇ . كېپلىر بىرنەچچە يىل قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۆزىنىڭ يېڭىچە يولىنى ئېچىپ ، توغرا يەكۈن چىقاردى . يەر شارى ھەقىقەتەن باشقا سەييارىلەرگە ئوخشاش قۇياشنى ئايلىنىدۇ توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ ؛ ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقى ئوربېتىسى چەمبەر بولماي ،بەلكى چەمبەرگە قارىغاندا مۇرەككەپ بولغان ئېللىپس بولىدۇ . قۇياش ئۆزىمۇ ئېللىپسنىڭ مەركىزىدە بولماي ، بەلكى ئۇنىڭ بىر فۇكۇسىدا بولىدۇ دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 m% U( v: J& O Z* T* L' h
1609- يىلى كېپلىر سەييارىلەر ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئىككى قانۇننى ئېلان قىلدى . بىرى بارلىق سەييارىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشىمىغان ئىللىپس شەكىللىك ئوربېتىلاردا قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ . قۇياش بۇ ئىللىپسىلارنىڭ بىر فوكۇس نۇقتىىسىدا بولىدۇ ، يەنە بىرى ھەر بىر سەييارىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قۇياش بىلەن سەييارىنىڭ تۇتىشىشى سىزىقى تەڭ ۋاقتلار ئىچىدە تەڭ يۈزلەرنى بېسىپ ئۆتىدۇ . توققۇز يىلدىن كېيىن ، ئۇ ئۈچىنچى قانۇننى ئېلان قىلدى : بارلىق سەييارىلەرنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرىنىڭ كۇۋادىراتى ھەربىر سەييارىنىڭ قۇياشتىن ئوتتۇرىچە يىراقلىقنىڭ كۇپىغا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ . مانا بۇ كېپلىرنىڭ سەييارىلار توغرىسىدىكى مەشھۇر ئۈچىنچى قانۇنى دىيلىدۇ . كېپلىرنىڭ تۆھپىسى بىلەن كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ راۋاجلىنىپ ، قۇياش سېستىمىسىدىكى سەييارىلەرنىڭ جايلىشىش تەرتىۋى ئاخىرى ئايدىڭلاشتى .شۇنىڭدىن كېيىن ئاسمان جىسىملىرى ئوتتۇرسىدىكى ھەرىكەت كشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، كىشىلەر كۆڭلىدىكى تەشۋىشلەر بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتى . نېمە سەۋەپتىن سەييارىلەر قۇياش ئەتراپىدا ئېللىپىسلىق ئوربېتا بويىچە توختىماي تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىدۇ ؟ ئېھتىمال سەييارىلەرگە تەسىر قىلىۋاتقان بىرەر كۈچ بولسا كېرەك .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( P0 I2 b( q7 y r