‹‹ئۇيغۇرساخاۋەتچىلىكى››گە مۇھەببەت ۋە تەنقىد
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ j/ P F& Z. G! p0 oتاھىر ئىمىن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 _1 R0 X" B$ E9 |6 Hئۇيغۇرلار تاشقى ۋە ئىچكى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۈرلۈك قىينچىلىقلار ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ.بۇقىينچىلىقلار ئەزەلدىن ياردەم سۆيەر خەلقىمىزنىڭ ياردەم بېرىش،ھەل قىلىش ئوبىكتى بولۇپ كەلگەن.نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۇيۇشۇش ئارقىلىق ياردەم قىلىشنى خالايدىغان كىشلەر توپىدىن نۇرغۇن گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ،ساخاۋەتچىلىك ئشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،مىھرى-مۇھەببەت يەتكۇزۋاتىدۇ.
كەڭ دائىرىدىكى ئۇيغۇر ئنسانپەرۋەرلىك ئشىلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشۋاتىدۇ.بۇنىڭ نۇرغۇن ئەھمىيتى بار.
جۈملىدىن: 1- كونكىرىت قىينچىلىقىنى ھەل قىلىش(داۋالىنىش ياردىمى،ئوقۇش پۇلى ياردىمى،ئسسسنىش ياردىمى،قاتناش مەسىلىسى،تۇرمۇشچىقىمىنى ھەل قىلىش ...دېگەندەك )
2-ئۆز-ئارا مىھرى-مۇھەببەت ۋە ئۆملۈكنى كۈچەيتىش .شۇڭادوستلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىش،مۇھەببەت كۆرسىتىشى بىلەن بىرگە ئۆزۈم يەككە ھالەتتىكى ئاددى ئىھسانچى ، ئۈچتىن ئارتۇق ساخاۋەت كوللىكتىۋىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆزەتكەنلىرىمنى ئوتتۇرىغاقويماقچى.
بۇ ساھەدە ساقلانغان بىر قسم مەسللەرنى ۋاقتىدا تۇزەتمىسەك،ئشنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن.مەيلى قانداق شەكىلدە قىلسۇن، ساخاۋەتچى دوسلىرىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۇمىد قىلىمەن.
1-ساخاۋەتچىلىكتىكى مەقسەت- مۇددىئا ۋە نىيەت مەسىلىسى.
ھەقىقى ساخاۋەتچىلىك- قەلبى پاكىز كىشلەرنىڭ قولىدىنلا كىلىدىغان ئىش.
ھىچكىممۇبىراۋنىڭ نىيەت-ئىقبالىغا كەسكىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.ئەمما بىزنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلىمىز –كۆڭلىمىزنىڭ ئەينىكى.ساخاۋەت ئارقىلىق باي بولغىلى بولمايدۇ.ساخاۋەت ئارقىلىق مەشھۇر بولۇش ئارزۇسىمۇ بەك ئەگرى –توقاي يولدۇر. ساخاۋەت ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش بولسا-تولىمۇ زىددىيەتلىك تەتۈر يولدۇر.
يۇقىرىدىكى ناتوغرا ئۈچ خىل نىيەت-باشقىلارنىڭ ئازابىنى مەركەز قىلىپ ئۆزىنى خۇشال قىلىش مەقسىدىنى مەركەز قىلغان.
شۇڭا بۇ ساھەدىكى تەۋسيە: ساخاۋەت-ياراتقۇچىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ياكى ئاشۇ تۈرلۈك ياردەمگە مۇھتاجلارنىڭ قىينچىلىقى ۋە دەرد ھەسرىتىگەچىدىمايدىغان ،باغرى يۇمشاق،سەمىمىيلىكنىڭ مەھسۇلى بولۇشى مۇۋاپىقتۇر.خەلقىمىزنىڭ ئازاپلىرى نام چىقىرىدىغان،پۇل تاپىدىغان ياكى كۆڭۈل ئاچىدىغان ،ياكى رەسمگە خاتىرە قالدۇرۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان سورۇنغائايلىنىپ قالمىسۇن.
2- باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىكى ئىلمىيلىك ۋە توغرىلىق مەسىلىسى
ساخاۋەتچىلەرتوپى بىر ئىجتىمائى كوللىكتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئالاقە ئىشلىرى،تەشۋىقات ئىشلىرى،مالىيەئىشلىرى،ئادەم كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بولىدۇ.بۇلارنى كەسپى تەلەپ بويىچە ئىلىپ بارمىغاندا ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.
3-ساخاۋەتچىلەردەئۆملۈك مەسىلىسى
ساخاۋەتچىلىكنىڭ ئۆزىلا بىر خەيىرلىك،ساۋاپلىق ئىش .ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئالدىرىشمىز،كۆپلەپ قىلىشقا تىرىشىشمىز كىرەك.ئەمما ئۆزىمىزگە ئوخشاش خەيرلىك ئش قىلىۋاتقانلارنى،ئۇلارنىڭ ئشلىرىنى چەتكە قاقساق،پەقەت ئۆزىمىزنىڭ قىلغانلىرىلا ئەھميەتلىك ھسابلانسا،باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن ئەپ ئۆتمىسەك ،بىزنىڭ ساخاۋەتچىلىكىمىزنىڭ نېمەئەھمىيتى؟ ساخاۋەتچىلىك چىتىلىدىغان ساھەلەر،ئىھتىياجلىق كىشلەر ۋە ئىھتىياجلىق كىشلەر تۇرىدىغان رايون،ئورۇنلار ئىنتايىن كۆپ،بىر كوللىكتىپ ھەممىنى قىلىپ بولۇشى ناتايىن،شۇڭا تەڭ كۇچ چىقىرش،ھەمكارلىشش ياردىمىمىزگە مۇھتاج كىشلەر ئۈچۈن تېخىمۇئەھمىيەتلىكتۇر.
4-ساخاۋەت قىلىنغۇچىلارنىڭ غورۇرى مەسلىسى
قىلغان ئشىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە ئىلھام بىرىپ،كۈچنى زورايتىپ،ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقاتقا مۇھتاجمىز،ئەمما تەشۋىقاتىمىز باشقىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئنسانى ھوقۇقى بولغان غورۇرى،ئىززەت-نەپسىگە تەگمەسلىكى كىرەك.ئاجىزلار ۋە بالىلارنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ تۇرۇپ ياردەم قوبۇل قىلسا،بۇ ئۇلارنىڭ كىينكى تەرەققىياتى،ساغلام پسخىكىسى ئۈچۈن ئۆتەيدىغان رولى ئەكسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
5-ساخاۋەتچىلىكنىڭ مالىيە ئشلىرى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە توغرا بولۇش مەسىلىسى
توپلانغان مەنبەلەر ۋە ئىقتسادلار كىشلەرنىڭ قان-تەر ئەجرى بەدىلىگە كەلگەن،ئاللا رىزاسىنى ئىزدىگەنلىكى ،ئاجىزلارغا ھىسداشلىق قىلالايدىغان قەلبى بولغانلىقى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ،شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەجرىگە چۇشلۇق ھالدا باشقۇرغۇچىلار ۋە تەشكىللىگۈچىلەر مەخسۇس مۇشۇ ئش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلارغا مەلۇم مۇئاش تەيىنلىگەن ۋە زۆرۈر ئشلارغا پۇلخەجلىگەندىن باشقا ئشلاردا ئسراپخورلۇقتىن،ئورۇنسز يەرلەرگە خەجلەشتىن ساقلىنىشى لازىمدۇر.
6-ساخاۋەتچىلىكنىڭ ئەقىدە ۋە قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش مەسىلىسى
ساخاۋەتچىلىكنى مەركەز قىلىپ نۇرغۇن ئېسل ئىشلار روياپقا چىقتى.ئۇنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ،ئىشلارنىڭ تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن پائالىيەتلەرگە ئىجازەت ئېلىشنى ئۇنۇتمىساق،ھەم پائالىيەتلەردە دىنىمىز ۋە مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسى تەلەپلىرىگە رىئايە قىلىنىپ،كەڭ جامائەتچىلىك قوبۇل قىلالمايدىغان زىيادە ئويۇن-تاماششا قىلىش مەركەز بولۇپ قالمىسا. ساخاۋەتچى باشلىرى يالغۇز قالماسلىقى ئۈچۈن جامائەتچىلىك بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقاتىرىشىسا.
7-كۆپلەپ ئۆگىنىش،تەجرىبە ،ھەمكارلىشش ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى
باشقاگۇرۇپپىلار،باشقا مىللەتلەر،باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئېلىش.نۆۋەتتەجەمىيتىمىزدە ياردەمگە مۇھتاج كىشلەر ناھايتى كۆپ بولماقتا،بۇلارغا پەقەت ئۆزكۈچىمىزگە تايىنىپلا ياردەم قىلىمىز دېسەك،كۈچىمىز يتىشمەسلىكى مۇمكىن.شۇڭا خەلقئۈچۈن ياردەم بىرىمىز دەپ قۇرۇلغان نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردەم تۈرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش،باشقا مىللەت ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشش،فوندى جەمىيەتلەر بىلەن ئالاقىلىشش قاتارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش.
8-ساخاۋەتچىلىك ساھەلىرىنىڭ تۈرى مەسىلىسى
خەير-ساخاۋەت –پەقەتپۇل ياكى ماددى ياردەم بېرىش دېگەنلىك ئەمەس.ئۇنىڭ ،ياخشى سۆز،قانۇنى ياردەم،بالىلارنى قۇتقۇزۇش.يىمەك-ئىچمەك،كىيم-كىچەك ياردىمى،ئشقا ئورۇنلاشتۇرۇش.ئاياللارغاياردەم ساھەلىرىنى ئېچىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& V- B9 c' ?! w% L( f, i6 ^3-ئاينىڭ20-كۈنى ‹‹بىلىپ›› ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىۋى ساھىبخانلىقىدىكى2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مىھرى-شەپقەت چىيى يىغىلىشىدا سۆزلىگەن سۆز ئاساسداتەييارلاندى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# M+ ?$ e" n- `) ?" `* Lئاپتور:شنجاڭ ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى ئىجرائىيە دېرىكتورى. ‹ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى› ئاساسچىسى،ئاسپرانتقىزلار ‹‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى›› باش پىلانلىغۇچىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى (دوپپامەدەنىيەت بايرىمى..)ئاساسچىسى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. ^* u* U2 t2 c7 C
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-25 06:41 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ _. r5 e& ~) ?
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" {, X( G9 K7 p3 f. @, Q