ئۇلۇغ رەببىم مەۋجۇدتۇر
ئى رەببىم مەۋجۇتسەن، مەۋجۇتسەن ھامان،
سەن مىنى ياراتتىڭ بىجىرىم ئامان.
مەن ئۆزۈم بىر كىچىك ئەرزىمەس بەندە،
گۇناەىم تىلەيمەن مىڭىپ سەن تامان.
رەببىم سەن ئىنساننى ئۇلۇغ ياراتتىڭ،
ئۇنىڭچۇن ھەممىنى تولوق ياراتتىڭ.
گەر مۇشۇ ەىكمەتنى بىلمىسە ئىنسان،
ئۇنىڭغا جازانى ھەم تولوق ياراتتىڭ.
قارىسام ئاسمانغا شۇنچىلىك پۇختا،
ئۇنىڭدا نە تۇۋرۇك،نەبۇلسۇن شوتا
. قۇدرىتىڭ چەكسىزدۇر ئى ئۇلۇغ رەببىم،
ئاسماننى ياراتقان پەقەن سەن ئاللا.
دەيدۇ بىر نادانلار تەبىئەت ئانا،
بىزلەرگە سىزلەرگە ھاياتلىق بەرگەن.
قارمامدۇ ئۇنادان جانسىز تەبىئەتكە،
ئۇجانسىز تەبىئەت قەيەردىن كەلگەن.
ئويلانغىن ھەي ئىنسان قارا ئەتراپقا،
ھەر بىر تاش دەل -دەرەخ سۆزلەيدۇ ساڭا.
شۇ ئۇلۇغ رەببىمنىڭ خالىقلىقىغا.
ھەتتاكى قۇشلارمۇ بۇلىدۇ گۇۋاھ.
ئى رەببىم تىلەيمەن سەندىن مەغپىرەت،
گۇناھىم بەك كۇپتۇر سىنىڭ ئالدىڭدا.
تاشلىما مەندەك بىر ئازغۇن بەندەڭنى،
مەن شەقى بەندەڭمەن مىھرىبان ئاللا.
سەن شۇنداق مىھرىبان ئۇلۇغ زاتتۇرسەن،
مەغپىرەت قىلىسەن ئازغۇن بەندەڭنى.
گەر دۇئا قىلساق بىز ساڭا دائىما،
ئاچىسەن بىز ئۇچۇن بەركەت قۇلۇڭنى.
ئى رەببىم مەۋجۇتسەن مەۋجۇتلۇقۇڭغا،
گۇۋاھتۇر يەر-جاھان پۇتكۆل كائىنات.
بىز ئازغۇن بەندەڭمىز ئى ئۇلۇغ ئاللا،
ھىدايەت قىلغىن سەن بىزنى سەن تامان
. مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-25 03:59 PM